بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tijaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 17:59
ئاللاھ ۋە بەندىلەر ئارىسىدا (دۇئانىڭ ئىجابەت بولماسلىقى، ئىبادەتنىڭ مەقبۇل بولماسلىقى، ياكى ياردەم ۋە مەدەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ) پەردىلەر بار .
بۇلارنىڭ بىرى: ئىچكى گۇناھلار
ئىچكى گۇناھلار، ئىنساننىڭ پىسخىك خاراكتېرى ۋە مىجەز-خۇلقىدىكى چوڭ گۇناھ شەكىللەندۈرىدىغان تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، ھەسەت قىلىش، ماختانچاقلىق، رىيا، ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىنساننىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىپادىلىنىدىغان بۇ گۇناھلار، پاھىشىۋازلىق قىلىش، ھاراق ئىچىش، ۋە ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش سىرتىقى گۇناھلاردىنمۇ خەتەرلىك ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق ئىچكى گۇناھلار ئىنساندا پەيدا بولغاندىن كىيىنلا، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قويىدىغان پەردىگە ئايلىنىدۇ.
ئاللاھنىڭ يولىغا ئىنتىلىش ياكى مۇستەھكەم تۇرۇش (ئىرادىسى) كۆپىنچە ھاللاردا پۇت-قولنىڭ ئەمەس، بەلكى قەلىبنىڭ (يەنى قەلىبتىكى ئىچكى گۇناھلارنىڭ) سەۋەبى بىلەن سۇنىدۇ. گۇناھقا ئۈندىگۈچى قەلىب، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇپ قويىدۇ.
ئىبنى قەييىم جەۋزى (رەھىمەھۇللاھ) مۇنداق دەيدۇ:« ئىنساننىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۇنىڭ ياخشى ئەمىلىدىن غالىب كېلىشى مۇمكىن، ئاندىن ئۇ ( ياخشى ئەمەل) ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىكىگە ياردەم بەرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ قالىدۇ. (يەنى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچى قەلبىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن، مەسىلەن شۆھرەت ئۈچۈن، نام قازىنىش ئۈچۈن، ياكى تىخىمۇ كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىدۇ.) ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ (يەنى شۇ ئەمەللەرگە ئۈندىگۈچى قەلىبنىڭ) قۇلى بولۇپ ياشايدۇ، ھەم دەل ئۆزىنىڭ ئەمەللىرىدىن ئەڭ غاپىل ھالدا ياشايدۇ.» شۇڭلاشقا قەلىبنىڭ گۇناھلىرىغا ئېتىبار بېرىش تىخىمۇ دەركاردۇر.
شەخسىي كۆز قارىشىم :
ئەلىنىڭ ھەربىر ئىغىز سۆزىدە تەكەببۇرلۇق ، مەنمەنچىلىك ، ھاكاۋۇرلۇق ، ماختانچاقلىق ، شۆھرەت پەرەسلىكنىڭ پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك !
بۇ ياخشى ئىش ئەمەس .!!!!!!!!
ئەلى خاتالىقىنى تونۇپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنى كۆپرەك قوبۇل قىلسىكەن دىگەن ئۈمۈددىمەن !
|