- تىزىملاتقان
- 2015-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 130
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
43.33%
|
obul21c يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:08
نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىق ئاتالغۇلارنى بىز تېخى چۈشەنمە ...
«نەشپۈتنىڭ تەمىنى بىلەي دېسەڭ ئۇنى يەپ باق »، بىزنىڭ پەيلاسوپ ، مۇتەپەككۇر سانى فارابى ،ئىككىنجى ئارىستوتىل ، پىسخولوگىيە مۇتەخەسىسىمىز ئەلى خۇددى قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىغا ئوخشاش ئۆزى ئاددىيغىنە كاللىسى بىلەن ھېس قىلغانلىرىنى خەلقىغە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەنتەكلىك نىلەن سەل ئالدىراپ كېتىپتۇ، ئەلى نېمىسىگە نۇتۇق سۆزلەيدۇ، بىزنىڭ ئادەم بويى بىلەن تەڭ ئەسەرلەرنى يازغان ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىزمۇ بىرەر مەيدان لىكسىيەنى يەڭگىللىك بىلەن ئالدىراپ سۆزلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار سۆزلىگەنلىرىنىڭ ئۆزخەلقىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشىدىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەنسىرەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمىگىنى ئەمەس خەلقنىڭ غېمىنى يېگىنى. زېۋىدە خانىىمنى بىز تونۇمىغان بىلەن خەلقئارا تونۇيدۇ، ئېتىراپ قىلىدۇ، مەزكۇر خانىمنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى كىتاب ئوقۇشنى تېخىچە ئۆز تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرالماي يۈرىۋاتقان خەلقىمىز تېخىچە بىلگىنى يوق، چۈنكى بىزدە ئىجادكارنىڭ قىممىتى يوق، ئەقەللىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا نۇتۇق لىكسىيە دېگەننى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مەلۇم دەرىجىدە مۇۋاپپەقىيەت قازانغان، خەلق ئاممىسىغا ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىسى بىلەن تۆھپە قوشالىغان كىشىلەرلا سۆزلەشكە ھوقۇقلۇق، يېشى بىزدىن 300ياش چوڭ بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدىكى ھەممە كۇرسلارنى سېسىتىپ ھازىرغىچە قوڭى ئىسسىمىغان زىمىستان قىشلاردا ئانىسىنىڭ پەلتۇسى بىلەن قەسەم ئىچىپ يۈرىدىغان، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىن تەجرىبە يەكۈنلەشكە ئۈلگۈرمەيلا جەمئىيەتتىكى بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن ، تەپەككۇرى زەئىب، ئەڭ ئاجىز كىشىلەر توپىنى ۋاستە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلغان بۇ پەيلاسوپىمىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپ ، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپ بۇ زىمىستان قىشتا ئالتىنجى ئاينىڭ پاقىسىدەك كۇركىراپمۇ قويماي يوقاپلا كېتىدۇ؟.... پەيلاسوپ ئەلى خەلىق سىزگە تەلمۈرىدۇ... سىزنى ساقلايدۇ... سىزدە تەپەككۇر بولمىسىمۇ . ئاڭ بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا لوقمان ھەكىمگە پاراللىل ھالدا 300 ياش بار، لوقمان ھەكىمغۇ ئەزرائىلنىڭ ئالدىدا قوي تېرىسىغا يۆگىنىۋىلىپ 350 ياش ئۆمۈر كۆرۈپتىكەن شۇنىڭغا قارىغاندا سىز ئەزرائىل جان ئالغىلى كەلگەندە گېپنوس قىلىۋەتكەن ئوخشايسىز... سىز جىمىپ كەتسىڭىز بىزنىڭ خەلىق سۈكۈت ئىچىدە ئۆلىدۇ.... ئانامنىڭ پەلتۇسى بىلەن قەسەمكى سىز بىزنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئەڭ ئالى بىلىم يۇرتىدىكى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىۋاتقان كەسپىنىمۇ ئوبدان ئۆگەنمەي دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇللىرىنى چوشقىلارچە بىكار خەجلەپ تەپەككۇر قىلىشقا ئېرىنىۋاتقان ، ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ گەپلىرىدە قىلچىمۇ لوگىكىلىق باغلىنىش بولمىغان ئاشۇ ئەقلى كەمتۈك ئاۋانگارتلىېرىمىزغا نۇتۇق سۆزلەپ بىر ساۋابلىق ئىش قىلدىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدىڭىز ئۇلار قانداق سۆزلەشنى قانداق ياشاشنى قانداق نام چىقىرىشىنى ، ئەجداتلىرىدىن قانداق يۈز ئۆرۈشنى ئۆگىنىۋالدى.....ئانامنىڭ پەلتۇسى بىلەن قەسەمكى ئۇلار سىزنى مەڭگۈ قوللايدۇ... |
|