راشىدىننىڭ جەمئىيەتۇل ئەتتەۋارىق ئەسىرىدىن پارچە
ئاتاقلىق پارىس تارىخچىسى راشىدىن فەيزۇللا ئبىن ئوبۇل خەير ئەلى ھامادانى(رەشىد ئەد دەۋلە،رەشىد ئەد تەبىبىي 1247-1318-يىللاردا ياشىغان) نىڭ داڭلىق ئەسىرى "جەمئىيەتۇل ئەتتەۋارىق" يەنى "تارىخ توپلىمى" ناملىق ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزى قىسىمىدا ئاپتور ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى "قازان خاننىڭ تەلىۋى بويىچە ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئوردىنىڭ باشقا تارىخچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرىك" ۋە "ئالتۇن دەفتەر"(موڭغۇللار ئىمپىريىسى دەۋرىدىكى كۆپ تىللىق تارىخىي مەنبە بولۇپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن. بۇ ئەسەر چىنگىزخاننىڭ ئەجدادى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ تارىخى خاتىرىلەنگەن مەنبە.) ناملىق ئەسەرلەردىن شۇنداقلا زانانىمىزنىڭ داڭلىق تارىخچىلىرى ۋە چىن تارىخ مەنبەلىرىدىن پايدىلىپ يېزىپ چىقتىم..." دەپ يازىدۇ.
تۆۋەندە ئەسەرنىڭ قولۇمدا بار بولغان نۇسخىسىنىڭ(رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسى) بىرىنچى توم بىرىنچى بۆلۈم بىرىنچى بابىنى قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.
مۇسۇلمان تارىخچىلىرى شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ "بەش كىتاب"ىدا خاتىرلىنىشىچە نۆھ ئەلەيھىسالام جاھاننى شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئۈچ بۆلەككە بۆلگەن. بىرىنچى بۆلىگىنى جاھاندىكى بارلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولغان چوڭ ئوغلى ھامغا، ئىككىنچى بۆلىگىنى ئەرەپ ۋە پارىسلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئوتتۇرنچى ئوغلى سامغا، ئۈچىنچى بۆلىكىنى تۈرىكلەرنىڭ ئەجدادى بولغان كەنجى ئوغلى يەفاسقا بېرىپ ئۇنى شەرىققە ئەۋەتكەن. موڭغۇللار بىلەن تۈركلەر ئوخشاش بىرلا تارىخنى سۆزلەيدۇ. بىراق تۈرىكلەر يەفاسنى "ئەبۇلجاھان" دەپ ئاتايدۇ ۋە شۇنداق ئاتاپ كەلمەكتە. بىراق ئەبۇلجاھاننىڭ ھەقىقەتەن نۆھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياكى نەۋرىسى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. شۇنداقتىمۇ بەزى تارىخىي مەلۇماتلار ئۇنىڭ ھەقىقەتەن نۆھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن ۋە يېقىنلىرىدىن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. بارلىق موڭغۇل، ۋە باشقا كۆچمەن شۇنداقلا كەڭ دالىلارنى ئۆزلەشتۈرگەن خەلىقلەر شۇنىڭ نەسلىدىندۇر.
بۇ ئەھۋاللارنى ئۇلار تەپسىلىي رەۋىشتە مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
ئەبۇلجاھان كۆچمەنلەردىن بولۇپ ئۇنىڭ يازلىقى پەۋقۇلئاددە زور ۋە ئېگىز تاغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاغ ۋە قوزناغ ۋادىسىدا بولۇپ بۇ يەردە "ئىنانج" دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر بولغان. ( بۇ يەردىكى ئىككى تاغ نامى ھازىرقى ئالتايدىن باشلىنىپ سىر دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىنى بويلاپ سوزۇلغان قاراتاغ تىزمىسى بولىشى مۈمكىن. ۋە يەنە بىزدە دەشتى قىپچاق تۈرىكلىرىنىڭ ئىنانج ئىسىمى بىلەن ئاتىلىدىغان شەخىسلىرىمۇ مەۋجۇت.) قىشلىغى بولسا يەنىلا مۇشۇ دائىرە ئىچىدىكى بورسۇق،قاقيان ۋە قاراقورۇم دىگەن جايلاردا بولغان. بۇيەردە تالاس ۋە قار سايرام دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرلەر بولۇپ، كىيىنكىسى قەدىمىي ۋە ئالاھىدە چوڭ بىر شەھەر بولۇپ، كۆرگۈچىلەر بۇ شەھەرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە بىر كۈنلۈك يول بولۇپ، شەھەرنىڭ قىرىق دەرۋازىسى بارلىغىنى بايان قىلىدۇ. ھازىر بۇ يەردە تۈركىي مۇسۇلمانلار ئىستىقامەت قىلىشىدۇ.
ئەبۇلجاھاننىڭ دىب ياقۇي (دىب – مەنسەپ ، ياقۇي --- بارلىق قەبىلىلەرنىڭ ھۆكۈمرانى دىگەن مەنىدە )دەيدىغان ئوغلى بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە ھۆكۈمرانلىق قابىليىتى جەھەتلەردىن ئۆز ئاتىسىنى بېسىپ چۈشىدىكەن. ئۇنىڭ قاراخان، ئورخان ،قوزخان ۋە گورخان ئىسىملىك تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىنسىزلاردىن ئىكەن. قاراخان ئاتىسىنىڭ تەخىتىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر پەرزەنتى تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈنگىچە ئانىسىنى ئەممەپتۇ. ئانىسى يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ. ئەمما ھەر كۈنى ئۇنىڭ چۈشىدە بوۋىقى:--- ئەي ئانا سەن يالغۇز بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلساڭ مەن سېنىڭ سۈتىڭنى ئاندىن ئىمىمەن دىگۈدەك.
بۇ دەۋىرلەردە ئۇنىڭ يولدىشى ۋە پۈتۈن قەۋىم دىنسىزلاردىن بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلىپ يالغۇز تەڭرىگە تىلاۋەت قىلىدىغىنىنى يولدىشى بىلىپ قالسا ئۆزىنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىغىدىن قورىقسىمۇ يەنىلا ئەلاھ ۋە دىننى يوشۇرۇن قوبۇل قىلىپ تىلاۋەت قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بوۋاق ئانا سۈتىنى ئېمىشكە باشلاپتۇ. بالا بىر ياشقا تولغاندا ئۇنىڭ جىسمىدا ھۆكۈمرانلارغا خاس بولغان بىر خىل ئىلاھىي كۈچ قۇدرەتنىڭ بارلىقى نامايەن بولۇشقا باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن قاراخان :-- قەۋمىمىزدە ئەزەلدىن بۇنداق مۆجىزىلىك پەرزەنت تۇغۇلۇپ باققان ئەمەس، ئۇ ھەممىگە قادىر ھۆكۈمرانلاردىن بولغۇسى،-- دەپتۇ. قاراخان ئۆز ۋەزىر ۋۇزرا مەسلىھەتچىلىرىنى چاقىرتىپ بالىغا نىمە ئىسىم قويۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتقىنىدا مۆجىزىلەرچە ھادىسە يۈز بېرىپ بىر ياشقا تولغان بوۋاق زۇۋانغا كىرىپتۇ ۋە : مېنىڭ ئىسىمىمنى ئوغۇز دەپ ئاتاڭلار،--- دەپتۇ. بۇنى كۆرگەن سورۇن ئەھلى ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا ئۆزى تاللىغان ئىسىمنى قويۇشۇپتۇ.
ئوغۇز بالاغەتكە يەتكەندە ئاتىسى ئۇنىڭغا ئۆز قېرىندىشى قوزخاننىڭ ھۆسنى – جامالدا كامالەتكە يەتكەن قىزىنى توي قىلىپ خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىپتۇ. ئوغۇزخان ئايالىغا: ئەگەر سەن مەن ئېتىقات قىلىدىغان بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ۋە شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان يەككە ئىلاھقا ئىبادەت قىلساڭ مەن سېنى سۆيۈپ سەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىمەن،--- دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئايالى ھەيرانلىقنا: مەن بۇ شەرتىڭنى قوبۇل قىلالمايمەن شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنى ئاتاڭغا مەلۇم قىلىمەن ،--- دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي يۈرىدىغان بوپتۇ ۋە ئۇنى ئايالىدەك قوبۇل قىلماپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوغلىنىڭ بۇ ئايالنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىغانلىقىنى سەزگەن قاراخان ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېرىدىشى گورخاننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىپتۇ. ئوغۇزخان بۇ ئايالىغىمۇ ئوخشاشلا تەلەپنى قويۇپتۇ، بىراق ئايالىمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى ئەھۋال يەنە تەكرارلىنىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇزخان شىكاردىن قايتىپ، كېلىۋېتىپ كۆل بويىدا ئۈچىنچى تاغىسى ئورخاننىڭ قىزىنى ئۇچرىتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:--- ئەگەر سەن مەن ئېتىقاد قىلىدىغان يەككە ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىپ، مېنىڭ مۇقەددەس دىنىمنى قوبۇل قىلساڭ مەن سېنى بىر ئۆمۈر سۆيۈپ سەن بىلەن بىرگە ئۆتىمەن،---- دەپتۇ. قىز ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلۇپتۇ.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوغلىنىڭ باشتىكى ئىككى ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتمەيدىغانلىقىنى،ئەمما كىچىك ئايالى بىلەن نىمە ئۈچۈن ياخشى ئۆتىدىغانلىقىنى ئىككى چوڭ كېلىنىدىن سۈرۈشتە قىپتۇ. كېلىنلىرى ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ يەككە ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، كىچىك ئايالىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر يولدا بولغاچقا ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى شىكايەت قىلىشىپتۇ. بۇنى ئۇققان قاراخان دەرغەزەپكە كېلىپ، دەرھال ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە يېقىنلىرىنى چاقىرتىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن ئوغۇزخاننى قەتلە قىلىش نىيىتىگە كېلىشىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوغۇزخان شىكاردا بولۇپ، بۇ ئەھۋاللاردىن يوشۇرۇن خەۋەر تاپقان كىچىك ئايالى خوشنىلىرىدىن بولغان بىر ئايالدىن دەرھال ئوغۇزخانغا مەلۇمات يەتكۈزۈپتۇ. بۇنى ئۇققان ئوغۇزخان ئۆز قېرىنداشلىرى، يېقىنلىرى ۋە ئەگشكۈچىلىر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاتىسى تەرەپكە قارشى جەڭگە ھازىرلىنىپتۇ.
شۇ سەۋەپلىك پۈتۈن بىر قەۋىم ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئاتا بالا ئاتتۇرىسىدا توپ-توغرا 75 يىل جەڭ قىلىشىتۇ، قاراخان ئۇرۇشتا يارىلىپ قازا قىلغاچ ئوغۇزخان غەلىبە قىپتۇ شۇنداقلا تالاستىن سايرامغىچە ۋە بۇخارانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىننىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپتۇ. ئوغۇزخانغا قوشۇلمىغان تاغىلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە باشقىلار ئۇنىڭ زىمىنىنىڭ شەرقىگە كۆچۈشۈپتۇ.
ئۇيغۇر
ئوغۇزخان ئاتىسى بىلەن بولغان جەڭ مەزگىلىدە ئۆزىگە ئۆزىگە قوشۇلغان تاغىلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە باشقا يېقىنلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغىپ ئۇلارنى "ئۇيغۇر" دەپ ئاتاپتۇ. بۇ نام تۈرىك ۋە پارىس تىللىرىدا ئۇيۇشقانلار، بىر-بىرىگە ياردەمدە بولغانلار، ئىتتىپاقلاشقانلار دىگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
ئوغۇزخان باشقا ئەللەرنى بوي سۇندۇرۇش جېڭىگە ئاتلانغاندا ئۇلار داۋاملىق ئوغۇزخان بىلەن بىللە بولغان شۇنداقلا جەڭگە ئاتلانغاندا قالغان زىمىنلىرىنى ئەنە شۇلار قوغدىغان. ئۇيغۇر نامىغا چېتىلىدىغان بالىق خەلىقلەر ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
قاڭلى
ئەنە شۇدەۋىرلەردە يەنى ئوغۇزخان ئاتىسى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆز ئىستىلاسىغا ئالغان يەرلەردىكى ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى ئۆز ئەتراپىدىكىلەردىن مەلۇم قىسمىنى ئاجرىتىپ ئۇلاقلارغا ئارتىپ ئۆز تەسەررۇپىغا توشۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇلارغا "قاڭلى" دەپ نام بەرگەن. بۇ سۆز قەدىمىي تۈرىك تىلىدا "توشۇغۇچىلار" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قاڭلى ئۇرۇقىغا چېتىلىدىغان بارلىق ئادەملەر ۋە قەبىلىلەر دەل شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
قىپچاق
ئوغۇزخان ئت بەرەق قەبىلىسىنى يوقىتىش جېڭىدە چېكىنىپ ئىككى دەريا ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان بىر ئارالدا قاپسىلىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يولدىشى ئۇرۇشتا قازا قىلشان بىر ھامىلىدار ئايال يەڭگىىيدىغان بولۇپ، جۇدۇنلۇق ھاۋادا ئارالدىكى بىر ئىچى قاپاق دەرەخنىڭ ئىچىدە يەڭگىيدۇ. ئوغۇزخان بۇ بالىنىڭ ئاتىسى جەڭدە قازا قىلغان قىلغان، شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىق قىلىشىم قىلىشىم كېرەك دەپ، ئۇنىڭغا قىپچاق يەنى قابۇق دەپ ئىسىم قويغان. بۇ سۆز قەدىمىي تۈرىك تىلىدا ئىچى كاۋاك دەرەخ ياكى قاپاق دەرەخ دىگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. قىپچاق نامىغا چېتىلىدىغان قەۋىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بالا جۈملىسىدىندۇر.
قارلۇق
ئوغۇزخان گۇرا ۋە گوچىستاندىكى(ئافغانىستان) جەڭدىن ئۆز يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە ناھايىتى خەتەرلىك داۋانغا دۇچ كېلىدۇ ۋە قاتتىق قار ياغقان بولۇپ، ئوغۇزخان قوشۇنىغا ھېچكىمنىڭ قوشۇندىن قالماي بىرگە ئىلگىرلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۇشىرىدۇ. ئەمما بەزى ئائىلىلەر يەنىلا ئايرىلىپ قېلىپ ئەتىيازدا كەينىدىن يېتىپ كېلىشىدۇ. ئوغۇزخان ئۇلارغا غەزەپلىنىپ تۇرۇپ: سىلەرگە ھازىردىن باشلاپ "قارلۇق' نامىنى بېرىمەن،--- دەيدۇ. قارلۇق دىگەن سۆز قەدىمىي تۈرىك تىلىدا قار ئىگىسى ياكى قارلىق دىگەن مەنىلەرنى بېرىدىغان بولۇپ، قارلۇق قەبىلىسى ئەنە شۇ ئائىلىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن شەكىللەنگەن.
داۋامى بار. شۇ كىتاپنىڭ رۇسچە نۇسخىدىن تەرجىمە قىلىندى
|