قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tunyukuk

تۇنيۇقۇق : « مەدەنىيلىك » دېگەن كىتاب ھەققىدە ئورتاقلىشايلى(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

4578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1386
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 20:50:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjantarimiئاكا بولسا ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى بىزنى تەقەززا قىلماي تىزراق يوللىسڭىز؟
مەن تېخى چەتئەلنىڭ خەنچىگە ئۆرۈلگەن كىتاپلىرى ،ياكى بىۋاستە خەنچىدە يېزىلغان
كىتاپلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئاپتۇرىغا ئەسكەرتىش ھاجەتسىز دەپ ئويلاپتىمەن
بولسا بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەپ بەرسىڭىز ئاكا؟
مۇبادا كىتاب ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلىشەلمەي ياكى قۇشۇلمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟
تەرجىمان ئەسلى ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلىشەمدۇ ياكى ئالاقىلىشىش ئىشلىرى نەشىرىياتنىڭ ئىشىمۇ؟

15

تېما

1

دوست

4578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1386
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 20:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىمى ئاكا مەن خەنچىدىن تامامەن كىتاپ كۆرۈپ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن،بولسا ماڭا
مەيلى تارىخ،مەدەنىيەت،ئەدەبىيات،پەلسەپە،دىن،تېخنىكا... توغرۇلۇق سىز ئوقۇغان ياكى نامىنى ئاڭلىغان ياخشى كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلسڭىز؟ گەرچە ئاسپىرانتلىقتا،دوكتۇرلۇقتا
ئۆرلەپ ئوقۇيالمىساممۇ نەزەر دائىرەمنى ،بىلىمىمنى ئاشۇرغۇم بار؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

13

تېما

1

دوست

4310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 22:52:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-23 22:55  

     ئەسسالام ئۇكام، دۆلەتنىڭ «نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى» بۇيىچە، جۇڭگو ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ، خەنزۇ ئاپتۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان ھەرقانداق خەنزۇچە كىتابنى ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەق تۆلىمەي تۇرۇپ، مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمىگەن، قىسقارتمىغان ياكى قۇشۇپ قويمىغان ئاساستا باشقا ئازسانلىق مىللەت يېزىقلىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىشقا بولىدۇ. چەتئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئەگەر ئاپتۇر ھايات بولسا ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئاندىن نەشىر قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئۆلۈپ كېتىپ تېخى 50 يىل بولمىغان بولسا، قانۇنلۇق ۋارىسلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، ئەگەر ۋارىسلىرى بولمىسا شۇ كىتابىنى نەشىر قىلغان چەتئەلدىكى نەشرىياتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ نەشىر قىلىشقا بولىدۇ. ناۋادا ئۆلۈپ كەتكىلى 50 يىلدىن ئاشقان بولسا ، بۇ ھەممىگە ئورتاق بىلىم بايلىقى دەپ قارىلىپ، ھېچكىمنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش ھاجەتسىز. ئەمدى چەتئەل تىللىرىدىن دەسلەپتە جۇڭگودا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر  قىلىنغان كىتابلارنى ئۆز تىلىمىزغا نەشىر قىلىشتا، ناۋادا خەنزۇچە نەشىر قىلغان  شۇ نەشرىيات ياكى نەشىر ھۇقۇقى سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەر شۇ كىتابنى خەنزۇچە بىلەن بىللە باشقا ئازسانلىق مىللەت يېزىقلىرىغىمۇ نەشىر قىلىش  توغرۇلۇق ئەسلى ئاپتۇر ياكى نەشرىيات بىلەن توختام تۈزگەن بولسا، ئۇ ھالدا ئەسلى ئاپتۇر ياكى نەشرىياتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش ھاجەتسىز. ناۋادا خەنزۇچىغىلا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش توختىمى تۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئېيتقاندەك ئەسلى ئاپتۇر ۋە نەشرىياتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ناۋادا تەرجىماننىڭ ئىمكانىيىتى بولسا بۇنداق رۇخسەتنى تەرجىماننىڭ ئېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەردە ئىمكانىيىتى بولمىسا نەشرىياتنىڭ نەشىر ھوقۇقى بۆلۈمى بۇ ئىشقا مەسئۇل.
    سىزگە «جۇڭگو تارىخىدىكى ئاتالمىش ‹ئۇلپان›مۇناسىۋىتى توغرىسىدا» دېگەن ماقالەمدىكى ئىنكاسىمدا ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭ تارىخى توغرۇلۇق چۇقۇم كۆرۈپ چىقىشقا لازىملىق كىتابلارنىڭ  تىزىملىكىنى يوللىغان ئىدىم، شۇنىڭغا يەنە بىر قاراپ بېقىڭ.

0

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 09:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjantarimi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 22:48
ئەسسالام تورداشلار، تۇنيۇقۇق قېرىندىشىمىز ياخشى بى ...

رەھمەت!

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 11:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjantarimi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 22:52
ئەسسالام ئۇكام، دۆلەتنىڭ «نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇ ...

سالام تارىمى ، كىتاپ ئۇقۇش يىلىنى مۇشۇ كىتاپنى ئۇقۇش بىلەن باشلاشنى ئويلىدىم ، بۇ كىتاپ تارقىتىلىشقا باشلىدىمۇ ؟ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بۇلامدۇ ؟

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 12:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjantarimi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 22:48
ئەسسالام تورداشلار، تۇنيۇقۇق قېرىندىشىمىز ياخشى بى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تارىمى ئەپەندى! مەن سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقسام،سىز ھازىر كۈچەپ تەشۋېق قىلىنىۋاتقان «ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈزلەندۈرەيلى»دېگەن بۇ گەپنى قانداق چۈشىنىسىز؟مەن بۇ تومتاق گەپنى زادىلا چۈشىنەلمەي قالدىم.«زامانىۋىي مەدەنىيەت»دېگىنى مەدەنىيلىك شۇمۇ؟ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت،دېگىنىچۇ؟مېنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتكە بولغان چۈشەنچەم بىر قەدەر ئېنىق،شۇڭا بۇ تومتاق چاقىرىق جۈملىسىنى قەتئىي بىر-بىرىگە باغلاپ تەھلىل قىلالمىدىم.ياكى مېنىڭ ئەقلىم بۇنىڭغا يەتمىدىمۇ ئىشقىلىپ بۇ مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

13

تېما

1

دوست

4310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 16:19:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاب بۇ يىل 8-ئايدا نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان، ناھىيەلەردىكى كىتابخانىلاردا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر تاپالمىسىڭىز تونۇش-بىلىشلەرگە ھاۋالە قىلىپ ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

13

تېما

1

دوست

4310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 18:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     يوقسۇلنىڭ سوئالىغا جاۋاپ: دەرۋەقە بۇ شۇئارنىڭ مۇشۇنداق تومتاق ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇشى ۋە تومتاق چۈشەندۈرۈلۈشى كىشىنى قايمۇقتۇرماي قالمايدۇ . بۇ ئەسلى خېلى كەڭ ھەجىملىك بىر ماقالە يېزىپ شەرھلەيدىغان تېمىكەن، شۇنداقتىمۇ مەن ئۆز قارىشىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتەي. بۇنىڭدا مۇھىمى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۇقۇملىرىغا ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
      1.« ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت» مەسىلىسى. بىلگىنىمىزدەك، دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بولىدۇ. مېنىڭ چۈشۈنۈشۈمدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كۇڭزىچىلىق ئىدىيەسىنى يادرو قىلغان، تارىختىن بۇيان شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەر ۋە كەڭ مەنىدىكى «غەربىي يۇرت »نىڭ ، يەنى شىنجاڭنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، غەربىي ئاسىيا ۋە يۇنان-رىمنى ئۆزئىچىگە ئالغان غەربنىڭ ، شۇنداقلا يېقىنقى زاماندا ياپونىيەنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلغان بىر مەدەنىيەت. بۇ مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كورىيە، ياپونىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە كۈچلۈكرەك، قاشقۇۋۇقنىڭ شىمالىدىكى ۋە غەربىدىكى مىللەتلەرگە ئاجىزراق تەسىر كۆرسىتىپ، شۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدە مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىگەن. شۇ جۈملىدىن بىزمۇ تارىخىتىن بۇيان بۇنداق تەسىردىن خالىي بولالمىغان. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بولسا يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن تېرىم مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرگەن، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن شامان، مانى، بۇددا دىنلىرىنى، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئىسلام دىنىنى تۈۋرۈك قىلغان، تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۇلى ئاساسىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى، ئەرەپ-پارىس مەدەنىيىتى ۋە يۇنان-رىم مەدەنىيىتىنىڭ پايدىلىق ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن مەدەنىيەت. بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ «ناچىرىنى شاللىۋېتىپ ياخشىسىنى قۇبۇل قىلىش» تەك ئىلغارلىق خاراكتېرى تارىختىن بويان تەرەققىياتىمىزغا تۈرتكە بولغان ۋە بىزنى تارىخنىڭ تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلىرىدا ھازىرغىچە ئۇلاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا ، بۇ جەھەتتىن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ باشقا ھېچقانداق مەدەنىيەتتىن قېلىشقۇچىلىكى يوق ،ھەتتا يۇقىرىقىدەك خاراكتېرى بىلەن نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە.
     2. «زامانىۋى مەدەنىيەت » مەسىلىسى. ئالدى بىلەن بۇنىڭدىكى «زامانىۋى » دېگەن سۆزنى ھازىرقى زامانىمىزغا قارىتا ئېيتىلغان دېگەن تەقدىردە، ئۇنداقتا، ھازىر دۇنيانىڭ يۈزلىنىشىگە ئايلىنىۋاتقان زامانىۋى مەدەنىيەت شۈبھىسىزكى خىرىستىيان دىنىنى تىرەك قىلغان ، ئەقلىيلىكنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قۇيىدىغان غەرپ مەدەنىيىتى دېسەك خاتا بولمايدۇ. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زامانىۋى مەدەنىيەت دەل ئۇزاق مەزگىل بېكىنمىچىلىكتە تۇرۇپ ، ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئامىللىرىنى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ كۆپلەپ قۇبۇل قىلغان، ئەمما يەنە ماركىسىزىم ئىدىيەسى بىلەن كۇڭزىچىلىق ئىدىيەسىنى ئىدىيەۋى جەھەتتىكى قالقان قىلىپ، ئۆز خاسلىقىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ۋەھالەنكى، ھازىر بۇنداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ كەمتۈكلۈكلىرى بارغانسېرى ئاشكارىلىنىپ، بۇ قالقاننىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىزلاۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىرىزىسلەر كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ كىرىزىس ئېتىقاد كىرىزىسى بولۇۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا جۇڭگودىكى «زامانىۋى مەدەنىيەت »كىرىزىسكە پېتىپ قېلىۋاتقان ھالەتتە ئايان بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى بىزگە نىسبەتەن «زامانىۋى مەدەنىيەت » ھازىرقى مەۋجۇت رىئاللىقىمىزدا، تۈرلۈك ۋاسىتە-يوللار بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان (ھەتتا خېلى تەسىر كۆرسىتىپمۇ بولغان) يۇقىرىقى كىرىزىسكە يۈزلىنىۋاتقان مەدەنىيەت، غەرپ مەدەنىيىتى ۋە 2-قېتىم دولقۇن قوزغاۋاتقان غەربىي ئاسىيا مەدەنىيىتگە قانداق يۈزلىنىش، يەنى مەلۇم بىرىگە يۈزلىنىش كېرەكمۇ ، ياكى ھەممىسىگە يۈزلىنىش  كېرەكمۇ ۋەياكى ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئۇدۇم بۇيىچە ئۇلاردىن مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق بولغان ئېلىمىنتلارنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەكمۇ،دېگەن مەسىلە بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىرقى شارائىتىمىزدا نېمىنى قۇبۇل قىلىپ نېمىنى قۇبۇل قىلماسلىقنى يەككە شەخىس نۇقتىسىدىن قارار قىلالىغىنىمىز بىلەن، ئۇمۇمىي مىللەت سۈپىتىدە قارارقىلمىقىمىز تەس بولۇۋاتىدۇ.
       3. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ياكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلەندۈرۈش مەسىلىسى. بۇ گەپ مۇنداق قارىماققا ئورۇنلۇق گەپ بولۇپ، ھەرقانداق مەدەنىيەت زامانغا ماسلىشىپ ماڭالمىسا ھامان قالاق مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمما بۇيەردىكى ھالقىلىق مەسىلە دەل قانداق مەدەنىيەتنى زامانىۋى مەدەنىيەت دەپ قاراش ۋە ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشتۇر. ئەلۋەتتە، ھېچقانداق بىر مىللەت ياكى دۆلەت ئۆز مەدەنىيىتىنى زاماننىڭ كەينىدە قالدى دېمەيدۇ، شۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىدا ئۆز مەدەنىيىتى ئۇلارنى تەرەققىياتقا باشلىيالىسىلا بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئىلغار ۋە زامانغا ماسلاشقان مەدەنىيەت بولىدۇ. ھەتتا بەلكى ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ پىنھان ياشاۋاتقان ، بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ئىپتىدائىي دەپ قارىلىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئىلغار ، زامانغا لايىق دەپ قارىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئىكەن، دۇنيا نۇپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى مەيلى ئۇ قانداق ئەھۋالدا  بولسۇن زامانىۋى مەدەنىيەت دەپ ئاتىشى ۋە ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇشى تەبىئىي. ئەلۋەتتە بۇنىڭ كەينىدە قانداق مۇددىئانىڭ بارلىقى قېرىنداشلارغا ئايان بولسا كېرەك. ئۇنداقتا ، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاشۇ تارىختىن بۇيان تۆت چوڭ مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى يۇغۇرۇپ ئۇنى ئۆز تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان، زاماننىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۆزى بىلەن قىسمەتداش ، تەقدىرداش بولغان باشقا مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاش يوقىلىپ كەتمەي، سىڭشىپ كەتمەي، ئۆزگىرىپ كەتمەي ھېلىھەم ئۆز ئىگىلىرىنى دۇنيادا پۇت دەسسەپ تۇرغۇزۇۋاتقان  ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى بىلەن تارىختىن بۇيان باشقا مەدەنىيەتلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، مىسالى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مودىغا ئايلانغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز زاماننىڭ كەينىدە قالدىمۇ؟ئەھۋال زىنھار ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، ناۋادا مەدەنىيىتىمىزگە كەڭ ، ئەركىن  ھەم باراۋەر تەرەققىيات بوشلۇقى بېرىلسە، يەنىلا تارىختىكى شۆھرىتىنى نامايان قىلالىشىدا شەك يوق. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن  مەدەنىيىتىمىزدىكى بەزى نۇقسانلارنى ، تۈزىتىشكە ۋە تولۇقلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، مېنىڭچە بىز دەل مۇشۇنداق تەرەپلەردە باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ پايدىللىق ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىشقا مۇھتاج.  ئەمما ئېسىل مىللىي مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىش ، ۋەيران قىلىش ھېسابىغا ئۇنى قانداقتۇر كىرىزىسكە پاتقان «زامانىۋى مەدەنىيەت» كە يۈزلەندۈرۈش ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
      خۇلاسە قىلغاندا، تارىختىن بۇيانقى ساۋاقلار شۇنى بىلدۈرىدۇكى، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا  يۈزلىنىشى ، ئۆتۈشۈشى، تەسىرلىشىشىدە ، تەبىئىي تاللاشنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن ئىش كۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىدىن زوردەرىجىدە ئۈستۈن تۇرغان . مەن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى زامانىۋىلىشىشىقا يۈزلەندۈرۈشتە ئاقىلانە يول تۇتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )