- تىزىملاتقان
- 2014-12-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1075
- نادىر
- 0
- يازما
- 133
ئۆسۈش
7.5%
|
xughkar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 14:55
قىشى قارا،كۆزى يوغان،ئۆزى ئورۇق
يۈرەر بىرى بۇ زاماند ...
بىر بازاردا ھەممە نەرسە بار ئىكەن، لىكىن تۈگمەن يىراق بولغانلىقتىن ئۇن بازاردا ناھايىتى كەمكەن،شۇڭا ئۇننىڭ باھاسى زىيادە يۇقۇرى بولغانلىقتىن كىشىلەر يارما تارتىپ يەيدىكەن ياكى بۇغداي قوناقنى پۈتۈن پېتى قاينىتپ كوچا دەيدىغان بىر خىل تاماق قىلىپ يەۋىرىدىكەن.
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئېلاخۇن ئىسىملىك بىر يىگىت يۈرتىغا تۈگمەن قۇرماقچى بوپتۇ، ھەمدە يېراقتىن مىڭ بىر جاپا مۇشەققەتلەردە تۈگمەن تېشى ، خامپا، ئۈگۈتلۈك، قوپارغۇ... قاتارلىق نەرسلەرنى يۆتكەپ كىلىپ ئاخىرى بىر تۈگمەن ياساپتۇ ۋە ئۈن تارتىپ بازارغا ساپتۇ، بۇنىڭ بىلەن بازاردا ئۇننىڭ باھاسى چۈشۈپ كىشىلەر ئاشلىقنى يارما قىلىپ يىيىشتىن قۇتۇلۇپ ئالقىش ياڭرىتىپتۇ...
بىراق ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەپتۇ، بازاردىكى ئۇن ھايانكەشلىرى ئۆزىنىڭ مەنپەتىنىڭ ئازىيىپ ئېلاخۇننىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىغا زادى چىداپ تۇرالماپتۇ ۋە بىرلىشىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپتۇ، بىرى قوپۇپ ئېلاخۇننىڭ ئۇنلىرى ئاق ئەمەسكەن، بۇ ئۇنداق ئەتكەن ئاش -نان ئاق پىشمايدۇ، بۇ ئاش-نانغا قىلىنغان ھاقارەت، دىسە بىرى قوپۇپ ئۇنىڭ تۈگمىنىدە تارتىلغان ئۇن مەكرۇ، چۈنكى ئۇ تۈگمەننى بىسمىللا دەپ ماڭدۇرمايدۇ ... دەپتۇ، يەنە بىرى بولسا ئۇنىڭ دادىسى قۇناخۇن بىر بەڭگى نەشىكەش ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ تۈگمىنىدىن چىققان ئۇندىمۇ شەك بار دەپ قوپۇپتۇ...
ئاخىرى ئېلاخۇن بۇ گەپلەرگە چىدىماي تۈگمەننى ماڭدۇرماي قۇيۇپتۇ، كشىلەر بولسا بۇرۇنقىدەك قىممەت ئۇن سېتىۋېلىشقا ۋە پۇلى يوقلار يەنىلا ياما ياكى كوچا ئىچىشكە مەجبۇر بوپتۇ. |
|