- تىزىملاتقان
- 2013-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1535
- نادىر
- 0
- يازما
- 49
ئۆسۈش
53.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-4 21:16
manmanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 18:35
كىتاپ كورمەيدىگان مىللەت ، تۇگەشكەن مىللەتتۇر، ئىل ...
يازغۇچىلارغا خوش خەۋەر
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار سىز ئۈندىدارغا ئۆز ئەسىرىڭىزنىڭ ئىلان قىلىنغىنىنى كۆرگەندە بەكمۇ خۇشال بولۇپ تىخىمۇ ئىلھاملانغان بولىشىڭىز مۈمكىن.ئەگەر ئەسىرىڭىز ئاۋازغا ئېلىنىپ توردا ئىلان قىلىنسا ئالەمچە شاتلىققا چۈمىلىدىغىنىڭىز تەبىئىي. ئارتۇچ ئاۋاز تەھرىرلەش ئىشخانسى سىزنى ئەنە ئەشۇنداق خۇشاللىقتىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن ئەسەرلىرىڭىزنى تەھىرىلەش ،ئاۋازغا ئېلىپ مۇزىكىلاشتۇرۇش ۋە تورغا چقىرىش مۇلازىمتى بىلەن تەمىنىلەيدۇ.بۇنىڭغا مۇئەييەن ھەق ئىلىنىدۇ،ئەمما بۇ پۇل يىتىم بالىلار كىتاپ فوندىغا قۇشۇلۇپ 2015-يىل مىللىتىمىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.دىمەك ئەسىرىڭىز ئاۋازلىق ئىلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئىشلارغا قىزىقىدىغان تور يازۈغۇچىللىرىنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز !
ئۈندىدار : artuq77 تېلغۇن : 13899198079 (ھەم qq)
دوستلار تەۋسىيە قىلىپ قويساڭلار ۋە توپلارغا ئەۋەتىپ قويساڭلار
تۈۋەندە يۈسۈپ نەمەنشاھ ئەپەندىنىڭ 2015-يىلىنى كىتاپ يىلى قىلىش تەشەببۇسىمىزغا ئاۋاز قۇشۇپ يازغان شىئىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز .
بۇ شئېرىم ئارتۇچ ئەپەندىنىڭ 2015-يىل بىزنىڭ يىلىمىز نىمە بولىشى كېرەكتىن ئىلھاملانمىلار.توغرا «كىتاپ-- ئىنسانىي قەدىرنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇلى»- خاتىرەمدىن. بۇ شئېرىمنى 2015-يىلى ھەممىمىزنىڭ جىقراق كىتاپ ئوقۇشى ئۈچۈن بېغىشلىدىم.
كىتاپ
ئاپتورى: يۈسۈپ نەمەنشاھ
ئىنساننىڭ گۆھىرى تىللاسى كىتاپ،
ئەجىرنىڭ گۈلتاجى جەۋھىرى كىتاپ.
سەن بىلەن گۈللىنەر ئۇلۇغ ۋەتىنىم،
ئەجداتتىن –ئەۋلاتقا تۇتىيا كىتاپ.
ھەر بېتىڭ ھەسەلدۇر تاتلىقىم كىتاپ،
ھەرە بوپ سېنىڭدىن بال ئالاي كىتاپ.
سېنىڭدىن ئىلىگ ئەپ ھەر كۈنى- تۈنى،
قابىل بوپ يېتىلەي قۇدرىتىم كىتاپ.
بوۋامنىڭ سۆزلىرى سېنىڭدا كىتاپ،
يۇرتۇمنىڭ گۈل بېغى سېنىڭدا كىتاپ.
ئوت يۈرەك ئوغلانلار سەندە مۇجەسسەم،
غالىپلار شەجەرى بىر ئۆزۈڭ كىتاپ.
قەدىرلەي مەن سېنى ئۇلۇغۇم كىتاپ،
قەلبىمنىڭ تۆرىدە نۇر زىيا كىتاپ.
يولۇمنىڭ ،ئەقلىمنىڭ ماياكى كىتاپ
سەن بىلەن ھاياتىم نۇر چاچسۇن كىتاپ!
2014 -يىل 1-دېكابىر قومۇل
|
|