- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4389
- نادىر
- 6
- يازما
- 131
ئۆسۈش
79.63%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 11:50
ئەسسالام شەيدائى، ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەينى زاماندا بىلىنگەن تارىخلار ئاساسىدا يېزىلغان كاتتا نادىر كىتاپ. يەنە كېلىپ بۇ كىتاپ دەل ئەينى دەۋردىكى ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ خانى قازانخاننىڭ تەلىپى بىلەن يېزىلغان بولغاچقا، شۇ زاماندا ئېرىشىش مۇمكىن بولغان تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا مۇكەممەل يېزىلغان ئەسەر. كىتابنىڭ ئەسلى تىلى پارىسچە بولۇپ، كېيىن نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. قۇلىڭىزدىكىسى شۇنىڭ رۇسچە تەرجىمىسى بولسا كېرەك. خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىللار بۇرۇنلا،يەنى 1983-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە سودا نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۈچ توم قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. خەنزۇچە نامى «史集». ئەمدى كىتابنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتۇرىنىڭ ئىسمى توغرۇلۇق ئىككى ئېغىز سۆز قىستۇرۇشنى لايىق تاپتىم. كىتابنىڭ ئەسلى پارىسچە توغرا نامى «جەمىئۇل تاۋارىخ » بولۇپ، بۇ «جەمئى» ۋە «تاۋارىخ»(بۇ تارىخ دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى، تارىخلار دېگەن مەنىدە)دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان ئىزافەتلىك (ئېنىقلانغۇچى ئالدىدا، ئېنىقلىغۇچى كەينىدە كېلىدىغان) سۆز بىرىكمىسى، مەنىسى «جەملەنگەن تارىخلار» ياكى «تارىخلارنىڭ جەمئىسى» دېگەنلىك بولىدۇ. «جەمىئۇل تاۋارىخ» دېگەن بۇ سۆز پارىسچە مۇشۇنداق يېزىلىدىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئوقۇلۇشتا سەل تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ، ئىككى سۆز قۇشۇلغاندىكى ئوتتۇرىدىكى «ل » تاۋۇشى كەينىدىكى «ت» تاۋۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ «ت» دەپ ئوقۇلىدىغان ئەھۋالمۇ بار. شۇڭا «جەمىئۇت تاۋارىخ» دەپمۇ ئوقۇلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن باشقا ئېلىپبەلىك يېزىقلارغا تەرجىمە قىلىنغاندا بەزىدە «جەمىئۇل تاۋارىخ» دەپ، بەزىدە «جەمىئۇت تاۋارىخ» دەپ ئېلىنغان. بۇمۇ خاتا ئەمەس. ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە ئىسمى راشىددىن فازىلۇللاھ بولۇپ، فەيزۇللا ئەمەس. بۇنىڭدىكى «فازىلۇللاھ» مۇ ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ، «فازىل » ۋە «ئاللاھ» دېگەندىن ئىبارەت ئىككى نامدىن تۈزۈلگەن. «فەيزۇللاھ » دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇ «فەيز» ۋە «ئاللاھ» دېگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ قېلىپ ، مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
مۇشۇ كىتاپ بىلەن بىللە يەنە شۇ ئىلخانىيلار خانلىقىدا يېزىلغان ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينى ئاتلىق تارىخچىنىڭ «تارىخى جاھانگۇشاي» (دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ تارىخى) دېگەن بىر كىتابىمۇ بولۇپ، بۇمۇ ئېسىل نادىر كىتاپ. بۇ كىتابمۇ ئەسلى پارىسچە يېزىلغان، كېيىن نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ 1980-يىلى ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىم قىلىپ نەشىر قىلىنغان، خەنزۇچە نامى«世界征服者史». بۇ كىتاپ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى كىتابنى تولۇقلايدىغان بۇلۇپ، ئىككى كىتابنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرگەندە ، ئەينى زاماندىكى دۇنيا تارىخى، بولۇپمۇ تۈركىي قەۋملەرنىڭ تارىخىغا ئائىت ناھايىتى مول ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ كىتاپ دەۋرلەردىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ زور ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشىپ كەلگەن.
ئاخىرىدا قەلىمىزگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەپ ، ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|