- تىزىملاتقان
- 2015-1-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 422
- نادىر
- 0
- يازما
- 50
ئۆسۈش
61%
|
مۇنبەر لۆكچەكلىرىنىڭ مارشى
غاجاقچىلارنىڭ چىشىغا ئىچى ئاغىرىپ ھەدېھيە قىلغۇچى:قاسىم سىدىق
تىل ئۇچىدا ئىناقلىقنى ياقلايمىز،
تاڭلايلاردا پىچاق،شەمشەر ساقلايمىز.
ئېغىزىمىز_ مىلتىق،قورال دىگەن شۇ،
“مىلتىق”لارنى نىجاسەتتە ئوقلايمىز.
نەقرات:
شۇ تەرىقە مۇنبەرلەرنى يوقلايمىز،
شىكار قىلىپ قوساقلارنى توقلايمىز!
دېتلالمىساڭ ئەقىل يەتمەي تېمىنى،
لەڭ ئورغۇزۇپ،چۈكەر بونداق كېمىنى.
يەۋاتقاندەك بولۇپ ئەلنىڭ غېمىنى،
قاملىشىدۇ دەۋەرسەڭ ھەرنىمىنى.
نەقرات:
بىزلەر چاقچى پالتا-پىچاق چاقلايمىز،
جىدەل چىقسا روناق تېپىپ،چاقنايمىز!
باش كۆتەرسەڭ،شۇئان ئۇرۇپ بېشڭغا،
ئىنسان كەلمەس قىلماق مەقسەت قېشىڭغا.
شۇ تەرىقە كېلەلمەيسەن ھوشۇڭغا،
تەڭ تۇرماق تەس بىزنىڭ مەۋھۆم قۇشۇنغا.
نەقرات:
زاكاز ئېلىپ،كىرىمنى ئون قاتلايمىز،
شەيتان بىزنى...،بىز شەيتاننى ئاتلايمىز!
مەقسەت سوقماق كاللىلارنى كاللىغا،
تېكەن تەرمەك گۆلنى يۇلۇپ ھويلىغا.
گەپلىرىمىز چىقمىسمۇ چويلىغا،
بىزمۇ باردەپ سېلىپ تۇرۇش يادىغا.
نەقرات:
بىز يوشۇرۇن،پىنھاندا جان ساقلايمىز،
سەن ئاشكارە،شۇڭا قورىقماي پۇتلايمىز.
“ئادالەت”نى مانا شۇنداق ياقلايمىز.
رەقىپلەرنى مانا شۇنداق باپلايمىز،
تېرىسىدە ئۇستۇرلارنى كاپلايمىز!
2015.1.15
خالا جايدا يېزىلدى. |
|