قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: abulatzan

مۇنبەرمېنىڭ ھاياتىم ، ئوقۇغۇچى مېنىڭ بارلىقىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

6

دوست

944

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21261
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 23:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolimiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 23:50  

ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ ئەھمىيەتلىك كەسىپلەردىندۇر! لېكىن ھازىرقى ئەھۋاللاردا كەسىپكە مۇناسىۋەتسىز تۈرلۈك «ئىشلار» ھەم بىر قىسىم نادان خەلقىمىزنىڭ ئىدىيە شارائىتىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازلار ۋە كەسىپداشلىرىمىز بېسىمدا تىرىشىۋاتىدۇ؟!

مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز (ئابدۇرېھىم دۆلەت) دېگەن كىتابتىن مۇنۇ پارچىلارنى سۇناي:

* سىز دېھقانلار بىلەن پاراڭلىشىپ باققانمۇ؟ بولۇپمۇ بىرەر بالىسى ئوقۇيدىغان دېھقان بىلەن. مەن سىزگە شۇنداق ھۆددە بېرەلەيمەنكى، ئەگەر 10 ئادەم بىلەن پاراڭلاشسىڭىز، كەم بولغاندىمۇ يەتتىسى بالىسىنى مەكتەپتىش ئاجراتقۇسى بارلىقىنى، ئەمما يول تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. (2-بەت)
* ئۇلار بالىسىنى مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالسا، خۇددى تۈرمىدىن چىقىرىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال 30-40 يىلدىن بۇيان يېزىلاردا ئۆزگەرگىنى يوق. (3-بەت)
* ئەسلىدىلا ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسى يېتىپ ئاشاتتى. لېكىن ھەمسەپەرلەرنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ئارىلىقنى ئۇزارتىۋېتىپ، بىزگە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. (14بەت)
* بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز بىر ئۆمۈر تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى قىلىپ بولالماي ئۆلۈپ كېتىشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆزىگە ئورۇنلاشتۇرغان خىزمىتى، پىلانى يوق. ئۆزىنىڭ پىلانى يوق ئادەم باشقىلارنىڭ پىلانىنىڭ مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. (55-بەت)
  يەنە خاتىرە قالدۇرغان كۆپ مەزمۇنلار بار ئىدى، ھەممىسىنى يازماي......

بۇ كىتاب بەك مەزمۇنلۇق يېزىلغان دەپ قارايمەن. پۇرسەت تىپىپ ئوقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )