خەلق پۇلى بىلەن رۇبلى تەقدىرداشمۇ؟
بۈگۈن كەچ، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتېتىنىڭ پۇلسىياسىتى كېڭەشمىسى، خەلقئارا كاپىتال بازىرىغا ئەجەللىك بومبا تاشلىدى، بۇبەلكىدۇنيانى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۈمكىن، بۇنىسى كۆڭلۈمگە ئايان، سۆزلىسەممۇ ئەھمىيىتى يوق؛ھەل قىلغۇچ ئورۇش باشلىنىشتىن بورۇن كەمىنە مەخسۇس بەت ئاجرىتىپ، 30 پارچە ماقالەيازغان، ئەسلى 50 پارچە يېزىشنى پىلانلىغان ئىدىم، بۈگۈن كەچتىكى ئامېرىكا زاپاسپۇل كومتېتىنىڭ يىغىنى، ئورۇشنىڭ ئاللىقاچان باشلانلىقىنى بېلدۈردى. ئالدى بىلەن،ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتېتى بىريىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ QE نى قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، QE نى قىسىش جەريانىدا، يەرشارىدا دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ قىممىتىچۈشتى، رۇبلىنىڭ %60 قىممىتى چۈشتى؛ بۇقېتىمقى پۇل قىممىتى چۆشۈشتەئىككىخىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بىرى بارلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ پۇلقىممىتى چۈشىدۇ، يەنەبىرى جۇڭگو بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىسادىيھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل قىممىتى چۈشىدۇ؛ خەلق پۇلى يەككە-يېگانەقالدى، تەقدىرى قىل ئۇستىدە تۇرماقتا. QE نى قىسىش جەريانىدا، خەلق پۇلىنى ئۆلچەم قىلغان بارلىق كاپىتالنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ، تۆمۈر رودىسى 2007-يىلدىكى باھاغا، مىس رودىسى 2008-يىلدىكى باھاغا چۈشىدۇ، ئاليومىن 23 يىل بورۇنقى باھاغا چۈشىدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقپۇلى قىممىتىنىڭ چۈشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇلار بازاردا ئەكىس ئەتمەيدۇ،سەۋەبى مەركىزى بانكا پېرېۋوت نىسبىتىنى كونتورۇل قىلىدۇ، بۇ پۇتىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە ئارىلاشقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، بەرىبىر ئۆنۈمى بولمايدۇ. شاڭخەي بازىرىغائاللىقاچان تەسىر كۆرسەتتى، خەلق پۇلىنىڭ 6.1960 يۈنلىك ئالماشتۇرۇش باھاسى، تىزلىكتە 6.2000 يۈەنگەچىقىپ، 6.3000 يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، بازارغا شۇنەرسە ئېنىقكى، ناۋاداخەلق پۇلى 6.3000 يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۇزىۋەتسە، قىممىتى شىدەت بىلەن چۈشىدۇ. گەرچەمەركىزىي بانكا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىسىمۇ، بازار قانۇنۇيىتىئۇنىڭغا باقمايدۇ، ئاشۇ ئاتالمىش يىتەكچى باھا بازار تەرىپىدىن بەربات بولىدۇ. بۇبىر ئىقتىسادى چوڭ يۈزلىنىش، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ ناۋادا جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇنياۋى يۈزلىنىشكە قارشى ھەركەت قىلسا،ئىقتىسادى كۆپۈك داۋاملىق چوڭىيىدۇ؛ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىسادى كۆپۈككەھەچقانداق كارقىلمىدى، بازار ئۆسۈمى تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە شىددەت بىلەن ئاشتى. 11-ئايداكۆپەيگەن قەرز پۇللار، ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە ئاكسىيە بازىرىدىكىچەك ھىساۋاتى بولۇپ، ئوقەتچىلىككە بىر تىيىنمۇ پايدىسى بولمىغان، بۇنداق ساختاگۈللۈنىشنىڭ نېمىگە ئەھمىيىتى؟ 12-ئاينىڭ16-كۈنى سودا مېنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا ئاشكارىلىشىچە، 11-ئايداجۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەتئەل كاپىتالى 10 مىليارد 360 مىليون دوللار بولۇپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.2 ئاشقان، مۆلچەردىكى %1.1 دىن %1.3 ئاشقان، بۇ ئېنىقلاساختا ئويدۇرۇلغان سانلىق مەلۇمات، بولۇپمۇ تاشقى كاپىتالنىڭ ئاشقانلىقى ئېنىقلاساختا، بۇنىڭدىكى مەقسەت يالغاندىن ئاشۇرۇپ، بازاردا ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىش.ھەقىقى سانلىق مەلۇمات شۇكى، جۇڭگودا پۈتكۈل جەمئىيەت ئىشلەتكەن توك پەقەت %3.3ئاشقان، بۇ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشكە قاراپيۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ بالتىق دېڭىزىدىن چىقارغان مال كۆرسەتكۇچ سانىيەنەبىر قېتىم 1000 نوقتا چۈشۈپ كەتتى، بۇ جۇڭگونىڭ ئېكىسپورت سودىسىدا چوڭ مەسىلەكۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تاشقى پېرىۋۇت ھەرگىزئاشمىغان. ئامېرىكا زاپاسپۇل كومتېتى يىغىندىن كېيىن، بىرىنچىدىن ئۆسۈمنى ئاشۇرۇشى مۈمكىن، قايسى نىسبەتتەئاشۇرۇدۇ؟ قاچان ئاشۇرۇدۇ؟ بۇ توغرىدا ھەرخىل قىياسلار بار، پېقىرنىڭ قارىشىچەيەنىلا كونا ئۇسۇلنى قوللۇنىپ، تۇيۇقسىز ئۆسۈمنى ئاشۇرۇشى ياكى ئۆسۈمنى ئاشۇرۇپبولۇپ ئېلان قىلىشى مۈمكىن؛ ئىككىنچىدىن بازارنىڭ قانۇنىيىتى ئۆزى بەلگۈلىشىمۈمكىن؛ بازار قانۇنىيىتى بۇيىچە ئېيتقاندا ھايات-ماماتلىق جەڭ باشلاندى، خەلقپۇلىنىڭ تەقدىرى رۇبلىدىن پەرقلەنمەيدۇ، ئوخشىمايدىغىنى، رۇبلى دوللارغابېقىنمايدۇ، ئەكسىچە خەلق پۇلى دوللارغا بېقىنىدۇ، شۇڭا دۇچ كىلدىغان خەۋپ رۇبلىدىن تېخىمۇ چوڭ.
|