قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5048|ئىنكاس: 30

ئەركىم:ئابدۇقادىر جالالىدىنغا تۆھمەت قىلماڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1758
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6581
توردىكى ۋاقتى: 1549
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇقادىر جالالىدىنغا تۆھمەت قىلماڭلار

ئەركىم



   بىلدۈرگۈ : تېمىنى بۇنداق قويۇشۇمدىكى سەۋەبىنى ئەسەرنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولغاندا چۈشىنىپ يېتەلەيسىز. شۇڭا ئالدىراپ ئىنكاس يېزىپ ماڭا، سىزگە ۋە ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويماڭ.
    ئۈندىدارنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن سالونمۇ يامغۇردىن كېيىنكى پېتىغدىلىپ كەتكەن پاتقاقتەك كۆپىيىپ كەتتى. قىسمەن مەسئولىيەتچان سالونلارنىڭ ماختىغىلى ۋە قوللىغىلى بولسىمۇ بەزى بىر سالونلار ئىنتايىن تېتىقسىز مەزمون، تېمىلار بىلەن كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچىراۋاتىدۇ. سالونىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر خىل مەزمونغا مىڭ خىل ئات قويۇپ يوللاش قىلمىشى ئېغىرلاشتى. مەسلەن: < ئانامنىڭ كۆز يېشى > دەپ بىر تېما يوللانغان بولسا، ئەتىسىلا بىر سالون < جانىم ئانا يىغلىماڭ > دەپ چىقارسا، ئۆگۈنى < ئۇيغۇر ئانىلار يىغلىمىسۇن>، < ئۇيغۇر بولسىڭىز چوقۇم كۆرۈڭ > ئانىلار يىغلىماقتا >...دېگەندەك تۈمەن خىل ئىسىملار بىلەن ھەر قايسى سالونلاردا يامراپ يۈرۈشىدۇ. نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا < دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر > دېگەن بىر تېمىنى كۆرۈپ ئالدىراش تېنەش كىرىپ ئوقۇپتىمەن. ئەمدى بولسا مەن تېخى ئەتتىگەندىلا < تىرىشچان ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئىجادىيىتى > دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا كۆرگەن تېمىكەن، بۇ تېما ھازىرغىچە ھەرەڭ-سەرەڭ ناملار بىلەن ئاتىلىپ ئۈندىدار سالونلىرىدىن ئوت چىقارماقتا.
    يەنە بىر مەسىلە شۇكى، سالونچىلار ئىملاغا ئىنتايىن سۇز مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بىر خىل تىل-يېزىقنىڭ ئىملاسىنى ھۆرمەتلىمەسلىك ئۇشبۇ مىللەتنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بىلەن باراۋەردۇر. تېخى بىر قىسىم سالونچىلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يېزىق خىزمەت نىزامنامىسى ۋە قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىنىڭ ئاستىغا يېزىۋالدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. ھەممىدىن بەك ھەددىدىن ئاشقىنى سېرىق مەزموندىكى سۈرەتلەرنى چىقىرىپ سالوننىڭ چېكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش، سېرىق مەزمون ۋە قەستەن باشقىچە گەپ-سۆزلەر بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئوچۇق ئاشكارە تارقاتماقتا. بەزى بىر سالونلاردىكى تېمىلارنى ئوقۇپ بولغۇچە خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كېتىشكە ئاز قالىمەن.
    ھەممىمىز بىلەلەيمىز، سالونلاردىنمۇ بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا بەزى تېمىلارنى سالونغا چىقارماقچى بولغاندا ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئىچىمنى ھەممىدىن بەك پىشۇرىدىغىنى سالونچىلار تېما ئىگىسىنىڭ كىملىكى بىلەن قەتئىي پەرۋاسىز. ئەسەرلەرنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىدۇ. ئەمما، ئاپتورىنى، مەنبەنى ئەسكەرتمەيدۇ. شۇنداق مەسئولىيەتسىز گالۋاڭ سالونچىلاردىن سوراپ باقسام:- ئاتاڭ قويغان ئىسمىڭنى باشقىچە ئاتىسام ۋە ياكى ئاتىمىسام ئاچچىقىڭ كېلەمدۇ؟! قۇرۇۋالغان سالونىڭنى مېنىڭ دەپ كوچىدا يېيىق قىلسام خاپا بولامسەن بولمامسەن؟! ئەلۋەتتە خاپا بولىسەن شۇنداقمۇ؟! ئەمىسە كىشىنىڭ ئەسىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەنگىن. مەنبەنى، ئاپتورنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتما! بىرەر ئەسەرنى سالونىڭغا چىقارماقچى بولساڭ، ئەسەر ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىڭ كېرەك!
    بۇ يىل يىل بېشىدا (2014) مەن مەزكور باغداش مۇنبىرىدە<< بىز ئۇيغۇرمۇ ياكى مىللىيمۇ؟ >> دېگەن تېمىدا بىر ئەسەر يازغان ئىدىم. بىر يىلدىن بېرى بۇ ئەسىرىمنىڭ بازىرى بەك چىقىپ كەتتى. مانا، تا بۈگۈنگىچە ھەر خىل ناملاردىكى سالونلاردا ئاپتورى، مەنبەسى ئەسكەرتىلمەي ئۇچۇپ، قونۇپ يۈرۈيدۇ. باشتىغۇ مەيلى دېگەنتىم، بىراق، بۈگۈن يەنە بىرقسىم سالونلار  بۇ تېمىنى يەنە چىقىرىپتۇ. ئاپتور ۋە ياكى مەنبەنى ئەسكەرتكەنمىدۇ؟ دېگەن خىيال بىلەن ئاستىنقى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتسەم ئاللا كارامەت بىر مەنزىرىنى كۆردۈم دەڭلا!  بۇ مېنىڭ ئەسىرىم تونۇلغان يازغۇچى، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بولۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتتىم. تۇرۇپلا خۇش بولۇپمۇ قالدىم، چۈنكى مەندەك تېخى ئەدەبىيات كوچىسىدا پايپاسلاپ يۈرگەن، ھېچبىر نامى چىقمىغان شوركىنىڭ ئەرزىمەس تېمىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەسىرى، دەپ تونۇلۇپ سالونلاردا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ. مەن ئەلۋەتتە خوشال بولۇشۇم كېرەكتە! چۈنكى، مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ئۇنىچىكىم پەرۋاغا ئىلىنماسلىقى مۇمكىن. داڭدارلارنىڭ نامى بىلەن تارقالسا جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولامدۇ تېخى! گەرچە بۇ خوشاللىقىمنى ئىچىمگە زادى سىغدۇرالمايۋاتقان بولساممۇ سالونچىلارغا كىچىككىنە ئەسكەتمە بېرىشنى لايىق تېپىپ، مۇنۇ ئەرزىمەس ئەسەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مۇمكىن بولسا كاللاڭلارنى قاتتىق سىلكەپ، ئولتۇرۇقۇڭلارنى ئوبدان بېسىپ،  ئۇشبۇ قۇرلارنى سىنچى كۆزۈڭلەر بىلەن زەن قويۇپ،  ئوبدان ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ، تۆھمەت قىلماڭلار! بىر ئەسەرنى يوللاشتىن ئاۋال ئۇ ئەسەرنىڭ ئىجادىيەتچىسىنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار. تېمىنى قىزىقارلىق، جەلىپكار  قويىمەن دەپ نەدە يوق ناملار بىلەن ئاتىماي، ئەقىلگە مۇۋاپىق ناملار بىلەن ئاتاڭلار! ئەي سالونچىلار ھەقىقى رىقابەت قۇرساقتىكى ئۇماچقا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا كۆپرەك كىتاب ئوقۇڭلار، بىلىم ئېلىڭلار! بولمىسا ئۇزۇنغا قالماي شاللىنىپ كېتىسىلەر...

<< بىز ئۇيغۇرمۇ ياكى مىللىيمۇ >> دېگەن تېمامنىڭ باغداشتىكى ئادېرىسى:./thread-21987-1-1.html

2014-يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنى قومۇل

1

تېما

0

دوست

1352

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31379
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 408
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 18:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سالونچىلار ساپاسىنى ئۆستۈرسە بولاتتى....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1192

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30072
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 19:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ  ئۈن دىدارنى ئاچماسلا بولدۇم ھازىر: دىمىسىمۇ ،نىمە دىگەن  تېتىقسىزلىق بۇ   .تىلىۋزۇرنىغۇ ئاچقىسىمۇ  كەلمەيدىكەن ئادەمنىڭ                 پۇل -پۇل دەپ  ،بىز قىلمايدىغان  ئىشلارمۇ  بامىدۇ دەيمە  ?

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 21:13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالونلار تور بەتلەردىن زىيارەتچىلەرنى پۈتۈنلەي تارتىۋالدى، تور بەتچىلەرنىڭ قىڭغىرىنى ئىنكاسلاردا، تور بەتلەردە تور ئاتامانلىرىنىڭ ئىسمىنى تۇتۇپ، سەنلەپ تۇرۇپ كۆرەك قىلىپ تۈزەتكىلى، نازارەت قىلغىلى بولغان بىلەن، سالونچىلارنىڭ كىملىكىنى ئەسلا بىلگىلى بولمايدۇ، تېمىلارنىڭ پۈچەكلىكىگە تىخىمۇ گەپ توغىرا كەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئېلاندىن قىلغان كېرىمىدىن باشقا ھەممىسى ئوقۇرمەنگە زىيان دىسەك ئارتۇق كىتەرمۇ؟
بۇنىڭغا كۆز يۈمۇپ يۈرىۋەرسەك نادان ئۈندىدار ئابونىتلىرىنىڭ ۋاقتى، زېھنى، ئىقىم مىقدارى، پۇلى، كەلگۈسىنى پۈتۈنلەي ئۈندىدار سالونلىرى يەپ كىتەرمۇ؟!
ئويلاپ باقايلى تور ئەھلى، ئەركىم ياخشى تېما يوللاپتۇ...

0

تېما

0

دوست

179

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32840
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 21:18:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قاچانمۇ تۈگەر

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

57

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4444
توردىكى ۋاقتى: 809
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 21:45:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا گەپ بوپتۇ بۇ .سالونچىلار ھوشىنى يىغىسى لازىم شۇ .

16

تېما

9

دوست

4763

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1402
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 21:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىما باشقا مەخسەتتە يىزىلغان بولسا ،ھازىرقىدىن ياخشى ئىنكاسلار چۈشەتى بەلكىم....

8

تېما

0

دوست

4527

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8179
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 794
تۆھپە : 845
توردىكى ۋاقتى: 353
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 22:13:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى سالونچىلار كالونغا لايىق بوپ قالدى ، ئۇلارنىڭ شالتىقى بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر تۈگەشتى ،  بولۇپمۇ ئېلانچى ، نۇرلۇك يول دىگەنلەر ساپلا سىرىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىمىلارنى بەك كۆپ يوللايدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )