قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: attila

[ئاتتىلا] ئەلى قۇربان لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
9#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

2

دوست

242

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33286
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 17:04:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kogdiguqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 15:15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار !
ھە ...

الله رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ! ھەقىقەتەن ئىسلامى نۇختىدا تۇرۇپ تەھلىل قىپسىز ، مەنمۇ مۇشۇنداق بىر ئىنكاسنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم ، بىز مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز ھەرقانداق مەسىلگە ئىسلامى مەيداندا تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرىشىمىز كىرەك ئىدى ، شۇندىلا ئىختىلاپلار تۈگىگەن بولاتتى . اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32602
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 17:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىسخىكىسى ئاجىز پىسخولوگ - ئەلى قوربانغا يەنە بىر رەددىيە

   نەسىھەت ئاچچىق، دورىسى تاتلىق — ئاتىلار سۆزى
     (ئىلاۋە: بۇ تېمىنىڭ يىزىلىشىغا ئەلى قورباننىڭ تورداشلارغا جاۋاپ بەرگەن سۆھبەت سىن كۆرۈنۈشى سەۋەب بولغان بولغاچقا تېما شۇنداق قويۇلدى.  مەن ئەلى قورباننى دەسلەپ ئىستىقبال سەھنىسى ئارقىلىق، ئاندىن ئاتۇشتىكى لىكسىيەسى ئارقىلىق، ئاخىرىدا بېيجىڭدىكى لىكسىيەسى ئارقىلىق تونۇدۇم، ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەقەت دىققەت قىلىش مۇئامىلىسىدە بولۇپ كەلگەن ئىدىم، بۇ قىتىم بېيجىڭدا سۆزلەنگەن لىكسىيەگە قارىتا مۇنبەرلەردە تارقىلىپ يۈرگەن تېما ۋە ئىنكاسلاردا ئەلى قوربانغا پۈتۈنلەي ئەگەشكۈچى، پۈتۈنلەي قوللىغۇچى بولۇپ كەتمىدىم، ئەمما بۇرۇن ئۆزۈم قىسمەن ئويلىنىپ قالغان، لىكسىيە سۆزلەش، ئەلى قوربان، چولپانلار ھەققىدىكى كاللامغا كەلگەن ئويلارغا توردىكى زىۋىدە كېرىم، مارشال، ئۇمۇن قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماقالىسى ھەيدەكچى ۋە زەرەتلەش رولىدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ توغىردا «ئەلى قۇربان مۇھىممۇ مەھمۇد قەشقىرىمۇ» ماۋزۇسىدىكى ماقالەمدە ئازراق توختىلىپ ئۆتتۈم. ئەپسۇسلۇقىمنى يوشۇرالمايمەن،  زىۋىدە كېرىمنىڭ ماقالسغا، ۋە باشقا تورداشلارنىڭ تېما، ئىنكاسلىرىغا جاۋاپ قايتۇرۇش تىگىشلىك بولۇپ قالغان ئەلى قورباننىڭ مىسرانىم ئىكرانىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى مېنىڭ بۇ توغىردا تىخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىشىمگە سەۋەبچى بولدى.
دىمەكچىلىك دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، ئەمما خەلق ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى مۇكەممەل دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر شۇنداق ئەمەس يەرلىرى بايقالسا ئۇ توغىردا مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە قىلىدۇ، بەك رازى بولمىسا ھەتتا ئۇنىڭدىن رايى يانىدۇ، ئۇنى سەھنىدىن تارتىپمۇ چۈشىدۇ. دۇنيادا بەزى چولپانلارنىڭ ئۆز مەستانىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم تەھدىتى ۋە ھەركىتىگە ئۇچىرغان مىساللار ساناقسىز. ئەلى قورباننىڭ مۇشۇنداق مۇلاھىزەنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولىدىغان بىر ئىش ئىدى، ئۇنىڭ مۇكەممەلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ياخشى پىشاڭ ئىدى، ئەپسۇس ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرى ھەقىقەتەن كەمتەرلىكتىن، تەنقىدنى قوبۇل قىلىشتىن، سوغۇققانلىقتىن يەنىلا يىراقتا تۇرۇپتۇ، شۇڭا بۇ يازما مەيدانغا چىقتى. تورداشلارنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ ۋە ئەلى قورباننىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى، قارا قويۇق پىكىر قىلىشتىن ساقلىنىشىنى سەمىمي ئۈمىد قىلىمەن.
1. مەن ئەلى قۇربان بىلەن ھېچقانداق ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە ئەمەس، مەن  ئەلى قورباندىن ياشتا چوڭ ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى باسقان ياكى ئالغا بىسىشىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىغان، ھەسەت قىلغان دىگەن نام ماڭا چۈشمەيدۇ، مەن ئەلى قورباندىن كىچىكمۇ ئەمەس، باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى كىشمۇ ئەمەس، ئۆزۈمنى ئوتتۇرا قاتلامدىكى بىر زىيالىي دەپ قارايمەن، شۇڭا ئەلى قوربانغا گەپ قىلىشقا سالاھىتىم ئازراق توشىدۇ دەپ قارايمەن.  
   2. مەن يازمامدا ئەلى قورباننىڭ ھازىرغىچە ئۆزۈم ئاڭلاپ ئۆتكەن لىكسىيە ۋە سۆھبەتلەر ھەققىدە خاتا ياكى تۈزىتىشكە تىگىشلىك جايلارنى مىسال، پاكىت بىلەن كۆرسىتىمەن، كۆرسىتىلمىگەن جايلار ھەممىسى توغىرا، ياخشى، ئەلا، قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ مۇشۇ ئاساسلار ئەلى قورباننى ھالاك قىلىۋىتىمەن دىگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ.
   3. مەن ئەلى قورباننىڭ پىسخولوگىيە نەزەرىيىلىرىگە ئائىت سەۋەنلىكلىرى ۋە تەنقىدكە لايىق تەرەپلىرى بولسا كۆرسىتىشكە ئاجىزمەن، شۇڭا بۇ توغىردا توختالمىدىم، بۇ توغىردا بەلكىم كىيىنچە ئىزدىنىدىغان ۋە يازىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ئەلى قوربان ھازىرغا قەدەر ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىپ بارغان ياكى بوينىغا ئالمىغان ، ئەقەللىي بولغان لىكسىيە مىتودى، لوگىكىلىق خاتالىقلار، ئىلمىي خاتالىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن،
   4. ئەلى قوربان ۋە ئۇنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىنىڭ رەددىيەگە قارىتا قارشى پىكىرلىرى بولسا ئىلمىي ئوتتۇرغا قويۇشىنى، بىر جۈملىلىك ئىنكاس بىلەن پۈتۈن يازمىغا پەشۋا ئۇرماسلىقىنى، ئەلى قورباننىڭ بۇ قىتىملىق بىر قاتار ئىشلاردىن  ياخشى نەپ ئىلىپ، تىخىمۇ مۇكەممەللىككە يىقىنلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇ ۋە پىلانىدىدەك ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەقىيقى ياراملىق، ئەمەلىي نەپ ئىلىپ كىلەلەيدىغان، شان-شەرەپ ئىلىپ كىلەلەيدىغان ئالىم ئادەم بولۇپ چىقىشىغا يەنە بىر قىتىم تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
   5. بۇ رەددىيە تېمىسى پىلان بويچە تۆت بۆلەككە بۆلۈنۈپ يېزىلىدۇ)


1-بۆلەك ئاتۇشتىكى لىكسىيە ئۈستىدە تەھلىل ۋە تەنقىد:


ئەلى قوربان لىكسىيە داۋامىدا تۆۋەندىكىدەك خاتالىقلارغا يول قويغان. (لىكسىيەنى ئاڭلىمىغان بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ ئاڭلاڭ)
گىرمانلارنىڭ نوپۇسى 60 مىليون، پۈتۈن دۇنيا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ %50 نى ئالىدۇ.
پۈتۈن دۇنيادىكى گىرمانلارنىڭ نوپۇسى 84 مىلىيون، گىرمانىيەنىڭ ئۆزىدە 74 مىلىيون. مەنبە:http://baike.baidu.com/view/818287.htm
گىرمانلارنىڭ ئىرىشكەن مىدال سانى 2014-يىلىغا قەدەر 76 تال بولۇپ تەخمىنەن %7 نى ئىگەللەيدۇ، گىرمان قىنىدىن بولغان باشقا دۆلەت تەۋەلىكىدىكىلەرنى ئېنىقلاشقا ئىمكان بولمىدى، شۇنى قوشقاندىمۇ ھەرگىز %10 دىن ئاشماسلىقى مۇمكىن.  ھەرگىزمۇ يۇقاردا دىيىلگەندەك %50 ئەمەس.

گىرمانلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىنى كۆپ ئىلىشىدىكى سەۋەپ، ئۇلارنىڭ قالتىس بالا تەربىيلىشىدە.
دۆلىتىمىز ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىدا دىموكىراتىك مائارىپ ئىددىيسى ئومۇملىشىپ بولغىلى 100 يىلغا يىقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى، ئۇلاردىكى بالا تەربىيەلەش ئۇسسۇلى دەل بىز ئادەتتە كۆپ دەيدىغان ئەمما ئەمەلىيلەشتۈرەلمەيۋاتقان ساپا مائارىپدىن ئىبارەت. بۇنى شەخىس ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، قالتىسلىق روھىي جەھەتتىنلا سىختىيلىك ئىچىدە قىلىۋالغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۈچ تەرەپ جەمىئەت، مەكتەپ، ئائىلىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. «قالتىس» ئىبارىسى بۇ يەردە مەۋھۇملاشتۇرۇپ قويۇلغان، ھەم بالىلارغا چۈشەنچە بىرىلمىگەن.

ماپارىپشۇناس كىيۇساكى «دۇنيادا ئەخلەت يوق» دېدى، دۇنيادا دۆت بالا مەۋجۇت بولمايدۇ، ئەمما دۆت بولۇپ قالىدىغان بالا مەۋجۇت.
   «دۇنيادا دۆت بالا مەۋجۇت بولمايدۇ» دىگەن جۈملە بىلەن «دۆت بولۇپ قالىدىغان بالا مەۋجۇت» دىگەن جۈملىدە لوگىكىلىق زىتلىق مەۋجۇت، ھەم بۇ جۈملە بىلەن «دۆت» لۈكنى « ئەخلەت» كە ئوخشاتقان ئالدىنقى جۈملىدە لوگىكىلىق زىتلىق مەۋجۇت، دۇنيادا زادى ئەخلەت يوقمۇ ياكى دۆت مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟

مەن بۇ يەردە ئۆزى تالانىتلىق ئەمما، كىيىن ئەخلەتكە ئايلىنىپ كىتىدىغان بالىلارنى كۆردۈم.
قانداق كۆردىڭىز؟ سىز سەھنىدە سۆز قىلغاچقا، تىرىشىش تارىخىڭىز بولغاچقا، ھەرخىل تىللارنى بىلگەچكە پەستىكىلەرنى بىر قاراپ بىلىۋالدىڭىزمۇ؟ بۇ ئۆزىڭىزنى ئاجايىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن جۈملىمۇ  ياكى بالىلارنىڭ قەلبىدە چۈشەنمەي ھەۋەس قىلىش، غايىپتىن ئۆزىدىن خۇدۈكسىرەش ھالىتى پەيدا قىلىش ئۈچۈن قارىسىغا ئىيىتقان پەرزىڭىزمۇ؟

مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان كۆپچىلىك بالىلار كەلگۈسىدە ئەخلەتكە ئايلىنىپ كىتىدۇ.
   بۇ جۈملە يۇقاردا مىسال كەلتۈرۈلگەن «دۇنيادا ئەخلەت يوق» دىگەن ئۈزۈندە بىلەن زىت، ھەم بالىلارغا بۇنداق دىيىش «ئۆزىگە ئىشىنىش» ئىددىيسى سىڭدۈرۈش بىلەن قارمۇ-قارشى رول ئويناپ قويامدۇ قانداق؟ بولۇپمۇ بالىلارغا نىسبەتەن بۇنداق كەمسىتىش ۋە قورقۇتۇش مەزمۇنىدىكى جۈملىلەر پايدىسىز بولىشى مۇمكىن.

ئاپام «خوشنىمىز پات ئارىدا ئۆلۈپ كىتىدۇ، ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆتىكىنى ساڭا ئىچىقىپ بىرەي» دېدى.
   كىم ئۆز خوشنىسىنى پات ئارىدا ئۆلۈپ كىتىدۇ دەپ كىسىپ ئىيتىدۇ، بۇ ئادىمىيىلىك نۇقتىسىدىن ئەخلاققا يات، ئىتىقاد نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا بولسا بىر خاتا گەپ، ئەگەر ئانىسى شۇنداق دىگەن تەقدىردىمۇ بالىلارغا بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بۇنداق ئالىيجاناپسىز ۋەقەنى سۆزلەش توغىرا بولماس.

دادام ئەقىللىق، تالانىتلىق ئادەم،ئەمما ئۇ ئاتۇشتا داڭقى بار ھاراقكەش، ئۇ تالانتىنى مۇشۇنداق يوق قىلىۋەتتى.
پۈتۈن ئاتۇشتا داڭقى بار ھاراقكەش دەل ئەلى قورباننىڭ دادىسى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ دادىسى ئەلى قۇرباننى سۈيدۈكىدىن ئاپىرىدە قىلغان تۇرسا ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا جار سىلىپ، ھاراقكەشلىكىنى ئەيىپلەش ئەرزىمدۇ؟ مۇقەددەس كىتابلاردا پەرزەنىتنىڭ ئاتا-ئانا ئالدىدىكى ھەققى توغىرسىدا نۇرغۇن سۆزلەر بار، ئەجىبا نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان ئەلى قۇربان چوقۇم ئوقۇشقا تىگىشلىك ئاشۇ قۇرلارنى ئوقۇمىغان بولغىيىمىتتى؟! ئۆزىنىڭ تىرىشىشىغا مىسال بولىدىغان ئۇنىڭدىنمۇ تەسىرلىك ياكى ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكتىن بىرنى ئويدۇرۇپ چىقسىمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

مېنىڭ ئۈچىنچى ئارزۇيۇم مېنى كىتاب ئوقۇشقا قىززىقتۇردى ھەم بىر ئۆمۈر قىزىقتۇرىدۇ، ئۇ بولىسمۇ ئاپامغا پەلتۇ ئىلىپ بىرىش.
ئەجىبا ئەلى قۇربان ھازىرمۇ ئانىسىغا پەلتۇ ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇۋاتامدۇ؟ ياكى پۇل تىپىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇۋاتامدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقچى؟ ئادەمنىڭ ئاخىرقى غايىسى نېمە بولىشى كىرەك؟ بۇ يەردە بالىلارغا بىر مۈجىمەل سۇئال بەلگىسى قالدۇرۇلغان، چوڭلارغا ئەمەس بالىلارغا.

ئۆمەرجان ئالىمنىڭ «چىۋىن قونغان كالتەكتەك» دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلايىتتىم.
ئۆمەرجان ئالىمنىڭ ئەزەلدىن ئۇنداق مەزمۇندىكى ناخشا ئوقۇمىغانلىقى ھەممىگە ئايان.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە جاراھەت بار، لىكىن ئۇلار يالغاندىن خۇشال بولىۋالىدۇ.
بۇ دەل پىسخولوگلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ قەلەمنى چىشلەپ ئولتۇرۇپ ئاندىن، پۇل تۆلەپ كىلىشتىن ئەرزان توختايدىغان خۇشال ياشاش، ساغلام ھايات، يۇقىرى روھىي كەيپىياتتا ياشاشنىڭ ئۇسۇلىمۇ قانداق؟ بۇ قانداقسىگە سۆزلىگۈچىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچىراپ قالدى.

مەن ئاپامغا ئىلىپ بەرگەن پەلتونىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاتۇش 10 يىلدىن كىيىن ئەڭ ناچار جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
پەقەت دىنسىز كىشىلا نەرسىلەر ئارقىلىق قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر دىندار كىشى بولسا شۇنداق قەسەم قىلغاندىن كىيىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىغا پاتىدۇ، پەقەت دىنغا ئائىت كىتاب ئوقۇمىغان ئەمما مەن ئۇنداق كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ بولغان دىيەلەيدىغان ئادەملا مۇشۇنداق گەپنى بىر قىتىملىق لىكسىيەدە تەكرار ئىككى قىتىم سۆزلىشى مۇمكىن. يەنە بىرى ئاتۇش 10 يىلدىن قانداق ناچار بولۇپ قالىدۇ؟ 11 يىل ئەمەس، 9 يىل ئەمەس، ياكى كىلەر يىلى ئەمەس دەل 10 يىلدىن كىيىنمۇ؟ بۇمۇ ئاساسسىز پەرەزمۇ قانداق؟

مەن دۇنيادا نورمال بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەيمەن، بىنورمال ساراڭ بولۇپ قالسام مەيلىكى، نورمال كىسەل بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەيمەن.
   پۈتۈن دۇنيا نورمالسىزلارغا ئايلىنىپ كەتسە نورماللىقنىڭ ئۆلچىمىمۇ يوقايدۇ، ئىجتىمائىي مۇۋازىنەت بۇزۇلىدۇ، ئەخلاق، قانۇن، دىننىڭ چەك-چىگىرسى بۇزغۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ، ئەلى قۇربان دىگەن «نورمال» لىقنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بولسا ئۇ قىنى؟ بالىلارغا ئىزاھلاندىمۇ؟

بىر تۈركۈم بالىلار ئۆزىنىڭ گىنىدە، ئىرسىيتىدە چاتاق بار ئەخلەت ۋە ئەخلەتتىن ئىبارەت.
بارلىق روھ ئوخشايدۇ، بالىلار ئەسلى دۆت ئەمەس، دۇنيادا ئەخلەت يوق دىگەن ئەلى قورباننىڭ سۆزلىرىگە سلىشتۇرۇپ باقايلى، گېن ۋە ئىرسىيەت دىگەن نېمە؟ ئۇ ھەرقانچە تەربىيلەش ۋە ئۆزگەرتىشلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان پىزىئولوگىيەلىك ئامىلدۇر، ئۇنداقتا ئاتۇشلۇقنىڭ يىرىمىدا مەڭگۈ ئۈمىد يوقمۇ؟ ئۇلار قېنى بۇزۇق، گىنى ناچار، تۇغما ئەخلەتلەرمۇ؟ ئاتۇشنىڭ كەلگۈسىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى گېرمانلار يەھۇدىلارنى قىرغاندەك قېرىپ يوقىتىش كىرەكمۇ قانداق؟

مەن ئاپامنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىۋىتىمەنكى...
يەنىلا يۇقاردا سۆزلەنگەن تەھلىل

ئاتۇشنىڭ تەرەققى قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر بىر قۇلاقلىقلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، مانا مەن ئىككى قۇلاقلىق.
   پەقەت سىز ئىككى قۇلاقلىق، باشقىلار ھەممىسى بىر قۇلاقلىقمۇ؟ يىنىڭىزدا ئولتۇرغان مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بالىلارنى بىر قۇلاقلىق بولۇشقا كۈشكۈرتىۋىتىپتۇ دە، قېنى سىزدىكى ئالىملارغا خاس سەمىميلىك.

خەقتە بار سائەتنى مەن ئالالمىغاچقا، ئۇمۇ ئالالمىسۇن - مانا بۇ ئۇيغۇرچە ھەسەت.
توغىرا جاھاندا شۇنداق ھەسەتلەر بار، ئۇ بۇرۇنمۇ بار ئىدى، كەلگۈسىدىمۇ بار بولىدۇ، ئۇيغۇردىمۇ بار، گېرمانلاردىمۇ بار بولىشى مۇمكىن، ئېنىشتىيىن نېسپىيلىك نەزەرىيسىنى بايقىغاچقا ئۇنىڭغا ئۆزى « نېسپىيلىك نەزەرىيسى» دەپ نام بەرگەن، سىز بۇ ھەسەتنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ماقۇل سىز دۇنيا مىقياسىدا تۇنجى بولۇپ بۇ ھەسەتنى بايقىغانمۇ دەيلى، نېمىشقا «ئۇيغۇرچە ھەسەت» دەپ نام قويىسىز، ئەجىبا بۇخىل ھەسەت ئۇيغۇرغا بىردىنبىرمۇ؟ باشقا ئاكتىپ ھەسەت تۈرلىرى ئۇيغۇرلاردا يوقمۇ؟ ياكى ئۇنداق ئاكتىپ ھەسەت ئېلمىنىتلىرى بار سىزدەك كىشىلەر ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟ ۋە ياكى ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامىنى ئۆز ئالدىمغا سەلبىي سۆزلەر ئۈچۈن ئىشلەتسەم تىخىمۇ داڭلىق سۆز بولىدۇ دەپ قاراپ قالدىڭىزمۇ؟

100 مىلىيون ياخشى ئادەمدىن بىر ئالىم ئەلا.
بوۋىلار  شۇنداق دىگەن ئاۋال ئادەم بول، ئاندىن ئالىم بول، مائارىپ نەزەرىيسىدىمۇ ئەخلاقىي تەربىيە ئەڭ ئالدىنقى نىشان قىلىنىدۇ، بىر ئادەمدە ئىنسانىي پەزىلەت بولماي تۇرۇپ ئۇ ھېچنىمە بولالمايدۇ، ئەگەر ئالىم بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئالىملىقىنىڭ ئىنسانلارغا زىنى بولسا بولىدۇكى ھەرگىز پايدىسى بولمايدۇ، بېلىم جىنايەتنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ كەتسە ئىنسانىيەتكە بالايىئاپەت يىتىدۇ، بۇنداق قارىغۇلارچە ئالىملىقنى قوغلىشىش ئىنسانلىقتىن ياتلىشىش، شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئەۋىج ئىلىشى ۋە شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ قۇلى بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، گىتلىر گىرمانىيەسى ئۈچۈن ئىشلىگەن سانائەت ئالىملىرى، 731-قىسىم ئۈچۈن زەھەرلىك گاز ياساپ بەرگەن ياپۇن خىمىيە ئالىملىرى قاتارلىقلار ھەممىسى ئەخلاق تىزگىندىن ئايرىلغان ئالىملاردىن ئىبارەت. بۇنداق ئاشقۇن ئۇرۇقنى بالىلىرىمىز قەلبىگە تېرىشنى بولسا تىخىمۇ ئەقىلگە سىغدۇرغىلى بولمايدۇ.

بىزنىڭ نادان ئادەملىرىمىز تىخىچە مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئەسەرلىرنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ يۈرىدۇ.
    يەنە بىر لىكسىيەدە بۇ جۈملىلەر « قېنى قانچىلىك ئادەم ئاشۇلارنى ئوقۇدى؟» دەپ ئىلىنىپتىكەن، توغرا قۇرۇق شۇئار توۋلاپ ئۇلاردىن پەخىرلىنىدىغانلار يوق ئەمەس، لىكىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرنى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش روھىدىن، ئەسەرلىرىدىكى دۇردانىلەردىن بەھىر ئالالىغان بولسا سىزدەك لىكسىيە سۆزلەيدىغانلارغا ھاجەت چۈشمەسلىكى ئېنىق ئىدى، ئەمما يىلتىزسىز دەرەخ ھامان قۇرۇيدۇ، مەنبەسىز سۇ بولمايدۇ، ئاشۇ ئالىملىرىمىزنىڭ تەۋەررۈكلىرىنى ئوقۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ ئادەم بولىشىمىزدىكى، ئۇيغۇر بولىشىمىزدىكى ئۇل ھېسابلىنىدۇ، ھازىرقى مەسىلە دەل، بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدىكى كىشلەرنىڭ ئاشۇ ئەسەرلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنمەسلىكى، ئاشۇ ئالىملارنىڭ دىگىنى بويچە بىر روھىي تۈۋرۈك ھاسىل قىلالماسىلىقى بولىۋاتىدۇ، ھەممىنى ئويغاتقۇدەك، بىرلىككە كەلتۈرگىدەك، روھىي قۇۋۋەت بولغىدەك كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئەجىبا مەقسەتكە يەتكىلى بولمامدۇ؟ سىز سۆزلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دەل ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىن باشقا كىتاب ئوقۇمايدىغان بالىلار بولىشى مۇمكىن، ئۇلارغا بۇنداق مەشھۇر كىشىلىرىمىزمۇ بار، ئۇلار ئاتۇشتىمۇ ياشىغان، شۇلاردەك بولالايمىز، شۇلاردەك بولۇش ئۈچۈن شۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ھەزىم قىلىش كىرەك، زامانغا ماسلاشتۇرۇپ، مېنىڭ دىگەنلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ پايدىلنىشىڭلار كىرەك، دىيىش كىرەك ئىدى، ھەرگىزمۇ مېنىڭ دىيىمنى ئالساڭلارلا ھەممىسى بار، باشقىسى ئەرزىمەيدۇ، دىگەندەك بىشارەتلەرنى بەرمەسلىك كىرەك ئىدى.
مەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئالىم بولۇپ قىلىشىغا يول قويمايمەن.
قانداق يول قويمايسىز؟ ئۆزىڭىز شۇلاردىن ھالقىپ كىتىپمۇ ياكى ئۇلارنىڭ نامىنى خۇنۇكلاشتۇرۈش ئارقىلىق ئالىملىقنىڭ ماقامىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىقمۇ؟ بۇ سەل تەنتەك جۈملە بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟

دۆت مىللەتنىڭ  يۈز يىللىق ئىبادىتىدىن ئالىمنىڭ بىر كۈنلۈك ئۇيقۇسى ئەۋزەل.
قارىغۇلارچە كۆككە كۆتۈرۈلگەن ئالىملىق ماقامى، ئىبادەت دىگەننى خالىغانچە سىلىشتۇرۇپ ئوينايدىغان نەرسىمۇ؟ سىزنىڭ ئەۋزەل ئەۋزەل ئەمەس دىيىشىڭىزدىكى ئۆلچەم نېمە؟ بۇددىزىممۇ ياكى ... ئىبادەت دىگەن ئىبادەت، ئالىملىق دىگەن ئالىملىق، نېمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پۇلپەرەسلىك نەزەرىيسىدە بايلىق ئارقىلىق، ئىسلام دىنىدا ئاخىرەت ئارقىلىق، بۇددا دىنىدا نىرۋاغا يىتىش ئارقىلىق، ماركىسىزملىق نەزەرىيە سىستىمىسىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆلچەيمىز. سىزنىڭ قايسى ئۆلچەمكى؟



سىلەر ئاتۇشلۇق بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيسىلەر. سىلەر ئەخلەت ھېسابلىنىسلەر.

يەنىلا « دۇنيادا ئەخلەت يوق» زىت پىكىر، بالىلارنى قارىغۇلارچە ھاقارەتلەش.

مەن بىر ئىت، مەن باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە موھتاج بولمايمەن.
ئىتمۇ باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە موھتاج، نان تاشلاپ بىرىشىگە بولسىمۇ، سىز ئەتىراپتىكى بەش ئادەمنىڭ بەشكە بۆلۈنگەن ئاكتىپ روھىدىن ئوزۇق ئالغانمۇ يوقمۇ؟ سىز خەلق بىلەن بىر ئوتتا كۆيۈپ، بىر سۇدا ئاقالامسىز ياقمۇ؟ ئۇلار بىلەن تەقدىرداشمۇ ئەمەسمۇ؟ سىز يەككە ھالدا باشقىلارغا ئۆكتە ھالدا ياشاپ، دۈشمەنلىك ياشاپ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ روھىڭىز ئارقىلىق خۇشال قىلىپ ھاياتنى داۋاملاشتۇرامسىز ياكى مۇئەييەن شەخس، توپ، ۋاقىتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە موھتاجمۇ؟ بۇمۇ ئەمەليەتكە ماس كەلمەيدىغان مەنتىقىسىز جۈملىدەك قىلىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا نىسبەتەن.

بۇ مېنىڭ ھېكمەتلىك سۆزۈم...
«ھېكمەت» دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى ، ھەددىدىن زىيادە ئەقىل-ئىدراك، مۆجىزە، بىلىش چۈشىنىش قىيىن بولغان، چوڭقۇر مەنە. دىگەندىن ئىبارەت، بىر پىسخولوگنىڭ ئۆزىنىڭ بىر جۈملە سۆزىنى مېنىڭ ھېكمەتلىك سۆزۈم دەپ ئاتىشى سەل كەمتەرلىكتىن يىراقلىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟

مەن بۇ دەينى سىزگە بىرىمەن، كىلەر يىلى بەشنىڭ ئىچىگە كىرىسىز، يەنە بىر يىلى تۆتنىڭ، ئۈچ، ئىككى، بىرنىڭ ئىچىگە كىرىسىز.
ئەلى قوربان ئىيىتقان قالتىس بولۇش بىرىنچى مەقسەت بىلەن بىر قىز ئوقۇغۇچىنى سەھنىگە چاقىرىپ چىقىپ مۇنداق شەرىت قويۇش، يەنى ئۇنىڭ قالتىسلىقىنى سىنىپتىكى دەرس نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆلچىشى قانداق زىتلىق؟ بۇ ئىلمىي زىتلىقمۇ؟ مەنتىقى زېتلىقمۇ؟ ۋە ياكى لىنتانىڭ كارامىتى ئۈچۈن بىلىشمەي ئاشكارلىنىپ قالغان زىتلىقمۇ؟  دىمەك مائارىپ «قالتىس» لىققا تىخى يۈزلىنەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئائىلە، مەكتەپ، جەمىئەت ئۇنىڭغا تىخى مۇۋاپىق شارائىت يارىتىپ بىرەلمەيدۇ، ئاقىۋەت ئەلى قوربانمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ «قالتىس» ئىبارىسىنى ئۇنتۇپ، لىنتا سىتىش، سىنىپتىكى دەرىجە قاتارلىقلارغا ئەرمەك بولۇپ كىتىدۇ.

23 كۈندىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلەلمىگەنلەر.  مېنىڭ دىيىمنى سىتىۋىلىپ كۆرسە چوقۇم نەپ ئالالايدۇ.
   ئۇ دەي زادى ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىمۇ؟ ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆمىردە بىر قىتىم كىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدە تەشۋىشتە تۇرغاندا ئەلى قۇربان ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپىدە توساتتىن پەيدا بولۇپ، بىر مۇنچە تىرىشچانلىققا ئۈندەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ھەقىيقى ئىھتىياجلىق بولىۋاتقان 23 كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە نېمە ئۈچۈن بەش مىنۇت تەجرىبە سۆزلىمەيدۇ؟ كۆرسەتمە بەرمەيدۇ؟ ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى دەينى سىتىۋىلىشمۇ؟ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەنمۇ بەزى ئىنكاسچىلاردەك گۇمان قىلماي تۇرالمىدىم.

ماۋزىدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا «تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمىز، ياشاش ئۈچۈن تاماق يەيمىز» دىگەن.
توغىرا شۇنداق بىر مەشھۇر سۆز بار، بۇ سۆزنى ئارىستوتىلنىڭ دىگۈچىلەرمۇ بار، لى فىڭنىڭ دىگۈچىلەرمۇ بار، مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا ھەممىسىدە لى فېڭنىڭ دەپ ئىلىنغان ئىكەن، بۇنى تىخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ، لىكىن ئېنىقكى بۇ سۆزنىڭ ئىجادىيەتچىسى ماۋزىدۇڭ ئەمەس، ئەلى قورباننىڭ بۇ يەردە قانداق مەقسەتتە ياكى مەقسەتسىزلا شۇنداق دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمىدى. ئۇنداقتا ئۇ ئالغان باشقا ئېنگىلىزچە، نىمىسچە سىتاتا مەنبەلىرىدىمۇ خاتالىقلار ۋە ئالماشتۇرۇپ قويۇشلار مەۋجۇتمۇ يوق؟ بۇنى تەكشۈرۈپ بېقىش كىرەك.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئۆلۈكىمۇ، ئوقۇمىغان ئادەمدىن ياخشى بولىدۇ.
   كىيىنكى لىكسىيەلىرى بىلەن بۇ جۈملىسى ھەم زىت بولغاچقا بۇ يەردە مىسال ئېلىندى، مۇشۇ قاراش يەنى بۇ يەردە دىگەن قارىشىغا زىت ھالدا مەھمۇد قەشقىرى قاتارلىق ئالىملاردىن مەن مۇھىم دىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ قىتىملىق چاتما مۇنازىرە پىلتىسىگە ئوت كەتكەن، ئۇنداقتا زادى تېرىك مۇھىممۇ ئۆلۈكمۇ؟

داۋامى بار، ئىككىنچى بۆلەكتە ئەلى قورباننىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئونۋىرسىتىدا سۆزلىگەن لىكسىيەسى توغىرلىق تەھلىل ئىلىپ بىرىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

148

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   49.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33311
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 18:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي   توۋا  شۇنچە  گەپنى تەلل قلپ  كلەلگەن  بۇ   كتابى   ۋايزلرمزنى   كۇرەڭ  ،ھەي  ئىست   تەتققاتچللرمز    مەندە   ئككى   قۇلاق   با   سلەدە   يوق   دىگەن   گەپنى   چۈشەنمەي    ئەدەبياتتن    ،لوگكدن    سۈز   ئاچماڭلار   .ئەلى مۇئەللمنى   خەنزۇچە   سۇزلدى   ئىنگلزچە   سۈزلدى   دەيسلەر   ،سلەر   نمە   ۈچۈن   لوگكا   دگەن    سۈزنى   ئۇيغۇرچە   دمەيسلەر   .شۇنى    بلپ   قلڭلاكى   تلمزنى   شالغۇتلاشتۇغانلا    يەنلا   شۇ ئاتالمش   زيا للار  .يەنە   برسى  قايسى شەيىنى    قايسى   مللەت   ياكى دۈلەت بايقاپ    نام   قويسا   شۇ   تل   بڭلەن  ئاتلش    بۇ   بر   ئىجدمايى   قانۇنيەتكە   ئايلانغان   ،ئەلۋەتتە  ئۇنى   ئۈزلەشتۇرگەنلەر    ئۇنڭغا   نام   بەرگۈچە   .   بۇ    ئەلى  مۇئەللمنڭ   ياكى   باشقلارنڭ   خاتالقى   ئەمەس .   بۇ   خل   خاتالقتن   يمان   غۇرۇرلنپ   كەتكەنلە    ئۇنداختا   ئەلى   مۇئەللمنى   توسماڭلا   .ئەلى   مۇئەللم    ھەرگز  تەۋرەنمەڭ   .سز   بايان   قلۋاتقان    بۇ   بشارەتلەنى  چۈشەنمگەنلەر   ئولتۇرۋەسۇن    چۇنكى   ئۇلار   رتورك   ختاپنى   ئۇگەنمەپتكەن   .ئۇزلچە   مۈرەككەپلەشتۈرۈپ   .ئۇزلرنى   بلملك   كۈستپ   ئۇلگۈرمەكتە   .نيەت   ئەلا   دەپتكەن    ،نيتڭز    تەۋرەنمسۇن   .نمە   بوسا   بولسن     سالامەت   تۈرۈڭ   .  
13#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2640
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 19:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
walikram يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 18:12
ۋاي   توۋا  شۇنچە  گەپنى تەلل قلپ  كلەلگەن  بۇ   كتابى   ۋا ...

تېما نەدە، سىز نەدە؟ ئىنكاس يېزىش مەجبۇرىيەت بولمىغاندىن كېيىن چۈشەنسىڭىز يېزىڭ، بولمىسا يازماڭ. مەن بۇ جېدەلنى تۈگىتەلمەي ئاۋارە، سىز كۈچەيتەلمەي ئاۋارە، مەقسىدىڭىز ئەلى قۇرباننى يوق قىلماقچىمۇ يا؟
سىزدە ئىكى كۆز بولغان بىلەن بىر مېڭە يوقتەك ھېس قىلدىم. سىز ئىنكاسىڭىزدا ئەلى قۇرباننى كۈش-كۈشكە سېلىپ، ئىتقا ئوخشىتىپسىز. بىراق ئۇ مۇستەقىللىقى كۈچلۈك، ئۆز ئىدىيەسى بويىچە ئىش قىلىدىغان ئادەم. شۇڭا سىزنىڭ گېپىڭىزگە كىرىپ  ئادەم چىشلىمەيدۇ.
لوگىكا-بىزچە ئىلمىي مەنتىقە دېيىلىدۇ. بىراق بۇمۇ ئەرەبچىدىن كىرگەن. ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالمىسى يوق. سىز بۇنى تۇتىۋېلىپ مېنى مات قىلماقچى بوپسىز. ئۇنداقتا سىز كۆكە كۆتىرىۋاتقان پىسخىلوگىيە نەچە ئاتالمىدۇ؟ ئۇيغۇرچىمىدۇ؟
سىزشەخسنى خۇدا قىلىۋالماي، قابىلىيىتىنى ئىلمىي ھۆرمەتلەشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ. بولمىسا نان كۈچىكىگە ئايلىنىپ قالىسىز. بۇ مېنىڭ سىزگە سەمىمىي تەكلىپىم.
ئەمدى سىزگە گەپ قىلىپ ئولتۇرمايمەن.

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2640
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 19:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kogdiguqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 15:15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار !
ھە ...

تېما نەدە، سىز نەدە؟ مەن جېدەلنى باسالماي ئاۋارە، سىز ئاۋۇتالماي! قىلغىلى ئىش يوقمۇ؟ بەك يازغىڭىز كەلسە قۇشقۇن بولغچە ئايرىم يوللىسىڭىز بولمامدۇ؟

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2640
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 19:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurwish يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 15:27
ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇنبىرى قايناپ كەتتى......

تېما نەدە، سىز نەدە؟ تېمىنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟ بۇ ئەرزىمەس ئىش ئەمەس، بەلكى چوڭ مىللىي ئىنكارچىلىق ھەم ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان مىللىي پارچىلىنىش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )