- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2465
- نادىر
- 0
- يازما
- 140
ئۆسۈش
15.5%
|
مەخەت ئابدۇرېھىم
تورىداشلار، تۇرمۇشىمىزدىكى تونۇشلار، تىل تەۋەسدىكى تەھرىر، تەرجىمان، تەشۋىقاتچىلار:-تىل تەركىۋىمىزنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، تىلىمىزغا توپلىشىۋالغان تېتىقسىز تەركىپلەرنى تازىلاپ ،تىلىمىزنى توغرا تاۋۇشتەمىناتلىرىدىن تولوق تەمىللەپ،تەمىنى تاۋۇش تۇزلىرىدا تويۇندۇرۇپ،تەمبۇر تارىسىدەك تەڭشەپ،تۇرمۇشىمىزنىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىگە تىزدىن تارقىتايلى.
تىلىمىزدىكى تېتىقسىز تەركىپتىن تۆتنى تونۇشتۇراي. تۆگىنىڭ توقۇمىنى توخۇغا توقۇپ، توخۇنىڭ تاجىسىنى تىمساققا تاقايدىغان؛تاۋۇزنى توقماقتا تىلىپ، تۈتۈننى تەرەكتۇردا توشۇيدىغان؛ توك توخۇسىنىڭ تۇخۇمىنى توڭلاتقۇدا تۇغدۇرۇپ، تەمبۇرنىڭ تارىسىنى تونۇردا تاۋلايدىغان؛ تاشنى تاياققا تېڭىپ،تاغنى تىماقتا توختۇتۇپ، توكنى تاغارغا توپلايدىغان؛ تەخەينىڭ تۇۋۇقىنى تازنىڭ تۆمۈر تاغىقىدا تارايدىغان.تامدىكى تۆمۈر تاختىنى توكسىز تىلفۇندا توۋلايدىغان.تونۇشلىرىنى، تۇققانلىرىنى تېتىقسىز تىلدا تىللايدىغان؛ توشقاندىن تاماكا تالىشىپ، تېرىقتا تاۋار توقۇپ، تىرەكنىڭ تويىدا توغراقنى تولغاق تۇتماستىنلا تۇغدۇرۇپ، تىل توغرىسدىكى تەبىرلەرنى تېتىقسىز تونۇشتۇرماقتا.
تىلىمىزغا تېتىقسىز تەركىپلەر توپلىشىپ، تەتۇر تاناسىپلىق تىلماچ تاۋۇشىدا تارقىلىۋەرسە تۇرمۇشىمىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى توسىۋىتىدۇ. تەرەققىياتىمىزنىڭ تۇڭلۇكلىرىنى تۆمۈر تۇۋاقتا تاقىۋىتىدۇ.
تىلىمىزنىڭ تارىخى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەلىماتلاردىن، تۈركى تىللار توپلىمىدىكى تەپسىلاتلاردىن تىلىمىزنىڭ تولۇمۇ تاتلىق تولۇمۇ تەملىك تەڭشەلگەن تەمىنى، تەكشى تارالغان تەلەپپۇزىنى تۇراقلاشتۇرالايمىز.
تىلىمىز-تۈركى تىللار تۈركۈمىدىن تاللىنىپ، تارىم تۈزلەڭلىكلىرىگە، تەڭرى تاغ تاجىللىرىغا تەكشى تارقىلىپ، تىلداشلىرىمىزنىڭ تونوردەك تۇرمۇشىدا تەدرىجى تەدرىجى تاۋلاغان تولىمۇ تاتلىق تىلدۇر.
تىلنىڭ تەمىنى تىلداشلار تېتىيالايدۇ، تۇرمۇش تەڭشىيەلەيدۇ. تورداشلار، تونۇشلار، تەرجىماللار، تەجىرىبىلىك تىلشۇناسلار،تەھرىرلەر تىلىمىزنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا تەپەككۇرىمىزنى تۇراقلاشتۇرۇپ، تىلىمىزدىكى تەمسىز تەركىپلەرنى تازىلاپ ، تىلىمىزنىڭ تەمىنى تەبىئى تۇزلىرىمىزدا تەڭشەپ،تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى تەبىئى تىلىمىزدا تەرەققىيات تومورىمىزغا تىزراق تارقىتىشقا تىرىشايلى!
مەخەت ئابدۇرېھىم
|
|