- تىزىملاتقان
- 2012-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4668
- نادىر
- 0
- يازما
- 258
ئۆسۈش
88.93%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghojia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-28 16:03
مەن ئالدىنقى ئېنكاسلىرىمدا سەل ئاچچق سۆزلەپ قالدىم سەۋەبى سەۋەنلىكلەر ئاساسەن ھۇنەرۋەنلەرگە ئارتىلىپ قالغانلىقى ئۇچۇن.
مەن بۇ چۇشەنمەسلىكلەرنى ئۆز بىلىش دائىرەمدە چۇشەندۇرۇپ باقاي.
دىيارىمىزدا ھۇنەرۋەنلەر ئەڭ كۆپ چىقىدىغان يۇرۇتلار دىن ئاساسلىقى قەشقەر،خوتەن ،غۇلجا بولۇپ مانا مۇشۇ يۇرۇتلاردا يۇقۇردىكى تورداشلار دىگەندەك ئەھۋاللار كۆپ ئۇچۇرمايدۇ
سەۋەبى ھۇنەرۋەنلەر ئۆز ئشلارنى سۇپەتلىك قىلىش ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرشىپ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە تىرشىدۇ.
ئۆز يۇرتىدا بۇنداق ئناۋەتكە ئىرشەلمەي قالغان بەزى بىر قىسىم ھۇنەرۋەنلەر سىرىتلارغا چىقىپ جان بىقىش ئۇچۇن چىقىپ باشقىلارغا مۇشۇنداق سەلبى تەسىر بىرۋاتقانلا يوق ئەمەس . مۇشۇ ئېشلارنى دەپ بارلىق ھۇنەرۋەنلەرگە خۇمسى ، ھىلىگەر ،قويمىچى دىگەندەك باھالارنى بىرىش بەكلا شەخسىيەتچىلىك.
مەن قەشقەردە ياشاۋاتقان بىر ھۇنەرۋەن ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ھەم شۇ ھۇنەرگە ۋارىسلىق قىلىپ قىلىپ بۇ جەمىيەتتە ئۆز نىنىمنى تىپىپ يەۋاتقانلارنىڭ بىرسى .
يۇقىرىدا بىر دوستىمىز ئۆز ئارزۇسى بىلەن بىر تاماق ئۇستىلىنى ياغاچتىن ياستالمىغىنىنى دەپتۇ . ھازىر ھۇنەر قىلۋاتقانلارنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئۇگەنگىنى ھازىرقى يىڭى ماتىرياللارنى ئىشلىتىش ،كۆپۇنچىسى ياغاچ ماتىرياللاردىن ئۇنۇملىك پايدىلىنىلالمايدۇ.
ياغاچچىلىق دىگەن بۇ ھۇنەر 100يىلنىڭ بۇ تەرپىدە ئاساسەن تەرەققى قىلمىدى ،تەرەققى قىلغىنى ئىشلىتىدىغان ماتىريال بىلەن ئەسۋاپ جابدۇقلارلا بولدى.
بەزەنلەر خەنلەر ئىشنى بەك سۇپەتلىك ھەم تىز قىلىپ بىردىكەن دىدى ،ئۇلارنىڭ ئارسىدا ھەقىقى ھۇنەرۋەنلەر كۆپ ئەمما بۇ دىياردا ئۇنچە كۆپ ئەمەس ھەقىقى ھۇنەرۋەنلىرى ئۆز يۇرتىدا نان تىپىپ يەپ بىز تەرەپكە كۆپ كەلمەيدۇ. ئىش قىلغاندا تاشقى سۇپىتىگە ئەھمىيەت بىرىپ تىز قولدىن چىقىرىشقا تىرشىدۇ . پۇلنى كۆپۇرەك ئالىدۇ ئەمما سىزنىڭ قىرىنداشلىرىڭىز دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە . سىز شۇلارغا بەرگەن پۇلنى قىرىنداشلىرىڭىزغا بىرىپ بىقىڭ يەنە شۇنداق قىلامدۇ ، ناۋادا شۇنداق قىلسا سىزمۇ قاراپ تۇرماي ئۆز مەنپەتىڭىزنى قوغداڭ .
تېما ئىگىسىغا دەيدىغىنىم ئۆيىڭىز توختامدا دىيىشكەندەك پۇتمىگەن بولسا سۇپەتسىز دەپ قارغان يەرلەرنى قايتا رېمۇت قىلدۇرۇشنى ئويلىشۇپ بېقىڭ ،ھىساپلاپ كۆرۇپ شۇ پۇل ياتسە تۇتۇپ قىلىڭ ،يەتمىسە ئارتۇقىنى تەلەپ قىلىڭ،ئاشسا ئاشقىننى بىرىڭ .
گەرچە مەن سىزنى ۋە سىزنى نارازى قىلغان ھۇنەرۋەنلەرنى تونىمىساممۇ ئۆزۇم بىر ھۇنەرۋەن بولغانلىقىم ئۇچۇن بارلىق (خۇمسى،ھىلىگەر،قويمىچى،ساختىپەز)ھۇنەرۋەنلەر نامىدىن سەمىمى كەچۇرۇم سورايمەن .
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم = ئېشەككە پۇل بىرىپ ئاتتەك كىشىنەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلماڭ!!! |
|