قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: qeyser-mijit

قەيسەر مىجىت: Dr. Uyghur (دوختۇر ئۇيغۇر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

1011

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11733
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 00:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قەيسەركا،ماقالىڭىزنى ئاخىرى ئوقۇش نىسىپ بولدى،كۆپتىن كۆپ رەھمەت سىزگە،ماقالىڭىز ماڭا خېلى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغۇدەك،مەن ئالدىنقى قېتىم سىزدىن مۇشۇ توغرىسىدا سورىغان يىگىت،كېلەر يىلى 6-ئايدا تېببىي ئۇنۋېرسىتىتنى پۈتكۈزىمەن.

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 12:48:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەيسەر ئاكا!
ئايالىڭىز 97-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولسا، سىزمۇ مەندىن خېلىلا چوڭ ئىكەنسىز، مەن 2002-يىلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسىپىنى پۈتتۈرگەن ئىدىم.
ماقالىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، ھەقىقەتەن بەكلا ئىلھاملاندىم، ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن ياشلىرىمىزمۇ بۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ، زور ئىلھاملارنى ئالدى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، 2004-يىلىمۇ ياكى 2005-يىلىمۇ، ئېسىمدە قالماپتۇ، مەن توردا ئامېرىكىدا ئىشلەۋاتقان ئەكبەر ئىسىملىك بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، قولۇمدىكى ئۇيغۇرچە ئەيدىز ماتېرىياللىرىنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدىم، شۇ ۋاقىتتا مەن ئەيدىز توغرىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتاتتىم، ئەكبەر ئۆزىنى لوس- ئانجىلىس CDC (كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى) دە ئىشلەيمەن دېگەن ئىدى، ئۆزىمۇ يېڭى يېزىقتا ئەيدىز ھەققىدە مەلۇم بىر تور سەھىپىسى ئېچىپ يوللاۋاتقان ئىكەن، كېيىن مەن بەرگەن ماقالىلارنىمۇ شۇ سەھىپىگە يوللىغىنى ئېسىمدە. شۇ چاغلاردا، ئاشۇ يوللانمىلار تور دۇنياسىدىكى بىردىنبىر ئەيدىز ھەققىدىكى ماتېرىياللار ئىدى، لېكىن خۇداغا شۈكرى، ھازىر بۇنداق ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار توردا ئىنتايىن كۆپ....
ھېلىقى گۈلقىز دېگەن قىز 2001-يىلى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بولسا، ئۇنى تونۇشۇم مۇمكىن.
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش كەسىپىنى ئوقۇغانلىقىمدىن كۆپ پۇشايمان قىلدىم، بۇ كەسىپتىكىلەر پەقەت ۋە پەقەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىلا ئىشقا چۈشەلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر يۇرتتا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا شۇنداق ئورۇن بولغاچقا، باشقا تاللاش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رەسمىي بولۇپ كىرىش ئۈچۈن بىر مۇنچە ئارقا ئىشىك، پۇل خەجلەشلەر زۆرۈر بولىدىكەن. ئىشقىلىپ، دىيارىمىزدىكى بۇنداق ناچار ئىشلاردىن بەكلا تويۇپ كەتتىم. قىزىققان بىرەر ئىشڭىزنى قىلىپ كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلمىسىڭىز، چۈشكۈنلەشكىنىڭىز چۈشكۈنلەشكەن.
شۇڭا قوشۇمچە تەرجىمانلىق قىلىپ ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىۋاتىمەن، ئۆزەمنىڭ قىزىقىشىمۇ دەل شۇ تىل- يېزىق ئىكەنلىكىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاندىن ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمەن. بىكار ۋاقتىمدا تەرجىمە قىلىپ ئازراق پۇل تاپىمەن، ۋاقتىم تېخىمۇ ئاشسا تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى دېگەندەك ژورناللارغا ئانچە- مۇنچە ماقالە يوللاپ قويىمەن. بۇ ئىشقا تېخىمۇ كىرىشىپ، چاغاتاي تىلى، ئاندىن كونا تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىۋاتىمەن. ئەمدى چوڭقۇرلاپ كەتسە، بارلىق تۈركىي تىللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ۋە يىلتىزىغا بېرىپ كېتىشى مۇمكىن....
ئىشقىلىپ، بۇ يەردىكى كۈنلەر ھەم مەنىسىز ھەم مەنىلىك ئۆتىۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭىلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مەكتەپداش ۋە كەسىپداشلىرىمىزنىڭ تېببىي ساھەدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە يېتىشىگە تىلەكداشمەن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 12:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurosman يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 00:02
رەھمەت ئىنىم،سىز دەل مەن بىلمەكچى بولغان ئىشنى يېزى ...

ماۋۇ ئۇيغۇر خەق ئوخشىمايدۇ، ئاكا!
ئا خەقنىڭ بىلىمى بولغان بىلەن ئىستىلى يوق، ئۇلار ئامېرىكىدا ئىستىل ۋە ئەدەپ- ئەخلاق ئۆگىنىپ بولغىچىمۇ خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئىنساننىڭ ئىسىتل ئۆگىنىشى بىلىم ئۆگىنىشتىنمۇ تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلار ئىككى تىلدا پوننى سۆزلەيدۇ، ئىككى تىلدا تەپەككۈر قىلالايدۇ، ئۈچىنچى تىلنى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنىڭدا تەپەككۈر قىلىشى تەبئىي ھالدا ئاۋۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈن تۈرىدۇ. يەنە كېلىپ، بىزدە ئۇرۇق- تۇققاندارچىلىق كۈچلۈك، بىر- بىرىمىزنى روھىي جەھەتتىن قوللايمىز، لېكىن چاغاندىمۇ ئاتا-ئانىسىنى يوقلىمايدىغانلارنىڭ روھىي قوللاشقا ئېرىشمىكىمۇ تەس. شۇنى ھېس قىلىپ قالدىم، روھىي قوللاشقا ئېرىشىش بىر ئىنساننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ئوغىىڭىز قورقماي بېرىۋەرسۇن، ئاللاھ خالىسا نۇسرەت قازىنىدۇ!

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 13:05:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 15:52
قەيسەركا سىزدىن بىر سوراپ باقسام، ئامرىكىدا ئىۋۇ 抗生素ت ...

抗生素 ئانتىبىئوتىكلار
تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن تارتىپ، ئۆزەمگە ئانتىبىئوتىكلارنى ئۇرغۇزۇپ باقمىدىم، زۇكام بولۇپ قالساممۇ ئانچە- مۇنچە دورا يەپ، زەنجىۋىل سالغان سۈيقاش ئىچىپلا ساقىيىمەن. بەزىدە دورىمۇ يېمەي ساقىيىمەن.
لېكىن خىزمەتداشلىرىم ئېغىر زۇكام بولغان ھامان ئاسما ئوكۇلغا يۈگۈرەيدۇ، لېكىن مېنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىمنى كۆرۈپ، «سىز تېببىي ئوقۇپ تۇرۇپ مۇشۇنىمۇ بىلمەمسىز؟» دېيىشتى، لېكىن ئۇلارغا «زۇكام دېگەن ۋىرۇستىن بولىدۇ، ئانتىبىئوتىكلار باكتېرىيە قارشى دورىلاردۇر، شۇڭا ئۇ ۋىرۇسنى بەرىبىر ئۆلتۈرەلمەيدۇ، بۇ خۇددى دۇمبىسى قىتىشىپ كەتسە، مەيدىسىنى تاتىلىغاندەك بىر ئىش» دەپ چۈشەندۈرسەم، يەنىلا قايىل بولمىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت بۇ ئاسما ئوكۇلنى مەجبۇرى توختاتقاندىن كېيىن، زۇكام بولسىمۇ ئاسما ئوكۇل سالغۇزمايدىغان بولدى. ھەقىقەتەن، تولا ئاسما ئوكۇل سالغۇزىۋەرسە، دورا كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىك نەتىجە.
بەزىدە ئىنسانلار بىلىمسىزلىكىدىنمۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ قويىدۇ!

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 13:12:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
teqwa يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 19:44
تەۋراتتكى جۈملىلەرنى مىسال ئالغىنىڭىزغا قارىغاندا،  ...

باشقا دىندىكى كىتاپلارنى، ھەتتا باشقا ئىلىمدىكى كىتاپلارنى چەكلەش ئول نادان موللاملارنىڭ تۆۋەندىكىلەرنى ئىلمسىز ۋە بىلىمسىز قالدۇرۇشتىكى تەدبىرى خالاس. بۇنداق نادانلىق ۋە ئىلىمسىزلىك ئاقىۋەتتە پۈتۈن خەلقنى خانىۋەيران قىلىپ نەتىجە بېرىدۇ.
ئافاق غوجا تەرغىباتى، يېقىندىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ھازىرقى ۋاھابى ئىدىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىمسىزلەشتۈرۈش ۋە باشقا ئىلىملەرنى چەكلەشنىڭ نەمۇنىلىرىدۇر.

0

تېما

0

دوست

1654

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28150
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 15:36:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 13:12
باشقا دىندىكى كىتاپلارنى، ھەتتا باشقا ئىلىمدىكى كىتا ...

شۇنداقمۇ؟ئۇنداقتا ئىسلاھاتچى،مۇتەپەككۇر يىگىت سىزدىن سۇراپ باقاي،سىز بىر نەرسىنى دەلىل ئالغاندا ئۆزىڭىز چۈشەنگەن ۋە قايىل بولغان سۆزلەرنى  ئالامسىز ياكى ئۇچرىغانلىكى سۆزنى ئىشلىتەمسىز؟باشقا كىتاپلارنى ئوقۇسا بولىدۇ،ئەردوغانمۇ يەھۇدىي ھۆكىمىتىنى ئەيىپلىگەندە ئۇلارنىڭ كىتىپىدىن دەلىل ئالغان،چۈنكى ئۇلار شۇ كىتاپقا ئىشىنىدۇ،ئۇلارغا قۇرئاندىن دەلىل ئالمىغان چۈنكى ئۇلار ئىشەنمەيدۇ،شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا ھېچقاچان باشقا يات كىتاپتىن دەلىل ئالمىغان ئۇقتىڭىزمۇ؟، مۇسۇلمانغا باشقا كىتاپلاردىن دەلىل ئېلىپ سۆزلىشى خاتا،سىز ئۆزىڭىزنى ئەقىللىق چاغلاپ قالماڭ،سىز بەلكىم ئاپپاق غوجىنى تىللارسىز،ھەم تىللاۋاتىسىز،مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى سەگەك ئادەم قاتارىغا كىرگۈزۋالىسىز،ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلۇغ دانا پىكىرلىكلكىدىن پەخرلىنەرسىز،لىكىن ھەر زامان ھەر ماكاندا ئاشۇنداق كىشىلەر بار ،پەقەتلا شەكلى ئۆزگەرگەن خالاس،سىز بۇنى بىلەمسىز،بىلەلەمسىز؟بەلكىم سىز قىلىۋاتقانسىز ياكى مەن ۋە ياكى ئىككىلىمىز قىلمىغاندۇرمىز،ئىنسىان پەقەتلا ئاشۇ كىشى ئۆلگەندە ئاندىن ئۇنىڭ قىلمىشىنى مۇزاكىرە قىلىدۇئەپسۇس ۋاقتى كەتكىنىنى بىلمەيدۇ،بۇ خۇددى پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە قېيىپ كەتكەن توپنى ئەسلى ئاندا تەپكەن بولسا كىرىتى دىگەن بىلەن ئوخشاش،لىكىن كۆز ئالدىدىكى يېڭى ،يۇشۇرۇن ناچارلىقنى بىلمەيدۇ،بۇ ناچارلىق بەلكىم بىز چوڭ بىلگەن ،تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولىۋاتقان ئىشلار بولىشىمۇ مۇمكىن،شۇڭا كۆپ ئويلاش لازىم،شۇڭا بەزى ئىشتىن توسسا نادانلىق بەزى ئىشتىن توسسا دانالىق،شۇڭا ھاياجانلانماي ئىش قىلىش لازىم،ئاندىن توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ

0

تېما

3

دوست

1112

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28809
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 352
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 15:48:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سىلەردە غايە، چىدام ۋە قەتئى روھلا بولىدىكەن، چوقۇم مەقىسدىىڭلەرگە يىتەلەيسىلەر. سىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان يۇقىرىدىكى قىرىنداشلىرىڭلار ۋاقتى كەلگەندە سىلەرگە تىگىشلىك ياردەمدە بولىدۇ، ئەڭ كېمىدە سىلەرنى قوللاپ خەت يىزىپ بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى نىيىتىڭلار ئاق، كىشىلىك پەزىلىتىڭلار درۇس ھەم تېرىشچان بولساڭلار چوقۇم مەقسىدىڭلەرگە يىتەلەيسىلەر!
كوزلەرگە ياش كەلدى،بىزدە ھەممە بار،شۇ بىر بىر-بىرسىمىزنى يولەيدىغان روھ كەمچىل

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4597
توردىكى ۋاقتى: 3292
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 01:16:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قەيسەر.
مۇشۇنداق تېمىلار ياشلىرىمىزغا پايدىلىق ئۇچۇر ۋە ئىلھام بېرىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )