- تىزىملاتقان
- 2012-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4262
- نادىر
- 1
- يازما
- 241
ئۆسۈش
75.4%
|
كىچىكىمدە بۇۋامنىڭ ئاغزىدىن شەھىرىمىز قومۇلنى يوقۇرسۇلۇقلار < ئەخمەقلەر شەھىرى > دەيدىكەن، دەپ ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم. كۈنلەر بىر بىرىنى دەسسەپ-چەيلەپ ئۆتىۋەردى. چوڭ بولدۇم، ئاق-قارىنى پەرىق ئەتتىم. يېشىم ئۇلغۇيۇپ، ئەقلىم ئاشتى. مۇشۇ كۈنلەردە < ئەخمەقلەر شەھرى > ھەققىدە ئاز تولا تەپەككۈر تۇلپارلىرىمنى قىيغاتقۇزىمەن. ئەقىل ئۇچقۇنلىرىم ئاشۇ بىر تېما ئۈستىدە بىر قانچە ئاخشام يالىلدىدى. خىيال قۇشلىرىم غازان بولغان گۈلىستانلاردا بوزلاپ-بوزلاپ سايرىدى. ئويلاپ باقسام مۇشۇ يۇقۇرسۇلۇق قېرىنداشلار ئېيتقانلىرىمۇ توغرىدەك تۇرىدۇ. چۈنكى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىم ئالەمگە داڭقى پۇركەتكەن، باش-كۆزلىرى ئىگىز تاغدەك تۇر كەلگەن ۋە قويۇن يانچۇقلىرىغا كۆكتىن ئۇچۇپ پۇل كەلگەن جانابى ئىنىنچى دەرىجىلىك پەيلاسوپ، زامانىۋىي رەمچى، كەلگۈسىۋىي ئەمچى، دەۋرىمىزنىڭ قۇتقازغۇچى پىخسىقشوناسى دىيارىمىز سوپىيانە قومۇلغا مازارى-ماشايىقلارغا دەبدەبە، ۋەسۋەسە بىلەن شۇنى شۇنى جاكارلايدىكى: ئاخشام بەشتە، سائەت كەشتە سۈزۈپ ئۈسەر بۇقا شېركىتىنىڭ، يۇلۇپ ئالار دوقمۇش قەۋىتىدە < مەن قانداق ۋالاقشىدىم > تېمىسىدا نۇتۇقى مەر-مەر سۆزلىگۈدەك. تېزدىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بېلەت باھاسى: 200 تىللا، كەلمىسىڭىز مىڭغا، ئۆتەپ بېرىڭ ئىڭغا دېگەندەك ئېلان ، تەشۋىقات، ئۈندىدار، تۈندىدارلار كوچا-رەستىلەرنى قاپلاپ كەتتى. مانا قاراڭكى، ئەنە قاراڭچۇ، دېنە قارىسىلا، ئېنە كۆرۈقوسىلا، بۈتتە ئاڭلىسىلا، شۈتتە ياتسىلا...بىر توپ ئەخمەق كىشىلەر بىر بىرىنى دىن ئالدىراش، ئەمىسۆرۆل قىلىقلارنى قىلىشقىنىچە: گالىسكار قەلئەسىگە < ئاخشام چىققان بوراننىڭ يانچۇقىدە مىڭ تەڭگە > ناملىق ئۆقەتچىلىك جەمگاھىنىڭ باش لىڭگىرى سۆزلىمەك بولغان نۇتۇقى دەر-دەر، مەشھورى شەر-شەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن لەكمىڭ بولۇپ باسۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى.
ھەيرانمەن، روھىي ۋە پىسخىكا ساغلاملىقى ئۇيغۇرنىڭكىدەك مۇستەھكەم بىر مىللەتنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. چۈنكى بىزنىڭ ساپ ئېتىقادىمىز، كۈچلۈك جامائەتچىلىكىمىز بار. بىزدە قانداقتۇر ئىگە -چاقىسىز تاشلىنىپ قالىدىغان بىرەر شەخىس ئۇچىرىمايدۇ. ئەل تەرپىدىن تاشلانغانلار ئۇنىسى بىزگە ئايدىڭ. شۇڭا بىزدە پىسخكىسىدىن چاتاق چىقىپ داۋالىنىدىغانلار يوق دېيەرلىك. قايسى بىر ئوقۇمۇشلۇق تونۇشۇم مۇشۇ كۈنلەردە پۈتكۈل شىنجاڭدا ۋابادەك يامرىغان < نۇتۇق> سۆزلەش پىپەنىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلە كېلىپ: يىپەك يولىنى ئاچقان خەلقىمىزنىڭ يېڭىلىق ئىنتىلىش روھى، مۇشۇ ئىشلاردىنمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. دەپ يەكۈنلىگەنتى. راسىت، بىز ئۇيغۇرلار يېڭىلىققا ھەقىقەتەن بەك ئىنتىلىمىز. بولۇپمۇ بۈگۈنكى رىقابەت دۇنياسىدا، شاللىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قەلبىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن ياشلىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلار چىقىش يولى ئىزدەش يولىدا ھەريان تىپىرلىماقتا. ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، يۈرىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ھەر خىل داڭدارلارنىڭ نۇتۇق بۆھرىنى < يول تاپالماي > يۈرگەن ياشلىرىمىزنى قاتتىق ھاياجانغا مۇپتىلا قىلدى. قومۇلدا بۇ ھال ئىنتايىن جىددىي رەۋىشتە تەرەققىي قىلدى. مەنمۇ ئېزىپ داڭلىقلار قارا كۆزەينەك، كاستىيۇملۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا (خۇددى خەلقى ئۇلارنى بۇلاپ كېتىدىغاندەك) ھەيۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ < ۋالاقشىش> لىرىنى ئاڭلاپ چىقىپتىمەن. (ھەراس ھەقسىز بولغاچقا بارغان جۇمۇ) ئارىدىكى ئىككى كىتاب يازىدىغان ئادەمنىڭ سۆزلىرى گويا قۇلۇقۇمغا داڭگال ئاتقاندەك ئاڭلانغان بولسا، نىمىلا دېگەن بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچىنىڭ مەيىن شامالدەك خۇش ياققان بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ قولىدا مانا دەپ كۆرسەتكۈدەك دەسمايسى بولمىغان ئادەمنىڭ تولا بىلجىرلاش ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك. توۋۋا ، كېيىنكىلەرگە بالام بىز پاراڭ سېتىپمۇ بېيىغىلى بولىدىغان زامانلاردا ياشىغان دەپ سۆزلەپ بېرەمدۇقكىن؟! شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ، بۇ، ئاۋۇلار توختىماستىن يەرشارىغا پاتماي قالغان < داڭلىقلار>لارنى < ئەخمەقلەر شەھىرى > گە چىللىغىلى تۇردى. ھەي شۇ پاراڭ ساتتىنىڭ سورۇنىغا خەشلىگەن پۇلۇڭنى بىر پۇڭغا زار بولۇپ ياتقان ئاغرىق-سىلاق مۇھتاج، يىتىم-يىسىرغا بەرگەن بولساڭمۇ ساۋاپ تاپاتتىڭغۇ ئالىم؟ ياكى ئايدا شۇنچىلىك پۇل چىقىرىپ كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇساڭمۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق گېپىدىن جىق بىلىمگە ئېرىشەتتىڭغا قاسىم؟! دەپ باقتىم. گەپلىرىم تامغۇ ئۈسۈپ يەرگە پالاقشىپ چۈشۈپ كەتتى. مەندە نىمە ئامال، بۇمۇ ئۆتكۈنچە دەۋىردۇ دەپ يۈرەي بولدى. خەقنىڭ ئىشى بىلەن نىمە چاتىقىم. بوپتۇ، كىشى گەپ سېتىپ پۇل تاپسا، مەن دەت سېتىپ تاپايمۇ يا؟! ياق، ياق، ئۆلسەممۇ ئۇنداق تېتىقسىز سېتىقچى بولماي جۇمۇ. ھالال قان-تەرىمگە ياشاي، ھە راس، تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم، گەپ سېتىپ تاپقان پۇلنىڭ زاكىتى بولامدىغاندۇ؟!...يېزىپ شۇ يەرگە كەلگەندە مانا ماۋۇ ( قارايلاغۇ؟ ) يەرگە كەلگەندە ئۈندىدارىم دىرىلداپ كەتتى. قارسىام يەنە بىر < لولاڭ > < ئەخمەقلەر شەھىرى > گە خۇرجۇن، كالاشلىرىنى سۆرەپ يول ئاپتۇ. ئالدىغا گۈلدەستە تۇتقىلىقى ئالىم، قاسىم ۋە ئىمىنەملەر ئات سەپتۇ.
ئاخىرقى سۆز: قومۇل خەلقى ئۆزىنىڭ راستچىللىقى، ئاقكۆڭۈللىكى، مېھرى-شەپقەتلىك، ساددا، تۈز مىجەزىدىن سەلبىي مەنە بېرىدىغان < ئەخمەقلەر شەھىرى > دەيدىغان بۇ نامغا ئېرىشىپ قالغان. ئەمما، ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان بولساق بۇ نام بىزگە يارىشىپ قالمىسۇن دەيمەنغۇ ئەخىرى! ھېي، جېنىم قېرىنداشلىرىم نۇتۇق دېگەنىمۇچۇ تاللاپ ئاڭلايلى! نەدە ئاتام كۆرۈپ، ئانام ئاڭلاپ باقمىغان داڭلىقلىق تونىغا ئورۇنىۋالغان، قۇرۇق پاراڭدىن باشقا قولىدا ھېچقانداق دەسمايسى يوق كىشىلەرنىڭ توزىقىغا دەسسەپ زېھنىمىز، ئىقتىسادىمىز ۋە ئالتۇندەك ۋاقتىمىز زايە ئەتمەيلى! مۇمكىن بولسا ئەركىن سىدىق، تاشمۇھەممەت، شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ياكى تىرىشىپ ئوقۇپ دوكتورلۇق مۇقامىغا يەتكەن ئالىملىرىمىزنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇيلى، ياكى شۇلاردەك كىشىلەرنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلايلى! ئالىمدىن باشقىسى قىلغان گەپ قۇلاققا كىر بولسا بولۇدۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ دىلىڭىزغا سىڭىپ كىرمەيدۇ!
لېكىن، ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ، سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ دېگەن ئاتىلار سۆزىدەك بۇ مەدداھلارنىڭمۇ سەرخىللىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ مىللىتى ئۈچۈن بايراقدارلىق رولىنى ئۆتەپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىسەكمۇ بولماس ھە؟! شۇنداق نوچىلارمۇ چىقار بىر كۈنى دىدىمغۇ ئۆزەمچە؟! ئۆزلەچە چىقىدىغاندەكمۇ دوستۇم؟! |
|