- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
23.67%
|
http://www.nur.cn/news/2014/12/200177.shtml
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى ئىككى كۈن
سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىنىڭ يادروسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى 1991-يىلى «19-ئاۋغۇست» ۋەقەسىدىن كېيىن خىزمىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. پۈتكۈل دۆلەت قالايمىقانلاشتى، تۈرلۈك بۆلگۈنچى كۈچلەر باشقىچە جانلىنىپ كەتتى. ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىشىغا ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ قالدى. روسىيە زۇڭتۇڭى يىلتىسىن قاتارلىق كىشىلەر بىر خىل يېڭى تۈزۈلمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىغا قويۇشنى پىلانلاشقا باشلىدى. بىر مەزگىللىك تەييارلىقتىن كېيىن يىلتىسىن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى كىرافچۇك ۋە بېلاروسىيە ئالىي سوۋېتىنىڭ رەئىسى شوشكىۋىچ بىلەن بىرلىكتە ئۈچ شەرقىي سىلاۋيان دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.
يىلتىسىن 7-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېلاروسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى مىنسكقا كەلدى. يىلتىسىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تە بېلوۋېژسكاياغا جايلاشقان دۆلەت باغچىسىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى «ۋىسكۇلى» ھۆكۈمەت داچىسىغا كېلىپ، زۇڭتۇڭ كىرافچۇك باشچىلىرقىدىكى ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. يىلتىسىندىن باشقا، روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدە دۆلەت باش كاتىپى بۇربۇلىس، مۇئاۋىن زۇڭلى زوكراي ۋە گەيدار، دىپلوماتىيە مىنىستىرى كوزلىيېف، زۇڭتۇڭ ياردەمچىسى ئىليۇشىن ۋە زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كولزاكوف قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى كەچ سائەت 7:00دە كەچلىك تاماقنى بىللە يېدى. يىلتىسىن بىلەن كىرافچوك تاماق ئۈستىلىدە كەسكىن تۇتۇشۇپ قالدى. ئارىدا ئۇكرائىنا زۇڭلىسى فوكېن كەيپىياتنى ئوڭشىماقچى بولدى. فوكېن ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭىغا روبىرو قارشى تۇرماي، گەپنى ئايلاندۇرۇپ روسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بېلاروسىيەنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى، قېرىنداشلار ئىتتىپاقى توغرىسىدا سۆزلىدى. كىرافچۇكنىڭ پوزىتسىيەسى ئاخىر يۇمشاپ قالدى.
گورباچيېف سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توساتتى. ۋەكىللەر كېيىن بىلاروسىيە ك گ ب نىڭ رەئىسى چېركوۋسكىينىڭ گورباچيېففا نەچچە سائەتتە بىر قېتىم تېلېفون بېرىپ، يىغىن ئەھۋالىنى دوكلات قىلغانلىقىنى بىلدى. چېركوۋسكىيمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا قەتئىي قارشى بولۇپ، ئۇ گورباچېيففا يىغىنىغا قاتناشقانلارنى قولغا ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، گورباچيېفنىڭ بۇنىڭغا ماغدۇرى يەتمەيتتى، چۈنكى ئۇ «19-ئاۋغۇست» ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەر قانداق قىسمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغانىدى.
يىلتىسىن ياتىقىغا قايتقاندىن كېيىن، زوكراي، گەيدار، كوزلىيېف قاتارلىقلار گەيدارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، تەقلىدىي ھۆججەت تەييارلىدى. ئۇلار كېچىلەپ ئىشلەپ، «مەدەنىي ئاجرىشىش» نىڭ چوڭ پىرىنسىپلىرىنى بېكىتتى.
«بېلوۋېژسكايا شەرتنامىسى»نىڭ يازمىچە نۇسخىسى 8-دېكابىر چۈش سائەت 1 دە تاييارلاندى. داچىدا يىغىن زالى يوق ئىدى، ئاشخانىدا ھۆججەتكە ئىمزا قويسا، ئانچە دەبدەبىلىك چىقمايتتى، شۇڭا ئۈچ دۆلەت ۋەكىللىرى 60 كىۋادرات مېتىرلىق مېھمانخانىغا ئۈچ ئۈستەل قويدى. شۇنداق قىلپ قىسقىغىنە نەچچە مىنۇت ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى. ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، بىرەيلەن بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى گورباچيېفقا يەتكۈزۈش پىكىرىنى بەردى، لېكىن ھېكىم تېلېفون بېرىشنى خالىمىدى. ئاخىر ساھىبخانا شۇشكىۋىچ گورباچيېفقا تېلېفون بەرگەنىدى، گورباچيېف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلىپ، يىلتىسىننىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى. يىلتسىن كەسكىن تەلەپپۇزدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقى، ئۇنىڭدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گورباچيېف ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەي، ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنكى پېنسىيە پۇلى، قوغدىغۇچى، كاتىپ، ئاپتوموبىل، داچا قاتارلىق تەمىنات مەسلىسىنى سورىدى. گورباچيېف 1991-يىلى 25-دېكابىر ئىستېپا بەردى. شۇ كۈنى كەچتە كىرىمىل سارىيىدا 74 يىل لەپىلدىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى بايرىقى ئاستا چۈشۈرۈلدى.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى. |
|