قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 48180|ئىنكاس: 605
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەلى قۇربانغا ئاكادىمىك تەنقىد-(ئۇمۇن -تۈركىيە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

16

دوست

3189

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1022
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 03:51:22 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


ئەلى قۇربانغا ئاكادىمىك تەنقىت
(ئۇمۇن)


   ھەقىقەت مىللەت ۋە دىن،ئىرىق ۋە جىنسىيەت ئايرىمايدۇ.توغۇرلۇق  قاتمال ھۆكۈملىرىمىز تەرىپىدىن ئىنكارلىنىۋاتقاندا تەرەققىيات ھىسياتلىرىمىزغا قۇل بولغان بولىدۇ.ئىجدىمائىي مۇناسىۋىتىمىزدىكى ئادەمگەرچىلىك،يۈز ئاياش دىگەندەك مۇناسىۋەت تىئورىلىرى بىلەن ئىلمىيلىكنىڭ پۇتىغا پالتا چاپالمايمىز.
توغۇرنى سۆزلەش،ھەق ھەققىدە توختۇلۇش ئىلىم ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىنىڭ مەجبۇرىيىتى.تەنقىتتىن قورۇققان ئىلىم -پەن چۈرۈكتۈر.ئوبزۇردىن قورۇققان زىيالىي  خىيالىيدۇر.
   دەبدەبە بىلەن ئاكادىمىيەنى ئىزاھلىغىلى،ھاياجان بىلەن ئىلمىي،رىئال مەسىلىلەرگە باھا بەرگىلى بولمايدۇ.ئەلى قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلمىي بولمىغان، تەنقىتكە لايىق سۆزلىرى ئۈچۈن يىزىلغان ئوبزۇرلار مەنسىتمەسلىك ۋە سۈكۈت بىلەن قارشى ئىلىنغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندە قىسقا ۋە مىغىزلىق قىلىپ ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان پىكرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.زىۋىدە خانىمنىڭ يازغان قىستۇرمىسىغا يانداش بولالىسا دىگەن ئۆمۈتتەمەن.
     
    1.ئەلى قۇربان ئەپەندىنىڭ پىسخۇلوگىيە بىلەن روھ ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇم مەسىلىسىدە ئوتتۇرغا قويغان قارشى ئىلىميلىككە خىلاپ.
     روھ تىئولوگىيە ۋە مىتافىزىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرغا چىققان تىرمىن . روھ سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيە ۋە پەلسەپە تارىخىدىكى ئورنى پىسخىكا ۋە پىسخۇلوگىيە بىلەن تامامەن پەرىقلىق.پىسخۇلوگىيە پوزىتسىيە ۋە زىھىنى جەريانلارنىڭ ئاكادىمىك مىتودتا تەتقىق قىلىنىشىدۇر.
Atkinso ۋە  hilgard نىڭ پىسخۇلوگىيە دىگەن كىتابىدىن ئىلىندى.
     پىسخۇلوگىيەنىڭ مۇئەييەن تەتقىقات دائىرىسى ۋە  تەتقىقات مىتودى بار.پىسخىكا كەلىمىسى بىلەن روھ كەلىمىسىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش پەلسەپە بىلە پىسخۇلوگىيەنى ئارلاشتۇرۋەتكەنلىكنىڭ ئىسپاتى.روھ كەلىمىسى ھەققىدە پەلسەپەۋى  قاراشلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەپلىك روھنىڭ تەبىرى ئوخشىمايدۇ. ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ ئىدىيالىسىتلارغا قارىتا روھ تەڭرىنىڭ پارچىسى ياكى كۆڭۈل(ئىراتسىئونالىستىك)دەپ ئىزاھلانغان بولسا ئوخشىمىغان ماتىريالىستىك چۈشەنچىلەردىمۇ روھنىڭ  تەبىرى ئوخشىمايدۇ.
    ئەپسىكۇرۇسچىلار دەپ ئاتالغان ئارىستوتىلدىن كىيىنكى پەلسەپەۋىي ئىقىملاردا ھەتتا روھنى 4-ماددىغا باغلاپ ماتىرايالىسىتلەشتۇرۇشكە ئۇرۇنغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.گىگانىت پەيلاسۇپلاردىن دەكارت روھ كەلىمىسىنى مىتافىزىكىغا باغلاپ مىتافىزىكىنىڭ ئىمكانسىزلىقى ھەققىدە توختالغان.
ئاگۇستە كونىتنىڭ پوزىتىۋىزىم مىتوتىدىن كىيىن روھ كەلىمىسى پۈتۈنلەي مىتافىزىكىنىڭ ئىچىگە ئىلىندى ۋە ئاكادىمىيە تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى.
بۈگۈنكى  روھ (پەلسەپەۋىي تىرمىن)كەلىمىسى بىلەن پوزىىتىپ پەن بولغان پىسخۇلوگىيە ئۇقىمىنى بىر-بىرىگە ئارلاشتۇرۋىتىش ئىلمىيلىك ئەمەس.

     2.ئەلى قۇرباننى لوگىكا بىلەن پەلسەپە ئۈگۈنۈشكە دەۋەت قىلىمەن.
    شامال بىلەن روھنى ۋە توك بىلەن روھنى سىلىشتۇرۇش لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس.شامال بىلەن توك ئىلىم-پەندە مۇئەييەن فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددا دەپ قارىلىدۇ.ئەمما روھ ھەققىدە تەبىر پەقەت پەلسەپەۋىي قاراشلارنىڭ ئىزاھاتى بىلەن چەكلىنىدۇ.شامال ۋە توكنىڭ ماددا ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلغان ئىكەنمىز شامال ۋە توك بىلەن روھنى سىلىشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئىھتىماللىق ئەقلىمىزگە كىلىدۇ.
لوگىكىلىق قانۇنىيەتتە ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەت ۋە ئوخشىمىغان تەكشىلىكتىكى ئوبىكىتلار بىر -بىرى بىلەن سىلىشتۇرۇلمايدۇ.
   ئىنسان بىلەن ھايۋاننى سىلىشتۇرۇش قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن. چۈنكى ئىنسان بىلەن ھايۋان جانلىقتىن ئىبارەت ئورتاق خۇسۇسىيەت ۋە ماكان،زامان ئىچىدىكى ئوخشاش تەكشىلىككە ئىگە.ئەمما بىز تاغ بىلەن ھايۋاننى،ئىنسان بىلەن ئاي شارىنى سىلىشتۇرالمايمىز چۈنكى بۇلار ئوخشىش خۇسۇسىيەت ۋە ئوخشاش تەكشىلىككە ئىگە ئوبىكىتلار ئەمەس.
   روھ بىلەن شامال ۋە توكنى سىلىشتۇرغانلىق مەنتىقى ئاقىۋەتتە ماددا بىلەن روھنى سىلىشتۇرغانلىق.روھ بىلەن ماددىنى سىلىشتۇرۇش ياكى مەنتىقى خاتالىق ياكى ئەلى قۇربان ئەپەندى ئارىستۇتىل ئىقىملىرىنىڭ داۋامى بولغان ئىپىكۇرۇسچىلارغا ئوخشاش روھنى ماددا دەپ قارايدۇ.ئىككىنجى خىل ئىھتىماللىقنى كۆزدە تۇتساق ئەلى قۇربان ئەپەندى ئاتىسىت چۈشەنچىگە ئىگە بىرى بولغان بولىدۇ.

    3.سوتسولوگىيەگە(جەمىيەتشۇناسلىق)تاقىشىپ قالغان بىمەنەلىك.
   جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە شەخىس بىلەن توپلۇم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى ئىنتايىن ئىنىق.شۇنۇڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى مەن خەلىق،جەمىيەت تۇتقىلى، كۆرگىلى بولىدىغان موھىت دەپ جۆيلۈپ يۈرمەڭ.ئىنسانىيەت بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن توپلۇشۇپ ياشايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.بىر توپلۇمنىڭ ئۆزگۈرىشى شەخىسنىڭ تەرەقىياتى بىلەن بولىدۇ ۋە توپلۇمنىڭ ئۆزگۈرىشى شەخىسنىڭ ئۆزگۈرشىگە تۈرۈتكە بولىدۇ.
    يەككە شەخىس بىلەن توپلۇمنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ سىز ئىتقاندەك تەڭلىك مۇناسىۋىتىگە ئەمەس بەلكى بىرى بىرىنى ئىچىگە ئالغان ئۆتۈشۈش مۇناسىۋىتىگە ئىگە.شەخىس توپلۇمنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.توپلۇم شەخىسلەرنىڭ توپلىنىشىدۇر.شەخىس توپلۇمنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى.
بىر بىرلىك توپلۇمغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ۋە توپلۇممۇ يەككە شەخىسكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
     يەنە بىرى ئۆزى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش خەلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر دىگەن بۇ جۈملە ئىنتايىن دەبدەبىلىك جۈملە ئىكەن.بىراق بۇ ھەقىقەت ئەمەس.چۈنكى بەزى چاغلاردا شەخىسنىڭ كۈرەش ئوبىكتى ۋە نەتىجىسى توپلۇمنىڭ تەرەقىياتىغا ئۇيغۇن بولغان بىلەن بەزى چاغدا توپلۇمنىڭ تەرەققىياتى بىلەن شەخىسنىڭ ئارزۇسى بىر- بىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.بۇ خىل نەتىجىدە ئۆزىڭىز ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەش خەلقىڭىزنىڭ كىلگۈسىگە ئورا كولاپ قويىشى مومكىن.بىر ھۆكۈملۈك بىلەن تەپەككۈر قىلغىلى بولمايدۇ.تەپەككۈر قىلىش ئۈچۈن ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ ھۆكۈملۈك بولىشى كىرەك.
ئىككى ھۆكۈملۈك تەل بولغان ھالەتتىمۇ ھۆكۈملەر بىر-بىرى بىلەن مۇسىۋەتلىك بولمىسا تەپەككۈر ھاسىل بولمايدۇ.

     4.قوغۇن ۋەقەسىدىكى جۆيلىمە.
     دۇنيا ئاكادىمىيىسىدە ئىلىم-پەننىڭ مەقسىتى ھەقىقەتنى ئىزدەش.ھەرقانداق دىننى،مىللىي،جىنسى،ئىرقى ھىسيات ئارلاشقان نەتىجىنى ئاكادىمىيە بىردەك ئىنكار قىلىدۇ.مىللەتچىلىكنى ئاكادىمىيەگە قىتىۋالىدىغان چاكىنىلىقنىڭ بىلىم ئىنسانلىرىمىزدىن ئۇزاق تۇرىشىنى تىلەيمەن.بىشىدا ھەمما ئادەم روھتا ئوخشاش دىگەن گەپنى قىلغان ئەلى قۇربان مىللەت ئارىسىدا ئەقلى پەرىق مەۋجۇت دىگەن گەپنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ تىلىغا ئۆزى  دەسسەپ يۈرۈيدۇ.
ئىلمىي بىر سورۇندا دىن،مىللەت ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئىلمىي سۆھبەتنى ئارلاشتۇرۋىلىش ئاكادىمىك مىتودقا ئىنتايىن زىت.
    قوغۇن تەلەپپۇزىنى قىلالمىغان مىللەتلەرنى گىن تەرەپتىن ئەقىلسىزغا چىقىرۋىتىش جىنايەت جەمىيەتشۇناسلىقىدا تىلغا ئىلىنىدىغان ئىتالىيىلىك بىر سوسيولوگنىڭ ئادەم بەدىنىڭ فىزىكىلىق قۇرۇلمىسىغا قاراپ جىنايەتنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەش توغۇرسىدىكى تەجىربىسىنى ئىسىمگە سالدى.
    تىل ۋە تەپەككۈرنىڭ پىسخۇلوگىيەدىكى تەتقىقات نەتىجىللىرىدە تىل بىلەن تەپەككۈر ۋە ئەقىل بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋىتى توغۇرسىدا ئۇچۇرلار ئىنتايىن كۆپ.ئەلى قۇربان ئەپەندىنى ئىزدەپ ئوقۇپ بىقىشقا دەۋەت قىلىمەن.ھەيران قالغىنىم بىر تىلنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەلەپپۇز پەرقىدىكى ئوخشىماسلىقنىڭ ھەتتا يەككە شەخىس بىلەن ئالاقىسى يوق تۇرسا ئەلى ئەپەندى ئوخشىمىغان تىللاردىكى تەلەپپۇز پەرقى بىلەن مىللەتلەردىكى گىنىتىك ئەقىلگە باھا بىرىۋىتىپتۇ.

    5.ئاۋۋال كەيپىيات ئاندىن مۇھىت پەيدا بولىدۇ دىگەن سۆزگە قوشۇمچە.
     پىسخۇلوگىيەدە ئىنسان  ئوبىكتىپلاردىن تەجىربە جۇغلايدۇ ۋە مەسىلىلەرنى شۇ تەجىربىلەر بىلەن ھۆكۈملەيدۇ.مەسىلىلەر كونا تەجىربىللىرىگە ئۇيغۇن بولمىغاندا دەرھال كونا تەجىربىلەرنىڭ ئورنىغا يىڭى تەجىربىلەرنى ياساپ چىقىدۇ.ئىنساننىڭ مەلۇم بىر پىسخىك سىستىما يارىتىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئوبىكتىپ مۇھىت كىرەك.
    مەشھۇر پىسخۇلوگ Piage نىڭ موھىت  توغۇرسىدىكى كۆرۇشلىرىدە كىچىك بالىلار خۇددى ئالىملاردەك ئوبىكىت ئۈستىدىكى تەجىربىلەر ئارقىلىق ئىجدىماۋىي ۋە تەبىئىي دۇنيا ھەققىدە بىلىمگە ئىرىشىدۇ.بۇنى قىممەت قاراش دەيمىز.يىڭى ھادىسىلەر ۋە موھىتقا يولۇققىنىدا مەسىلىلەرگە كونا قىممەت قاراش بويىچە باھا بىرىدۇ.بۇنى قۇبۇللاش دەيمىز.ئەگەر يىڭى ھادىسە ۋە موھىتقا يولۇققىنىدا مەسىلە كونا قىممەت قارشىغا ئۇيغۇن كەلمىسا ئو ۋاقىتتا ئىنسان كونا قىممەت قاراشنى تاشلاپ ئورنىغا يىڭى قىممەت قاراشنى قويىدۇ.
   پىسخۇلوگىيەدە ئىنسان پىسخىكىسى موھىتقا تەسىر قىلىدۇ دەيدىغان ھۆكۈملۈك بار.ئەمما بۇ ھۆكۈملۈك موھىتنىڭ ئىنسان پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىدىغان مۇتلەقلىقنى ئىنكار قىلمايدۇ.ھەم بۇ ئىككى ھۆكۈم پىسخىكا موھىتتىن ئاۋۋال پەيدا بولغان دىگەن قاراشقا يىقىنلاشمايدۇ.

   6.ھۆكۈمەتتىن مىننەتتار بولۇش كىرەك دىگەن ھۆكۈملۈك پىسخۇلوگىيەنىڭ ئىشى ئەمەس.
    دىمۇكراتىيە ۋە ئەركىن سىياسىي تەكىتلىنىۋاتقان جەمىيەتتە ھۆكۈمەتنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ تۇرۇش ۋە خەلىق تەرىپىدىن ئىدارە قىلىش دىمۇكراتىك سىياسىي پەلسەپەنىڭ تەشەببۇسى.ھۆكۈمەتتىن مەمنۇن بولۇش ياكى ئۇنۇڭدىن قۇسۇر تىپىش پىسخۇلوگىيەنىڭ تەتقىقات دائىرىسىدىكى نەرسە ئەمەس.سىياسەت،پەلسەپە،جەمىيەتشۇناسلىق پەنلىرى ئاكادىمىكلىرى دۆلەتتىن قاقشاش توغۇرمۇ ياكى مىننەتتار بولۇشمۇ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختۇلۇشقا ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.
    ھەرقانداق پوزىتسىيەگە مىننەتتارلىق بىلدۈرگىلى بولمايدۇ.بەزى پوزىتسىيەلەرگە قارشىلىق بىلدۈرۈلمىسە پوزىتسىيەنىڭ توغۇرلىقىغا تەسلىم بولغانلىق بولىدۇ.بىرى سىزنى بىر كاچات سالسا سىز ئۇنۇڭغا مىنەتتارلىق بۈلدۈرسىڭىز سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر كاچاتقا لايىق ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىغان بولىسىز.مىننەتتاتلىق ئۆز يولىدا بولىشى كىرەك.سىياسەت ۋە پەلسەپەنى پىسخۇلوگىيەگە ئارلاشتۇرماڭ.

    7.يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئەقلى يەكۈننىڭ پەرقىنى پىسخۇلوگىيەدىن ئازراقلا ساۋادى بولغان كىشى بىلىدۇ.
    روھنىڭ قانۇنىيىتى بار دىگەن ھۆكۈم بىلەن بىلىم ئىرسىيەت قالىدۇ دىگەن ھۆكۈمنىڭ بىمەنىلىكتە ئوخشاش   تەكشىلىكتە تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي.

    8.ھىسنىڭ-ماددىغا ئايلىنىشى توغۇرسىدىكى قارشىغا:
    (لىكسىيەدىن بۇرۇنقى سۆزى)
    بۈگۈنكى پوزىتىۋىزىملىق دۇنياداھىس-تۇيغۇ يەنى مەنىۋىيەتنىڭ ماددا ھاسىل قىلالىغانلىقى ھىچقانداق تەجىربە جەريانىدىن ياكى لوگىكىلىق ئىسپاتلاشتىن ئۆتكەن نەزىريە ئەمەس.بۇ قاراش خەنزۇ تارىخىدىكى پەيلاسۇپلارنىڭ تەڭرى ئىدراكىتۇر.تەڭرى قەلىپتۇر دىگەندەك سۇبىكتىپ ئىدىيالىزىمنى مەنبە قىلغان ئىدراكچىلىق نەزىريىلىرىگە ئوخشاپ  قالغان. بەلكى ئەلى قۇربان مەخپىيەتلىك فىلىمىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بولىشى مومكىن.
ئۇ نەزىريەدىكى ئىنساننىڭ ماگىنىت مەيدانى ئارقىلىق ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى چىللاپ كىلىشى پەقەت ئىنساننىڭ ئويلاش ۋە ئىنتىلىش ھىسياتىنىڭ ئىش ھەركەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ ئوبرازلاشتۇرىلىشىدىن ئىبارەت.
    ئىنساننىڭ مىڭە قاتلىمىدىكى نىرۋا  ھۆجەيرىللىرىنىڭ ماگىت مەيدانى شەكىللەندۇرىشى ھەرگىزمۇ مەنىۋىيەتنىڭ ماددىغا ئايلىنىشى ئەمەس.
يالاڭاچ ئايالنى ئويلاپ ئانانىزىم قىلغان كىشى،ياكى چۈشىدىكى بىر قاتار سىرىق كۆرۈنۈشلەردىن ئىسپىرما ئاجىرتىپ چىقارغان فىزولوگىيىلىك يىتىلىش جەريانىدىكى بالىلارنى ھەرگىزمۇ بىز كاللىسىدىكى يالاڭاچ ئايالنىڭ ماددىغا ئايلىنىشى ياكى چۈشنىڭ ماددىلىشىشى دەپ تەبىر بەرمەيمىز.
ئەلى قۇربان ئەپەندى ئاكادىمىك مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغاندە ھەمىشە پەلسەپەۋىي قاراشلىرى بىلەن ئىلمىيلىكنى ئارلاشتۇرۋىتىدۇ.
ئىسپاتلانمىغان،ئاكادىميە تەرىپىدىن ئىتراپقا ئىرىشمىگەن كۆپۈنچە قاراشلارنى ئىلمىي سۆھپەتنىڭ ئۈستىگە مىنگەشتۈرۈپ قويۇش پەنگە قىلىنغان ئاسىيلىق.
    بىلىم بىلەن گەپدانلىق پەرىقلىق نەرسە.كىشىلەر ئەتراپىدىكى ھادىسىلەردىن مۇئەييەن ئەقلى يۈكۈن چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر دەۋىردە ھىسياتنىڭ ئەقلىمىزگە بولغان ھۆكۈمدارلىقىغا قارشى چىقالماسلىقىمىز ئاجىزلىقىمىزدۇر.خاتالىقىنى تونۇش،ئۆزى ھەققىدە ئويلۇنۇش بىر ئاكادىمىك ئىنسان ئۈچۈن ھازىرلاشقا تىگىشلىك زۆرۈر شەرىتتۇر.
    ئەلى قۇربان لىكسىيەسىنى مۇۋاپىقيەتلىك بولمىغان مەغلۇپ لىكسىيە دەپ باھا بەرمەيمەن.لىكسىيەدە ئۇيغۇر ياشلىرىغا زۆرۈر مەنىۋىي يىتەكلەش مەۋجۇت.ئومۇمىي جەھەتتىن رىئاللىققا ئۇيغۇن مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنغان.لىكسىيەنىڭ دەسلەپكى ئۈچ قىسمىنى كۆردۇم.4-سىنى كۆرۇشكە ۋاقتىم ۋە تاقىتىم يىتىشمىدى.ئەلى قۇرباننىڭ خاتالىقىنى تونۇپ ئاكادىمىك بىر زىيالىي ئىنسان ئوبرازىنى تىكلىشىگە تىلەكداشمەن.سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت بىلەن ھەممىڭلارغا تەشەككۈرىرىمنى يوللايمەن.


   باغداش تورىدىن سالونچىلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش :
   يېقىنقى بىر ئايلىق تەكشۈرشىمىزدىن ئىسپاتلاندىكى زور ساندىكى سالونلار باغداش تورىدىكى كونا -يېڭى مەزمونلارنى ئۆز مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقاتقان .بۈگۈندىن ئېتىبارەن باغداش تورىدىكى ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتقان سالونلار بايقالسا بىز شىركەت نامىدىن تېڭشۈن ئۇندىدار سالونى باشقۇرۇش بۆلىمى بىلەن ئالاقە قىلىپ سالونغا تەدبىر قوللىنىمىز .  ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى

5

تېما

0

دوست

5140

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1369
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:08:04 |ئايرىم كۆرۈش
نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىق ئاتالغۇلارنى بىز تېخى چۈشەنمەيدىكەنمىز،شۇڭلاشقا بۇ ئىشلارغا ئاددى كاللىمىز بىلەن ئىنكاس يېزىش تەستەك تۇرىدۇ،قېنى قانداق نەتىجە چىقىدۇ،سۈكۈتتە قاراپ باقايلى..
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32202
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:09:22 |ئايرىم كۆرۈش
ۋوي!باش سۇرىتىمىز ئوخشاشكەن سىزمۇ شەپەرەڭ پالۋاندىكى جوكنىڭ مەستانىسى ئوخشىمامسىز!

1

تېما

0

دوست

904

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30982
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:11:11 |ئايرىم كۆرۈش
گەرچە لىكسىيەنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يۇقىرى،ياشلارغا نەپ بىرەلىگەن لىكسىيە بۇلسىمۇ لېكىن ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان ئىلمىي خاتالىقلار،ئۇيغۇر ئۇمۇمىي پىسخىكىسىغا ماس بولمىغان ئىبارىلەر بار.مېنىڭچە چۇقۇم ئەلى مۇئەللىم بۇ خاتالىقلار تۈزۈتۈپ كىتەلەيدۇ ھەم ياخشى بولغان تەنقىدي پىكىرلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدۇ.

5

تېما

0

دوست

5140

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1369
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:18:10 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   obul21c تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 12:20  

باغداش تورىدا مەزكۇر مەسىلە توغرىسدا يېزىلغان بىر نەچچە تىمىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلۋاتىمەن.  مەيلى ئەلى قۇربان بولسۇن ياكى زىدە كېرىم بولسۇن،مىنىڭچە ھەر ئىككىلىسى بىزگە ياخشى بولسۇن ئۈچۈن توغرا بىر نوختا تېپىشقا مۇنازىرە قىلۋاتىدۇ،شۇنداق بولغان ئىكەن ئاز-تولا خاتالىقلاردىن مۇستەسنا بولالمايدۇ.(ئادەم ئەمەسمۇ)
شۇڭلاشقا بۇ توغرىسدىكى مۇنازىرنى ئىلمى ئېلىپ بارساق،مەيلى قايسى بولسۇن،بىز شەخىسنى ھەرخىل گەپلەر بىلەن كەمسىتىش ھوقۇقىمىز يوق.
مەن ئەلى مۇئەللىمنىڭ مۇنۇ گېپىگە خېلى قايىل بولۇپ قالدىم، بىر ئىشنى يامان تەرەپتىن ئويلاپ ماڭساق،كاللىمىزدىكى يامانلىق ئېڭى چوڭ بولۇپ ماڭىدۇ.
ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ ماڭساق ياخشىلىق ئېڭى چوڭ بولۇپ ماڭىدۇ.
شۇڭا مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى،ئىلمىيلىك بىلەن مۇنازىرە قىلىش،باشقىلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان گەپ سۆزلەردىن ئىھتىيات قىلىساق.ياخشى تەرپىنى كۆپرەك كۆرسەك.

0

تېما

2

دوست

1651

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17995
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:21:44 |ئايرىم كۆرۈش
سىز كىم ؟ تېما يوللىغۇچى ؟

165

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1748
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6586
تۆھپە : 6523
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:27:27 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 12:33  

بىلىم بىلەن گەپدانلىق پەرقلىق نەرسە!
---
ئەلى قۇرباننىڭ يۇقىرىقى ئەسەر ئىگىسىگە جاۋاپ بېرىشىنى تەققازالىق بىلەن كۈتىمىز!؟

0

تېما

2

دوست

2185

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:33:32 |ئايرىم كۆرۈش
ئەلى قۇرباننىڭ لېكسيەلىرىدىن ئېلھام ئېلىپ ، ئۆزىمىزنى ياخشىلاش يولىدا تىرشچانلىق كۆرستىشكە تەرەدۇت قىلىۋاتىمىز، مەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئۇيغۇرنى ئېلھاملاندۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر ئىنساننىڭ بولغانلىغىدىن پات-پات ئىچىمىدە خۇشال بولۇپ يۇرۇيمەن. تېخى تۈنۈگۈن باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان بالامغا : « بالام ئۆزەڭ ئۈچۈن ياخشى تىرشىپ ئوقۇساڭ ، بۇنىڭ پايدىسى بىزگىمۇ تىگىدۇ. ھەرگىزمۇ دادام، ئانام ئۈچۈن ياخشى ئوقۇيمەن دىمىگىن .» دىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )