ئەلى قۇربان لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەخمۇتئېلى ئاتتىلا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر! مېنىڭ ھازىر ئارتۇقچە ۋاقتىممۇ يوق ئىدى. بىراق، زامانىمىزدىكى داڭلىق پىسخىلوگ ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن كۆزقاراشلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى. مېنىڭ ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىم تۆۋەندىكىچە: 1. ئەلى قۇربان لېكسىيەسىدىكى يورۇق تەرەپلەر مەن بۇ يازمامدا ئالدى بىلەن ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشتىن ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىمگە ئاساسەن،لېكسىيەدىكى يورۇق تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1› ئەلى قۇربان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان جەمىئىيىتىدىكى كۆزگە كۆرىنىۋاتقان ياش ھەم ئۈمۈدكە، يېڭى قاراش، يېڭى تەپەككۈرگە تولغان پىسخىلوگ. مەن ئەلى قۇرباننىڭ نامىنى خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن ھەم مېنىڭ ئەلى قۇرباننىڭ پىسخىلوگىيەجەھەتتىكى قابىليىتىگە ھەقىقەتەن قايىللىقىم بار. ئۇ ئارقىلىق پىسخىلوگىيە دېگەن ئاتالغۇنى ئاڭلىمىغان كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز پەنلەر قاتارىدا «پىسخىلوگىيە»دەيدىغان بىر پەننىڭ بارلىقىنى بىلدى ھەم بۇ پەن توغرۇلۇق مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگەبولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى جەمىئىيەتتە زور مۇنازىرە قوزغاپ،بىزدىكى مۇنازىرە روھىنىڭ كۈچىيىشىگە، تور، ئۈندىدار ھەم تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇنازىرە ئارقىلىق خەلقىمىزدە پىسخىلوگىيە چۈشەنچىسى دولقۇنىنىڭ كۆتۈرىلىشىگەسەۋەب بولدى. بۇ ئۇنىڭ زور تۆھپىسى. يەنە بىرسى، ئۇنىڭ باشقىلارغا ئۆزىنى تاۋلاش ھەققىدە يول كۆرسىتىشى ھەم پايدىلىق كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىشى (بىرازىليەلىك بىرئاپتۇرنىڭ ئالتۇن تاۋلىغۇچى بالا» ناملىق كىتابىغا ئوخشاش) ماختاشقا ئەرزىيدۇ. 2› ئەلى قۇرباندىكى جۈرئەتچانلىق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش خاھىشى، باشقىلارغا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بېرىشى، نېمە قىلىش توغىرىسىدا يول كۆرسىتىشى بىزنىڭ ئۆگۈنىشىمىزگە،ئېتىراپ قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئەلى قۇربان لېكسىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى باشلىنىش بولۇپ، ئۇنى ياشلارنىڭ ئۆز مەقسىدى يولىدا جۈرئەتچانلىق بىلەن قەدەم ئېلىشىنىڭ، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىشىنىڭ مەدەتكارى، دېيىشكە بولىدۇ. 3› ئەلى قۇربان ھادىسىسى بىزگە ئۆزىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى، مەكتەپ تەربىيسىدە ئىلگىرى ئېيتىلىپ كېلىنگەن «كەمتەرلىك ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ، مەغرۇرلۇق ئادەمنى ئارقىداقالدۇرىدۇ» دېگەن تەرجىمە ھېكمەتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، كىمكى ئۆز قابىلىيىتىنى سىرىتقا چىقىرالىسا شۇنىڭ ئېتىراپقا ۋە پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى،ئەكسىچە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلالمايدىغانلارنىڭ مەڭگۈ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بىزنىڭ بار كۈچىمىز بىلەن قابىلىيەت يېتىشتۈرىشىمىزنىڭ ۋە ئۇنى بار ئاماللار بىلەن ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە قىلىشىمىزنىڭ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمىلىيەتكە يۈزلەندۈرىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى تونۇتتى. 2. ئەلى قۇربان لېكسىيەسىدىكى پاسسىپ تەرەپلەر ئەلى قۇربان لېكسىيەسى ھەم ئۇنىڭ قاراشلىرى ئومومىي جەھەتتىن توغىرا بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنە بىرقىسىم ئاشقۇن قاراشلار ياكى سۆز ئىشلىتىشتە، ئىپادىلەشتە، لوگىكىلىق بىر تەرەپ قىلىشتا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەر بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1› ئەلى قۇرباننىڭ مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرىشى خاتا. بۇئۇنىڭدىكى ئۇچىغا چىققان مەنمەنچىلىك ياكى ئۆزىنى جاھاندا بىر ساناش قارىشىدىن كەلگەن بولىشى ياكى ئىپادىلەشتىكى مەسىلە بولىشى مۈمكىن. ئۇ يېقىندا بېرىلگەن«ئىستىقبال سەھنىسى» پىروگىراممىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر گەپنى قىلىپ،«بىرسى مېنى ئېينىشتېيىنغا ئوخشايدىكەنسىز دېدى. مەن ئۇنىڭغا ‹سىز مېنى ئېينىشتېيىنغا ئوخشاتماي، ئېينىشتېيىننىڭ قېشىغا بېرىپ سىز ئەلى مۇئەللىمگەئوخشايدىكەنسىز دەڭ› دېدىم» دېگەن ئىدى. قارىساق بۇ ئىككى گەپنىڭ ۋەزنى ۋە سۆزقىلىش مەۋقەسى ئوخشاش بولۇپ، ئوخشاش بىر مۇددىئانىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدەئاشكارىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئالدىنقىسىدا ئەلى مۇئەللىم ئۆزىنى مەھمۇدكاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئۈستىن قويغان بولسا، كېيىنكىسىدە ئۆزىنى دۇنياپەن ساھەسىدە نىيۇتۇندىن كېيىنكى دەۋىر بۆلگۈچ ئالىم ئېينىشتېيىندىن ئۈستىن قويغان. بىز نېمىلا دېمەيلى مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئېينىشتېيىنلاردېگەن جىسىمى توپىغا ئايلىنىپ كەتسىمۇ يەنىلا مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەئېينىشتېيىنلاردۇر. ئەلى مۇئەللىم بۈگۈنكى ئۇچۇر زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ، يەر شارى بىر كەنتكە ئايلانغان، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى بىلىمنى بۇ چەتتە تۇرۇپ ئىگىلىگىلى بولىدىغان، مەخسۇسلاشقان ئالىي مەكتەپلەر ۋەپەن ساھەسى بويىچە تەربىيلەش ئەمەلگە ئاشقان بىر زاماندا ئۆزىدىن مىڭ يىل ئىگىرىكى سىمالار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئۇلاردىن ھەرقانچە ئۈستىن قويسۇن، ئۇ سىمالارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈستىنلىكى ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئاشقۇن قاراشلىرىنى قەدەمدە بىر رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى: ‹1› مەھمۇدبوۋىمىز قاتناش ۋە باشقا شارائىت شۇنچە ناچار بولغان، ئۆلچەش-سىزىش ئۈسكىنىلىرى بولمىغان شارائىتتا شۇنچە كۆپ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئورنىنىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئورنىنى ئاساسىي جەھەتتىن توغىرا مۆلچەرلەپ، «دائىرە» دەپ ئاتالغان دۇنياخەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، دۇنيا جۇغراپىيە ساھەسىدە مۆجىزە ياراتتى. بۇنى دۇنيائېتىراپ قىلىدۇ. ‹ 2› مەھمۇدبوۋىمىز قاتناش ۋە باشقا شارائىت شۇنچە ناچار ئەھۋالدا شۇنچە كۆپ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىلى توغرىسىدا شۇنچە مول مەلۇمات قالدۇرۇپ، دۇنيانى تاڭ قالدۇردى ھەم دۇنياتۈركلوگىيسىگە، تىلشۇناسلىق ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس سالدى. ئەلى مۇئەللىم باشقىلار ئۆتتۇرىغا قويۇپ سېستىمىلاشتۇرۇپ، ئاللىبۇرۇن پەن دەرىجىسىگەكۆتۈرۈپ بولغان، ئۆزى بىلىمەن دېگەن پىسخىلوگىيە ئىلمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومىي ھالىتىگە ماس كەلگۈدەك ۋە نىشان كۆرسىتىپ بېرەلىگۈدەك بىر مۇكەممەل پىسخىلوگىيەئەسىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلىدىمۇ-يوق؟ ‹ 3› مەھمۇد ۋەيۈسۈپ بوۋىمىز شۇنچە كۆپ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ يەرلىك تىل شىۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گىرامماتىكىلىق تىل قائىدىلىرىنى تەييار ماتېرىياللاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرۈپ مۇكەممەل ئىگىلىگەن. بۈگۈنكى ئەلى مۇئەللىم دۇنيادىكى 36 تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەس، ئۇلاردىن ئالتىسىنىڭ تىلشىۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گىرامماتىكىلىق تىل قائىدىلىرىنى تەييار ماتېرىياللار ئاساسىدا مۇكەممەل بىلەمدۇ-يوق؟ ‹ 4› مەھمۇد ۋەيۈسۈپ بوۋىمىز ئەرەب، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن ھەم ئۇ تىللالاردا دۇنيالال قالغۇدەك ئەسەرلەرنى ياراتقان مەشھۇر تىل ئۇستىلىرىدۇر. ئەلى مۇئەللىم ئۆزى بىلىمەن دەپ قارىغان خەن ۋە ئېنگىلىز تىلىنى شۇ دەرىجىدە بىلەمدۇ-يوق؟ شۇ تىللاردادۇنياۋى نادىر ئەسەرلەرنى يارىتالامدۇ-يوق؟ ‹5› يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى قاراخانىيلار جەمىئىيىتىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنى مۇكەممەل يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان «قۇتادغۇبىلىگ» تىن ئىبارەت شاھانە ئەسەرنى بارلىققاكەلتۈردى. ئەلى مۇئەللىمچۇ؟ 2› ئەلى قۇرباننىڭ «مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆلدى» دېگەن سۆزلىرى خاتا. بۇ سۆزھەقىقەتەن خاتا ئېيتىلغاندۇ ياكى مۇددىئانى توغىرا ئىپادىلىيەلمىگەندۇ. بىراق بۇنىڭغائەگەشكەن بىر قىسىم ئىنكاسچىلارمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلۇپ «ئادەم ئۆلمەي نەگە بارىدۇ»،دەپ چۇقان سېلىشقان. مەن ئۇلارنىڭ تەنتەكلىكىدىن ھەم پىكىرىنىڭ تېيىزلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم. ئادەمنىڭ ئۆمرى مەلۇم چەككە بارغاندا ئۆلىدىغىنى بۇ بىرھەقىقەت. بۇنى كۆپ تالىشىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. بىراق، بىزنىڭ بۇ ئىككى زاتنى ئۆلمىدى دېيىشىمىز ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتىدىن ئەمەس، بەلكى روھىدىندۇر. ئۇلارنىڭ روھى مىڭ يىلدىن بېرى بىزنىلا ئەمەس بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى يۆلەپ، ئالغائىلگىرلىشىمىزگە، ھېچ بولمىسا مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز بىلەن مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلىشىمىزغا مەنىۋىي مەدەتكار بولىۋاتىدۇ. بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي خەلقلەر ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن يۇقىتىپ قويغىلى مىڭ يىل بولغان ئەسلىنى تېپىۋاتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى يېڭى تۈركىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى تاتارلارنى مەركەز قىلغان يېڭى ئويغىنىش ھەرىكىتىمۇ «تۈركىي تىللاردىۋانى» ۋە «ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۆلۈك» مىراسلارنىڭ تېپىلىشىدىن بولغان. ئەلى مۇئەللىم، سىز لېكسىيەرىڭىزدە ئۇلارنى «ئۆلدى» دەپسىز،ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىزنى يۆلەپ، روھىمىزغا قان، ۋۇجۇدىمىزغا ئىشەنچ ئاتا قىلىشى ئۇلارنىڭ بۈگۈنگىچە ھايات ئىكەنلىكىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ئەمەسمۇ!؟ ئۆلگەن ئادەم قانداقمۇ بىزگە روھ ۋە قان بېرەلىسۇن؟ بۈگۈنكى دۇنيادا ئېنگىلىزلارنىڭ نىيۇتۇننى، فىرانسۇزلارنىڭ ۋولتېرنى، نېمىسلارنىڭ بېتخوۋېن، باخ، مۇزارتلارنى، نىتچى ۋە دىنىي ئىسلاھات پېشىۋاسى مارتىن ليۇتېرلارنى، گېرىكلارنىڭ سۇقرات ۋەئارىستوتېللارنى... چوققا قىلىپ ئۆزلىرىگەروھىي كۈچ قىلىشىمۇ ئۆلۈكلەردىن نىجاتلىق تىلەشمۇ؟ سىزنىڭ بۈگۈنكى بىلىملىرىڭىزئۆز قارىشىڭىزدىكى «ئۆلدى» گە چىقىرۋېتىلگەن بۇرۇنقىلارنىڭ بىلىمىنىڭ يىغىندىسىدىن كەلگەنمۇ ياكى ھەممىنى ئۆزىڭىز ئىجاد قىلغانمۇ؟ بىز بىلىشىمىز كېرەككى، جىسىمى ئارىمىزدىن كەتكەن بىر ئادەمنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىلغان ئىشى تەرىپىدىن بەلگىلىىدۇ. يەنى، بىز «ئۆلدى» دەپ قارىغنالارنىڭ تېنىدىكى ھاياتى ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ياكى قالدۇرغان ئەسەر-كەشپىياتلىرى ئىچىگەكۆچىدۇ. مىراس قالغۇدەك ئەمەل ۋە ئەسەر-كەشپىياتلىرى بارلىرى داۋاملىق ياشايدۇ،يوقلىرى ياشىيالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئۆلدىگە چىقىرىش ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ۋە ئەسەر-كەشپىياتلىرىنىمۇ ئۆلدىگە چىقىرىش بىلەن باراۋەردۇر. ئېدىسۇن كەتتى، بىراق ھەر بىر لامپۇچكا ئۇنىڭ ھاياتىنى ئارىمىزدا ساقلاپ قالدى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كەتتى، بىراق ئۇنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتى ۋە ئوتلۇق شېئېرلىرى ئۇنىڭ ھاياتىنى ئارىمىزدا ساقلاپ قالدى، مەمتىلى ئەپەندى كەتتى، بىراق ئۇنىڭ مائارىپچىلىق ھەرىكىتى ھاياتىنى ئارىمىزدا ساقلاپ قالدى...ۋاھاكازالار! 3› ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ تارىخى تۈنۆگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تەركىپ تاپقاندەك، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخىمۇ تۈنۆگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ ئۈچ قاتلامسىز تارىخ مەۋجۇت ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىمۇتۈنۆگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تەركىپ تاپقان. مەھمۇد كاشىغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ... قاتارلىقلار بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ تۈنۆگۈنى، بىز بۈگۈنى،ئەۋلادلىرىمىز ئەتىسى. بىر ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرى بولماي تۇرۇپ ياشلىق،قىرانلىق ۋە ياشانغان چاغلىرى بولمىغاندەك بىر مىللەتنىڭمۇ تۈنۆگۈنى بولماي تۇرۇپ بۈگۈنى بولىشى مۈمكىن ئەمەس. بۈگۈنى بولمىسا ئەتىسى بولىشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس.بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تۈنۆگۈنىنى ئىنكار قىلىشى ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىنى ئىنكار قىلىشتۇر. قېنى مەن سوراپ باقاي، ئەلى مۇئەللىم قېنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىق ۋاقتىڭىزنى ئىنكار قىلالامسىز؟ ئۆلدىگە چىقىرالامسىز؟ سىز بالىلىق چاغلىرىڭىزدائۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇنىڭ يېزىق شەكلى بولغان ئۇيغۇر ئېلىببەسىنى ئۆگەنگەن بولغىيدىڭىز.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە :ئۇ مېنىڭ ئۆلگەن ھاياتىم» دەپ ئانا تىلدا سۆزلەش ۋەيېزىشنى تەرك ئېتەلەمسىز!؟ «ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» (رۇس خەلق ماقالى)، «ئۆتكەن كۈنىڭنى ئۇنۇتما، شىرە چۇرىغىڭنى قۇرۇتما» (ئۇيغۇر خەلق ماقالى).بىز بۇ ماقالدا ئىپادىلەنگەن ھېكمەتنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. 4› ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى مۇھىم بىر لوگىكىلىق خاتالىق «مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆلدى» دېگەن سۆزى بىلەن «مەن ئۇلارنىڭكىنى بىلىمەن، ئۇلار مېنىڭكىنى بىلمەيدۇ» دېگەن سۆزىدىكى زىتلىقتۇر. ئەلى مۇئەللىمنىڭ مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان بىلىملەرنى ئۆگۈنىپ ئىگىلىگەنلىكى دەل مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئۆلمىگەنلىكى، ئۇۇلارنىڭ روھىي ھاياتىنىڭ ئەلى مۇئەللىمنىڭ ۋۇجۇدىغا كۆچۈپ ياشاۋاتقانلىقىدۇر. چۈنكى، ئالدىنقى بۆلەكتە ئوتتۇرىغا قويغاندەك، مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆلمىگەن،بەلكى ئۇلارنىڭ ھاياتى ئەسەرلىرىدىكى ھەر بىر ھەرىپ، ھەر بىر قۇرغا كۆچكەن. شۇھەرىپ، شۇ قۇرلار ئارقىلىق بىلىم ئىگىلەش شەكلىدە ئېقىن ھاسىل قىلىپ، ئۈزۈلمەي ئېقىپ ئەۋلادتىن ئاۋلادقا داۋاملىشىپ ھايات ياشايدۇ.. 5› ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى يەنە بىر لوگىكىلىق خاتالىق «مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپخاس ھاجىپلار بىلگەننى مەن بىلىمەن » دېگەن سۆزىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەردە «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىگ» لارنى مەخسۇس تەتقىق قىلىۋاتقان ئىلمىي جەمىئىيەتلەر، تۈركىلوگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم ئالىم-تەتقىقاتچىلار تۇرۇپ، ئۇ شاھانە ئەسەرلەرنى تولوق تەتقىق قىلىپ، مەنا ۋەبىلىم قاتلىمىنى ئېچىپ بوللامىغان يەردە، ئەلى مۇئەللىم سىز، ئۇ ئىككى ئەسەرنى تولوق بىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ بولالىدىم، دەپ قارامسىز؟ سىز يەنە ئۇ ئوقيا ئېتىش،نەيزىۋازلىق، ئاتقا مىنىش، چەۋگەن ئويناش، جانبازلىق... قاتارلىقلاردىنمۇ بىلەمسىز؟سىز بۇ يەردە ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىۋېتىش خاتالىقىنى ئۆتكۈزگەن. 6› ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى يەنە بىر خاتالىق «ئۇنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق»دېگەن سۆزدۇر. سىزچە بولسا بىز بۇنىڭدىن كېيىنسىز نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلساق، قىلدې گىنىڭىزنى قىلىپ، قىلما دېگىنىڭىزنى قىلمىساق بولىدىكەندە؟ قەدىمكى سىمالىرىمىزنىڭ ھايات ھەقىقەتلىرىنى ۋەقالدۇرۇپ كەتكەن ماددىي ھەم مەنىۋىي مىراسلىرىدىن سىر-ھېكمەتلەرنى قېزىپ،ئۆزىمىزگە ئەينەك ھەم يول قىلماسلىقىمىز كېرەك ئىكەندە؟! سىزنىڭ پەلسەپىڭىز بويىچەبولغاندا دۇنيا تۈركىلوگىيە ساھەسىنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان يۇقارقى سىمالارنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە ھايات ھەقىقەتلىرىنى تەتقىق قىلىشىمۇ ھاجەتسىز ئىشمىدۇ؟!بۇ ئېنىقكى دۇنيا تۈركىلوگىيە ساھەسىگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت ئەمەسمۇ!؟. 3. تەكلىپىم مەن ئەلىقۇربان ئەپەندىگە ھەم ئىنكاسچىلارغا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن: 1› سىز بىرپىسخىلوگ بولغاندىن كېيىن بۇنىڭدىن كېيىن سۆزلىگەندە روھنى ئۇرغۇتۇپ،ئۈمۈدۋارلىققا ئۈندەيدىغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شۇ ئۈمۈدۋارلىقنى ھەرىكەتكەئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يول تۇتۇشقا، ئەمىلىي غەيرەت كۆرسىتىشكە باشلايدىغان سۆزلەرنى قىلسىڭىز. بىزدە «ئۈمۈد ياشىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. يەنە كېلىپ بۇنداق روھنى چۈشۈرۈپ، بىرلىكنى بۇزىدىغان سۆز پىسخىلوگىيە ئىلىمىگە ماس كەلمەيلاقالماستىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى يوققا چىقىرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىنۋىتى بولغاندىلا يېتەكلەش كۈچى بولىدۇ. 2› سىزبۇنىڭدىن كېيىن ئۆگەنگەن پىسخىلوگىيە ئىلمىگە يانداپ لوگىكىنى ئۆگىنىشكىمۇ ئەھمىيەت بەرسىڭىز. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن «بىز ھە دېگەندىلا بۇرۇنقى داڭلىقلىرىمىزغائېسىلىۋېلىپ، ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ يۈرىۋەرمەي، ئۆزىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ يېڭى بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق پەخىرلىك سىمالارغا ئايلىنىشىمىز، ھەدېسە ‹ئۇيغۇرنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىدەك كاتتازاتلىرى، ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، ‹قۇتادغۇبىلىگ›، «ئون ئىككى مۇقام» دەك مەشھۇرمەنىۋىي مىراسلىرى بار، دەپ پەخىرلىنىپ، ئۇنى بېشىمىزغا ياستۇق قىلىپ ئۇخلاپ ياتماي، ھازىرقى رىقابەت كەسكىنلىكىگە تولغان زامانغا قاراپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەم يارىتىپ، زور ئىرادە بىلەن تارىختىن، ئۆزىمىزدىن ھەم زاماندىن ھالقىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك» دېگەن مەقسىدڭىزىنى توغىرا ئىپادىلەپ بېرەلەيسىز. 3› يازمىغائىنكاس يازغۇچىلار باش-ئاخىر يوق، پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ھەم تولوق ئاياغلاشقان مەناغا ئىگە ئەمەس بىر-ئىككى قۇر جۈملە بىلەن قارىسىغا تالاش-تارتىش قىلىشدىغان،ئۆزئارا دەككە بېرىشىدىغان، شەخسنىڭ دېگەن ھەم يازغانلىرىغا، ئۇنىڭ مەنىسىگەئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ۋە نوپۇزىغا، گېپىنىڭ دەبدەبىسىگە ئەگىشىپ شەخسكەچوقۇنۇش خاھىشى بويىچە ئىنكاس يازىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتسەك. بۇ خىل قارىسىغائەگىشىشنىڭ زىيىنىنى بىز بىر پۈتۈن مىللەت توپى نۇقتىسىدىن ئاز تارتمىدۇق. سەئىدىيەخانلىقىنىڭ ئاخىرقى زامانلىرىدا ئاپپاق خوجا «مەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27-ئەۋلادى» دېسە ئىسلام تارىخىدىن دەلىللىمەي تۇرۇپ قارىسىغا، ئەگىشىپ ئاقتاغلىق-قارا تاغلىق بولۇشۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ، خەلقىمىزنى 300يىللىق جاھالەتكە مۇپتىلا قىلدۇق (مۇشۇ سەۋەبتىن مەن سەئىدىيە خانلىقىدا مەدەنىيەت تەرەققى قىلغان دېسە تازا ئىشىنىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى، مەدەنىيەت تەرەققى قىلغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان بىر مۇنتىزىم دۆلەتتە ئاپپاق خوجىنىڭ «مەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27-ئەۋلادى» دېگەن ئويدۇرمىسىغارەددىيە بېرەلەيدىغان بىرەر ئىسلام ئۆلىماسى چىقمايدۇ؟). 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدائۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ياكى ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنى«يەرلىك مىللەتچى» دېسە شۇنىڭغا ئىشىنىپ يوقاتتۇق (ھايات قالغانلىرى1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاقلىنىپ، ئۇلارنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقىمۇئەييەنلەشتۈرۈلدى). 1960-يىللاردا ئاتام كۆرمىگەن، ئانام كۆرمىگەن بىرسىنى«قوغدايمىز»، «يوقۇتىمىز» دەپ ئاتا-بالا، ئەر-خوتۇن بىر-بىرىدن كېچىشتى. بۈگۈن يەنە بۇنداق ئەگىشىش ئۇيغۇر جەمىئىيىتىگە قارا سەيە تاشلاۋاتىدۇ. شۇڭا سەگەك بولايلى قېرىنداشلار. 4. ئاخىرقى سۆز مەن ئاخىرىدا تور ئەھلىگە، بولۇپمۇ پىكىر قىلىشنى بىلىپ بولالماي يۈرگەن ياشلارغا ئۆزەم يەكۈنلىگەن تۆۋەندىكى تۆت ئېغىز ھېكىمەتنى سۇنماقچىمەن: 1› «مەردانە بول، لېكىن تەكەببۇر بولما». 2› «جۈرئەتلىك بول، مەمەدان بولما». 3› «بىلىملىك بول، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئەقىلسىزلىق قىلما». 4› «شەخسنى ھۆرمەتلە، لېكىن ئۇنىڭغا چوقۇنما». مەنبە: ئۆزەم
|