- تىزىملاتقان
- 2015-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 94
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
31.33%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلى قۇربان مۇئەللىم ياخشىمۇسىز.مەن سىزنىڭ مەستانىڭىز مەن گەرچە ئستىقبال سەھنىسىگە قاتنىشىپ باقمىغان بولساممۇ قەلبىمدىكى ئەڭ قايىل بولىدىغان ئادەم سىزتىڭىز مەن سىزنىڭ تىرىشچان،بىلىم خۇمار، ئالغا ئىنتىلىدىغان،ئۆتكۈر تىللىق،ساغلام پىسخىكىلىق ئىكەنلىكىڭىزگە ئىنتايىن قايىل.ئەمما زىۋىدە ئابدۇكىرىم مۇئەللىمنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سىزنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، داۋاملىق ئىلگىرلىشىڭىزگە ئىشەنچ بىلدۈرگەچ تۆۋەنچىلىك بىلەن يازغان تەكلىبى قىستۇرمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن زىۋىدە ئابدۇكىرىم مۇئەللىم مىنىڭ ئەڭ قايىل بولىدىغان قەلىب تۆرەمنى ئىگەللىۋالدى.نىمە ئۈچۈن زىۋىدە خانىم مىنىڭ ئەڭ قايىل بولىدىغان قەلىب تۆرەمنى ئىگەللىۋالدى؟چۇنكى زىۋىدە ئابدۇكىرىم مۇئەللىم نىڭ يۇكسەك ئەخلاق-پەزىلىتى بولدى،مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىۋىدە ئابدۇكىرىم مۇئەللىمگە چەكسىز ھۆرمىتىمنى مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن،ئەلى مۇئەللىمنىمۇ ناھايتتى ھۆرمەتلەيمەن ئەلۋەتتە زىۋىدە مۇئەللىمنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئەلى مۇئەللىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلمايمەن.
مىنىڭ يازغۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بولسا تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ بىرنەچچە ئەسەرلەرنى ئىلان قىلسىام جەمىيئەتتە ناھايتتى ئالقىشقا ئىرىشسە مەن ناھايتتى ھاياجانلىنىپ يەنە بىر ئەسەر ئىلان قىلسام ئابدۇقادىر جالالىدىن دەك ئۇستاز مەن ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ سىز تالانتلىق يازغۇچى كەنسىز لىكىن ئەسىرىڭىزدىكى ماۋۇ ماۋۇ يەرلىرىنى ئۆزگەرتسىڭىز تىخىمۇ داڭلىق ياخشى يازغۇچى بولالايدىكەنسىز دەپ يازما يازغان بولسا مەن خۈش بولۇپ بىشىم كۆككە يەتكەن بولاتتى .
لىكىن مەن ئەكىسچە مەن ئەمدى باش كۆتۈرىۋاتسام سىز مىنى كۆرەلمەي مەندىن قۇسۇر ئىزدەپسىز مىنىڭ يازغىنىم توغرا مەن سىزگە ماۋۇ كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن دەپ ھۆرمەتسىزلىك قىلسام سىلەر ماڭا قانداق قارايسىلەر بەلكىم مىنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىمدىن ئەپسۇسلانغان بولاتتىڭلار.
مەن ئەسلى ئەلى مۇئەللىمنىڭ ساغلام پىسخىكىسى بىلەن زىۋىدە مۇئەللىمنىڭ تەكلىبى قىستۇرمىسىغا ناھايتتى ياخشى ئىنكاس بىلدۈرىدۇ دەپ ئويلىغانتىم لكىن ئەلى مۇئەللىم ئەكىسچە مەن زىۋىدە مۇئەللىمنى ھۆرمەتلەيمەن دەپ تۇرۇپ تەنە گەپلەر بىلەن ئىنكاس بىلدۈردى ئەسلىدە زىۋىدە خانىم كاللىسىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان ئوقۇغۇچىلار دىگەن ئىدى ئەلى مۇئەللىم زىۋىدە خانىم كاللىسىنى ئىشلەتمەيدىغان باللار دىدى بۇنداق دىسە ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكا بىسىمى بولىدۇ قاتىلغا ئوخشاش بولىدۇ دەپ ھۆرمەتسىز گەپ قىلدى.مەن ئەلى مۇئەللىم بولغان بولسام بۇنداق ھۆرمەتسىز ئىنكاسلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىغا قاراپ زىيارەتكە زىۋىدە مۇئەللىمنىمۇ تەكلىپ قىلىپ بىرلىكتە،سىلەر ئۇنداق مۇنازىرلىشىپ كەتكۇدەك ئىش يوق بىز ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىر-بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ مىللىتىمىزنىڭ ساغلام پىسخكىلىق بولىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىمىز دىگەن بولاتتىم.
مۇنبەرلەردە زىۋىدە خانىمنىڭ قىستۇرمىسى توغۇرلۇق مۇنازىرلەر بولدى بەزىلەر زىۋىدە خانىم ئەلى مۇئەللىمنى ھەقىقى يېتەكلەش مەخسىتى بولسا، جامائەت ئالدىدا ئاشكارە زەربە بەرگۈچە، ئايرىم ھالدا يۈز تۇرانە ئېيتسا بولاتتىغۇ،دەپتۇ ئەگەر زىۋىدە خانىم ئايرىم دىسە بەزى خاتا نۇقتىنەزەرلەرنىڭ خاتا دىيىلگەنلىكىنى پەقەت ئەلى مۇئەللىملا بىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلى مۇئەللىم بۇنى توغرا دەپ قارىسا، يەنە بىر قېتىملىق قىستۇرما لىكسىيە سۆزلەپ، بەزى سۆزلىرىگە تۈزۈتۈش بېرىش ئاۋارىچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئەلى مۇئەللىم قايىل بولماي، ئۆزىنىڭكىدە مەھكەم تۇرسا، كەڭ جامائەت بۇ ئوخشىمىغان قاراشتىن، ئىلمىي ئويلۇنۇش ۋە ئىزدىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.
يەنە بەزىلەر زىۋىدە مۇئەللىمنى تونۇمايمىز لىكسىيەسىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق دەپتۇ،ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئىلىم ئەھلىلىرى تونۇيدۇ سىز ئىلىم ئىزدىگۈچى بولغان بولسىڭىز ئون يىل بۇرۇنلا تونۇپ كىتابلىرىنى ئوقۇب لىكسىيەسىنى ئاڭلاپ بىزنىڭ بۇنداق دوكتور ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلەنگەن سۆيۈنگەن بولاتتىڭىز، لىكىن سىز يۇمۇر كۇلكە
ئىزدىگۈچى بولغاچقا ئەلى مۇئەللىمنى بالدۇر تونۇپ قالدىڭىز شۇ.
بەزىلەر زىۋىدە خانىممۇ ئەلى مۇئەللىمدەك لىكسىيە سۆزلەپ باقسۇن نىمىشقا لىكسىيە سۆزلىمەيدۇ دەپتۇ. زىۋىدە خانىممۇ بۇرۇن نۇرغۇن پىروگىراممىلاردا نۇرغۇن جايلاردا لىكسىيە سۆزلىگەن. ئەمدى زىۋىدە مۇئەللىم بىر ئالىي مەكتەپ نىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەكتەپتە سەككىز سائەت مۇقۇم خىزمىتى بار مەكتەپتە ئىشلىرى ناھايتتى ئالدىراش خىزمەتتىن يانغاندا ئاياللىق ھەم ئانىلىق سۈپىتى بىلەن ئائىلە نىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ زىۋىدە مۇئەللىم ئوقۇتقۇچى ھەم ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرگە بىرىپ لىكسىيە سۆزلەش بىئەپ بوپ قالىدۇ.زىۋىدە مۇئەللىم پىسخىلوگىيە پەنلىرى دوكتورى مەكتەپتە ئەلى مۇئەللىمدەك بىرىنچى دەرىجىلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ، تەربىيلىنىپ چىققان ئەلى مۇئەللىمدەك پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى بىزگە پىسخىكىدىن مەسلىھەت بىرىدۇ،دۇنيادا ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋەزىپىسى بولىدۇ
يەنە بەزىلەر زىۋىدە مۇئەللىم ئەلى مۇئەللىمنىڭ قانۇنى ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى كەچۇرۇم سورىشى كىرەك دەپ بىمەنە ئىنكاسلارنى يىزىپ تۇ،زىۋىدە خانىم پەقەت تەكلىبى قىستۇرما يازدى خالاس،ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭ
زىۋىدە خانىمنىڭ قانۇنى ھوقوقىغا دەخلى-تەرۈز قىلغانلىقىنى بىلمىدى،ھەي ئەلى مۇئەللىمنىڭ ھەممە ئادەم ئوخشاش ئۆزىگە ئىشىنىش كىرەك دەپ يىتەكلەپ ماڭغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزەمگە ئىشەندىم دەپ بۇنداق باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان بولۇپ چىققانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم،ھەرقانداق كەسىپتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلىمەسلىك ئسلامىيەتكە يات بىر ئىش،مەن ئەلى مۇئەللىمگە ۋە سىلەرگە مۇتەپەككۇرلىرىمىزنىڭ بۇ مۇكەممەللىشىش فورمىلاسىنى تەۋسىيە قىلىمەن؛
ئەخلاق-پەزىلەت+ئۆزىگە ئىشىنىش+بىلىم=ئادەم تاكاموللىشىش
ئۆزىگە ئىشىنىش+بىلىم=تەكەببۇرلۇق
ئەلى قۇربان مۇئەللىمگە كەلسەك لىكسىيەدە مەشھۇرلىرىمىزنى بولدى قىلىش ئارقىلىق مەقسىدىنى ئىپادىلىمىسىمۇ ئۇلارنى كۆتىرىش ئارقىلىق ئىپادىلىسىمۇ بولاتتى،مەسلەن بۇرۇن بىزدىن مۇنداق مەشھۇرلىرىمىز چىققان ئۇلار مىڭ يىل بۇرۇنقى شارائىت يوق مەكتەپ يوق مائارىپ ئانچە تەرەققى قىلمىغان ۋاقىتتىمۇ شۇنچىلىك يۈكسەك ئالىم بولالىغان
بىز نىمىشقا ھازىرقىدەك ياخشى شارائىت ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ تۇرۇپ نىمىشقا ئۇلاردەك ئالىم بولالمايمىز بىز ئۇلارنىڭ رىكوتىنى بۇزىۋىتىشىمىز كىرەك دىگەندەك.
ئەلى قۇربان مۇئەللىم لىكسىيەدە مەشھۇرلىرىمىز ئۆلۈپ كەتتى ئۇلار ئەمدى مۇزىيخانىدا ياشىسا بولىدۇ ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ھازىرغا ماس كەلمەيدۇ دىدى، لىكىن بىز قەدرىنى بىلمىگەن بىلەن چەتئەل ئالىملىرى يىراقتىن كىلىپ
تەتقىق قىلىۋاتىدىغۇ،ئەلى مۇئەللىم باشقىلارغا پىسخىكا مەسلىھەت بەرگەندە غەرب ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى تەتقىقات نەتىجىسىنى سۆزلەيدۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئالىملار كۆپقۇ ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ھازىرغا ماس كەپتۇيۇ نىمىشقا بىزنىڭ مەشھۇرلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى پەلسەپىۋى گەپ سۆزلىرى ماس كەلمىگۇدەك،
يەنە ئۇلار بىلگەننى مەن بىلىمەن چۈنكى كىتابىنى ئوقۇۋالدىم مەن بىلگەننى ئۇلار بىلمەيدۇ دىدى، ئۇلارنىڭ قانچىلىك بىلىم بىلىدىغانلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ.
ئاخىرىدا زىۋىدە ئابدۇكىرىم مۇئەللىمدەك ئەلى قۇربان مۇئەللىمدەك ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئەخلاق-پەزىلەتلىك بىلىم ئىگىلىرى بولۇشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
|
|