- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4389
- نادىر
- 6
- يازما
- 131
ئۆسۈش
79.63%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-4 23:29
ئەسسالام ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك! خۇددى مۇشۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغاندەك، ئىلىم چېيىنىڭ ئەزىز ماكانلىرىمىزدىن بولغان بورتالادا ۋە يېقىندا قەشقەردىمۇ ئۆتكۈزۈلۈشى، زۇلپىقار بارات ئۆزباش ۋە ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر يېتەكچىلىكى ۋە تەشكىللىشىدە ئۈرۈمچىدە ئون قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئالاھىدە «چاي» نىڭ مانا ئەمدىلىكتە ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئىشىنىمىزكى، بۇ ئالاھىدە «چاي» تەدرىجىي بىر ئىجتىمائىي-ئىلمىي ھادىسە سۈپىتىدە جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىلىم ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە قۇيۇقلاشتۇرۇشتا، مۇشۇنىڭدىن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدا ئىلىمگە ئىنتىلىدىغان بىر كەيپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشىدە مۆلچەرلىگۈسىز رول ئوينىشى مۇمكىن.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، زۇلپىقار بارات ئۆزباش 2013-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇقۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتىش يولىدا بېيجىڭغا چۈشكىنىدە ، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى » ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى ، ياش يازغۇچى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ۋە مەن ئىككىمىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەن ۋە كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەنىدۇق. شۇ ۋاقىتتا زۇلپىقار بارات ئۆزباشتا يات ئەلدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قايتا ۋەتەنگە قايتقاندا بولىدىغان ئاجايىپ ھاياجان ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى تارقىتىشقا بولغان چەكسىز قىزغىنلىق بار ئىدى. پاراڭ ئارىلىقىدا ئۇ ئىككىمىزدىن كەسكىن تەرزدە:« مەن ئامېرىكىدا ھەقىقىي ئىلىمنىڭ نېمىلىكىنى ۋە ھەقىقىي ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇ تاپتا ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي كىشىلىرىمىزگە يەتكۈزسەم دەيمەن، سىلەرچە مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دەپ سورىدى ، مەن بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن :« مېنىڭچە سىز پۈتكۈل ئىمكانىيەت -شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ يېزىڭ، سۆزلەڭ، تەشۋىق قىلىڭ، تەسىر كۆرسىتىڭ »دېدىم، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدمۇ بۇ پىكىرنى قوللىدى. دەرۋەقە ، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ شۇ سۇئالىدىنلا ئۇنىڭ قەلبىگە نېمىلەرنى پۈكۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئىدى. دېمىسىمۇ ، ئامېرىكا ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتۇرلىرى كەم ئەمەس ئىدى، ئەمما تۈرلۈك-تۈمەن كىرىزىسلارنىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان رايۇنىمىز، خەلقىمىز، جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭدەك ھەقىقىي ئىلىم ئالغان جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتۇرلىرى تۇلىمۇ زۆرۈر، تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. يەنە كېلىپ ، زۇلپىقار بارات ئۆزباش مەيلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇۋاتقاندا بولسۇن ياكى خىزمەتكە چىقىپ «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئۆتەۋاتقاندا بولسۇن ۋە ياكى «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى»كۇرسىنى ئېچىپ ئىنگىلىز تىلى ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ئۈنۈملۈك تەربىيلىگەندە بولسۇن، ھەقىقەتەنمۇ ئىلىمگە ئۆزىنى ئاتىغان بىر پەرۋانە ئىدى. مەن شۇ قېتىمقى پىكىرلىشىشتە ئۇنىڭ تېخىمۇ يالقۇنجاپ تۇرغان بىر پارچە ئوتقا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. مانا ئەمدى ئارىدىن بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتكەن مۇشۇ چاغقا قەدەر ، ئۇ ھەقىقەتەن قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە يېڭى ئىدىيە، يېڭى بىلىم تارقىتىش يولىدا ھارماي-تالماي تىرىشىپ كەلدى. «ئىلىم چېيى» مانا مۇشۇنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى.
ئۇزاقتىن بۇيان زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا بېرىلگەن«تەڭرىتاغ ئالىمى» دېگەن نام توغرىسىدا كۆپ تالاش-تارتىشلار بولۇپ كەلدى. ئەمما يەنىلا تۈگۈن يېشىلمىگەندەك تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسىي گەپ «بۇ زادى قانداق نام؟ئۇنىڭ باشقا ‹ئالىم›سۈپەتلىك ئاتالغۇلاردىن قانداق پەرقى بار؟مۇشۇ نامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئېرىشىشى ئورۇنلۇقمۇ ؟»دېگەن مەسىلە بولسا كېرەك.
ئالدى بىلەن بۇ نامدىكى «تەڭرىتاغ » دىيارىمىزدىكى ۋەكىللىك تاغنىڭ نامى، بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئالىم دېگەن سۆز «ئىلىمنىڭ ئېگىسى» دېگەن مەنىدە، بۇمۇ ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق.مېنىڭچە بۇيەردىكى مەسىلە خەنزۇچە 天山学者 دېگەندىكى 学者 نىڭ ئۇيغۇرچىغا ئالىم دەپ تەرجىمە قىلىنىشى . مەيلى ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە ، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە بولسۇن، 学者 نىڭ يەشمىسى ئالىم، ئىلىم ئەھلى دەپ بېرىلگەن. شۇڭا 天山学者 نىڭ تەڭرىتاغ ئالىمى دەپ ئېلىنىشى خاتا ئەمەس . يەنە كېلىپ ئەرەبچە، پارىسچە ، تۈركچىدىمۇ 学者 دېگەن سۆز ئوخشاشلا «ئالىم، ئىلىم ئېگىسى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. مېنىڭچە بۇ نوقتىدا چوڭ مەسىلە يوق.
ئەمدى بۇ نامنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە كەلسەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار مەلۇم پەن -كەسىپ ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا بىلىم ھازىرلىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى مەلۇم ناملار بىلەن ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ساھەسىگە قۇبۇل قىلىپ ۋە بۇنىڭغا يارىشا تەمىنات(كەڭ دائىرىدە) بېرىپ، شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇقۇتۇش- تەتقىقاتتىكى ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرمەكچى بولغان، بولۇپمۇ بۇ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.مەسىلەن ، مېنىڭ ھازىرچە بىلىشىمگە قارىغاندا، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە长江学者 دېگەن نام بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىدۇ، ئالايلۇق ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇشۇنداق نام بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تۈركولۇگىمىز بار ، يەنى ئابدۇرىشىت ياقۇپ مۇئەللىم، بۇ كىشى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتاقلىق تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندىدە تۈركولوگىيە بۇيىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا تەربىيىلىنىپ، كېيىن ياپونىيە ۋە گېرمانىيەدە تۈركولۇگىيە بۇيىچە ئىككى قېتىم دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ ھەم دوكتۇر ئاشتىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاخىرىدا گېرمانىيە بىراندىنبورگ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ھەم ھازىرمۇ شۇغۇللىنىۋاتىدۇ،شۇنداقلا ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ دوكتۇر يېتەكچىسى سۈپىتىدە دوكتۇرئاسپىرانىتلارنى تەربىيىلەۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ، بۇ كىشىگە بېرىلىدىغان تەمىنات ۋە شارائىت خېلىلا گەۋدىلىك ئىكەن(ئەلۋەتتە شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن). شىنجاڭدىمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «تەڭرىتاغ ئالىمى»(天山学者) دېگەن نام بىلەن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى«قاراقۇرۇم ئالىمى»(昆仑学者) دېگەن نام بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلغان. ھۆرمەتلىك زۇلپىقار بارات ئۆزباشمۇ دەل مۇشۇنداق شەرەپكە نائىل بولغان. مېنىڭ ئويۇمچە، چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭگونىڭ ۋەكىللىك دەرياسى(ئەلۋەتتە خۇاڭخې دەرياسىمۇ بار)بولغاچقا، ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر مۇشۇنىڭدىن 长江学者 دېگەن نامنى قوللانغان، تەڭرىتاغ بىلەن قاراقۇرۇم تېغى دىيارىمىزدىكى ۋەكىللىك تاغلار بولغاچقا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇنىڭدىن 天山学者، 昆仑学者 دېگەن ناملارنى قوللانغان بولسا كېرەك.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بىزدىكى ئالىم دېگەن ئاتالغۇ خەنزۇ ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا ئىككى خىل مەنىدە ئىپادىلىنىدۇ، يەنى خەنزۇ تىلىدا “学者” ھەم يەنە «学家...» مۇ دېيىلىدۇ. مەسىلەن، 著名学者, 历史学家, 物理学家 دېگەندەك. ئىنگىلىز تىلىدىمۇ ئىككى خىل ئىپادىلىنىدۇ. يەنى بۇ نام تەبىئىي پەنلەر ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مەلۇم ساھەسىدىكى يېتىلگەن ئىلىم ئەھلىلىرىگە قوللىنىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى ئاتالغۇ ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىمىزدە، مەيلى «学家...»بولسۇن ياكى “学者” بولسۇن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئوخشاشلا ئالىم مەنىسىنى بەرگەچكە، بۇ پەرىقلەندۈرۈلمىگەن. مېنىڭ قارىشىمچە، بىزدە بۇرۇندىن ئومۇملىشىپ كەلگىنىدەك، تەبىئىي پەنلەردىكى ئالىملار ، مەسىلەن 物理学家، 生物学家 دېگەننى بىئولوگىيە ئالىمى ياكى بىئولوگ، فىزىكا ئالىمى ياكى فىزىك دەپ ئېلىنسا، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئالىملار ، مەسىلەن 文学家,历史学家 ,社会学家دېگەننى جەمئىيەتشۇناس، تارىخشۇناس، ئەدىب دەپ ئېلىنسا ئۇقۇممۇ ئېنىق ، ئاتالغۇمۇ ئىخچام بولىدۇ.
تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئالىم دېگەن نامنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن بېرىلگىنى بىلەن خەلق تەرىپىدىن بېرىلگىنىنىڭ ۋەزنى ھەم قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ، خەلق بەرگەن نامنىڭ ئەھمىيىتى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى خەلق ____ ھەممىنى ئادىل باھالىغۇچىدۇر، بىر ئىلىم ئىگىسىنى ئىلمىي كامىللىق تارازىسىغا سېلىپ دەڭسەپ، دەۋر سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ئالىم دېگەن بۇ ھۆرمەتلىك نامنى بېرىدۇ. بەلكىم بۇ نام شۇ كىشى ھايات چېغىدا بېرىلىشىمۇ ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بېرىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ھايات چېغىدا بېرىلسە، ئۇ ھالدا بۇ شۇكىشىنىڭ ئىلمىنى ئېتىراپ قىلغانلىقنىڭ ھەم ئۇنىڭغا ئۆز ساھەسىدە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەنلىكنىڭ بەلگىسى بولىدۇ، ئەگەر ۋاپاتىدىن كېيىن بېرىلسە، بۇ شۇكىشىنىڭ ئىلمىنى قەدىرلىگەنلىكنىڭ ۋە ئۇنى سېغىنىپ ھۆرمەتلىگەنلىكنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. مىسالەن، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم ھايات چېغىدا زور ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇ بىرەر ئورگان ياكى جامائەت تەرىپىدىن ئالىم دەپ ناملانمىغانىدى، ئەلھال ئۇ كىشىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆزى ئىزدەنگەن ئىلىم ساھەلىرىدە يەتكەن يۈكسەكلىككە ھەممەيلەن قايىل ۋە مايىل بولغانلىقتىن مانا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئالىم دەپ ئاتالماقتا ۋە بۇنى ھەممەيلەن مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
يىغىپ ئېيتقاندا، ھۆرمەتلىك زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا تەڭرىتاغ ئالىمى دېگەن نامنىڭ بېرىلگىنى ناھايىتى ياخشى ئىش ، بۇھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆز ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىم يۇرتىدا مول بىلىم ھازىرلىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ھەم مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بىلىشىمچە، بىزدە ھازىر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن مۇشۇنداق نام بېرىلگەنلەرنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. ساناقلىقلا كىشى بار. ئەمدىكى گەپ ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ قەلبىدىمۇ «ئالىم»دېگەن نامغا ئېرىشىشى. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا زور شىجائەت، خەلق قەلبىنى مايىل قىلىدىغان سان ۋە ساپاسى يۇقىرى ئىلمىي ئەمگەك، ئۇزاق بىر ئىجتىھات جەريانى كېتىدۇ. ئومۇمەن نېمىلا بولسۇن، ئۆز ئىلىم ئەھلىلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، ئۇلارنىڭ خەلىق قەلبىدىمۇ ھەقىقىي ئالىملىق نامىغا ئېرىشىشىنى تىلەيلى. |
|