قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6440|ئىنكاس: 53
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: Dr. Uyghur (دوختۇر ئۇيغۇر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 14:10:39 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


(بۇ ئەسىرىمنى تىببى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، تىببى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان بارلىق قىرىنداشلىرىمغا بىغىشلايمەن)

   ئېلاۋە:  مەن باغداشقا قەدەم باسقاندىن بۇيان باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يازمىلىرىمغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم.
ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىقلىرىدىن ئىلھام ئالدىم، ئۇلارغا تەشەككۈر.
ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىرىدىن كۈچ ئالدىم، ئۇلارغا ھەشقاللا.
ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ماڭا يۈكلەنگەن ۋەزىپە دەپ تونۇدۇم، ئۇلارغا رەھمەت.
سۈكۈتتە تۇرغىنىم بىلەن، كۆڭلۈمدە سان بار.
    مەن ھالقىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پۇرسەت بولغاندىلا توختىلىپ شۇ ئارقىلىق بەرگەن ۋەدىلىرىمگە ئەمەل قىلىشقا، ئوقۇرمەنلەر تەلەپ قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىشقا تېرىشىپ كەلدىم.
   ئىشسىزلىق مەسىلىسىدە توختالدىم.
   ئىقتىساد ئىلمى ھەققىدە ھەم يازدىم.
   چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش مەسىلىسىدىمۇ قەلەم تەۋرەتتىم.
    ئېنگلىز تىلى ئۈگۈنۈش ھەققىدە -"شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا توختالدىم. مۇشۇ كەمگىچە، مەن نەقلەشتۈرەلمىگەن ۋەدىلەرنىڭ بىرى - ئامىرىكىدا دوختۇر بولۇش ھەققىدىكى يازما يېزىش ئىدى.
    مانا بۈگۈن مەن بۇ ھەقتە  "دوختۇر ئۇيغۇر" ناملىق يازمىنى يىزىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.
    مەن كەڭ باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بولۇپمۇ تىببى مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنى-سىڭىللەرنىڭ  بۇ ئەسىرىمنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىگە كىرەكلىك ئۇچۇرلارنى سۈزۈپ ئىلىپ پايدىلىنىشىغا تىلەكداشمەن!
    ئۇيغۇر دوختۇر ئىنى -سىڭىللار، مەزكۇر يازما - سىلەرگە بىر خىل ئۈمىت ۋە ئىلھام بەرسە، ئارزۇلىرىڭلارنىڭ قاناتلىنىشى ئۈچۈن كۈچ بەرسە، يول كۆرسەتسە مەن بۇنىڭدىن چەكسىز شادلىققا چۆمىمەن!

**********************************************************

        ئامېرىكىغا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن كىلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويىلىدىغان مەسىلىلەر تۈرلۈك تۈمەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەمئىيەتتە قانداق تىرىكچىلىك قىلىپ ياشاش  مەسىلىسى ھەممە كىشىگە ئورتاق.  گەرچە بۇ -قوينى كەڭ ھەم پۇرسەتلەرگە تويۇنغان جەمئىيەت دەپ قارالسىمۇ،  غايىۋى ئىبارىلەرنىڭ شەخسلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كونكىرتىنى ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس. بۇ دۆلەتتە بازار ئىگىلىگىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەر زامان ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، جۇملىدىن تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىدا روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

       مەيلى قايسى تارىخى شارائىتلاردا ۋە قايسى جەمئىيەتتە بولسۇن كىشىلەر - دوختۇرلۇق كەسپىنى "ئەتىۋار" دەپ بىلىدۇ. چۈنكى بۇلاڭچىدىن تارتىپ زالىمغىچە، نامراتتىن تارتىپ بايغىچە-ھەر بىر ئىنساننىڭ ساغلام ياشاشقا بولغان ئىھتىياجى بار. ئىھتىياجلىق كەسپنىڭ - ئەلۋەتتە بازىرى بار.  جۈملىدىن بۇ كەسپ -ئامىرىكا جەمىيىتىدىمۇ ھەقىقەتەن ئەتىۋار.

    ئامېرىكىغا كەلگەن كۆچمەنلەر ئوخشىمىغان ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ ساپاسىغا ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا پەن-تېخنىكىغا ئائىت ۋە ياكى كەسپلەشكەن ئىلىملەرنى ئىگەللىگەنلەرنىڭ خىزمەت تىپىشى ئۇنچە تەس ئەمەس، پەقەت كىشىلەر شۇ كەسپلەرنىڭ كەسپى ئۆلچىمىگە يىتىپ لاياقەتلىك بولسىلا.

    مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇش ئارقىلىق دوختۇر بولۇش - قايسى جەمئىيەتتە بولسۇن بىر خىل مۇشەققەتلىك جەريان بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى ئىنسانلارنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساھەدە كەسپى خادىم بولۇپ يىتىلىدۇ.
   بىلىشىمچە ۋەتەندە دوختۇر بولۇش ئۈچۈن مىدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىدا 6 يىل ئوقۇشى كىرەك يەنى مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇغاندىن كىيىن 6-يىلىنى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ مۇھىم بۆلۈملىرىدە ئايلىنىپ پراكىتىكا قىلىش ئارقىلىق كىنىشكە ئىلىپ خىزمەتكە چىقىپ دوختۇرلۇق ھاياتىنى باشلايدۇ..
ئامىرىكىدا ئامىرىكىلىقلار دوختۇر بولۇش ئۈچۈن مۇنداق شەرتنى ھازىرلىشى كىرەك.
    ئالدى بىلەن قايسى ئۇنىۋىرسىتىت، قايسى كەسپ بولسۇن چوقۇم بىر باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئېلىشى كىرەك. بۇنىڭغا 4 يىل ۋاقىت كىتىدۇ ئاندىن مىدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئىلتىماس قىلىشى كىرەك. بۇ مەكتەپتە يەنە تۆت يىل ئوقۇيدۇ.
     ئاندىن ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا 3 يىل مەخسۇس كەسپلەر بويىچە تەربىيلىنىشى كىرەك. ئاندىن ئامىرىكا مىدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانىنى بىرىپ كىنىشكە ئالغاندىن كىيىنلا (بۇ ئىمتىھاننى ھەر 10 يىلدا بىر قىتىم بىرىدۇ) ئاندىن رەسمى دوختۇر بولۇپ ئىشقا چۈشەلەيدۇ. لىكىن بۇ مۈشكۈل بىر جەرياندۇر. ياخشى نەرسە قىممەت دىگەن گەپ مانا مۇشۇ يەردە. ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىببى ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئۆتۈش رىقابەتلىك، ئاندىن كىيىن قالسا ئوقۇش پۇلى قىممەت. كۆپىنچە ئادەملەر بۇ مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ 3 يىللىق تەربىيلىنىشنى باشلىغۇچە ئارىلىقتا كەم دىگەندە 6 خانىلىق ساندىكى قەرزگە بوغۇلۇپ بولىدۇ.
    ئۇنداقتا، چەتئەل مىدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئامېرىكىدا دوختۇر بولالامدۇ-يوق؟
   بۇ مەسىلىنى خىلى كىشىلەر مەندىن سورىغان ئىدى، سورىغانلارغا بىلگىنىمچە ئىيتىپ بەرگەن ئىدىم.
    بۇ ھەقتە يەنە تور ئارقىلىق سەھىيە بىلىملىرىنى تارقىتىپ كىلىۋاتقان ئەينى ۋاقىتتا گۇاڭجۇدىكى جوڭشەن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن ھازىر كولۇمبىئا ئۇنىۋىرسىتىتىدا تىببى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتۇر مەمەتىمىن ئەپەندى بىر قەدەر تەپسىلىرەك توختالغان ئىدى. (بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن مەمەتىمىن ئەپەندىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن ) ئىسىمدە قېلىشىچە مەمەتىمىن ئەپەندى بۇندىن 10 يىل بۇرۇنقى بىر يازمىسىدا ئايالىمنىڭ بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىك ئەھۋالىنى مىسال قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا "بىلىۋال" تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانجان روزىمۇ بۇ ھەقتە بىر نىمە يازماقچى بولغان ئىدى. بىراق، ئايالىم ئۇ چاغدا قولىغا رەسمى دوختۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالمىغانلىغى ئۈچۈن، "كىيىنچىرەك" دىگەن جاۋابنى بەرگەن ئىدىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭ - يولدىشى، ھەمراھى، يولەنچۇكى ۋە "مەخسۇس كاتىۋى"...:)
     مۇشۇلارنى يېزىۋاتقان چىغىمدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ "ئۆزىنى ماختىغان بىرىنجى ئەخمەق، ئايالىنى ماختىغان ئىككىنجى ئەخمەق" دىگەن گەپلىرى كاللامغا نەچچە قىتىم كىلىپ بولدى، خىلى كۆپ ئىككىلىنىش بولدى. لىكىن ئامىرىكىدا دوختۇر بولۇش جەريانلىرىنى چۈشىنىش ئارزۇسىدىكى ئىنى-سىڭىللارغا تەپسىلى مەلۇمات بىرىش ئۈچۈن، ھەم مەن ئايالىمنىڭ دوختۇر بولۇش جەريانىنى مەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بىشىمدىن كەچۈرگىنىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئەمەلىي بىر مىسال بىلەن بۇ جەريانلارنى سۆزلەپ بەرسەم بەلكىم ياخشى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالمايلا بۇنى يىزىۋاتىمەن، مەن مۇشۇنداق "باش-پاشتاق كاتىپ" چىقىپ قالدىم قايلاڭلا...:)
ئۈرۈمچىدە تىببى ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئامىرىكىدا دوختۇر بولالامدۇ؟
- ئەلۋەتتە بولالايدۇ !
ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق؟
   مەن ئەمدى ئايالىم - رىزۋانگۈل ھاجىنىڭ ئامىرىكىدا دوختۇر بولۇش جەريانىدا بىشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى ياق، بىشىمىزدىن كەچۈرگەنلىرىمىزنى ئېيتىپ بىرىش ئارقىلىق بۇ سۇئالغا تەپسىلى جاۋاپ بىرىمەن.
    رىزۋانگۈل ھاجى - 97-يىلى ئۈرۈمچىدە تىببى ئۇنىۋىرسىتىتنى پۈتتۈرۈپ  2-دوختۇرخانىنىڭ ھەزىم بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولۇپ ئاز كەم ئىككى يىللىق خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولغان چېغىدا ھەممنى تاشلاپ، ئۈمىدىنى ماڭا باغلاپ 1999-يىلى 6-ئايدا بوستونغا يىتىپ كەلدى.
    ئۇ كەلگەندە مەن جۇلىئا ۋە مارىئاننا ئىسىملىك ئىككى ئامېرىكىلىق قىز بىلەن ياتاقداش بولۇپ ئۈچ ئېغىز ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر ئېغىز ئۆينى 3 ئايلىق ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرغىنىمغا بىر ھەپتە بولغان چاغ ئىدى. ئۇنىڭدىن چوڭىغا چىقىشالمايتىم.
    ئەينى چاغدا - يۈرۈۋاتقان چىغىمىزدا مەن ئۇنىڭغا "يىڭى ئۇقۇم ئېنگلىزچىسى" نىڭ بىرىنجى قىسمىنىڭ يىرىمىنى ئۆتۈپ بەرگەندەك قىلىۋاتاتتىم. ئۇ ئامىرىكىغا كەلگىنىدە قارىسام ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىپتۇ. ئەسلىدە ئۇ - ئېنگلىزچىنى ئەمەس، مىنى ياخشى ئوقۇپتىكەن:).
     بۇنى ياتاقدىشىم جۇلىئانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن بىر ئاتكىرىتكىدىكى ئاددى خەتنى ئوقۇيالمىغىنىدىن بىلدىم. چۈنكى ئۇ كىلىپ شۇ ھەپتىسى جۇلىئا ياتىقىغا مىھمان چاقىرماقچى بولۇپ ئۆينى رەتلەپ بولالماي جىددىيلىشىپ كەتكىنىدە، ئايالىم ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان ئىدى. جۇلىئا مىھمانلىرىنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئەتىسى ئۇنىڭغا "تۈنۈگۈن قىلغان ياردىمىڭگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن" دىگەن مەزمۇندا خەت يېزىپ ئاتكىرىتكا بەرگەن ئىكەن.
بۇ ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئاشۇنداق قائىدىسى بار، بىرسىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى ۋە ياكى سالام يوللىماقچى بولسا، ئاتكىرىتكا بېرىدۇ ياكى ئەۋەتىدۇ.
       ياز ئاستا -ئاستا كىتىپ كۈز كىرىشكە باشلىدى، ۋاقىتلىق ئۆينىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى. يىڭى ئۆي تاپمىسام بولمايدۇ، ئۇ يەرگە قارايمەن، بۇ يەرنى ئىزدەيمەن. بۇ مۇۋاپىق ئۆينىڭ چىقمىغىنى...باشقا غەم چۈشتى. ئايالىم بۇنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۇردى، ئۇنىمۇ تەشۋىش ۋە غەم باسقىلى تۇردى.     "ئەستەغپۇرۇللا" دەپ ساقىلىمنى سىلاپ كۆڭلۈمگە ئاراملىق تاپاي دىسەم ياكى ساقال قويۇۋالماپتىمەن.
    ئاخىر قارا تەنلىكلەر مەھەللىسىدىن ھىلىقى مارىيان دىگەن ئايالنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئىلىپ  كۆچۈپ كەتتۇق {مارىياننىڭ كىملىگىگە قىزىققۇچىلار بولسا  - مىنىڭ ئامىرىكىلىق قوشنىلىرىم دىگەن يازمىغا قارىساڭلا بولىدۇ}
   "ئامېرىكىدا كۈن تەسكەن، مەن قەتئىي ئوقۇمىسام بولمايدىكەن" دىدى ئايالىم.  لىكىن بىز- چەتئەلدىن كەلگەن دوختۇرلارنىڭ ئامىرىكىدا دوختۇر بولالىشى مۇمكىن ئەمەس، بولالمايدۇ دەپ ئاڭلىغاچقا ئۇنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇشىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ئىدۇق.
   مەن ئايالىمنىڭ مەن بىلەن توي قىلىش سەۋەبىدىن ئۆزى سۆيگەن دوختۇرلۇق كەسپىدىن مەھرۇم قالغىنىنى ئويلاپ ئىچىمدە خېلى "ئۇھ" تارتتىم. «قانداق قىلسام ئۇنى ئۇنىڭ كەسپىگە يىقىن بىرەر كەسپتە ئوقۇتارمەن؟»
    شۇ خىيال كاللامغا كىلىۋالدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قىتىم دوختۇرخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئايالىم "مەن ئۈرۈمچىدە دوختۇر ئىدىم" دەپ مەيۈسلىنىپ كۆز يىشى قىلغىلى تۇردى.  مۇشۇ ئايال كىشى كۆز يېشى قىلغاندىن كىيىنلا ئەر كىشىنىڭ يۈرىكى سىرقىرايدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن "ئامالىنى قىلمىسام بولمىدى" دەپ ئويلاپ ئۇ يەر بۇ يەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا چۈشتۈم. بىزدىن بۇرۇن كەلگەن قىرىنداشلاردىن مەسلىھەت سورىسام "بىئو-خىمىيە" ياكى دورىگەرلىك كەسپلىرىنى كۆرسىتىشتى، بىر نەچچىسى - كالىفورنىيەدىكى پەرھات نىياز ئەپەندىنىڭ(قۇربان تۇران ئەپەندىنىڭ ئاكىسى) ئايالىنىڭ ۋەتەندە دوختۇر ئىكەنلىگىنى ئامىرىكىدا سىستىرا بولۇپ ياخشى كۈن كورۈۋاتقانلىغىنى ئېيتىشتى.  شۇنىڭ بىلەن ئايالىمنى ئىلىپ مەخسۇس سىستىرا تەربىيلەيدىغان بوستونننىڭ فەنۋەي رايوندىكى سمىس ئىنستىتوتىغا باردىم. سىستىرالىق پروگراممىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتۇق. خانىم ياخشى گەپ قىلدى ئەمما ئوقۇش پۇلىنىڭ قىممەتلىگىنى ھەم ئىيتتى، ئىككى يىللىق ئوقۇشقا 60000 دوللار كىتىدىكەن، ئۇ چاغدا ئۇ پۇل ۋەتەندە يىرىم مىليون بولۇپ بەك كۆپ پۇل ئىدى، ئۇ بىزدەك بار بىساتىنى قوشسا 7-8 مىڭ دوللار چىقمايدىغان كىشىلەرگە ئاسترونومىيەلىك رەقەمدەك بىلىنىپ كەتتى. ئايالىمنىڭ كۆڭلىنى ياساپ "مەيلى قەرز ئىلىپ بولسىمۇ ئوقۇتاي سىنى دىدىم". - ياق، قەرز ئىلىپ مەكتەپتە ئوقۇمايمەن دىدى ئۇ.
-ئاۋال بىر ئېنگلىزچە ئۈگۈنۈپ باقاي.
     لېكىن بانكىنىڭ ماڭا قەرز بەرمەيدىغانلىغىنى ئۇقمايدۇ-دە ئۇ، ئەمما مىنىڭ ئاشۇ گىپىم ئۈچۈنلا بىر بانكىغا ئىگە بولغانلىغىنى چوقۇم سەزدى. :(:
ئايالىم ئەڭ ئەرزان ئېنگلىزچە كۇرسلارنى تىپىپ تۇرۇپ ئۈگەندى، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قىلىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ بىر كىر يۇيۇش دۇكىنىدا سائىتىگە بەش دوللاردىن ئىشلەشكە باشلىدى. دىمەك ئامىرىكىدىكى تۇرمۇش -ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەن دىگەن دوختۇر دەپ يۈرۈيىدىغان روھى ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.
مەن توختىماي ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇراتتىم ئەمما يولىنى تاپالمايتىم. شۇنداق تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئۇ كىر يۇيۇش دۇكىنىدىن خۇشال قايتىپ كەپتۇ.
"مەن دوختۇر بولالايدىكەنمەن"
. -قانداقسىگە؟ سورىدىم مەن.
    ئۇ بىر قەغەزدىكى خەتنى كۆرسىتىپ دىدى:. USMLE دىگەن ئىمتىھاننى بەرسەم دوختۇر بولالايدىكەنمەن. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى كىرخانىغا كىرگەن بىرسىدىن ئاڭلاپ يېزىۋېلىپ كەپتىكەن. مەن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي مەكتىۋىمگە باردىم، ئۇ چاغدا ئۆيدە كومپىيۇتىرمۇ يوق ئىدى تېخى.
تورغا كىرىپ ئىزدىسەم   
USMLE -THE UNITED STATES MEDICAL LICENSE EXAM{ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى مىدىتسىنا كىنىشكە ئىمتىھانى}دىگەن گەپكەن، ئۇنى تەپسىلى ئوقۇسام چەتئەلنىڭ مىدىتسىنا  مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئامىرىكىدا مۇشۇ ئىمتىھاندىن ئۆتسە دوختۇر بولالايدىكەن ئەمەسمۇ!
     ئىسىت، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىلمەي يۈرۈپتۇق. ئۇچۇر دىۋانىلىگى، ئۇچۇر كورلىغى دىگەن مانا مۇشۇ.
        خوشاللىقتىن ئاغزىم قۇلىقىمغا يەتتى. چۇنكى ئادەملا قىلالايدىغان ئىش ئىكەن ئۇنى باشقا ئادەممۇ قىلالايدۇ. مەن ئايالىمنىڭ ئىرادىسىگە ھەم ئىشىنەتتىم.
    خوش ئەمدى  قەدەمنى نەدىن باشلاش كىرەك؟
    توردىن ئىزدەپ كۆرسەم ئەڭ ياخشى ئۇسۇل - كاپلان دىگەن مەكتەپكە بىرىپ شۇ يەردە مۇشۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىغان سىنالۇغۇلۇق دەرسلەرنى كۆرۈپ ئۈگەنسە بولىدىكەن. دەرھال شۇ مەكتەپكە باردۇق، ئۇلار ئايالىمدىن TOEFL نەتىجە تەلەپ قىلىشتى. -بولىدۇ، ئۇ تەلەپنى ئورۇنلايمەن دىدى ئۇ. ئاڭغىچە  ئايالىم ئېنگىلىزچىنى بىرىلىپ ئۈگۈنۈپ خىلى بىر يەرگە ئاپىرىپ بولغان ئىدى. شۇ ھامانلا TOEFL ئىمتىھانغا تىزىملاتتى، ۋە ئاز كۈندىن كېيىن ئىمتىھان بەردى. بىر قىتىمدىلا 580 نومۇر ئالدى.
     شۇنىڭ بىلەن بار ئىقتىسادىمىزنى چىقىرىپ "مۇساپىرنىڭ ئىگىسى خۇدايىم" دەپ ئۇنى كاپلانغا تىزىملىتىپ ۋىزا سالاھىيىتىنى  ئۆزگەرتتۇق. ھەمدە خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئاي 20 نى ئالدۇق. ئۇ كاپلان مەكتىۋىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن بىر ئۈگۈنۈشكە بېرىلىپ كەتتىكى ئەيھۇناسس، ئاۋۇ تاڭسېڭمۇ نومنى بۇنچىۋالا بىرىلىپ ئۇگەنمىگەن بولغىيتى جۇما، لىكىن!
     مەن ئۇنى مەكتەپتىكى ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ كاپلانغا بىرىپ تىپىۋالىمەن، يىقىلىپ قالمىسۇن دەپ قەھۋە كۆتۈرۈپ كىرىمەن تېخى....ئۇ ھامان بىشىنى كۆتۈرمەي ئۈگىنىدۇ...ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئۈگۈنۈشىگە قاراپ مىنىڭ بىشىم قىيىپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كىتىدۇ، مەن ئۇنداق بىر يەردە بىسىپ سائەتلەپ ئولتۇرالمايمەن. ھەركەت قىلىپ مىڭىپ تۇرمىسام، گەپ قىلىپ تۇرمىسام ئىچىم پۇشىدۇ (دىققىتىنى يىغالماسلىق كىسىلى بارمىكىن دەيمەن ئۆزۈمدە بەزىدە :)
       شۇنداق چاغلاردا كالىفۇرنىيەدە تۇرۇشلۇق نەنسى ۋالتېر خانىم تىلىفۇن  قىلىپ ئەھۋال سورىدى، ئايالىمنى دوختۇرلۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دىسەم "بەك ئۇمىدۋار بوپ كەتمەڭلا، ئۇ بەك تەس ئىمتىھان، بېيىجىڭلىق بىر دوختۇر 8 يىل بولدى ئۆتەلمىدى، چەتئەللىككە بەك تەس" دەپ سالدى.    شۇنىڭ بىلەن مەن غەمگە پاتتىم. "مىنىڭ چەككەن جاپالىرىمغۇ مەيلى، ئەمدى ماۋۇ ئايالىم دوختۇر بولالمىسا قانچىلىك روھى ئازاپ تارتىپ كىتەر". ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز بالىمىزنى چوڭلار بىلەن ۋەتەنگە ئەۋەتىۋەتكەن ئىدۇق، كۆڭلىمىز يېرىم، يۈرىگىمىز ناھايىتى ئىغىر....
     ئەلقىسسە، ئەمدى بۇ ھەقتىكى گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، ھىكايىمىزنى USMLEئۈستىگە ئاغدۇرايلى.
     بۇ ئىمتىھان ئەمىليەتتە تۆت باسقۇچتىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ 2-باسقۇچ بىلەن 3-باسقۇچنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ماھارىتىنى سىنايدىغان يەنە بىر ئىمتىھان بار ئىكەن. بىراق USMLE ئىمتىھاننى بىرىش ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپتە  ئامېرىكىنىڭ چەتئەل مىدىتىسىنا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشىنى بىجىرىدىغان مائارىپ  كومىتىتقا - ECFMG )www.ecfmg.org) ئۆزىنىڭ مىدىتسىنا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىكى دىپلومى (جامائەت گۇۋاھچىلىغىدىن ئۆتكۈزگەن تەرجىمىسى) ، نەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئەۋەتىشى كىرەك ئىكەن. تەجىربىسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن بۇ جەھەتتە كۆپ ئاۋارىچىلىققا يولۇقتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىمتىھانغا ۋاقتىدا تىزىملىتىشىمىزغا تەسر يەتتى. بىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىمىزدىن سىلەرنىڭ ساۋاق ئىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىپ ئۆتەي.
     بۇ كومىتىت ھەرقانداق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ۋە ئەۋەتكەن ماتىرياللارنىڭ راست-يالغانلىغىنى قاتتىق تەكشۈرەيدىكەن. مەن ئايالىمنىڭ دىپلومىنى ئۆزەم خەنزۇچىدىن ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بىر ئاق قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىرىپ جامالىق گۇۋاھلىغى بىرەلەيدىغان بىر خەنزۇغا 40 دوللار تولەپ تامغىسىنى قويغۇزۇپ ئەۋەتكەن ئىدىم. كومىتىت بۇنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ، قايتا ئەۋەتىڭلار دىدى. شۇنىڭ بىلەن سەل كەسپى تەرجىمە ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خەنزۇنىڭ شىركىتىگە يۈز دوللار تۆلەپ ئۇلارنىڭ ئىش قەغىزىگە ئۇرغۇزۇپ ئەۋەتتىم. يەنە بولمايدۇ دەيدۇ. ھەر بولمايدۇ دىسە مىنىڭ ئاچچىغىم كىلىدۇ، ئايالىم شاكال توپتەك سەكرەيدۇ.( بۇنىڭدىن جىلى بوپ كىتىپ مەن پالاق بولۇپ قويىمەن.:)  ئاخىرى بولماي شۇلاردىن سورىدىم. "سىلە دەپ بىرىڭلا بوستوندىكى قايسى شىركەتنىڭكىنى قوبۇل قىلىسىلەر؟ ئاخىر ئۇلار دىگەن تىل تەرجىمە شىركىتىگە 300 دوللار تۆلەپقۇ دەيمەن تەرجىمىنى قىلغۇزۇپ ئەۋەتتىم. بۇلار راست يۇقۇرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئاخىرى كومىتىت بۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى قوبۇل قىلدى. "ئۇھ، بىر ئۆتكەل تۈگىدى" دىدۇق. لىكىن ئايالىمنى يەنە تىزىملىتالمىدىم. بۇ نىمە ئىش بوپ كەتتى ئەمدى دەپ بۇ كومىتىت بىلەن يەنە ئالاقە قىلدىم.
  ئۇلاردىن مۇنداق جاۋاپ كەلدى:
   سىزنىڭ مەكتىۋىڭىزگە ماتېريال ئەۋەتكەن ئىدۇق، جاۋاپ كەلمىدى.
   ئۇلاردىن ئايالىمنىڭ مەكتىۋىگە نىمە ماتېريال ئەۋەتكەنلىگىنى ئۇنداق ئوڭاي بىلەلمىدۇق. بۇلار بىز تاپشۇرغان نەتىجە ۋە دىپلومنىڭ راست-يالغانلىغىنى ئۈرۈمچىدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئەۋەتكەن ئىكەن.
    بىز يۇرتتىكى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇدىغىنىنى  بىلىمىز. ئۇنىڭ كەينىدە ئادەم يۈرمىسە پۈتمەيدۇ.
   ئايالىمنىڭ ئىككى ئاچىسى ئۇنىڭ مەكتىۋىگە بىرىپ سۈرۈشتە قىلسا ئۇلار چەتئەلدىن ئۇنداق ماتىريال كەلمىگىنىنى ئىيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئامىرىكىدىكى بۇ كومىتىتقا تىلىفۇن قىلىپ ئۇ تەكلىپنى يەنە ئەۋەتىشنى سورىدىم. ئۇلار ماقۇلغا كەلدى. ۋاقىتنى ھىساپلاپ كۆرۈپ ئاياللىمنىڭ ئاچىلىرى يەنە باردى.
    خۇداغا شۈكرى شۇ چاغدا مەكتەپ تاشقى ئىشلار باشقارمىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى - قەيسەر ئىسىملىك مەن بىلەن ئىسىمداش بالا ئىكەن. قەيسەرنىڭ ئېنگلىزچىسىمۇ ياخشى ئىكەن. مەن تىلىفۇندا قەيسەر بىلەن كۆرۈشتۇم. (يېقىندا قەيسەرنى سۇرۈشتە قىلسام خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت مەكتىۋىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋېتىپتۇ)
    قەيسەر - ئايالىم ھەققىدىكى ماتىرياللارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تەكشۈرۈپ بىز تاپشۇرغان ماتىرىيالنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ ئىمزا قويۇپ ئەۋەتىپ بەرگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئايالىم USMLE نىڭ بىرىنجى باسقۇچلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتالىدى. خۇداغا شۈكرى ئۇ بۇ ئىمتىھاننىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى قىسىملىرىدىن 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا ئەلا نومۇر ئىلىپ ئۆتۈپ بولدى. بۇ جەرياندا تەييارلايدىغان ماتىريال، ئالىدىغان خەت نۇرغۇن ئىكەن ئەلۋەتتە.           ئۇنىڭ بىر ماتىريالىنى ئېنگلىزچە تەييارلاپ مىدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئىمزاسىنى ئالىدىغان ئىش بار ئىكەن، ئۇنى تەرييارلاپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتسەك، شۇ چاغدا مۇدىر مەمەت ياسىن دىگەن كىشى  ئۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلمەي ئەنسىرەپ ئاخىرى مەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن قول قويۇپ بەردى (بۇ كىشى سەھىيە نازارىتىگە نازىر بولغاندىن كىيىن خارۋاردقا ئىككى ئايلىق ئوقۇشقا كەلگەندە كۆرۈشتۈم بىر قىتىم گەپ ئارىلىغىدا شۇ ئىشنى سۆزلىسەم ئىسىگە ئالالمىدى) ،  بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق پۈتتۈردۈم. ھالقىلىق پەيتتە ماڭا ياخشى خىزمەت چىقىپ قالدى ۋە مائاشىم ئۇنىڭ ئوقۇش چىقىملىرىغا ئاران ئۈلگۈرۈپ تۇردى. كىلىنىكىلىق دىئاگنوز ئىمتىھانىنى نېۋ جېرسېي ئىشتاتىدا  بەردى ۋە غەلىبىلىك ھالدا ئۆتتى. بۇ ئىمتىھاننىڭ 1 ۋە 2 ھەمدە كىلىنىكىلىق دىئاگنوز ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن 3-يىللىق تەربىيىلىنىدىغان  پروگراممىغا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىكەن.
     بىز ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيەدىن باشقا ھەممە ئىشتاتىدىن دىگۈدەك -ھەتتا ئالاسكىدا بولسىمۇ "ئىچكى كىسەللەر نى داۋالاش يولۇنشى بويىچە 80 دىن ئارتۇق پروگراممىغا ئىلتىماس قىلدۇق. پۈتۈن ماتىرىياللىرىنى تور ئارقىلىق يوللايدىغان گەپ ئىكەن. ئەمدى بىر خىزمەتكە كىرىشىپ قول پۇل كۆرۈپ يانچۇق ئىسسىغىلى تۇرۇۋىدى، ماۋۇ پروگراممىغا شۇنداق بىر ئىلتىماس قىلىش بىلەن، كارتۇچكام ئەتىيازدا ئاشلىقى ئۆكسۇپ قالىدىغان قاسىم چوڭامنىڭ   تاغىرىدەك قۇرۇقدىلىپ قالدى.  پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ ماۋۇ خوشاللىقنى تاپقىلى بولمايدۇ -دە؟ مۇبادا ئايالىم زور ئۈمىد بىلەن تىرىشىۋاتقان ئىش روياپقا چىقمىسا - بىزنى غەم بىسىۋالاتتى.  ئىلتىماسلارنى قىلىپ بولۇپ بىر ئاي ساقلىساق ھېچ يەردىن خەۋەر يوق، 6 ھەپتە ئۆتكەندە  ئىككى - ئۈچ يەردىن خەت كەلگىلى تۇردى ئەمما  رەت قىلىنىپتۇ.
   -ۋاي ئاتاڭدىن گۆرۈگۈ دەپ قىرغىزچە تىللاپ قويدۇم مەن كەلگەن خەتنى كورۈپ.
   دىكابىرنىڭ ئاخىرلىرى نېۋ يورك ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى دوختۇرخانىدىن ئايالىمنى سۆزلىشىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپ خەت كەلدى. "- ياق ئۇلار ئالمايدۇ،  ئۇلار بەك داڭلىق" ئايالىم شۇنداق دەپ بىرىشنى رەت قىلدى.
   ئايالىمنىڭ خەۋىرىسىز مەن ئۇنىڭ نامىدا ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇردۇم.
- تەكلىۋىڭلارغا رەخمەت. ئائىلىدە جىددى ئىش بوپ قىلىپ سىلەر دىگەن ۋاقىتتا بارالمايدىغان بوپ قالدىم، مەن سىلەر بىلەن ئالاقىلاشسام...
   يەنە بىر ئاي ساقلىدۇق، يەنە 4-5 پروگراممىدىن رەت قىلىپ خەت كەلدى. باشنى غەم، كۆڭۈلنى تەشۋىش باسقىلى تۇردى، ئاخىرى تاقىتىم تاق بولۇپ بۇ پروگراممىغا ئايالىمنىڭ نامىدا خەت يازدىم.
  رىسق دىگەن شۇ ئوخشايدۇ، ئۇ ساڭا تەۋە بولغان ئىكەن، سىنى ساقلايدۇ.
  ئۇلاردىن خەت كەلدى، ئىككى ھەپتىدىن كىيىنكى دۈشەنبە كۈنى كەلگىن، بىر كۈن ۋاقتىڭ كىتىدۇ.
   مەن بۇ خەۋەرنى ئايالىمغا دىدىم ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈردۈم.
   - مۇشۇ سىنىڭ تۇنجى پۇرسىتىڭ، بەلكى ئاخىرقى بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن، سەن چوقۇم بار، مەن ساڭا ئۇلار سوراش ئىھتىماللىغى بار سۇئاللارنى يىغىپ جاۋابىنى تەييارلاپ بىرەي.
  چۈنكى مەن كىتاپخانىدىن بۇ ھەقتىكى ماتىرياللارنى كۆرگەن ئىدىم.
    شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزەمچە ئۇلار ئايالىمدىن سوراش ئىھتىماللى بولغان 80 دەك سوئالنى تېپىپ قىسقىچە جاۋاپنى يىزىپ بەردىم، چۈنكى تىل بىزنىڭ ئەمەس-تە. دوختۇر بولىدىغان ئادەم ھەم ئېنگلىز تىلىدا راۋان بولمىسا بولمايدۇ.
ئۇ نېۋ يوركتىكى پروگرامما مەسئۇللىرى بىلەن بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 3 كىچە خەۋەر ساقلىسام خەۋەر يوق...
مەن خىزمەتتە بولغىنىم بىلەن كۆڭلۈم ئايالىمدا...
سائەت تۆت بولاي دىگەندە تىلىفۇن قىلدىم.
-قەيسەر، مىنى پروگراممىغا ئالدى، ھازىر دوختۇرخانىنىڭ تونۇشتۇرىدىغان يەرلەرنى تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ خوشال ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇھ دىدىم مەن.
      2004-يىلى ھەقىقەتەن بىز ئۈچۈن قۇتلۇق يىل بولدى. ئايالىم نېۋ يورك ئۇنىۋىرسىتىت قارمىغىدىكى دوختۇرخانىغا 3 يىللىق مەخسۇس تەربىيلىنىش ئۈچۈن يىلىغا 46،000 دوللارلىق خىزمەت بىلەن شۇ يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئىشقا چۈشىدىغان بولدى. مەن شۇ يىلى 9-ئايدىن باشلاپ خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىدا سەھىيە ئىقتىسادى ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئوقۇشتا ئوقۇيدىغان بولدۇم. ھەم ئوقۇش ھەم خىزمىتىم ياخشى بولغىنى ئۈچۈن مەن بوستوندا تۇرۇپ، ئەر-ئايال ئىككىمىز قاتناپ تۇرۇپ ياشاپ بۇ 3 يىلنى ئوڭۇشلۇق تۈگەتتۇق. ئايالىم بۇ پروگراممىنىڭ 2- يىللىغىدا USMLE نىڭ 3-باسقۇچلۇق ئىمتىھانىنى بىرىپ ئۆتتى ۋە شۇ يىلىلا ئامىرىكا مدېىتسىنا جەمىيىتىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانىنى بىرىپ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئامىرىكىدا  مۇستەقىل كىسەل كۆرۈپ رىتسىپ يازالايدىغان تۇنجى ئۇيغۇر دوختۇر بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ نىۋيوركتىكى پروگراممىسى تۈگەپ رەسمى خىزمەت ئىزدىگەندە ئۇنىڭغا كىلىپ كەتكەن خىزمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپلىگىنى دىمەيسىلە. (ئۇنىڭ قەغەز- قەلەمگە ئائىت ئىشلىرى ھازىرغىچە مىنىڭ زىممەمدە).
    مەن بوستوننى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن ياكى تېكساسقا ياكى كانساسغا كەتمىدۇق، ئايالىم ماسساچۇست ئىشتاتىدىن خىزمەت تاپتى. شۇندىن بىرى بىر دوختۇرخانىدا مەخسۇس خىزمەت ۋە باشقا دوختۇرخانىلاردا تەكلىپلىك خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقىنىغا 7 يىل بولدى.
    ھازىر خارۋارد مىدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى (Harvard Medical Faculty) ھەم بوستوندىكى داڭلىق بەس ئىسرائىل دېكونىس دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
    ئامېرىكىغا كىلىپ دوختۇر بولۇش ئارزۇسىدىكى ئىنى-سىڭىللەر، سىلەر قاتتىق تېرىشساڭلار چوقۇم ئۇ ئارزۇيۇڭلارغا يىتىسىلەر. شۇندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئامىرىكىدا دوختۇر بولدى ۋە دوختۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى.
         بۇخەلچەم ياسىن - ئەسلى بېيجىڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ئەينى چاغدا مەن بىلەن GRE ئىمتىھانىنى بىر ۋاقىتتا بەرگەن، شۇ چاغدا مەن بۇخەلچەمگە "بىز چوقۇم نىۋ يورك" تىكى ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ يىنىدا كۆرۈشىمىز دەپتىكەنمەن. نەچچە  يىللاردىن كىيىن بۇخەلچەم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ شۇ گىپىمنى ئەسلەتتى، ھازىر ئىزدىشىپ ئۆتىمىز. بۇخەلچەمنىڭ دادىسى - دادامنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىكەن. بۇنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىنلا بىلدىم.
    ئەكبەر ئىسلام - تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىسلامجان شىرىپ ئاكىنىڭ ئوغلى بولۇپ ئۇمۇ مەن بىلەن بىر ۋاقىتتا GRE بەرگەن ئىدى. 2004-يىلى كۈزدە ئۇ بوستونغا ئىدارىسىدىن خىزمەتكە كەلگەندە ئۇنى ئۆيگە ئىلىپ باردىم. ئاتا-ئانام بار ئىدى ئويدە.
     ئەكبەر شۇ چاغدا لوس ئانجىلىستا سەھىيە ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇققا كىرىپ مەندەك پۈتۈن كۈن ئىشلەپ ھەم دوكتۇرلۇقتا  ئوقۇۋىتىپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئۇ ئوقۇشنى تاشلاپ دوختۇرلۇق  ئىمتىھاننى بىرىدىغانلىغىمنى ئىيتىپ ئايالىمنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇ بۇ ئىشتىن ئىلھاملانغاندەك بولدى، مەن بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ۋە جەريانلارنى ئىيتىپ بەردىم.
   ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تىلىفۇن  كەلدى، ئۇ 3 يىللىق پروگراممىنى تۈگىتىپ بىر تىببى داۋالاش ئورنىنىڭ مۇدىرىمۇ ئىشقىلىپ بىر مەسئۇلى بولغانلىغىنى ئىيتتى، مەن ئۇنى مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن تەبرىكلىدىم.
     ئاسىيە مەخمۇد - كورلىدىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىببى ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئاسىيەمۇ خۇددى ئايالىمغا ئوخشاش زور تېرىشچانلىق بىلەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ بۇ ئىمتىھانلاردىن كەينى كەينىدىن ئۆتۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ پروگراممىغا كىردى. خۇددى بىزنىڭ ئاتا -ئانىلرىمىزغا ئوخشاش - ئاسىيەنىڭ دادىسى  ماخمۇت ئاكا ۋە ئانىسى - مەريەم ھەدە بۇ جەرياندا ئاسىيەنى ئاتا -ئانىلىق مىھرى بىلەن قىزغىن قوللىدى.
     ئاسىيە -ئايالىم بىلەن ئاچا -سىڭىلدەك ئىجىل ئۆتىدۇ، كەسپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشۇپ تۇرىدۇ.
    ئاسىيەنىڭ ئىگىلمەس-سۇنماس روھى ۋە قەتئى ئىرادىسى ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ئۈگۈنۈشىگە ئەرزىيدۇ.
   ئادىل ئابلەت - ئادىل مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولۇپ ئۇنى نەچچە يىل ئىلگىرى بىر قىتىملا كۆرگەن ئىدىم. بۇ يىل ئۇنىڭ 3 يىللىق پروگراممىغا كىرگەنلىگىنى ئاڭلىدىم، مۇبارەك بولسۇن ئابلەت!
  گۈلقىز ھوشۇر - ئاسىيەنىڭ دوستى ھەم ساۋاقدىشى بولۇپ چۆچەكتىن كەلگەن بۇ تېرىشچان سىڭلىمىزمۇ بۇ يىلى بارلىق ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ 3 يىللىق پروگراممىغا ئىلتىماس قىلدى. جانابى ئاللاھدىن بۇ قىرىندىشىمىزغا ئۇتۇق تىلەيلى، ئامىن!
   ئۇندىن سىرت بېيجىڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇپ كىيىن ياپونىيەدە دوكتۇرلۇقنى ئالغان ئۆركەش ھوشۇر (ھوشۇر مۇئەللىم بۇ يىل قازا قىلىپ كەتتى، جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن! ئامىن)
    ھازىر ياپونىيەنىڭ بوستوندا تۇرۇشلۇق شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۆتكەندە خارۋارد مېدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئىلمى دوكلات بەرگىلى كەپتىكەن، بىللە تاماق يىدۇق. مەن ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى تەبرىكلدىم.
    ئەلقەم تۇرسۇن - ئايالىمنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ ھازىر كالىفورنىيەدە مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مول تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ.
    ئۇندىن باشقا مەن ئەينى چاغدا تىببى ئۇنىۋىرسىتىتتنى پۈتتۈرگەن مۇتەللىپ ھامۇت دىگەن بالىنىڭ ئاۋسترالىيەدە دوختۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالغانلىغىنى ئاڭلىدىم.
   ھۆرمەتلىك تىببى ساھەدىكى ئىنى -سىڭىللار، مەن مىسالغا ئالغان بۇ ئاكا-ھەدەڭلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان.  دىمەك ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرى خەلقئارا سەۋىيەدىكى رىقابەتتە بوش كەلمەيدۇ.
    سىلەردە غايە، چىدام ۋە قەتئى روھلا بولىدىكەن، چوقۇم مەقىسدىىڭلەرگە يىتەلەيسىلەر. سىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان يۇقىرىدىكى قىرىنداشلىرىڭلار ۋاقتى كەلگەندە سىلەرگە تىگىشلىك ياردەمدە بولىدۇ، ئەڭ كېمىدە سىلەرنى قوللاپ خەت يىزىپ بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى نىيىتىڭلار ئاق، كىشىلىك پەزىلىتىڭلار درۇس ھەم تېرىشچان بولساڭلار چوقۇم مەقسىدىڭلەرگە يىتەلەيسىلەر!
    مەن سىلەرگە چىن قەلبىمدىن ئارزۇ-ئارمانلارغا باي كۆڭۈل، ئىگىلمەس-سۇنماس روھ ۋە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!

   28 - نويابىر تاڭ سەھەر 1 دە تاماملاندى!

1

تېما

2

دوست

4490

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 17:00:35 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قەيسەر ئاكا...ئىسىمىڭىز ئۆزىڭىزگە ماس كەپتۇ.

ماقالىنى بەكمۇ قىزىقارلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپسىز....تاڭسىڭمۇ نومنى بۇنچە ئۆگەنمىگەن بولغىيتى دىگەن يەردە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم....بەخىت ئامەت تىرىشقانلارغا مەنسۈپكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

3880

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1228
توردىكى ۋاقتى: 451
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 17:23:24 |ئايرىم كۆرۈش
   جاپانى   كىم   تولا   چەكسە   گۆھەرنى   شۇ   ئالار   تاشتىن   ،   گۆھەرنى   ئالغىچە   تاشتىن   نى  ئىشلار   ئۆتەر   باشتىن   ،   دەپتىكەن   كونىلار   .   ئامرىكىدەك   تىببى   ئىلىممۇ   ناھايىتى   تەرەققى   قىلغان   دۆلەتتە   ئۆزقىرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ   تىببى   ساھەدىمۇ   باشقىلاردىن   قىلىشماي   تەڭ   ئىلگىرلىگەنلىكىدىن   تولىمۇ   سۆيۇندۇق   .   ئاللاھ   ئىشلىرىڭلارنى   يەنىمۇ   ئاسان   قىلغاي   .

160

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   60.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1720
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6556
تۆھپە : 6171
توردىكى ۋاقتى: 1511
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 17:48:05 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرلىرىمنىڭ دۇنيانىڭ قەيىرىدىلا بولسا قەد كۆتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشنىمەن!!!

0

تېما

0

دوست

1218

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29741
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 372
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 18:05:50 |ئايرىم كۆرۈش
قالتىس ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. قەيسەر ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسى مېدىتسىنا كەسىپىدىكىلەرلا ئەمەس، باشقا ساھەدىكى ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرىنىمۇ زور ئىلھام ۋە تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز سىزدىن ئايالىڭىزدىن ۋە سىلەردەك تىرىشچان، قەيسەر قېرىنداشلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ھەم سۆيىنىمىز.
ئاللاھ ئائىلەڭلەرنى بەختلىك قىلسۇن. ھەربىر ئىشىڭىزغا توغرىلىق ۋە ئاسانچىلىق ئاتا قىلسۇن.

0

تېما

0

دوست

530

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27994
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 18:25:31 |ئايرىم كۆرۈش
‹‹ھورمەتلىك تىببى ساھەدىكى ئىنى -سىڭىللار، مەن مىسالغا ئالغان بۇ ئاكا-ھەدەڭلەرنىڭ كوپى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان.  دىمەك ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرى خەلئقارا سەۋىيەدىكى رىقابەتتە بوش كەلمەيدۇ. ››
  -ماڭا مۇشۇ جۇملە ھەممىدىن بەك تەسىر قىلدى...

0

تېما

0

دوست

1306

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28150
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 18:28:31 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قەيسەركا،مەنمۇ داۋالاش كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن،مىنىڭ تۈركىيەدە دوختۇر بولغۇم بار ئىدى،سىز مۇشۇ توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگىمۇ؟مەن ئىچكىردە،بۇيىل ئۈچىنجى يىللىقتا ئوقۇيمەن،پىلانىمدا ۋەتەندە 3 يىللىق تەربىيلەشنى غەلبىلىك تاماملىغاندىن كىيىن چىقماقچى،دىمەك يەنە بەش يېرىم يىل بار دىگەن گەپ،لىكىن باشتىراق تەييارلىق كۆرسىمۇ كۆپ ياخشى دەپ ئويلىدىم

160

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   60.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1720
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6556
تۆھپە : 6171
توردىكى ۋاقتى: 1511
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 18:54:34 |ئايرىم كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىدىكى ئالىملىرىمىزنىڭ ئەلگە پايدىلىق تېمىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )