- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4528
- نادىر
- 0
- يازما
- 293
ئۆسۈش
84.27%
|
5-پۇل -مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇپ ،ئىقتىزادنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ .
ئىقتىزادنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىززىپ كىتىشتەك ئەھۋالدا ،دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۇمەت ئورگانلىرى ساغلام مۇقىم بولغان پۇل -مۇئامىلە سىياسىتىنى يۇرگۇزدى(ئەمەلىيەتتە خەلىق پۇلىنىڭ تارقىتىش مىقتارىنى ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللاندى ) .ئەمما تاشقى پىرۋۇت زاپىسى توختىماستىن كۆپۇيۇپ كىتىپ ،مەركىزى خەلىق بانكىسى ئامالسىز خەلىق پۇلىنىڭ تارقىتىش مىقتارىنى ئاشۇرۇپ دۆلەت ئىچىدە پۇل پاخاللىشىپ كىتىش بىسىمىغا ئۇچرىدى . ھەمدە دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى . خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا دۆلىتىمىز خەلىق پۇلىنىڭ تارقىتىش مىقتارىنى تۇراقلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىز پۇل -مۇئامىلە ئاپراتلىرىنىڭ مۇستەقىل پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يۇرگۇزۇشكە شارائىت ھازىرلايدۇ .
6-خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ خەلىقئارا بازاردا سىتىۋىلىش كۇچىنى ئاشۇرۇپ . خەلىق پۇلىنىڭ خەلىقئارا پۇل سىستىمىسىدىكى ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۇرىدۇ .
(1)دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى قەرىز بىسىمىنى يىنىكلىتىدۇ . ئىسلاھات ئىچىۋىتىلگەندىن بۇيان دۆلىتىمىز تىخىمۇ تىز تەرەققى قىلىش ئۇچۇن نۇرغۇنلىغان دۆلەت تەشكىلاتلاردىن چوڭ سوممىلىق قەرىز ئالغان .(سانلىق مەلۇماتلار قىسقارتىۋىتىلدى )
(2)دۆلىتىمىز پۇخرالىرىنىڭ بايلىق كۆرسەتكۇچىسى يۇقۇرلايدۇ . دۆلىتىمىز ئىقتىزادىنىڭ يۇقۇرى كۆتۇرۇلىشىگە ئەگىشىپ كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يىتىپ .چەتئەللەرگە چىقىدىغان ساياھەتچىلەر ھەم ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ . خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشقاندىن كىيىن .چەتكە چىقىپ ساياھەت ياكى ئوقۇيدىغانلار . سودىگەرلەرلەر ئوخشاش پۇل بىلەن تىخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى سىتىۋالالايدىغان بولدى . بۇ خۇددى 80-يىللاردىكى ئارگىنتىنالىقلاردەك . ئارگىنتىنا پىسوسىنىڭ قىممىتى ئىشىپ ئارگىنتىنالىق ساياھەتچىلەر دۇنياغا يامرىغاندەك ئىش .
(3)دۆلىتىمىز كارخانلىرىنىڭ دۇنياغا يۇرۇش قىلىشىغا پايدىلىق . خەلىق پۇلى قىممىتىنىڭ ئىشىشى دۆلىتىمىز كارخانلىرى چەتئەللەرگە مەبلەغ سىلىشتا مەبلەغ سىلىنمىسىنى كىمەيتسە بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ .يەنى ئاز پۇل بىلەن چەتكە مەبلەغ سىلىپ كۆپ ئۇنۇمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ .ھەم چەتئەللەرگە مەبلەغ سىلىپ ئىشلەپ چىقىرىش تەنەرخى ۋە سىتىش تەنەرخىنى كىمەيتكىلى بولىدۇ . ھەم ئىختىزادنىڭ دۇنياۋىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ دۇنياۋىي سىتىش لىنىيەسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ . ھەم دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۇرتكە بولىدۇ
(4)خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى مۇقىم ئىشىپ بەرسە خەلىق پۇلىنىڭ دۇنيا پۇلى بولۇشقا بولغان ئارلىقى كىچىكلەيدۇ .دۆلىتىمىز ئىقتىزادى تىز سۇرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان ،تاشقى پىرېۇت تىز سۇرئەتتە كۆپۇۇۋاتقان بۇنداق پەيىتتە خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا خەلىقئارادا خەلىق پۇلىنىڭ ئورنى يۇقۇرلايدۇ .
3.خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئىشىشنىڭ پايدىسىز تەسىرى
1- ئىكىسپوروت ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىش كۇچى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ .
ئەسلىدە 10مىليۇن دوللارغا ساتقىلى بولىدىغان دۆلىتىمىز تاۋارلىرى . خەلىق پۇلى قىممىتى ئىشىپ كىتىشى سەۋەبلىك سۇپىتى ياكى سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .يەنى تىخىمۇ كۆپ پۇل بىلەن ئاندىن شۇ 10 مىليۇن دوللارلىق مەھسۇلاتنى سىتىپ چىقىرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سالماقچى بولغان سودىگەرلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئوخشاش مەبلەغ بىلەن بۇرۇنقىدەك ئورۇن ۋە ئىمتىيازغا ئىگە بولىدىغان ئورۇندىن مەھرۇم بولىدۇ .(ئازراق قىسقارتىلدى )
2-مەبلەغنىڭ سىرىتقا ئىقىپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا خەلىقئارادا سىتىۋىلىش كۇچى ئىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغنىڭ سىرىتقا چىقىپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .(سانلىق مەلۇمات ۋە جەدىۋەل قىسقارتىلدى)
3-دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور بولغان تاشقى پىرۋۇت زاپىسىنىڭ ئەمەلى ئىشىلىتىش قىممىتى كىمىيىپ كىتىدۇ
يىقىندا دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پىرۋۇت زاپىسى جەھەتتە ياپونيەدىن ئۆتۆپ دۇنيادا بىرىنجى ئورۇنغا ئۆتتى . يىتەرلىك بولغان تاشقى پىرۋۇت زاپىسى دۆلىتىمىز ئىقتىزادىنىڭ توختىماستىن ئىشىۋاتقانلىقىنىڭ . ئىسلاھات ئىچىۋىتىش سەۋىيەسىنىڭ كۇنسىرى يۇقۇرلاۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى . ھەم دۆلىتىمىز ئىقتىزادىنى يۇكسەلدۇردىرۇ، ھەم تاشقى سودىدىكى كۇچلۇك ئىقتىزادى ئاساس . بىراق خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا دۆلىتىمىز يىغقان تاشقى پىرۋۇتنىڭ ھەقىقى ئىشلىتىش قىممىتى زور دەرىجىدە كىمىيىپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
داۋامى بار .....
|
|