- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18517
- نادىر
- 0
- يازما
- 1598
ئۆسۈش
21.29%
|
جۇڭگو بۇ يىل ئاساسىي قۇرۇلۇشقا 7 تېرلىيون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ
مەنبە: خېشۈن تورى
يوللانغان ۋاقتى: 2 مىنۇت بۇرۇن
خېشۈن تورى خەۋرى باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو بۇ يىل ئۇمۇمىي مەبلەغ سېلىش سوممىسى 7 تېرلىيون يۈەندىن ئاشىدىغان 300 تۈرنى ئالغا سىلجىتىدۇ.
بلۇمېرىگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا ئۇمۇمىي مەبلەغ سوممىسى 10 تېرلىيون يۈەندىن ئاشىدىغان يەتتە چوڭ تۈردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بۇ يىل سېلىنىدىغان مەبلەغ 7 تېرلىيون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى سېلىنىدىغان ئۇمۇمىي مەبلەغ سوممىسى 10 تېرلىيون يۈەندىن ئاشىدىغان 400 تۈرنى تەستىقلىغان بولۇپ،بۇ تۈرلەر 2014- يىلنىڭ ئاخىرىدىن 2016- يىلىغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلىنىدىغان تۈر 300 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىپ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ يىلقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم رول ئويناتقۇزۇش مەقسەت قىلىنغان.
كونكرېت تۈرلەر ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بەزى تۈرلەردە ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىلا قۇرۇلۇش باشلانغان. لازىملىق مەبلەغ مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت، بانكا قەرزى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ۋە خۇسۇسىي تىجارەت ئورۇنلىرىدىن كېلىدىكەن. بۇ يەتتە چوڭ تۈر ئۇچۇر ئېلېكتىر تورى،نېفىت، تەبئىي گاز قاتارلىق چوڭ تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ساغلاملىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ئاسراش، پاكىز ئېنېرگىيە، ئاشلىق سۇ قۇرۇلۇشى، قاتناش، نېفىت تەبئىي گاز ۋە كانچىلىق كەسپى بايلىق كاپالىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
|
|