- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14885
- نادىر
- 19
- يازما
- 608
ئۆسۈش
12.21%
|
ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى
ماڭا يېقىندا بىر قانچە ئۇكىلار خەت يېزىپ، مەندىن «بىر ئادەم ئالەم بوشلۇقىدا بىر قانچە ئون يىل سەپەر قىلىپ قايتىپ كەلسە، يەر شارىدا قالغان بالىسى ئۆزىدىنمۇ بەكرەك قېرىپ كېتىدىغانلىقى راستمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. مېنىڭچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشنى ئىستەيدىغان ئۇكىلارنىڭ سانى ئانچە ئاز ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا مەن مۇشۇ قىسقا ماقالىدە يۇقىرىقى سوئالغا ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر قانچە سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.
1. ئالەم بوشلۇقىدا سەپەر قىلغان كىشى ئاستىراق قېرىيدۇ
ئالەم بوشلۇقىدا سەپەر قىلغان كىشىلەر يەر يۈزىدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا سەل ئاستىراق قېرىيدۇ. مەن تۆۋەندە بۇ ئۇقۇمنى بىر جۈپ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. بىز مۇنداق پەرەز قىلايلى: سىز بىر جۈپ قوشكېزەك بالىلارنىڭ چوڭى بولۇپ، سىز 30 ياشقا كىرگەندە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، تېزلىكى نۇرنىڭ تېزلىكىگە يېقىن كېلىدىغان بىر ئالەم كېمىسىدە سەپەر قىلىپ، ئىككى يىل ئۆتكەندە يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشتىڭىز. بۇ جەرياندا سىزنىڭ قوشكېزەك ئۇكىڭىز يەر شارىدا ياشاپ تۇردى. سىز يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندە ئاران 32 ياشقا كىرىسىز. ئەمما سىزنىڭ ئۇكىڭىز 60 ياشقا كىرىپ بولۇپ، بىر «بوۋاي» غا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى ياش پەرقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سىز چۈشكەن ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىكى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، مەن ئۇنى ماقالىنىڭ تۆۋەندىكى 2-قىسمىدا چۈشەندۈرىمەن.
1-رەسىم: ئاكىسى ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلغان، ئۇكىسى يەر يۈزىدە قالغان بىر جۈپ قوشكېزەك قېرىنداشلار [1].
2. نىسپىيلىك نەزەرىيىسى
مەندىن ئېينىشتېيننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغان ئۇكىلار خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بىرەر يازما تەييارلاپ باقمىدىم. بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەن مەزكۇر يازمىدىمۇ كۆپ توختالمايمەن. ئۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ فىزىكىسىنى ئوقۇپ باققان ئۇكىلار نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە چۈشىنىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپ فىزىكىسىنى ئوقۇپ باقمىغان ئۇكىلارغا بولسا، بۇ نەزەرىيىنى ئوقۇرمەنلەر رازى بولغۇدەك بىر دەرىجىدە چۈشەندۈرۈش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس بولۇپ، مەن بىر سوئالغا جاۋاب بەرسەم، ئۇ جاۋاب يېڭى سوئالدىن يەنە ئونىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ يۇقىرىدىكى پەرەز قىلىنغان مىسال بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ئۇكىلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. مەن بارلىق ئۇكىلاردىن بۇ ھەقتە مەندىن بەك كۆپ سوئال سوراپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. سەۋەبى، مەن ئۆزۈمنىڭ بوش ۋاقتىنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈنلا ئىشلەتسەم، ئۇ ھالدا يېڭى يازما تەييارلىيالماي قالىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم ئۇقۇملارنى پەقەت تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپ فىزىكىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنلا ئاندىن چۈشەنگىلى بولىدۇ.
ئېينىشتېيننىڭ «ئالاھىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» (special theory of relativity) بويىچە قارىغاندا، ھەممە يەردە ئوخشاش تېزلىك بىلەن ئۆزگىرىپ ماڭىدىغان بىر خىللا «ۋاقىت» مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ئوخشىمىغان كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ خۇددى يۇقىرىدىكى بىر جۈپ قوشكېزەكنىڭ مىسالىغا ئوخشاش: ئالەم بوشلۇقىدا سەپەر قىلغان ئاكىسى بىلەن يەر يۈزىدە قالغان ئۇكىسى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇشۇنداق پەرقنى تۆۋەندىكى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز:
بۇ تەڭلىمىدىكى «v» ھەرپى ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، «c» ھەرپى بولسا نۇرنىڭ تېزلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۇر ھەر بىر سېكۇنتتا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. يەنى «c = 300000 Km/s».
يۇقىرىدىكى مىسالدا يەر يۈزىدىكى 30 يىل ۋاقىت ئالەم بوشلۇقىدىكى 2 يىلغا توغرا كەلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەتنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىكى تەخمىنەن نۇر تېزلىكىنىڭ 99.77 پىرسەنتىگە تەڭ بولۇشى كېرەك. يەنى، «v/c = 0.9977» بولۇشى كېرەك. ئەگەر ماتېماتىكىنى بىلسىڭىز، مۇشۇ سانلارنى يۇقىرىدىكى تەڭلىمىگە سېلىپ، ئۆزىڭىز ھېسابلاپ كۆرۈپ بېقىڭ.
مېنىڭ بىلىشىمچە، NASA مارسقا ماڭدۇرغان ئالەم ئۇچقۇرلىرى ئالەم بوشلۇقىدا سائىتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن 80 مىڭ كىلومېتىرغىچە بولغان تېزلىك بىلەن ماڭدى. ناسا 1977-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان، ھازىر قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىغا يېتىپ بارغان «سەپەرچى 1» (Voyager 1) بولسا، ھازىر ھەر بىر سېكۇنتىغا 17 كىلومېتىر ئارىلىققا مېڭىۋاتىدۇ. بۇ سائىتىگە 61000 كىلومېتىر ئارىلىققا مېڭىش بىلەن باراۋەر. دېمەك، ھازىرقى تېخنولوگىيە بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئەڭ تېز بولغاندىمۇ سائىتىگە ئاران 100000 كىلومېتىردەك ئارىلىققا ماڭغىلى بولىدۇ.
بىز ئەمدى بىزدە ھازىر سائىتىگە بىر مىليون كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدىغان ئالەم كېمىسى بار، دەپ پەرەز قىلىپ باقايلى. يۇقىرىدىكى قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئاكىسى مۇشۇنداق ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىنى يەر يۈزىدىكى ۋاقىت بويىچە 30 يىل ئايلىنىپ كەلسە، ئۇ يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇكىسىغا قارىغاندا ئاران 7 مىنۇت ياشراق تۇرىدۇ. يەنى ئاكىسى بىلەن ئۇكىسىنىڭ ھەر ئىككىسى 60 ياشقا كىرىدىغان بولۇپ، ئاكىسى ئۇكىسىدىن ئاران 7 مىنۇتلا ياشراق تۇرىدۇ. بۇ نەتىجىنىمۇ يۇقىرىدىكى فورمۇلا ئارقىلىق ئۆزىڭىز ھېسابلاپ چىقالايسىز.
قىسقىسى، ئېينىشتېيننىڭ «ئالاھىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» راست بولۇپ، ئالىملار تەجرىبىخانىلاردا ئاساسىي زەررىچىلەرنى نۇرنىڭ تېزلىكىگە يېقىن كېلىدىغان تېزلىك بىلەن ماڭدۇرۇپ، ئۇ زەررىچىلەر سەرپ قىلغان ۋاقىت بىلەن نورمال ئۆتكەن ۋاقىتنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ نەزەرىيىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىسپاتلاپ بولدى. ئەمما، يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ھازىر بار بولغان تېخنولوگىيە بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلىپ، بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى روشەن ھالدا كۆرۈش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. يەنى، سىز ھازىرقى ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئىككى يىل سەپەر قىلىپ كەلسىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ يەر يۈزىدە قالغان قوشكېزەك ئۇكىڭىزدىن 28 يىل ياشراق تۇرمايسىز.
دېمەك، كىشىلەر بۇ ساھەدە سۆزلەپ يۈرىدىغان ئىشلار نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا توغرا، لېكىن ھازىرقى تېخنولوگىيە بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.
شۇڭلاشقا سىز ئالەم بوشلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك فانتازىيە كىنولىرىنى كۆرگەندە، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
3. ئالەم بوشلۇقىغا ئائىت فانتازىيە كىنولىرى ۋە NASA
بىر قىسىم ئۇكىلار مەندىن «ئالەم بوشلۇقىغا ئائىت كىنولاردىكى ۋەقەلەر راستمۇ؟»، «ھوللىۋود ئاشۇنداق كىنولارنى ئىشلىگەندە، NASA دىن مەسلىھەت سورامدۇ؟»، دەپ سورىدى.
بىزنىڭ ئىدارە بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىنو بازىسى بولغان «ھوللىۋود» نىڭ ئارىلىقى 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھوللىۋود كائىناتتىكى ئىشلارنى مەزمۇن قىلغان فانتازىيە كىنولىرىنى ئىشلىگەندە، بىزنىڭ ئىدارىدىن بىر قانچە ئادەمنى «مەسلىھەتچى» قىلىپ ئىشلىتىدىغان ۋاقىتلار خېلى كۆپ. بىزنىڭ ئىدارىدىن ھوللىۋودقا بېرىپ، ئاشۇنداق مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى قىلغان خادىملاردىن بىرسى بىزگە بىر قېتىم دوكلات بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھوللىۋودتىكىلەر بۇ مەسلىھەتچىلەردىن قايسى ئىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ھەمدە ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئىشلەش پرىنسىپلىرىنى تەپسىلىي سوراپ خاتىرىلىۋالىدىكەن. ئەمما كىنو ئىشلەشنىڭ قالغان باسقۇچلىرىغا بۇ مەسلىھەتچىلەرنى قەتئىي قاتناشتۇرمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، كىنو ئىشلىگۈچىلەر فانتازىيە كىنولىرىدا پەقەت تېخنىكىلىق ياكى كەسپىي سۆزلەرنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىپ، ھەمدە راكېتا ئاسمانغا قاراپ ماڭغاندا ئۇنىڭ كەينىدىن بىر چوڭ ئوت ئېتىلىپ چىقىشتەك بەزى ئىشلارنى شۇ بويىچە ئېلىپ، كىنونىڭ قالغان جايلىرىدا كۆرگۈچىلەرنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە گوللاپ ۋە ئالداپ، شۇ ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئاشۇ كىنوغا قىزىقىدىغان قىلىشقا تىرىشىدىكەن. ئۇنداق كىنولاردىكى ئاساسلىق ۋەقەلەر يالغان ياكى ئەمەلىيەتكە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولغاچقا، كىنو ئىشلەش جەريانىدا بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ئۇنىڭغا قاراپ چىداپ تۇرالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىنو دىرېكتورىغا «بۇ يەر بۇنداق ئەمەس»، «ئۇ يەر ئۇنداق بولمايدۇ»، دەپ تۇرۇۋالىدىكەن. كىنو دىرېكتورى بولسا ئىشلارنى ئۇقۇپ تۇرۇپ، كىنونى باشقىچە ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ھېلىقى «مەسلىھەتچىلەر» نى كىنو ئىشلەيدىغان مەيداندىن ھەيدىۋېتىدىكەن.
كىنولار پۈتكەندە ھوللىۋودتىكىلەر بەزى كىنولارنى سىرتقا تارقىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئىدارىگە ئەكېلىپ قويۇپ بېرىدىغان ئىشلارمۇ بار.
بۇنىڭدىن 5 يىلدەك ۋاقىتتىن بۇرۇن، ھوللىۋودتىكى بىر كىنو شىركىتى مۇنداق بىر فانتازىيە كىنوسى ئىشلەپتۇ: بىر چوڭ ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تېشى) يەر شارىغا قاراپ كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ئۇ ئاستېرويدنى ئاتوم بومبىسى بىلەن پارتىلىتىپمۇ، ياكى ناھايىتى چوڭ تىپلىق راكېتالار بىلەن ئىتتىرىپمۇ، ئىشقىلىپ ئاشۇنداق بىر ئۇسۇللار بىلەن، ئۇ ئاستېرويدنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىكەن. نەتىجىدە ئۇ تاش يەر شارىنى سوقماي، يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Jet Propulsion Laboratory» بولۇپ، ئۇ كىنودا بىزنىڭ ئىدارە «Rocket Propulsion Laboratory» دەپ ئاتىلىپتۇ. بىزنىڭ ئىدارە بىر مەخپىي تۇتۇلىدىغان ئورۇن بولغاچقا، كىنودا ئالىملار ھېلىقى تاشنى قايدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەپ ئىشلەۋاتقان ئورۇن ئۈچۈن بىزنىڭ ئىدارىنى ئالماي، بىزنىڭ ئىدارىگە يېقىن بىر جايدىكى كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىرىنى تاللاپتۇ. ئۇ كىنونى بىزنىڭ ئىدارىگە ئەكېلىپ قويۇپ بەرگەن ئىدى، بىز ھەممىمىز ئۇ كىنونى تۇرۇپ-تۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ، پۈتۈن كىنو زالىنى قاتتىق كۈلكە ئاۋازى بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن ھالدا كۆرۈپ تۈگەتتۇق.
2-رەسىم: ئامېرىكا ئىشلىگەن «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» (Star Wars) دېگەن كىنودىكى بىر قانچە جانلىقلار.
بەزى ئۇكىلار مەندىن «ئامېرىكا كائىناتتىكى ئىشلارغا ئائىت فانتازىيە كىنولىرىدىكى جانلىقلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى نېمىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ؟ ئۇنى ھۆكۈمەت قارار قىلىپ تاللاپ بېرەمدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنىمۇ سورىدى. مېنىڭچە ھازىرغىچە ھېچكىم تاشقى پلانېتىلاردىكى جانلىقلاردىن بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، ھېلىقىدەك فانتازىيە كىنولىرىدا چىقىدىغان تاشقى پلانېتا جانلىقلىرى ياكى تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىنى كىنو يازغان كىشىلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىقىدۇ. ئامېرىكا كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى بار بىر دۆلەت بولغاچقا، بۇنداق ئىشلاردا كىم نېمىنى ئويلاپ چىقسا بولۇۋېرىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ھېچ قانداق چەكلىمىسى يوق. قانداق كىنولارنى ئىشلىسە بولىدىغانلىقى جەھەتتە قانۇن جەھەتتىن ھېچ قانداق چەكلىمە يوق. شۇنداق بولغاچقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان كىنولارمۇ ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈنلۈك خەۋەرلەرنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىدىغان 4-5 مەملىكەتلىك تېلېۋىزور پروگراممىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ دۆلەت ئەربابلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ئىشلار ھەر كۈنى دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدىغان بىر ئادەتتىكى ئىش. ئۇنى بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز. يۇقىرىدىكى 2-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر.
3-رەسىم: ئامېرىكا ئىشلىگەن، ئىنگلىزچە «Avatar» دەپ ئاتىلىدىغان كىنودا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىككى تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ رەسىمى. بۇ رەسىمدە سول تەرەپتىكىسى ئەر بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئايال كىشىدۇر.
مەن بەزى كىشىلەر كىنو يازغاندا، قەدىمكى تارىخىي رىۋايەتلەردىكى بەزى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدىغاندەك ھېس قىلدىم. مەسىلەن، مەن 2011-يىلى نويابىردا تەييارلاپ تورلارغا چىقارغان «خەنزۇ مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى» دېگەن ماقالىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدىم [2] (بۇ ماقالىنى تورلارغا چىقارغان بولساممۇ، ئۇ ھەممە تورلاردىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ):
«شىيا جىڭچۈ (Xia Jingqu، 1705-1787) نىڭ «بىر يېزىلىق ئاقساقالنىڭ كۆرگەنلىرى» (Yesou Puyan, 野叟曝言, A Country Codger’s Words of Exposure) دېگەن رومانىدا تەسۋىرلىنىشىچە، باش پېرسوناژ ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق يىراق جايلاردىكى كىشىلەر بىلەن، شۇنداقلا جۇڭگو ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا جايلاشقان تەيۋەن، ياپونىيە، بىرما، سىئام (تايلاند)، سەيلون (سىرىلانكا)، ۋە مىياۋ ۋە ياۋ پادىشاھلىقى قاتارلىق جايلاردىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ھەمدە ئاشۇ جايلاردا ياشايدىغان «باشقىلار» بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا بىر قىسىم چېچىلاڭغۇ ۋە روھىي (psychic) تاكتىكىلارنى ئىشلىتىدۇ. بىرىنچى تاكتىكا ئۆزىگە تونۇش بولمىغان باشقا كىشىلەرگە رەزىل، ۋەھشىي ۋە ئىنسان ئەمەس، دەپ مۇئامىلە قىلىش (demonize, 鬼化, 使成魔鬼). ئۇ روماندا باشقىلار بەزىدە «يۈزى كۆك، ئۇزۇن ھىڭگاي چىشلىرى ئاغزىدىن چىقىپ قالغان» دەپ تەسۋىرلەنگەن، يەنە بەزىدە بولسا قۇيرۇقى بار ھەمدە يۇڭلۇق بەدىنى بار قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. بۇ باشقىلارنى «چەت ئەل ئالۋاستىلىرى» دېگەن تۈرگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئەجەبلىنىش ۋە قورقۇشتۇر.»
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان روماندا جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا ياكى چەت ئەللەردە ياشايدىغان كىشىلەر «يۈزى كۆك، قۇيرۇقى بار» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مەن ئامېرىكا ئىشلىگەن «Avatar» دېگەن كىنونى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، يۇقىرىدىكى روماندىكى گەپلەرنى ئېسىمگە ئالدىم. يۇقىرىدىكى 3-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى «Avatar» دېگەن كىنودىكى ئىككى تاشقى پلانېتا ئادەملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرقى يۇقىرىدىكى روماندىكى تەسۋىرگە بىر ئاز ئوخشاپ قالىدىكەن: رەڭگى كۆك، بويى ئېگىز، ۋە قۇيرۇقى بار.
خۇلاسىلىگەندە، «فانتازىيە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «توقۇلما، يالغان» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، كائىناتتىكى ئىشلارنى مەزمۇن قىلغان فانتازىيە كىنولىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ.
4. بىزنىڭ باش ئىدارىمىز «چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى» دېگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزور كىنوسىدا
ھوللىۋود ئىشلەپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا قويۇلۇۋاتقان «چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى» (The big bang theory) دېگەن بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزور كىنوسى بار بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ 3-پەسىللىكى قويۇلۇۋاتىدۇ (ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىملىق كىنولار بىر قانچە «پەسىل» گە، ھەر بىر پەسىل 10-20 قىسىمغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بىر قىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مىنۇت ياكى بىر سائەت كېلىدۇ). بۇ كىنو كۆرگۈچىلەرنى كۈلدۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان يۇمۇرلۇق كىنو بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىي 7 دەك ياش بالىلار چىقىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 4 ئوغۇل بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology) نىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئىككىسىنىڭ كەسپى فىزىكا، بىرسىنىڭ كەسپى ئالەم بوشلۇقى ئىنژېنېرلىقى، قالغان بىرسىنىڭ كەسپى بولسا ئاسترونومىيىلىك-فىزىكا بولۇپ، قىزلارنىڭ بىرسى كۈتكۈچى، بىرسى ئارتىس، قالغان بىرسى بولسا ئاشۇ ئارتىس بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىدىغان قىز بولۇپ چىقىدۇ. گەرچە بۇ بىر يۇمۇرلۇق كىنو بولسىمۇ، خۇددى ئۇنىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك، بۇ كىنو ئىنتايىن كەڭ ۋە ئىنتايىن چوڭقۇر تېخنىكىلىق ۋە كەسپىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى، بىزنىڭ باش ئىدارىمىز كائىنات ۋە يەر شارى تەتقىقاتىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ كىنومۇ ئاشۇ ساھەدىكى بىلىملەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، دېيىش مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ كىنو كۆرگۈچىلەرنى ناھايىتى قاتتىق كۈلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ كۆپ قېتىملىق كىنو مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ بولدى. بۇ كىنونىڭ 4 ئاساسلىق ئەر ئارتىسى 2014-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ كېيىنكى 3 يىل ھەر بىر 30-مىنۇتلۇق قىسىمنى ئىشلىگەنگە بىر مىليون دوللاردىن مائاش ئالىدىكەن [3].
4-رەسىم: «چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى» دېگەن كىنونىڭ ئارتىسلىرى.
كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىش ئىنتايىن تەس بولۇپ، ئۇنىڭغا قوبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپتىلا بىرەر نەرسە كەشىپ قىلىپ باققان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا بۇ كىنودا چىقىدىغان 4 ئوغۇل ئارتىسمۇ ئاشۇنداق «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق» كىشىلەرنىڭ رولىنى ئالىدۇ. بۇ كىنودىمۇ فىزىكا ۋە ئاسترونومىيىگە ئائىت نۇرغۇن گەپلەر سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ راستلىرىمۇ بار بولسىمۇ، كۆپىنچىسى كۆرگۈچىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن سۆزلەردۇر.
مېنىڭ مەزكۇر ماقالىغا بۇ مەزمۇننى قوشۇپ قويۇشتىكى قوشۇمچە بىر مەقسىتىم، ئوقۇرمەنلەرگە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇشۇنداق ئۇسۇلىمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت. يەنى، مۇشۇنداق ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكىلارنى مەزمۇن قىلغان پروگرامما بىلەنمۇ تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى قاتتىق جەلپ قىلغىلى ۋە قاتتىق كۈلدۈرگىلى بولىدۇ.
5. تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى
ئامېرىكا ئىشلىگەن «Avatar»، «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش فانتازىيە كىنولىرىنى كۆرگەن كىشى بىر قىسىم غەربلىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. ئاشۇنداق كىنولاردىكى بەزى قىياسلار كېيىنچە راست چىقىپ قالغان ئەھۋالمۇ بار. مەسىلەن، «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودا يەر شارىدىن بىر تاشقى پلانېتىغا بارغان بىر قانچە ئادەم ئىككى قۇياشى بار بىر پلانېتىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان بىر كۆرۈنۈش بار. بۇ كۆپ قىسىملىق كىنو 1977-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئىشلەنگەن بولۇپ، 70- ۋە 80-يىللاردا ئاسترونومىيە ساھەسىدە ئىككى قۇياشى بار تاشقى پلانېتىلار تېخى بايقاپ بېقىلمىغان ئىدى. ئەمما 2011-يىلى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار بىزنىڭ ئىدارە باشقۇرغان NASA نىڭ «كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى» ئارقىلىق ئانا يۇلتۇزىدىن ئىككىسى بار، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 نۇر يىلى كېلىدىغان تاشقى پلانېتىدىن بىرىنى بايقىدى [4]. يەنى، 70-ۋە 80-يىللىرى قىياس بىلەن فانتازىيە كىنوسىغا كىرگۈزۈلگەن نەرسە، 2011-يىلى رەسمىي بايقالدى. بۇ ھەقتە مەن بۇرۇن بىر قىسقا خەۋەر يېزىپ، ئۇنى تورلارغا يوللاپ قويغان ئىدىم.
5-رەسىم: «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى ئىككى ئانا يۇلتۇزى بار بىر تاشقى پلانېتا ئۈستىدىكى بىر كۆرۈنۈش.
تۆۋەندىكىسى مەن ئۆتكەن يىل تورلارغا بىر قىسقا خەۋەر شەكلىدە يېزىپ چىقىرىپ قويغان مەزمۇن بولۇپ [5]، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم، ھەمدە مەزكۇر ماقالە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنى بۇ يەرگە بىر كىچىك تېما قىلىپ قىستۇرۇپ قويدۇم.
2013-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى، ۋولت دىسنېي شىركىتى (Walt Disney) نىڭ لايىھىلەش ۋە قۇرۇلۇش پۈتتۈرۈشكە مەسئۇل بىرىنچى قول باشلىقى كرېگ (Craig Russel, Chief design and project delivery executive at Walt Disney Imagineering) بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بىلەن NASA دىكىلەر قىلىدىغان ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ئۈستىدە بىر ئىلمىي دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى» دېگەن بىر پەن ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. بۇ پەننىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «imagineering» بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «imagine» (تەسەۋۋۇر، قىياس، پەرەز قىلماق، ئويلىماق) دېگەن سۆز بىلەن «engineering» (ئىنژېنېرلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش) دېگەن سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن ياسالغان. شۇنىڭغا ماس ھالدا «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىرى» (imagineer) دېگەن سۆزمۇ ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ پەننى دىسنېي شىركىتى كەشىپ قىلغانمۇ ياكى باشقىلار كەشىپ قىلغانمۇ، مەن ئۇنى ئاڭقىرالمىدىم. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ پەن دىسنېي شىركىتى قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ كەتكەنلىكى كرېگنىڭ دوكلاتىدىن ئېنىق بولدى. تاكى بۈگۈنگىچە مەن بۇ پەننى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇپ، ماڭا ئۇ بىر يېڭى پەن بولۇپ تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مەزكۇر يازما ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ۋەتەندىكى بۇ پەندىن تېخىچە خەۋىرى يوق ياشلارنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇش قارارىغا كەلدىم.
تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، دىسنېي شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چوڭ كۆلەملىك شىركەتلەرنىڭ بىرى. بۇ شىركەت ئائىلە كىنولىرى (ئاتا-ئانىلار بىلەن كىچىك بالىلار بىللە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان كىنولار)، بالىلار كىنولىرى، قورچاق كىنولار، كارتون كىنولىرى، ۋە فانتازىيە كىنولىرى قاتارلىق ھەر خىل كىنولارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەللەردە «دىسنېي باغچىسى» غا ئوخشاش چوڭ كۆلەملىك باغچىلىرى بار، ھەمدە ئۇ مېھمانخانا، سودا سارىيى، ۋە ساياھەت پاراخوتلىرى قاتارلىق ئىگىلىكلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.
دىسنېي شىركىتى گەرچە كۆڭۈل ئېچىش سانائىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئۇ ئامېرىكىدىكى NASA ۋە گېرمانىيىدىكى شىمىنز (Siemens) گە ئوخشاش يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىققا پۇختا ئورۇنلار بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلىشىدىكەن.
تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن ئىنژېنېرلىققا تەڭلا قىزىقىدىغان ياشلار ئۈچۈن، بۇ بىر غايىۋى كەسىپ ئىكەن. ياپونىيە نوپۇسىنىڭ 10 دىن بىر قىسمى ئاپتوموبىل سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ 4 تىن بىر قىسمى ئىنژېنېر بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ نىسبەت گېرمانىيىدە تېخىمۇ يۇقىرى. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ۋە ئىسرائىلىيىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ماتېماتىكا، ماتېماتىكىدىن باشقا تەبىئىي-پەنلەر، ئىنژېنېرلىق، ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيەدىن ئىبارەت 4 نەرسىگە تايانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى چوقۇم ئاشۇ 4 ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ چۈشەنچە «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى» دىمۇ ئىنتايىن روشەن ھالدا نامايان بولغان.
6. كېلەر يىلنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش ھەققە تەكلىپ
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇكىمىز ماڭا «2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹كىتاب ئوقۇش يىلى› قىلساق، سىزچە قانداق بولار؟» دېگەن مەزمۇندا بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ. بۇ ئۇكىمىز يېقىندا «مېنىڭ كىتاب يىلىم» دېگەن ماقالىنى يازغان رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن [6]. مەن بۇنداق پائالىيەتنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مۇمكىن بولسا بۇ ئىشنى پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرى، بولۇپمۇ رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ ئەپەندىمدەك ھازىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بىر ئويلىنىپ باققان بولسا. ئەگەر بۇ ئىشنى ھەممەيلەن مۇۋاپىق كۆرسە، ئۇنى ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىپ، 2015-يىلى ئاشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان ئېڭىنى ئۆستۈرگەن بولساق.
مەن بۈگۈن رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ باغداشتىكى «مېنىڭ كىتاب يىلىم» دېگەن يازمىسىنى ئوقۇپ ئىنتايىن قاتتىق تەسىرلەندىم، ۋە سۆيۈندۈم. مەن ئىلىمنى سۆيىدىغان، ھەمدە مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت جەھەتتە گۈللىنىشىنى ئىستەيدىغان ھەر بىر قېرىنداشلارنىڭ بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، ھەمدە رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچتەك قېرىنداشلىرىمىز قىلىۋاتقان ئاشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ تۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] The case of the travelling twins
<http://www.einstein-online.info/spotlights/Twins>
[2] بىلىمخۇمار: «خەنزۇ مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى»
[3] The Big Bang Theory
<http://en.wikipedia.org/wiki/The_Big_Bang_Theory>
[4] Weird Exoplanet Discovered Orbiting Two Stars
<http://news.discovery.com/space/ ... oine-110915.htm>
[5] بىلىمخۇمار: «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى»
http://bbs.misranim.com/thread-109821-1-1.html
[6] مېنىڭ كىتاب يىلىم
./thread-27115-1-1.html
تۆۋەندىكىسى «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى يەنە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
6-رەسىم: «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى بىر كۆرۈنۈش
7-رەسىم: «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى بىر كۆرۈنۈش
8-رەسىم: بىزنىڭ ئىدارىنىڭ بىر خاتىرە كۈنىدە «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى ئەسكەرلەر بىزنىڭ ئىدارىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىپتىكەن، مەن ئۇلارنىڭ ئىككىسى بىلەن مۇشۇ رەسىمنى چۈشىۋالدىم.
9-رەسىم: بىزنىڭ ئىدارىنىڭ بىر خاتىرە كۈنىدە «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى ماشىنا ئادەم بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپتىكەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ رەسىمنى چۈشىۋالدىم.
10-رەسىم: كائىناتتىكى ئىشلار ھەققىدىكى فانتازىيە كىنولىرىدا چىقىدىغان ئالەم كېمىلىرى
|
-
|