قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilimhumar

بىلىمخۇمار: ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

4

دوست

1734

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 522
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 14:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 13:42
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم شۇڭقار ئۇكام!

سەمىمىي ئىنكاسىڭىز ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بىلىمخۇمار ئاكا!
ئىسىل تىمىلىرىڭىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرى يۇقمىكى دەپ قالماڭ، ماقالىلىرىڭىز بىزنىڭ كىشلىك دۇنيا قارىشىمىزنى تۇغىرلاشقا، دۇنيانى چۇشىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشقا پەيدىن پەي تۇرۇتكە بولىۋاتىدۇ، بەلكىم بۇلارنى سىزىۋاتقانلا، ئوزلىرىنى ئاسرىسىلا...

1

تېما

0

دوست

1290

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31379
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 23:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن.
رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

290

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   96.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32389
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 12:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا تېنىڭىزنىڭ ساق-سالامەت بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن ئەسلى مەقسىتىم شۇكى مەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ  تاغلىق يېزىلىرىدىن بىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن مەكتىپىمىزدە ھەريىلى 350نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 10%- 15%تى يۇقىرىلاپ ئوقۇسا قالغانلىرى ئائىلىسىگە قايتىپ دېھقان بولىدۇ . بىلىم ئىگەللەشنىڭ پايدىسى ھەققىدە كۆپ سۆزلىگەن بولساقمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ دەماللىققا ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىقى سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ ئوقۇشتىن يالتىيىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىۋاتىدۇ. 2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلاريۇقىرىلاپ ئوقۇشقا مەجبۇرلانغان بولسىمۇ  بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىنى قانداق قىلسا قىلىپ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردىن تىزراق چىقىرىۋىلىشنى ئويلايدىكەن . شۇڭا ئۆز نامىڭىزدىن تاغلىق يېزىلىرىمىزدىكى ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئىگەللەش ، بىلىملىك بولۇشنىڭ پايدىسى ھەققىدە تۇردا بىر لىكسىيە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز مەن سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم . ئىلگىرى سۆزلىگەن سىنكۆرۈنۈشلەر بولسىمۇ بولىدۇ .

0

تېما

0

دوست

202

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32304
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 19:48:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
29#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

5878

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1114
توردىكى ۋاقتى: 294
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 22:47:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار(ئەركىن) ئاكا !
بۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ بەك خوش بولدۇم ، چۈنكى ، بىر يىلدىن بېرى ئىزدەپ ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن سوئاللارغا سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىز بىلەن جاۋاب تاپتىم .
مەن سېپى ئۆزىدىن ئوڭ مىڭىلىق ئايالكەنمەن . ئەمما بۇلتۇر سول مىڭەم ئوپراتسىيە بولغاندىن بېرى ، بەك چارچاپ كەتسەم ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ياكى گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم .
بۇ ماقالە مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەممە ئىشىمغا ياردەمچى بولدى دېسەممۇ بولىدۇ . سىزگە كۆپ رەھمەت !

141

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1139
تۆھپە : 3895
توردىكى ۋاقتى: 1482
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 10:27:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 12:48  

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك قېرىنداشلار،

مەن ئالدى بىلەن مېنىڭ «ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭە» [1] دېگەن ماقالەمگە قارىتا سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرغان، ھەمدە ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىنەتدارلىق بىلدۈرىمەن—رەھمەت!

ۋاقتىمنىڭ قىسلىقىدىن مەن ئادەتتە بىلگەجاننىڭ «تەتقىقاتچىلار «ئوڭ مېڭىلىك» ۋە «سول مېڭىلىك» كىشىلىك خاراكتىر ئەپسانىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى»  [2] دېگەن تېمىسى ئاستىدا ئېلىپ-بېرىلىۋاتقانغا ئوخشاش بەس-مۇنازىرىلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم.  ئەمما بىلگەجان يازغان مەزكۇر تېما مەن ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن تورغا چىقارغان، 2008-يىلى يېزىپ تەييارلىغان «ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭە» دېگەن ماقالىسىغا قارىتا يېزىلغان بولغاچقا، مەن بۇ يەردە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.  

تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن ئۆز كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ۋەتەندىكىلەرنى يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش ئىشىنى قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى.  مەلۇم بىر نەرسە ئۆزەمنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئۆزەم بىلسەم، شۇنى يەتكۈزدۈم.  ئۇنداق بولمىسا، غەربتىكى باشقا تونۇلغان كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، شۇلارنى يەتكۈزدۈم.  مەن تەييارلىغان ئۆز كەسپىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر قىسىم تېمىلار بىزنىڭ ئىدارىدە سېمىنار ياكى ئىلمىي لېكسىيە قىلىپ سۆزلەنگەن تېمىلار بولۇپ، مەن شۇ ئاساستا يەنە بىر ئاز ئىزدىنىپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە ماقالە تەييارلاپ تورلارغا يوللىدىم.  مۇشۇ جەرياندا مېنىڭ خاتالىشىپ قالغان جايلىرىممۇ چوقۇم بار.  چۈنكى مەن بىر ئىنسان.  بۇ دۇنيادا خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق.  ئەگەر مەن «قەتئىي خاتالاشماي ياشاي» دېسەم، ھېچ قانداق ئىش قىلمىسام بولىدۇ --  ئىش قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئانچە-مۇنچە خاتالىشىپ قالىدۇ.  ئەمما مەن ئۇنداق ياشاشنى خالىمىدىم.

بىراق، مەن «ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭە» دېگەن ماقالىنى بىر قانچە داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ناسا مەركىزى ج پ ل (يەنى بىزنىڭ ئىدارە) گە كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك لېكسىيىلەرنى سۆزلىگەندىن كېيىن، شۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن مەن يەنە ئازراق ئىزدىنىپ، ئاندىن يېزىپ چىققان ئىدىم.  شۇڭلاشقا مەن يازغان مەزمۇن خاتا ئەمەس بولۇپ، مېنىڭچە ئۇ شۇ ۋاقىتتا غەربتىكى كۆپ سانلىق كەسپ ئەھلىلىرى ئېتىراپ قىلغان ياكى قوبۇل قىلغان نەزەرىيە بولۇشى مۇمكىن.  

بۇنداق دېيىشىمدە مۇنداق بىر قانچە سەۋەبلەر بار:

1.بىزنىڭ ئىدارىدەك بىر چوڭ ۋە مۇھىم ئورۇندا نەچچە يۈز ئادەم قاتنىشىدىغان ئاشۇنداق لېكسىيىدىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن قىممەتكە توختايدىغان بولۇپ، ئەگەر لېكسىيىدە سۆزلەنگەن مەزمۇنلار ئىلىم دۇنياسى ئاساسىي جەھەتتىن  ئېتىراپ قىلغان مەزمۇنلار بولمايدىكەن، بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ھەرگىزمۇ ئۇنداق لېكسىيىنى ئورۇنلاشتۇرمايتتى.  ناسا مۇ ئۇنداق ئىشلارغا ھەرگىزمۇ يول قويمايتتى.

2. مەلۇم بىر پەن ياكى بىر پەندىكى مەلۇم بىر ئۇقۇم تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغاندا، ئاشۇ پەن ياكى ئاشۇ ئۇقۇم ئۈستىدە ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىر نورمال ئىش.  ئۇ ئادەتتە «مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدىكى كۆز-قاراشلارنىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.  ئەمما، مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە بۇرۇنقىلار 4 خىل كۆز-قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرسى 5-خىل كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى 4 خىل كۆز-قاراشنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقىسى توغرا بولغان بولمايدۇ.  بەلكى، ئەڭ ئاخىرقىسىمۇ «ئاشۇ ساھەدىكى كۆز-قاراشنىڭ يەنە بىر تۈرى» بولىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ژورناللىرى ئادەتتە ئاشۇنداق مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدىكى كۆز-قاراشنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلان قىلىۋېرىدۇ.

3. ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭە ھەققىدە بېسىلغان كىتابلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەن بۈگۈن كىتاب سېتىشتا دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان www.amazon.com دېگەن تور بېتىگە كىرىپ، «ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭە» دەپ كىرگۈزۈپ باقسام، 21505 نەتىجە چىقتى.  شۇ يەردىن ئەڭ باشتا (يەنى 1-بەتتىلا) تېپىلغان، ھازىرمۇ ئامازون شىركىتى تەرىپىدىن سېتىلىۋاتقان كىتابلاردىن سەككىزىنىڭ رەسىمىنى تۆۋەندە 1-رەسىم قىلىپ قىستۇرۇپ قويدۇم.  ئادەتتە كىتاب يازغاندا مۇتەخەسسىسلەر كىتابقا ئىلىم-دۇنياسىدىكى تەتقىقاتلاردا بىر قەدەر پىشىپ-يېتىلگەن، ۋە شۇ كەسىپ ساھەسىدىكى كۆپۈنچە كىشىلەر ئېتىراپ قىلغان ياكى قوبۇل قىلغان كۆز-قاراشلارنى كىرگۈزىدۇ.  ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئۇ كىتابنى ھېچ كىم سېتىپ ئالمايدۇ.  شۇڭلاشقا كىتابقا كىرگۈزۈلگەن كۆز-قاراشلار كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بىرەر پارچە ئايرىم ئىلمىي ماقالىدىكى كۆز-قاراشقا قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدۇ.  ئەمما، مەيلى كىتابتىكى كۆز-قاراشلار بولسۇن، ياكى ئىلمىي ماقالىدىكى كۆز-قاراش بولسۇن، ئۇلارنىڭ مۇتلەق ھالدا توغرا ياكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس بولۇشى ناتايىن.  مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە بىزنىڭ ئىدارىغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن كىشىلەر ئاشۇ ساھەنىڭ تونۇلغان مۇتەخەسسىسلىرى ۋە يۇقىرىقىدەك كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرىدىن ئىدى.

e11_rightleftbrains.jpg

1-رەسىم: مەن بۈگۈن www.amazon.com دېگەن تور بېتىدىن ئىزدەپ تاپقان، ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭىنى مەزمۇن قىلغان 8 پارچە ئىنگلىزچە كىتابلارنىڭ رەسىمى.

4. بىلگەجان بۇ قېتىم پايدىلانغان خەۋەر (بىلگەجان ئۇنى «ئوبزور» دەپ ئاتىغاندەك قىلىدۇ)  ئەسلىدە ئىنگلىزچە «Plos One» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تورژورنىلىغا چىققان ماقالە ئىكەن [3].  بۇ تورژورنىلىغا چىقىرىلىدىغان ئىلمىي ماقالىلار «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزىلىدىكەن، ئەمما، بۇژورنال مۇشتىرلىقنى تەلەپ قىلمايدىغان (open access) بولۇپ، ئۇنى كىم ئوقۇيمەن دېسە شۇ ئوقۇيالايدىكەن [4].  «Plos One» دېگەنژورنالنى چىقىرىۋاتقانلارمۇ بىر «كىرىم تاپمايدىغان» (non-profit) تەشكىلات بولۇپ، ئۇ بىر ئىلمىي جەمئىيەت ئەمەس ئىكەن.  ئادەتتە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەر چىقىرىدىغان، مۇشتىرىلىق تەلەپ قىلىنىدىغان، ھەمدە بېسىپ تارقىتىلىدىغان ژورناللارنىڭ تەلىپى «Plos One» غا ئوخشاش ژورناللارنىڭ تەلىپىدىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، ئۇنداق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ نوپۇزىمۇ «Plos One» نىڭكىدىن ئۈستۈنرەك بولىدۇ.  كۆپۈنچە ئەھۋالدا بىرەيلەن ماقالىسىنى ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ژورناللىرىغا باستۇرالمىغاندىن كېيىن، ئاندىن ماقالىسىنى ھېلىقىدەك مۇشتىرىلىق تەلەپ قىلمايدىغان تورژورناللىرىغا يوللايدۇ.  قىسقىسى، بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى مەلۇم بىر مۇشتىرىلىق تەلەپ قىلمايدىغان، بىرەر خەلقئارالىق ئىلمىي جەمئىيەتكە تەۋە بولمىغان تورژورنىلىدا ئېلان قىلىش بىلەن، نەچچە ئون مىڭ تەتقىقاتچىلار يېرىم ئەسىردىن بىر ئەسىرگىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ يەكۈنلەپ چىققان ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى ئۆرۈپ تاشلايدىغان ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇنداق ئىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.  ئۇلارنىڭ كۆز-قاراشلىرى ھەقىقەتەنمۇ بۇرۇنقى بارلىق نەزەرىيىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ كۆز-قاراشنىڭ نوپۇزى ئۆسۈپ، كۆپ سانلىق كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل جەريان كېتىدۇ.  مېنىڭچە ھازىرقى زاماندا مۇشتىرىلىق تەلەپ قىلىنمايدىغان، بىرەر خەلقئارالىق ئىلمىي جەمئىيەتكە تەۋە بولمىغان بىر تور ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ شۇ كەسپىي ساھەدىكى بۇرۇنقى بارلىق نەزەرىيىلەرنى بىراقلا ئۆرىۋېتىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس.   

ئەسكەرتىش: ئادەتتە تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلەردە ھەرگىزمۇ «ئەپسانە» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيدۇ.  بىلگەجان مەزكۇر ماقالىسىدە پايدىلانغىنى «كۈنلۈك ئىلىم-پەن خەۋەرلىرى» (Science Daily) دېگەن تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنگلىزچە «myth» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن، ھەمدە «ئوڭ-مېڭىلىق» ۋە «سول-مېڭنىلىق» دېگەن سۆزلەر يالاڭ تىرناق (‘ ‘) نىڭ ئىچىگە ئېلىنغان.  يەنى، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە «myth» دېگەن سۆز ئەسلىدىكى ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى ئىشلەتكەن سۆز بولماستىن، ئۇ ھېلىقى خەۋەرنى تەييارلىغۇچى ئىشلەتكەن سۆزدۇر.  ئىنگلىزچە «myth» دېگەن سۆز بىر كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ، بىلگەجان ماقالىسىدە ئۇنى «ئەپسانە» دەپ ئېلىپتۇ.

مېنىڭ بۇ يەردە قېرىنداشلاردىن سورايدىغان بىر سوئالىم بار:  بىز نېمە ئۈچۈن خەلقىمىزگە نەچچە ئون مىڭ تەتقىقاتچىلار يېرىم ئەسىردىن بىر ئەسىردەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ بايقىغان ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى تونۇشتۇرماي، بىرەر پارچە ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغىمۇ ئىگە بولمىغان تور ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىدىكى، پەقەت ئاسۇ كەسپتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەر ئارىسىدىلا تالاش-تارتىش قىلىشقا  مۇۋاپىق كېلىدىغان كۆز-قاراشنى كۆپ-سانلىق كەسپ ئەھلىلىرى قوبۇل قىلغان نەرسىدەك كۆرسىتىپ يېزىپ چىقىپ، ئۇنى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە يوللايمىز؟  بۇنداق قىلىشنىڭ خەلقىمىزگە نېمە پايدىسى بار؟  مۇشۇنداق ئەھۋاللار يېقىندا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭ باھانىسىدا مېنى قاتتىق ھاقارەتلىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى (ئاشۇنداق ھاقارەتتىن بىرسى يېقىندا يېرىم كۈن ئىچىدە توردىن ئۆچۈرۈلدى).

مەن ئەسلىدە ئۆزۈمنىڭ «ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭە» دېگەن ماقالىسىدا پايدىلانغان مەنبەلەرنى بىلگەجان مەزكۇر ماقالىدا پايدىلانغان مەنبە بىلەن سېلىشتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان، ئەمما مەن ئۇ ماقالەمدە مەنبەلەرنى ئېنىق كۆرسەتمەپتىمەن.  سەۋەبىنى بىلەمسىز؟  مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىشىم ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمايۋاتىدۇ.  بىلگەجان ئۇيغۇرچە تورلارغا كىرىدىغان بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا چەت ئەلدىكى بىر قانچە ئادەم مېنىڭ كەينىمدىن ماراپ يۈرۈپ، مەن تەييارلىغان ھەر بىر پارچە ماقالىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى چەت ئەلدىكى بەزى تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر كۇسۇر تېپىپ، ئاندىن شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ماڭا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن.  شۇنىڭ بىلەن مەن باشقىلارنىڭ كۇسۇر تېپىش پۇرسىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن مەنبەلەرنى يوشۇرۇشقا مەجبۇرى بولغان ئىدىم.  كېيىنچە مەن چەت ئەلدىكى تورلارغا زادىلا قارىماس بولىۋېلىپ، تەييارلىغان ماقالىلىرىمنىڭ مەنبەسىنىمۇ تولۇق بېرىدىغان بولدۇم.  لېكىن مەن ھازىرمۇ چەت ئەلدىكى بەزى تىزىملىتىپ كىرىشنى تەلەپ قىلمايدىغان تورلاردا ئارىلاپ-ئارىلاپ بەزى نامسىز كىشىلەر تەرىپىدىن «كۈرەشكە ئۇچراپ» تۇرىمەن.

ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ بارلىق تورداشلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم، سىز ھەر قېتىم ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىر «دۇنيانى تىترىتىدىغان چوڭ خەۋەر» نى كۆرگەندە، ئۇنىڭ مەنبەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قويۇڭ.  ئەگەر ئەسلى مەنبەسى ئىنگلىزچە بولۇپ، سىز ئىنگلىزچىنى بىلمىسىڭىز، ۋە ئاشۇ كەسپتە باكلاۋرلىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانغىچە ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز،  ئۇنداق خەۋەرلەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ.  ھەمدە ئۇ ماقالىنى كىمنىڭ نېمە مەقسەتتە تەييارلىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئانچە-مۇنچە ئويلىنىپ قويۇڭ.   شۇنداق قىلسىڭىز ئالدىنىپ قايمۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار: «ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭە»
./thread-27187-1-1.html

[2] بىلگەجان: «تەتقىقاتچىلار «ئوڭ مېڭىلىك» ۋە «سول مېڭىلىك» كىشىلىك خاراكتىر ئەپسانىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى»  
./thread-27210-1-1.html

[3] Researchers debunk myth of 'right-brained' and 'left-brained' personality traits
<http://www.sciencedaily.com/releases/2013/08/130814190513.htm>

[4] PLOS ONE Journal Information
http://www.plosone.org/static/information

141

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1139
تۆھپە : 3895
توردىكى ۋاقتى: 1482
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 13:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagwan701 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 12:08
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا تېنىڭى ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام باغۋەن ئۇكام،

سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ئۈستىدە مەن بىر ئاز ئويلۇنۇپ باقاي.  ھازىرچە ماۋۇلارنى كۆرۈپ بېقىڭ:

مېنىڭ كىتاب يىلىم
./thread-27115-1-1.html

ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت:
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/306.html
:http://www.sarwang.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2933
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )