- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1. قومۇلدىكى ھەقسىز ئوبۇرنىلارنىڭ بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىپ يازغان يازمىمىزغا بىر ئىككى يىل بوپتۇ مانا ماۋۇ تىما ./thread-21292-1-1.html
مانا ھازىر كۆرىۋاتىمزىكى قومۇلدا بىر قانچە ئورۇندا راستىنلا ھەقسىز ئوبۇرنى بارلىققا كىلىپ قومۇللۇقلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھاجەتلىرىدىن چىقماقتا . مەن بۇ يەردە بۇنداق ھەقسز ئوبۇرنىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق بولغان بىرىنچى باللار يەسلىسىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان پاكىز ئازادە كۆركەم ئەڭ مۇھىمى ھەقسىز ئوبۇرنىغا قاراپ شەھەر لىك ھۆكۆمەت قىلغان بۇ ئەل ئۇچۇن قىلىنغان ياخشى ئىشقا مىننەتدار بولماي تۇرالمدىم . گەرچە كۆزۇمدىن ياش چىقمىغان بولسىمۇ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. سوتسيالىزىمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقى ھىس قىلغاندەك بولدۇم .
2. شۇنداق بىر شەھەردە بۇنداق پاكىز ئازادە ھەقسىز ئوبۇرنىلارنىڭ بولۇشى شۇ شەھەرنىڭ نوچىلىقى ، شۇ شەھەر خەلقىنىڭ ساپاسىنىڭ يوقۇرلىقىنى بولۇپمۇ شۇ شەھەردىكى ئورگانلاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ ساپاسىنىڭ يوقۇرلىقىنى ئەل ئۇچۇن ئازدۇر كۆپتۇر ئىش قىلىپ بىرۋاتقانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ . ھەقىقەتەن خوش بولدۇق . بولسا تېخىمۇ كۆپرەك بولسا قومۇلنى قاپلىغۇدەك بولسا ، بىر نەچچىنى شەكىلگىلا قىپ خەقنىڭ كۆزىنى بويايدىغان ئەمەس بەلكى بارلىق قومۇلدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ھەقىقى نەپ يەتكۇزىدىغان بىر ئىش بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن . ماۋۇ ھەقسىز ئوبۇرنى دىگەن يېڭىلىقنى .
3. ئىدارىمىزدىكى ئابلەت ئاكام دەيدۇلەركى شاڭخەيدەك ئادەم دەسسلىپ ئۆلەپ كىتىپ بارغان ئادەم مىژ مىژ شاھەرلەردىمۇ ئوبۇرنى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىكەن ھەمدە ھەقىسزكەن ، تېخى ئابلەت ئاكام شاڭخەينىڭ كوچىسىدا كىتىپ بېرىپ تەرەت قىستاپ قالغاندا سۇنئى ھەمرا يول باشلغۇچقا گۇڭگۇڭ سېسو دەپ كىرگۇزۇپلا يۇز مىتىر ئالدىدىن ئوبۇرنى تېپىپتۇ . قارىغاندا قومۇلمۇ شاڭخەيدىن ئۆگۇنۇپ قومۇلنى ھەقسىز ئوبۇرنى بىلەن قاپلاپ ئۇنىڭ ئۇسىتىگە سۇنئى ھەمرا يول باشلىغۇچقا كىرگۇزىۋەتسە بۇ ھەقسىز ئوبۇرنىلارنى شەرەپتە قومۇل ئۇچۇنمۇ .
4. ئەمدى مەن راھەتباغلىق . يەنە شەھەر ئىچى ئىككى جاينى نىسبەتەن پىششىق بىلىمەن . بۇ ئىككى جاينىڭ بىرىسىدە پىت بازىرى ، بىرسىدە يەرمەنكە بولۇپ ئادەم يىغىلىپ تۇرىدىغان قەرەللىك بازار باردە بۇ يەرلەردە ، ئەمما قاراپ باقىدىغان بولساق شۇنچە ئادەم يىغىلىغان بازاردا بىرمۇ كۆڭۇلدىكىدە ئوبۇرنى يوقدە بولسا موشۇ ھەقسىز ئوبۇرنى قۇرۇلۇشلىرىدىن موشۇ بازارلارمۇ بىر بەھىر ئالسا ھۆكۆمەت ئويلاشقاندا موشۇ جايلاردىمۇ كەڭتاشا پاكىز ، ئازادە ھەقسىز ئوبۇرنىلارنى بەرپا قىلىپ ئەل يۇرتنىڭ ياخشى باھاسىنى ئالسا نىمە دىگەن ياخشى .
5. ساپا توغۇرسىدا گەپ داۋاملىق بولۇنۇپ تۇرىدۇ ، ساپا توغۇرلۇق قۇرۇق يىغىندىن مىڭنى ئاچقاندىن راھەتباغ يېزىلىق ھۆكۆمەتنىڭ ئالدىغا خۇددى بىرىنچى يەسلىنىڭ ئورنىغا سېلىنغاندەك ئوبۇرنىدىن بىرنى سېلىپ بەرسە ، ئىشىنىمەنكى بىر يېزىنىڭ ساپاسى لېككىدە بىر ھەسسە ئۆرلەيدۇ . ئوبۇرنى بىكارلىق ئازادە بولسا تالا تۇزدە دالدا جاي ئىزدەشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ .
6. ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىمىز بىلىمىز ھۆكۆمىتىمىز ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىپ توت كوچا مەسچىتنى كاتتا بىر ئىمارەت قىلىپ سېلىپ بەردى ، ئەمدى ھەشقاللا ، پارتىيەگە ، ھۆكۆمەتكە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت ، ئامما لېكىن موشۇ تۆت كوچا مەسچىتنىڭ مۇستەھەپخانىسى ئادەمنىڭ ئىچىنى بەكمۇ پۇشۇرۇپ قويىدۇ ، بەك قولايسىز ، بەك ئاۋارە ، دائىم كىرسەم ھۆكۆمەت ھەجەپ بىر غۇلاچقا چىداپ غېرىچقا چىدىماپتۇ دەپ غۇدۇڭشۇپ قويىمەن ، بۇدا قومۇلدا بىكارلىق ھەقسىز ئازادە ئوبۇرنى قۇرلۇش تۇرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا بەكمۇ سۆيۇندۇق ، بەكمۇ قايىل بولدۇق ھۆكۆمەتكە ، بولسا ئەمدى موشۇ تۆت كوچا مۇستەھەپخانىسىىغمۇ بىر كۆڭۇل بۆلەپ ئازادە ، قولايلىق تاھارەت ئالدىغان كىچىكى مەيلى چوڭىنى قىلماڭلار دىمەيدىغان ، راھەت بىر مۇستەھەپخانا بەرپا قىلىپ بەرسە .تۆت كوچا مەسچىتتىكى نامازخان جامائەتنىڭ دۇگاسىنى ئالاتتى دەپ ئويلاپ قالدىم .
7.ئەمدى ھەممىمىز بىلىمىز ئالدىنقى قېتىم ئەردۇغان نوغاي مەسىچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇدى . دۆلتىمىزنىڭ تۇركىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلىماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگشىپ شەھىرمىزگىمۇ يا ئسىتانبولدىن يا ئەنقەرە ئىزمىر دىگەندەك باشقا شەھەرلىرىدىن شەھەر باشلىقى ، سەئودىىدىن نەچچە خانىلىق شاھزادىلەردىن بىرەرسى كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ ،خەلقئارا مېھمانلارنىڭ مەسچىتنى كۆرگۇسى كىلىپ كاتتا مەسچىتىمىزنى ماختاپ تۇيۇقسىز تاھارەت ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ قالسا سەل بىئەپ بولاپ قالامدىكىن دەپمۇ ئويلۇدۇم . ئاشۇ ئۆرۇمچى نوغاي مەسچىتنىڭ مۇستەھەپخانىسى بېك نوچىكەن ،بولسا شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ مۇسۇلمان ئاممسىنىڭ ھەقىقى قىينچىلىقىنى چىقىش قىلىپ بولسا تۆت كوچا مەسچىتكە بىر ئازادە راھەت مۇستەھەپخانىدىن بىرنى بەرپا قىلىپ بىرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۇمۇت قىلىمىز . |
|