«ئىشىنىشكە بولمايدىغان ‹ساختا پىسخولوگىيە›» )كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى(
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى تىيەنجىن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىىدا قويۇلغان «تالانت سەھنىسى»(非你莫属) خىزمەت ئىزدەش پىروگگىراممىسىدا چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئاسپىرانتى خىزمەت تاپالمايلا قالماي ئەڭ ئاخىردا يەنە بارلىق نەق مەيدانغا خىزمەتچى ئالغىلى كەلگەن خادىملار تەرىپىدىن بىرمۇنچە تەنقىد-تەربىيە ئاڭلاپ چۈشۈپ كەتكىنى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. بۇ ئىشتىن كېيىن مەن دەرھال مەكتىپىمىزنىڭ ئىرادىلىكلەر سىنىپدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم. مېنى ئىنتايىن خوشال قىلغىنى بىز تەربىيەلەۋاتقان بۇ بالىلار ئۆگىنىش جەھەتتىنلا ئەمەس ئادىمىيلىك جەھەتتىمۇ ياخشى تەربىيەلىنىۋېتىپتۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ بەرگەن باھاسى ۋە پىكىرى شۇ پىروگىراممىدىكى خىزمەتچى ئالغۇچىلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىقىپلا قالماي يەنە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى چىقىش قىلىپ نۇرغۇن ياخشى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن بىر پىسخولوگىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ چىڭخۇ ئونۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىسىنىڭ قىلمىشى (ئىپادىسى) نى تەھلىل ۋە ئانالىز قىلىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى مەن ئىشنىمەن ئۇ ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئەقىللىق، لېكىن تەكەببۇرلىقى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر قىلىپ قويىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەپ يۈرگەن ۋاقتىمدا يەن زى تەرجىمە قىلغان،ماشىنسازلىق سانائىتى نەشىىرىياتى نەشىر قىلغان(2013-يىلى 10-ئاي،1-نەشىرى)،ئەنگىلىيىلىك كىلىنىكا پىسخولوگىيە دوكتۇرى سېتىۋىن برايېرس (Stephen Briers) نىڭ «ئىشىنىشكە بولمايدىغان ‹ساختا پىسخولوگىيە›» (Psychology: Exploding the Myths of the self-help Generation)دىگەن ئەسىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەسلىدە پۈتۈن كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ دوستلار بىلەن ھەمبەھىرلەنمەكچى ھەم ئۆز ئانالىزىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقماقچى ئىدىم،لېكىن مەزمۇنى ماڭا بەكلا ياققانلىقى ئۈچۈن، دوستلارغا ئاز-تولا مەنپەئەت ئېلىپ كىلەمدىكىن دەپ تۆۋەندىكى ماڭا تەسىر قىلغان ئالاھىدە جۈملىلەرنى دوستلارغا سۇندۇم، مەيلى پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار بولسۇن ۋە ياكى قىزىققۇچىلار بولسۇن بۇ كىتابىنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمەن! (ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى بارلىق مەزمۇنلار كىتابتىن بىۋاستە ئېلىندى،ھىچقانداق شەخسى پىكىر ۋە كۆز قاراش قۇشۇلمىدى، دوستلارنىڭ ئوخشىمايدىغان پىكىرى بولسا ئاپتۇر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى سورايمەن! ) [كىتابنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىدىكى ئېسىل مەزمۇنلار] : بىز دائىم «ھەممە كىىشىلەر بىلىدىغان» ئىلھام مەدەت (ئەقلىيە) سۆزلىرىنى ئىشلىتىمىز،بىز دائىم بۇ سۆزلەرنى ئىنتايىن قوللىنىشچان،بىزنى تېخىمۇ خوشال قىلىدۇ دەپ قارايمىز،ئەمەلىيەتتە، يۇقىرقىدەك ئىسپاتلانمىغان «ساختا پىسخولوگىيە» بىزنى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھاڭغا تاشلاپ قويىدۇ. پىسخىكىلىق مەدەت ۋە ئىلھام سۆزلىرى ساددا ھەم ئەخمىقانە،ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئاق ياكى قارى بويىچىلا مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ،كۆز قارىشى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ «ئازابلانماڭ»،«ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزگە ئېرىشىڭ»،«ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈڭ»دىگەندەك مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئوتتۇرىغا قويغان ئۇسۇللار قارىماققا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ لېكىن بىزگە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۈمىد-ئارزۇنى بېرىپ ئاشۇ قۇرۇق ۋەدىلەر ئارقىلىق بىزنى يىتەكلەيدۇ،ئاخىردا بولسا بەرگەن ۋەدىسىدەك ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلماي بىزدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ. بۇ پىسخىكىلىق ئىلھام مەدەت سۆزلىرى بىزدە ھەقىقىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب ئىنتايىن ئاددى بولۇپ بۇنداق سۆزلەر بىرخىل تەسەللىي دورىلىق رولىدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە ئۈنۈمى يوق، سۈپەت مەسىلىسدىن سۆز ئېچىش ئىنتايىن قىيىن. بۇنىڭغا قىزىدىغان يازغۇچىلار ناھايىتى يۈزەكى ۋە غۇۋا ئۇسۇل بىلەن ئىدىيە، ئاڭ ۋە ئىشەنچىلىك ئەمەلىي پاكىت ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقنى چۈشەندۈرىدۇ،تەسۋىرلەيدۇ. ھىچكىم بۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ياكى ئىلمىي ئەمەسلىكى توغرىسىدا باھالاش ئېلىپ بارمايدۇ، بۇخىل نۇتۇقلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە زىت ۋە قارىمۇ-قارشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ ئويلىنىش ئېلىپ بارمايدۇ. [كىتابنىڭ كەينى مۇقاۋىسىدىكى ئېسىل مەزمۇنلار] بىز تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ،خوشاللىق،بايلىق،مۇۋەپپىقىيەت ئىزدەش يولىدا ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويىۋاتىمىز، تەنقىد خاراكتىرلىك باھالاش قابىلىيىتىمىز كۈندىن-كۈنگە يوقىلىشىقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ،شۇڭا بىز تاشقى دۇنيا بىزنىڭ نىرۋا سېستىمىمىزغا تەسىر قىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتىشكە قۇربىمىز يەتمەيۋاتىدۇ. [كىتاب ئىچىدىكى مەزمۇنلاردىن ئۈزۈندە] ★ نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتلىقنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ياكى ئېلھام مەدەت بىرىش خاراكتىرىدىكى كىتابلارنى سېتىۋالىدۇ،بۇ ساھە 20-ئەسىردە تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. بۇ شۇنى بىلدۈرىدىكى بىز كۈندىن-كۈنگە ئۆزىمىزدىن گۇمانلىنىدىغان،خەۋپسىزلىك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمىز،يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشىقىمۇ بولىدۇ: ئومۇمىي مەدەنىيەت ئاستىدا بىزدە پىسخىكىلىق ئىزدىنىش باشلىنىپ كەتتى. (Ⅴ بەت) بۇ ساھەدە ئارىمىزدىكى ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان،ئۆزىنى قالتىس بىلىملىك دەپ ھېسابلايدىغان كىشىلەر چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا بولغان باھاسىنى ھاسىل قىلىۋاتىدۇ؛ئۆز نۇتىقى ئارقىلىق يەككە ياكى كوللىكتىپنىڭ مەلۇم ئىدىيە ياكى شەيئىنى قۇبۇل قىلىش ياكى قۇبۇل قىلماسلىققا بولغان قارارىغا تەسىر قىلىۋاتىدۇ؛تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل رەڭلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ بارىدۇ. بىز چوقۇم ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم،چۈنكى،ئۇلار بىزگە زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ،بىزگە ھېچقانداق ئۆز ئالدىمىزغا تەپەككۈر قىلىپ ئويلىنىدىغان ۋاقىت بەرمەيلا قالماستىن يەنە بىزنىڭ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن يوللىرىنىڭ توغرا خاتالىقى ھەم بىز شۇ يولدا مېڭىپ مەسئول بولالامدۇق يوقمۇ دىگەن سوئالغا جاۋاب تېپىشقىمۇ پۇرسەت بەرمەيۋاتىدۇ.كىشىلەر خىيال قىلىشقا ئامراق،شۇڭا ھاياجانغا سالىدىغان نۇتۇق ياكى ئەقلىيە سۆزلەرنى ئۆزىنى چۈشىنىدىغان ئەينەك قىلىۋالىدۇ.لېكىن بۇ ئەينەك لوپ ئەينەك بولۇپ ئەينەك ئىچىدىكى ئادەم ئاللىقاچان زىيادە مۇبالىغەلەشتۈرۈلگەن. (Ⅵ بەت ) كۆپىنچە ئىلھام مەدەت خاراكتىرلىك كىتابنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى كىشىلەرنى خاتا(تۇيۇق) يولغا باشلايدىغان قۇرۇق ۋەدىلەر.ئۇلار مۇرەككەپ ھەم قىيىن بولغان تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئەھۋاللارنى ياكى تۇرمۇش بېسىملىرىنى ناھايىتى يېنىكلەشتۈرۈپ ئىنتايىن ئاسانلا قۇبۇل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. (Ⅷ بەت ) كىشىلەر ئەمەلىيەتنى ئۇنتۇپ ياكى ئۇنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ،مۇشۇنداق قىلغاندا كىشىلەردە ئاندىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ،لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھەقىقى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئەسلىدىكى خىيالىي تەسەۋۋۇرىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. «1984» دىگەن روماندا گىئورگى ئورۋىل كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن ياكى قاتمال تەپەككۇر ۋە ياكى توسۇۋېتىلگەن پىرىنسىپ يىڭى بىلىملەرنى قۇبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى دىگەن.(Ⅺ بەت ) |