- تىزىملاتقان
- 2014-11-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 267
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
89%
|
مۈمكىن بولسا «ئەسەبىيلىك» ھەققىدە مۇنازىرە قىلىنغان بولسا...
تۆۋەندە ئازراق مۇلاھىزە تېزىسى تەييارلىغان ئىدىم، ۋاقتىم ۋە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا كۆپ شەرھى مىساللارنى بېرەلمىدىم.
ئەسەبىيلىك ھەققىدە قايتا ئويلىنىش:
__ ئەسەبىيلىكنىڭ نېگىزلىك ئىپادىسى ھىسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشتۇر.
1.بازار ئىگىلىگىدىكى تەڭسىز رىقابەتتىن كېلىپ چىققان زەربىلەر ۋە ئۇنىۋېرسال پىسخىىك ئەسەبىيلىك(گاڭگىراش): مەسۇلىيەتسىزلىك، ئىشەنمەسلىك، ئالدامچىلىق، ئىنساپسىزلىق، مەنمەنچىلىك، ۋەھىمە، ھوزۇرسىزلىق، ئۈمىتسىزلىك، ھەسەتخورلۇق، ئۆچمەنلىك، قىساسكارلىق...
2. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە مىللى ئەسەبىيلىك: زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى بىلەلمەسلىك ۋە ئېتىراپ قىلماسلىق، خاتا تاللاش ۋە شاللىنىش، مەدەنىيەت مائارىپتىكى تېيىزلىق، يېتىمسىراش ۋە چارىسىزلىك؛ كىتاپ ئوقۇپ بىلىم يېڭىلاشقا سەل قاراش ۋە قارغۇلارچە ئىش كۆرۈش؛ كىتاپ ۋە بىلىم ئىسراپچىلىغى، جامائەتنىڭ مەدەنىيەت مائارىپتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ئائىلە تەربىيىسى ۋە جەمەت مائارىپىدىكى چوڭ شورا، ئۆزلۈك ۋە كىملىكىنى تونۇماسلىق؛ تار مىللەتچىلىك: ئىنسانلارنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى بىلمەسلىك ۋە ئۇنىڭدىن تېنىش؛ مىللىيلىكنىڭ ۋەزنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چۈشەنمەسلىك، دۆلەت ۋە مىللەت مەنپەئەتىنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنى بىلەلمەسلىك ۋە ئېتىراپ قىلماسلىق؛ قانۇنىيەت، قانۇن ۋە مىللى ئۆرپ ئادەتتىكى ئورتاق نۇقتا ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش...
3. دىنىي ئەسەبىيلىك؛ دىن بىلەن پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى زىيادە قارشىلاشتۇرۇۋېتىش؛ دىنىي مەدەنىيەت پەرقى ۋە ئىستىخىيىلىك يەكلەش پىسخىكىسى؛ مېغىزىنى تاشلاپ شاكىلىنى تاللىۋېلىش، ماھىيەتنى تاشلاپ شەكلىنى تاللىۋېلىش؛ رىياللىقتىن يىراقلاشقان دىنىي قىزغىنلىق؛ قاراڭغۇ قەلب ۋە نىشانسىز ئېتىقاد؛
4. ھۆكۈمرانلاردىكى بىدئەتلىك ـــ سىياسى ئەسەبىيلىك؛ تارىخقا نەزەر ۋە تارىخنىڭ قايتىلىنىشى: مەجبۇرلانغان ئىدىيە ئۆزگەرتىش ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»، تارقاق تېرورىزم، دۆلەت تېرورىزمى(مۇستەبىتلەرنىڭ ئاق تېرورلۇقى)، فاشىزم(شەپقەتسىز قوراللىق قىرغىنچىلىق)، ئاجىز توپلارنى مەقسەتلىك يەكلەش ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىغى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ھوقۇق كۈرىشى، يات مىللەتكە، ئاممىغا ئىشەنمەسلىك ۋە سىياسى سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش كېسەللىگى...
5. مەنپەئەت ئەسەبىيلىكى: بايلىق بىلەن بەختنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشنىڭ، قىممەتنى مال دۇنيا بىلەن ئۆلچەشنىڭ ئېچىنىشلىق زىيانلىرى؛ ئېرىشىش بىلەن تەقدىم قىلىشنى تەڭشىيەلمەسلىك ۋە نەپسىنىڭ ئازدۇرۇشى؛ دىلى قاراڭغۇلۇق ۋە قارغۇلارچە بايلىق مەنپەئەت قوغلىشىش؛ ئاچكۆزلۈك ۋە ئارتۇق ئىگىلىۋېلىشقا ئىنتىلىش؛
6. ھوزۇر ئەسەبىيلىكى: ھورۇنلۇق ۋە يۆلىنىۋېلىش؛ شەھۋانىيلىق ۋە راھەتپەرەسلىك؛ ...
7. تۇرمۇشتىكى ھىسسىيات ئەسەبىيلىكى: ھىسسىياتقا تايىنىپ قارار چىقىرىپ ئەقىلنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇش. كۆڭۈل ھوزۇرىنى، ناخشا مۇزىكا، ئويۇن تاماشىنى چوڭ بىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇش؛ بايلىقنى مۇھىم ئىشلارغا تەڭشەپ ئىشلىتەلمەسلىك، مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ۋە بايلىقىنى ئارام، ئويۇن، كۈتۈش، باردى-كەلدى، ئەيىش-ئىشرەتكە ھىساپسىز تۆكۈۋېتىش؛ مەسلىلىلەرنى مەنبەدىن ئىنچىكە تەھلىل ۋە تەقىق قىلماي، يۈزەكى ھىسسى تۇيغۇسىغىلا تايىنپ ھۆكۈم چىقىرىش ۋە سىستېمىلىق پىلان تۈزمەيلا كالتە پەم بىلەن ئىش كۆرۈش؛ ئاقىللارنى ئۇنتۇپ، ئەرتىسلەر ۋە كۆڭۈلچەكلەرنى چوڭ كۆرۈش؛ ئىشنىڭ ئاقىلانە ۋە ئادىللىغىنى ئىككىنچى ئورۇنغا، كۆڭلى يېقىنلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش؛ تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتە ئاكتىپ چارە ئىزدىمەستىن كۆڭۈلنىڭ رايىغىلا تاشلىۋېتىپ، پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇش؛ ئەقىل بىلەن باشلىغان چارە تەدبىرلەرنى ھىسسىيات مەسىلىسى تەسىرىدىلا يېرىم يولدا تاشلاپ ھەممە تىرىشچانلىغى ۋە سېلىنمىسىنى نۆلگە تەڭ قىلىۋېتىش؛ تار مەنىدىكى غۇرۇر، ئىشرەت ۋە قاتناشتا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆلەنگەن غايەت زور بەدەللەر. (سەكسەندە مېڭىپ قىرىق يىل ياشامسىز ياكى قىرىقتا مېڭىپ سەكسەن يىل ياشامسىز؟)
8. ئادەت (خۇمار) ئەسەبىيلىكى: ئۆرپ ئادەتتىكى تەلۋىلىك ۋە خاتانى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى تارتالماسلىق؛ كەسپى ئىشتىياق ۋە يەككە يول تەلۋىلىكى(ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆڭكۈر ھىكايىسى)؛ ئىستىخىيىلىك ۋارسلىق قىلىشقا ئېغىش ئېففېكتى؛ ئادەت تەربىيىسىنىڭ تېيىزلىغى ۋە ناچار ئادەت رېفلىكىسى: ۋاقت ھىساپلىماسلىق، خاتېرە تۇتماسلىق، ئائىلە تەزكىرىسى ۋە ھىساۋاتى تۇتماسلىق، ۋەدىگە ئەمەل قىلماسلىققا كۆنۈپ قېلىش، ئىچىملىك، ئەخلەت يىمەكلىك، دورا، تېلېۋىزور، تور، تېلېفۇن ۋە قىمارغا كۆنۈپ قېلىش؛ ئادەت خاراكتېرلىك ئاجرىشىشقا كۆنۈپ قېلىش؛ ئادەت خاراكتېرلىك جىدەلگە كۆنۈپ قېلىش؛ ئادەت خاراكتېرلىك يېرىم يولدا ۋاز كېچىش، ئادەت خاراكتېرلىك ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش، ئادەت خاراكتېرلىك مەقسەتسىز ئىش بۇزۇش(ھازازۇللۇق)، ئادەت خاراكتېرلىك خاتا ئوزۇقلىنىش، ياردەمگە كۆنۈۋېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىككىلەمچى نامراتلىق، ... ياخشى سۈپەتلىك ئادەت ئەسەبىيلىكى: جاھىللىق بىلەن ئاخىرىغىچە تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ھۈنەر كەسپنى ۋايىغا يەتكۈزمىگىچە بولدى قىلماسلىق، ئىشنى تۈگەتمىگىچە ھوزۇر ھالاۋەتنى قايرىپ قويۇش؛ تاپقان تەرگىنىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىئانە قىلىۋېتىش، جاھىللىق بىلەن ئوقۇپ ئىلىمنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىش، جاھىللىق بىلەن تەتقىق قىلىپ چوڭ ئەسەر، مۇھىم كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش، جاھىللىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ زور بايلىق يارىتىپ، كۆلەملەشكەن كارخانا بەرپا قىلىش، ئۆزى ئاچ-يالىڭاچ قالسىمۇ بالىلىرىنى ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇش، ھەممە خەقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش...
بايلاردىكى بەختسىزلىك ۋە نامراتلاردىكى بىغەملىكنىڭ مەنبەسى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەپەككۈر. ..
|
|