- تىزىملاتقان
- 2014-4-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4207
- نادىر
- 0
- يازما
- 144
ئۆسۈش
73.57%
|
ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە
1.ئا تاماكا ئالغىلى دۇكانغا كىرىپتۇ،ئۇنىڭ چىكىدىغىنى 30 يۈەنلىك تاماكا ئىكەن ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت
30 يۈەنلا پۇل بار ئىكەن،بىراق ئۇنىڭ يېنىدا سەرەڭگە يوق ئىكەن ،ئۇ تاماكىنى ئالغاندىن كىيىن دۇكان
خادىمىدىن ئۆزىگە بىرقاپ سەرەڭگە سوۋغا قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ،بىراق دۇكان خادىمى بېرىشنى رەت قىپتۇ.
ب تاماكا ئالغىلى بېرىپتۇ،ئۇمۇ ئوخشاشلا 30 يۈەنلىك تاماكا چىكىدىكەن،ئۇنىڭ يېنىدىمۇ پەقەت 30
يۈەن پۇل بار بولۇپ،يېنىدا سەرەڭگە يوق ئىكەن،ئۇ تاماكىنى ئالغۇچە دۇكان خادىمىدىن ئۆزىگە بىر مو ئەرزان بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ،دۇكان خادىمى خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭغا باھادا بىرمو ئېتىبار قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇكان خادىمى قايتۇرۇپ بەرگەن بىرمو پۇلغا سەرەڭگىدىن بىر قاپ ئېلىپ چىقىپ كىتىپتۇ.
خۇلاسە؛ بۇ ئەڭ ئاددىي بولغان پىسخىكا ئىپادىسى،بىرىنجى خىل ئۇسۇلدا(يەنى ئا نىڭ قىلغان ئۇسۇلى) دۇكاندار ئۆزىنى پەقەت بىر خىللا مالدىن پايدا ئالدىم دەپ قارىغاچقا ئۇنىمىغان،ئىككىنجى خىل ئۇسۇلدا دۇكاندار ئىككى خىل مالدا پايدا ئالدىم دەپ قاراپ ب نىڭ باھا تالىشىشغا يول قويغان،بۇ پەقەتلا بىر
خىل پىسخىك مەسىلە.
ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش بىزگە ئوخشىمىغان نەتىجىلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ،كۆپ ھاللاردا يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش بىزگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇن،ئادەم ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ پىكىر قىلىش يولىڭىزنى تاكاممۇلاشتۇرىشىڭىزدۇر.
2.ئىككى ئادەم بىرلىكتە تاغقا چىرايلىق تاش تەرگىلى چىقىپتۇ،ئۇلار تاش بار يەرگە بارغاندىن كىيىن
ئا پەقەت بىر پارچىلا تاشنى ئېلىپتۇ، ب بولسا كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن تاشتىن نۇرغۇننى دۈمبىسىدىكى سېۋەتكە سېلىپتۇ،ئا نىڭ پەقەت بىر پارچىلا تاش ئالغىنىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان
ب سوراپتۇ؛«بىز بۇ يەرگە مەخسۇس تاش تەرگىلى چىققان،سەن نىمىشقا پەقەت بىر پارچىلا تاشنى ئېلىپ بولدى قىلىسەن؟!»
«ماڭا مۇشۇ بىر پارچە تاش بولسىلا بولدى،ماڭا مۇشۇ ھەممىدىن بەك ياقتى،ماڭا ئارتۇقىنىڭ كېرىكى يوق»دەپتۇ. ب ئۇنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماي سېۋىتىگە چىرايلىق تاشلارنى يىغىۋېرىپتۇ،تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا ب نىڭ سېۋىتى بەك ئېغىر بولغاچقا بەك قىينىلىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېۋىتىدىن ئەڭ ناچار دەپ قارىغان تاشنى ئېلىپ چۆرىۋېتىپتۇ،شۇندداق قىلىپ ئۇلار تاغدىن چۈشكەندە ب نىڭ سېۋىتىدە پەقەت بىر
پارچىلا تاش قاپتۇ.
خۇلاسە؛بۇ ھاياتتا بىز ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ،بىراق بەزىدە ۋاز كېچىشنىمۇ
ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
3.قاغا دەرەخنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كۈنبويى ھېچ ئىش قىلمايدىكەن،توشقان بۇنىڭغا بەكمۇ ھەۋەس
قىلىدىكەن،بىر كۈنى توشقان قاغىدىن سوراپتۇ«مېنىڭمۇ ساڭا ئووخشاش كۈنبويى ھېچنىمە قىلماي
ئولتۇرغۇم بار،شۇنداق قىلسام بولارمۇ؟!» قاغا ئۇنىڭغا جاۋابەن«بولمايدىغان نېمىسى بار،سەنمۇ شۇنداق قىلساڭ بولىدىغۇ؟»دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن توشقان كۈنبويى قاغىغا ئوخشاش دەرەخنىڭ تۈۋىدە ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرىدىغان بوپتۇ،بىر كۈنى بۇ يەردىن بىر تۈلكە ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغان توشقان كۆرۈپ ئۇنى تۇتۇپ يەۋېتىپتۇ.
خۇلاسە؛ئەگەر سېنىڭ كۈنبويى ھېچ ئىش قىلماي يۈرگۈڭ بولسا سەن چوقۇم ناھايىتى ئىگىز ئورۇندا
تۇرىشىڭ كېرەك،ناھايىتىمۇ ئىگىز ئورۇندا،رەقىبىڭنىڭ قولى ساڭا يەتمەيدىغان ئورۇندا تۇرىشىڭ كېرەك.
4.بىر كۈنى قاغا بىلەن چوشقا بىلە ئايروپىلانغا چىقىپ بىر رەتتىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ قاپتۇ،ئايروپىلان
كۈتكۈچىسى كېلىپ ئۇلاردىن نىمە ئىچىسلەر دەپ سوراپتىكەنقاغا پوچىلىق قىلىپ؛«ئاكاڭ قارىغايغا بىر ئىستاكان سۈت بەرگىن دەپتۇ»كۈتكۈچىنىڭ تەرى تۈرۈلۈپ چوشقىغا قارىغانىكەن چوشقىمۇ؛«ئاكاڭغىمۇ بىر ئىستىكان سۈت بەرگىن دەپتۇ.كۈتكۈچىنىڭ ئاچچىقىڭ كىلىپ ئۇلار ئىككىسىنى ئايروپىلاندىن تاشلىۋېتىپتۇ،قاغا قاناتلىرى قېقىپ ھاۋادا ئۇچۇپتۇ،بىراق چوشقا بولسا يەرگە قاراپ تۆۋەنلەپتۇ،قاغا چوشقىنى مەسخىرە قىلىپ؛«كالۋا،ئاكاڭ قارىغاي ئۇچالايدۇ ئەمەسمۇ؟!»
خۇلاسە؛ئۆزۈڭنى بىل ،ئۆزگىنى قوي . |
|