- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35297
- نادىر
- 19
- يازما
- 1761
ئۆسۈش
63.24%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-18 10:23
tikan يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 19:13
ئەركىم ئاكا بولسا بۇ رىۋايەتنى بىر دەپ بەرسىڭىز؟
قەدىمدە بىر يوقۇرسۇلۇق كىشى قومۇلغا كەپتۇ. ئۇ كىشى چۆلدە كېتىۋېتىپ بىر يەرگە كەلگەندە بىر كۆتەكنى ئۇچىرىتىپ قاپتۇ. ھەمدە كۆتەكنى يەرنى ئىككى مېتىر ئويۇپ كۆمۈپ قويۇپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ دىندىن ئاز تولا خەۋىرى بار ئىكەن. بازار ئىچىگە كىرىپ ئادەملەر توپلىشىپ تۇرغان يەرگە كېلىپ مەدداھلىق قىلىپتۇ ۋە مەن غايىپنى بىلۇرمەن، پال ئاچىمەن، يۈتكەن نەرسىلەرنى تاپىمەن... دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭدىن كارامىتىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ كىشى بازارنىڭ شىمال تەرپىدىكى چۆلنىڭ پۇستانچى يېرىنى كولاڭلار، شۇ يەردىن بىر كۆتەك چىقىدۇ، دەپتۇ. كىشىلەر بېرىپ كولىسا دېگەندەك بىر كۆتەك چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ قىسمەن نادان كىشىلەر بۇ « ئەۋلىيا»غا مۇرت بولۇپ ئەگىشىپتۇ. بۇ ئەۋلىيا ئىككى يىل خەلقنى ئالداپ پۇل-دۇنيا غەملەپ بىر كچىسى تۇيۇقسىز قومۇلدىن غايىپ بوپتۇ. يۇرتىغا بېرىپتىكەن، دوستلىرى: ئاداش نەگە باردىڭ؟ بېيىپ، سەمىرىپ كېتىپسەنغۇ؟ دەپ سورۇشۇپتىكەن. كۈن چىقىش تەرەپتىكى « ئەخمەقلەر شەھىرى» گە دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئارىدا بىر دوستى قانداق پۇل تېپىشىنى سوراپتىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى دوستىغا دەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ دوستىمۇ « ئەخمەقلەر شەھرى» گە كېلىپ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئوخشاش ئورۇنداپتۇ ، ئوخشاش بېيىپتۇ ۋە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن كېتىپتۇ. بۇنداق ئىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن شەھەردىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاخىرى بىلىپ قاپتۇ. « ئەخمەقلەر شەھىرى» دېگەن بۇ نام شۇ ۋاقىتلاردا پەيدا بولغان ئىكەن.
---
بۇ رىۋايەتنى توغۇچىلىق بىر بوۋاي ماڭا پاراڭ سېلىپ بەرگەنتى. پەرىزىمچە قومۇلغا ئىسلام يېڭى كىرگەن 500-600 يىللارنىڭ ئالدىدا بولغان ئىشلار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ چاغلاردا قومۇلدا ئىسلام ئەمدى تارقالغان دىندىن خەۋەرسىز كىشىلەر كۆپ بولغاچقا « توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايدىغان » بىر قىسىم نادان كىشىلەرنى بۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىمىدى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما بۇ يەنىلا بىر رىۋايەت خالاس... |
|