- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 409
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
54.5%
|
مىنىڭ يەنە ئىككى كەلىمە گەپقىلغۇم كىپقالدى، شەخسەن مەن مەيلى ئەلى قۇربان بولسۇن مەيلى زىۋىدە مۇئەللىم بولسۇن، بىزدىن بىلىم ئىگىسىلا چىقىدىكەن چوقۇم قوللىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن، زىۋىدە مۇئەللىم پىسخىلوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، ئەلى مۇئەللىم پىسخىلوگىيە ناتىقى دەپ چۈشەنسەك ئىككىلىسىنىڭ يولى بىر قىلىۋاتقان ئىشى باشقا، ئەلى مۇئەللىم ياشلارنى جۈرئەتلىك،قابىلىيەتلىك، مۇھىتقا تېز ماسلىشالايدىغان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىۋاتىدۇ. ئەمما يەنى بىر قىسىم ئادەملىرىمىز باركى، مۇشۇنداق ئادەملەرنى غاجاۋاتقان ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان،دىمىسىمۇ ئۇلار كۆپ ۋاقتى بار ئادەملەر. چۈنكى شۇ ئادەملەرنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر بولىشىمۇ ناتايىن، بەزى مىللەتلەر مۇشۇنداق نادانلىقتا، غاپىللىقتا قالدۇرىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئەلى مۇئەللىمدەك ئۇستازلارنىڭ ياشلارنى ئالغا ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۈرىشى، ئۆزىنى خۇراپاتلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىرۋاتقىنى بەزى بەسەيجانلارنىڭ چوماقچىلىرىنىڭ قۇلىقىغا تىتىماسلىقى ئېنىق. بەلكىم مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلىشى مۇمكىن كەلگۈسىنى پارلاق قىلىش ياشانغانلانىڭ ئەمەس، بەلكى ئىدىيىسى ئوچۇق يىڭىلىق يارىتىشقا ماھىر ياشلارنىڭ قولىدا. تاما-تاما كۆل بولۇر دىگەندەك بۇنداق ياشلار كۆپەيگەنسىرى يۇقۇرىدىكى غوجاملارنىڭ غىمىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ئېنىق، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹نادان پۇقرالارغا چۈشۈرۈپ بېرىۋاتقان ياخشى سىياسەتلىرى›› توسقۇنلۇققا ئۇچراپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئادەتتىكى بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن ئادەملەر مىنىڭچە غاجىلاشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدۇ بولمىسا ئۇلار خەنزۇ بازىرىدا كاۋاپ سىتىپ پايپاق سىتىپ يۈرمىگەن بولاتتى، غاجاش ئۈچۈنمۇ سەۋىيە كىتىدۇ ئەمەسمۇ. دىمەك بۇ غاجىلاۋاتقانلارنىڭ مەلۇم قىسمى مىنىڭچە ئادەتتىكى ئادەملەر بولماستىن، بەسەيجانلارنىڭ بىر ئۇچۇم چوماقچىلىرى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىلسەك بۇ ئەسىر ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بىزنىڭمۇ دۇنياغا ئىڭىشىپ ئەمەس، دۇنيا سەندە مەنمۇ ياشاۋاتىمەن دەپ مەيدىمىزنى كېرىپ ياشايدىغان ئەسىر. بولمىسا 21 -ئەسىر بىزنىڭ ئەسىرىمىز بولماستىن يەنىلا ئۆتكەن ئەسىرلەرگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئەسىرى بولۇشى تۇرغانلا گەپ. بۇ دۇنيادا ئورنى يوق قەۋىمنىڭ ئۇ دۇنيادا ياخشى يەردىن ئورنى بوپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا ئاشۇنداق غاجىلغۇچىلا بىزنىڭ مۇشۇنداق بىرخىل ھالەتتە ياشىشىمىزنى ياختۇرىدۇ خالاس. |
|