- تىزىملاتقان
- 2012-2-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3244
- نادىر
- 0
- يازما
- 227
ئۆسۈش
41.47%
|
ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن مۇنداق ئادەت يىتىلدۈرۈڭ
1. ھەركۈنى 30 مىنۇت پىيادە يول يۈرۈڭ. پىيادە يول يۈرۈش پۇت ئالقانلىرىنى ئۇۋىلاش رولىنى ئوينايدۇ. تاپاندا نۇرغۇن نېرۋا تومۇرلىرى بولۇپ پىيادە يول يۈرگەندە نېرۋا سىستېمىسىنى تەڭشەپ، روھىي كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
2. ھەر كۈنى 7سائەت ئۇخلاشقا، ئۇيقۇنىڭ سۈپەتلىك، تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر ئەسىردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى %20 ئازلاپ كەتكەن. تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى قېنىپ ئۇخلىيالماسلىقنىڭ زىيىنى كۆپ ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. شۇڭا ھەر كۈنلىكى 7 سائەت ئۇخلاش ۋاقتىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
3. ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 4~5 ئىستاكان يەنى، 2000 مىللىلېتىر قايناقسۇ ئىچىڭ. ئورگانىزىمدىكى بارلىق ماددا ئالمىشىش پائالىيىتى بىر كۈنلۈك ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەك، ھەزىم قىلىش ۋە ئۇخلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى سۇنى بەلگىلىك دەرىجىدە خورىتىدۇ. سۇنىڭ ئارتۇق خورىشى تېرە قۇرغانلىشىش، بالدۇر قورۇق چۈشۈش، روھى كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش، ئۇخلىيالماسلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا چوقۇم قايناق سۇ ئىچىش ئارقىلىق سۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ تۇرۇش لازىم. ئادەتتە بىر كۈنلۈك تولۇقلىنىدىغان سۇ مىقدارى 2000 مىللىلېتىردىن كەم بولماسلىق لازىم.
4. زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىشتىن ساقلىنىڭ. يەنى، تاماق يىگەندە %70 ئەتراپىدا تويۇنۇشقا ئادەتلىنىڭ. زىيادە تويۇنۇپ غىزالانغاندا ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھالەت بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، زېھنى كۈچ، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياشانغانلاردا بولسا ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاندىكى ماي مىقدارى كۆپىيىش، يۇقىرى قان بېسىم ئەھۋاللىرىغا سەۋەب بولىدۇ.
5. روھىي كەيپىياتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ئۈتكۈزۈڭ، كىچىك ئىشلارغا چېچىلماڭ، مۇزىكا ئاڭلاش، گۈل پەرۋىش قىلىش، قۇش بېقىش، سەيلە قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. روھىي كەيپىيات ساغلاملىقنىڭ بىرىنچى ئامىلى. كىشىلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ياشانغانلاردا ئۇچۇر يېتەرسىز بولسا تۇرمۇشنى مەنىسىز ھېس قىلىدۇ. غەم قايغۇ، جىمغۇرلۇق ھالەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
6. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ. يەنى، بوي ئېگىزلىكىڭىزدىن 105 نى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى سانلىق مىقتار سىزنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زىيادە سېمىزلىكنىڭ زىيىنى ھەممىگە ئايان. سىزنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىڭىز بويىڭىز بىلەن مەلۇم نىسبەتنى ساقلىشى كېرەك. يەنى بوي ئېگىزلىكىڭىز 170 سانتىمېتىر بولسا بەدەن ئېغىرلىقىڭىز 65 كىلوگرام ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ مىقتاردىن %20 ئارتىپ كەتسە سېمىزلىك كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل __ئاز يېيىش، قۇۋۋەتلىك يېيىش، ھەرىكەت كۆپ بولۇش.
7. ئەگەر سىز كۈن بويى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلسىڭىز ھەربىر سائەتتە بىر قېتىم ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىڭ. كۈن بۇيى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ كۈن نۇرىغا قاقلىنىش پۇرسىتى ئاز بولغاچقا، كالتىسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرغاندا نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنىڭ بېسىلىشى بىلەن قان ئايلىنىش ياخشى بولماي باش قېيىش، پۇت كۈيۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
زىيادە كۆپ ئۇخلاشمۇ نېرىپ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق كىشىلەردە چىراي تاتراڭغۇ بولۇش، روھىي كەيپىيات سۇس بولۇش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
8. ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ قانۇنىيەتلىك، كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئادەتتە ناشتىلىقنى ئوبدان، چۈشلۈك تاماقنى نورمال، كەچلىك تاماقنى ئازراق يەڭ، ھايۋانات مايلىرىنى ئازراق، ئۆسۈملۈك مايلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ، ھۆل-قۇرۇق مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ تۇرۇڭ. ئادەتتە ئەتتىگىنى ياخشى، چۈشلۈكى ئوتتۇراھال، كەچلىكى ئادەتتىكىچە ئوزۇقلىنىش ئەڭ مۇۋاپىق. كۈندىلىك يېمەكلىكىدە ئورۇق گۆش، تۇخۇم، سۈت، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەمدە سەي كۆكتات مېۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش لازىم.
9. ھاراق، تاماكىدىن ئۆزىنىڭىزنى تارتىڭ، بولۇپمۇ ھاراق بىلەن تاماكىنى تەڭ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر سىز تاماكىنى كۆپ چەكسىڭىز، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ تۇرۇڭ.
شىنجاڭ ئارمان كەسپىي چەكلىك شىركىتى ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەقىدىسى قىلغان. «ئارمان» يۈرۈشلۈك قۇۋۋەت تالقانلىرى چوڭلار، بالىلار، ئاياللار، ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت ھەرقايسى ياشتىكىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ماس بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكى. كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشنى ياخشى تەڭشەش، يۇقىرى قۇۋۋەت، بەدەنگە پايدىلىق كۆپ خىل ئېلېمېنت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا «ئارمان» قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى سىزنى ھەقىقىي ئۆلچەمگە ئىگە قىلىدۇ. ساغلاملىق __ ئەڭ زور بايلىق. سىزنىڭ ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالەتتىن ھەقىقىي ساغلاملىق ھالىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز، يەنىلا ئۆزىڭىزنى قانداق كۈتۈشكە باغلىق.
مەنبە: http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-40973.html |
|