- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18155
- نادىر
- 0
- يازما
- 1578
ئۆسۈش
20.39%
|
qahqakqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 12:54
بەلكىم بۇرۇنقى توختام بويىچە شۇنداق سېتىۋالغاندۇ،چۈ ...
ئەسلى مەنبەسى نۇر تورى
12-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر خەۋەر پۈتۈن جۇڭگونى زىل-زىلىگە كەلتۈردى، بۇ خەۋەرنى تېمىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ: « روسىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلغان خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 90 دوللار، خەلقئارا باھادىن 50% يۇقىرى». ناۋادا بۇ راسىت بولسا، جۇڭگو روسىيەنىڭ خام نېفىت ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا كېلىشىمى سېپى ئۆزىدىن ۋەتەن ساتقۇچ كېلىشىمگە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان جۇڭگو نېفىت شىركىتى تەبئىيلا ۋەتەن ساتقۇچ، بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى پارازىتقا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟
بۇ قېتىملىق خەۋەرگە تەپسىلىي قاراڭ، ئەسلىدە :«بىلومبېرگ نەقىل قىلىپ يىغقان سانلىق مەلۇماتتا، جۇڭگو ئالدىنقى ئايدا روسىيەدىن سېتىۋالغان نېفىتنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى ھەر تۇڭى 90 دوللار، بۇ 2010-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا دېيىلگەن.»بىلومبېرگ بۇ باھادا ھېچقانداق ناتوغرىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتمىغان، ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار--ھازىر خەلقئارا خام نېفىتنىڭ باھاسى 60 دوللار، 90 دوللار باھادا روسىيەدىن خام نېفىت سېتىۋالسا 50% زىيان تارتمامدۇ؟ دەپ چۇقان كۆتۈرۈپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا باشلىغان.
ئويلاپ بېقىڭ، ئازراق توغرا بولماسلىق مەۋجۇتمىكەن. بۇ 60 دوللار نۆۋەتتىكى خەلقئارا نېفىتنىڭ قەرەللىك مال بازىرىدىكى باھاسى، قەرەللىك مال بازىرىدا باھانى بايقاش ئىقتىدارى بار، ھەردائىم نەق مال بازىرىدىكىدىن ئەۋزەللىككە ئىگە. نۆۋەتتە خام نېفىت بازىرى باھا چۈشۈش يۈزلىنىشىدە تۇرىۋاتىدۇ، چۈشۈش يۈزلىنىشىدە، قەرەللىك مال باھاسى ئادەتتە نەق مال باھاسىدىن تۆۋەن باھادا تۇرىدۇ. بۇ يەردە شۇنداق دىيىشكە بولىدۇ، سىز قانچىلىك تۆۋەنلەتسىڭىزمۇ بۇنداق كۆپ تۆۋەنلىتەلمەيسىز، 90 دوللار بىلەن 60 دوللارنىڭ پەرقى ناھايىتى كۆپ. بىراق خەلقئارا خام نېفىتنىڭ باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتتى، 11-ئايدىكى باھا دەرۋەقە ھازىرقى باھادىن يۇقىرى. ئىگەللىنىشىچە جۇڭگو روسىيە خام نېفىت ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا كېلىشىمىدىكى بەلگىلەنگەن نېفىت باھاسى بولسا (Brent oil) برېنت خام نېفىتى باھاسى ئاساسىدا بىر مۇرەككەپ فورمۇلا ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلغان، جۇڭگو تەرەپ بۇ فورمۇلادىكى پارامېتىر ئارقىلىق روسىيە تەرەپ بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۈشكۈل سۆھبەتنى ئېلىپ بارغان، ئەڭ ئاخىرىدا روسىيە تەرەپ خەلقئارا خام نېفىت بازىرىنىڭ ياخشى بولماسلىق ئەھۋالىنىڭ قىستىشى بىلەن چوڭ قەدەم بىلەن يول قويغان. برېنت خام نېفىت قەرەللىك مال سودىسى قىتئەلەر ئارا سودا ئورنى (ICE) ۋە ئامېرىكا تاۋار سودا ئورنىدا نۆۋەتتىكى باھا ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. خەۋەردە دېيىلگەن ھەر تۇڭى 60 دوللارلىق خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى دەل برېنىت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى.
برېنىت خام نېفىت قەرەللىك مال سودىسىنى ھېساب ئۈزۈش ئېيىنىڭ 15-كۈنى كەلگەندە ھېساب ئۈزۈش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، ئابونىتلار نەق پۇل ھېساب ئۈزۈشنى تاللىسىمۇ ياكى نەق مال ھېساب ئۈزۈشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ناۋادا نەق پۇل ھېساب ئۈزۈشنى تاللىسا 15 كۈندىن كېيىنكى بىر كۈندىكى برېنت قەرەللىك مال سودا باھاسى بويىچە ھېساب ئۈزۈلىدۇ. شۇڭا بۇ كۈندىكى باھا ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتە نەق مال توختامى تەرىپىدىن ئۈلگە ئېلىنىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا سودا دائىم ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىدۇ، شۇڭا كۆپ قىسىم ئەھۋالدا يېرىم ئايلىق ھېساب ئۈزۈش باھاسى بويىچە نەق مال باھاسى ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكىسى بولسا برېنىت خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسىنىڭ بىر يىللىق مەزگىلدىكى يۈزلىنىش سىخمىسى، بىز 10-ئايدىكى برېنت خام نېفىت قەرەللىك مال ھېساب ئۈزۈش باھاسىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ 86.76 دوللار ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. جۇڭگو روسىيە خام نېفىت ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىمىدىكى باھا ھېسابلاش فورمۇلىسى ئاشكارلانمىدى، بىز 11- ئايدىكى جۇڭگو روسىيە خام نېفىت سودىسىنىڭ كونكىرت قايسى باھا بويىچە ھېسابلانغانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىز، ئەمما 10-ئايدىكى برېنت خام نېفىتى ھېساب ئۈزۈش باھاسى بويىچە، بۇنىڭغا باج ۋە يۆتكەش ھەققىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ھەرتۇڭى 90 دوللارلىق باھا ناھايىتى نورمال، جۇڭگو ھەرگىزمۇ زىيان تارتمىدى. ئەمىلىيەتتە ھازىرقى چۈشۈپ كەتكەن باھا بويىچە ئىلگىرىكى كېلىشىمدىكى سودىنى سېلىشتۇرۇپ، زىيان تارتتى دىيىش ئەسلىدىنلا بىر ھاماقەتلىك. |
|