- تىزىملاتقان
- 2014-9-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 490
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
95%
|
ئالدىبىلەن تىما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، ھەر ئىككى پىسخۇلۇگنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ يامراپ ،يامان سۇپەتكە ئۆزگىرىپ كىتىشنىڭ دادىل ئالدىنى ئاپتۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا نامى چىققان ۋە چىقىۋاتقان بۇ ئىككى پىسخۇلوگ ھەقىيقەتەن بىزگە ئىنتايىن قەدىرلىك ھەم لازىملىق كىشىلەردۇر، بۇنداق ئادەملىرىمىز كۇپەيسۇنكى ئازلاپ قالمىسۇن .بۇلارنى سېسىتمايلى،بۇئىككەيلەننىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن ئىلىم ساھەسىدە تالاش تارتىش قىلىۋاتقىنى ياخشى ئەھۋال.بۇ ئۇلارنىڭ روھىنى زەرەتلەيدۇ ،بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇدۇ.ياخشى يىرى مۇش كۇتۇرۇپ ئۇرۇشمايدۇ،چۇنكى بىرسى ئەر بىرسى ئايال،ئەنئەنىمىزدە ئەر كىشى ئايال كىشى بىلەن ئۇرۇشمايدۇ.بىراق مۇھىمى بىز يىراقتا تۇرۇپ ئۇنىڭ توغرا بۇنىڭ خاتا دەپ ئاق تاغلىق -قاراتاغلىقنىڭ قۇيرۇقچىسى بولماي ئىلمى پۇزۇتسىيە تۇتۇپ تېخىمۇ ياخشى ئىدىيەلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشىنىڭ شاھىدى بولغىنىمىز مىڭ ئەۋزەل .پىسخولوگىيە دىگەن ئىنتايىن مۇھىم بىر پەن ،ئۇ بىۋاستە اللاھ بىلەن تۇتاشقان روھنىڭ يەشمىسى،باشقا پەنلەر ماددىنى تەتقىق قىلسا ئۇ روھنى تەتقىق قىلىدۇ.ئۇ پەلسەپەدىن بۇلۇنۇپ چىققان مۇستەقىل بىر پەن بۇلۇش سۇپىتى بىلەن دىيارىمىزدا ئەمدى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى .ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ چۇشۇنىشى ،قۇبۇل قىلىشىغا خېلى بىر ۋاقىت كىتىدۇ.اللاھ تەننى ئايرىم روھنى ئايرىم ياراتتى تەننىڭ نۇرغۇن داۋاسى ھەتتا ئوپراتسىيسى بولغاندەك روھنىڭمۇ ئايرىم داۋاسى بار ،روھقىمۇ ئوخشاش پەرۋىش كىرەك .مىليۇن نۇپۇسلۇق مىللەتتە قانچىلىك پىسخولوگ بار ،قانچىلىكىمىز پىسخولوگىينى چۇشۇنىمىز ،يەنە قانچىمىز ئەلى مۇئەللىمنىڭ توغرا زىۋىيدە ھەدىمىزنىڭ خاتا دىيەلەيمىز شۇنداق باھالارنى بەرگۇچىلىك بىزدە قانچىلىك كەسپى ساپا بار.بەزىلەر بار تېخى دۆلەت ئىككىنجى دەرىجىلىك پىسخولوگنى زاڭلىقىلىپ چوڭ نەرسە ئەمەس دىگەندەك .ئاۋال ئۇزۇمىز بىرىنچىسى بوپ بۇلاپ ئاندىن باشقىلارنى ئويلاشساق.بىلىم باشقا نەرسە ئادىمىيلىك ئەخلاق باشقا نەرسە،بىلىمنى قۇرالغا ئوخشاتساق ئۇ قۇرال ئەخلاقلىق ،ساپدىل ئادەمدە بولسا خەۋىپ يوق ،ئەخلاقسىز ناداننىڭ قۇلۇدا بولسا ئۇ بىر ئاپەت.مىڭ ئادەمنىڭ ئارىسىدا بىر ساقچى قۇرال كۇتۇرۇپ يۇرسە ھېچ گەپ يوق بىراق بىرناكەس قاتىل قۇرال كۇتۇرۇپ يۇرسە ھەممە ئادەم جان قايغۇسىدا پىتىراپ قاچىدۇ،تەرتىپ بۇزۇلۇدۇ.دىمەكچىمەنكى بۇ ئىككى ئىلىم ساھىبىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى گۇپپاڭچىسى بولماي ،ئۇلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت داستىخېنىدىكى ئىلمى پىكىرلىك،كەڭ قۇرساق،ئەپۇ چان ،كىچىك پىئىل مىھمانلاردىن بۇلايلى.قېنى ئۇلار بىزنى نىمەلە بىلەن كۇتۇۋالىدۇ... |
|