- تىزىملاتقان
- 2014-4-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4200
- نادىر
- 0
- يازما
- 143
ئۆسۈش
73.33%
|
ئويناپ سۆزلىسەكمۇ ئويلاپ سۆزلەيلى قېرىنداشلار !
《 نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغانلار بىزدىن چىقمامدۇ دەپ سورىسا ، چىقىدۇ لېكېن بىز چىققىلى قويمايمىز دەپتىكەن .
باشقا مىللەت بىر بىرىنى يۈلەپ بولالماي دۈمچەك قېرىسا ، بىز بىر بىرىمىزنى غاجاپ بولالماي كوماك قېرىيمىز !
زوردۇن سابىر》
مۇشۇنداق سۆزلەرنى دەۋاتقانلار تەپەككۇر قىلالمامسىلەر ؟ مۇشۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنىڭ پۈتكۈل مىللەتنى غاجاۋاتقانلىقىڭلارنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟ بىر ئادەم ئۈستىدىن گەپ قىلىپ قويسا كوماك قېرىسا ، پۈتكۈل مىللەتنى غاجىسا قانداق قېرىيدىغاندۇ ؟
خۇددى ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېگەندەك ، ئۇيغۇردا ئورتاق كىسەل يوق . كېسەل شۇ مىللەتتە كېسەل بار دىگۈچىلەرنىڭ ئۆزىدە . ئۇيغۇرنى تىللاش ئەمدى توختىشى كېرەك . بۇرۇن ئاز تىللىمىغان ، بىراق ھازىر تىلغا ئالغۇدەك ئورتاق كەمچىللىك يوق .
بەك دىگۈڭىز كەپ كەتسە بېرىپ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە دەڭ .
ئاڭلىسام بىزنىڭ مىللەتتىن باشقا ئۆز ئىچىدىن چىققانلارنى غاجايدىغان مىللەتنى ئاڭلاپ باقماپسىلەر . مەنمۇ ئوخشاشلا ئۇخلىسا قوپسا ئۆز مىللىتىنى تىللايدىغانلارنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم .
بۇنى تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چېقىش دەپ ئاتايمىز . ئەگەر ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىڭىزدىن نۇمۇس قىلسىڭىز ، يول ئوچۇق ، مىللەت نامىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېلىڭ ، مەرتىۋىلىك بولۇپ ياشايسىز . بۇنداق پەس مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغانلىقىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق .
مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئېچىش بىزگە خاس ئەمەس ئىدى . بىز دېگەن ئۇيۇشقاق ، ئەقىللىق مىللەت ئىدۇق ، ئەمدى بولغاندا مىللەتنى تىللاۋىرەمدۇق ؟ مىللەتنى تىللاپ قانداق پايدا ئالدىڭىز ؟ نوچى بولسىڭىز ئۇتۇق قازىنىڭ ، بىلىملىك بولۇڭ . ئوخشاشلا ماختايمىز .
ۋاپات بولغانلاردىن مەھمۇت قەشقەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، زوردۇن سابىر ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر …… قاتارلىقلارنى تا بۈگۈنگىچە ئەسلەپ ، ماختاپ كىلىۋاتىمىز . ھاياتلاردىن ئەركىن سىدىق ، شۆھرەت مۇتەللىپ ، ئابدۇكېرىم ئابلىز ، زۇلپىقار بارات ئۆزباش قاتارلىق نۇرغۇن تەبئىي پەن ، ئەدەبىيات - سەنئەت ، يېزىقچىلىق قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى ھۆرمەتلەپ ، قوللاپ كىلىۋاتىمىز . يەنە تېخى گەرچە مەھسۇلاتلىرى باشقا مىللەتلەرنىڭكىدەك سۈپەتلىك بولمىسىمۇ ، مىللىي كارخانىلىرىمىزنى كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كىلىۋاتىمىز . مەيلى چەتئەلدىكى بولسۇن ياكى دىيارىمىزدىكى بولسۇن ، زىيالىيلىرىمىزنى شۇنداق ھۆرمەتلەۋاتىمىز .
ئەركىن ئابدۇللانى ئەركىن ئابدۇللا قىلغىنىمۇ ئۇيغۇر ، ئارافاتنى ئارافات قىلغىنىمۇ ئۇيغۇر ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قىلغىنىمۇ ھەم مۇشۇ 《پەس》مىللەت ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى بىز ئاڭلىمىساق ، سەھنىنى بىز بەرمىسەك ، توردا بىلەت تاشلىغاندا بىز تاشلىمىساق ئۇلار بۈگۈنگە يىتەلەرمىدى ؟ ھازىر ئەركىن سىدىق دېسە ھەتتا دېھقانلىرىمىزمۇ تونۇپ كەتتى ، نىمىشقا ؟ چۈنكى بىز دىگەن ئەزەلدىن ئىلىمنى ھۆرمەت قىلىدىغان ، ساپالىق مىللەت . ھەرگىزمۇ خەقنىڭ قوڭىنى كولايدىغان ، ھەسەتخور مىللەت ئەمەس ، ئەشۇ گەپلەرنى يورغىلىتىپ يۈرىۋاتقانلار دەل پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ قوڭىنى كولاۋاتقانلاردۇر . ئۇلارنىڭ مەقسىدى پۈتكۈل ئۇيغۇرنى سۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ، پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ ، پۈتۈن دۇنياغا ئەسكى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت . غاجىغۇچى دېگەن شۇنداقلارغىلا خاس سۈپەت .
ئۇيغۇرنى تىللاۋىرىپ نىمە تاپتىڭىز ئۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ ، پەقەتلا سىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نۇمۇسسىز ، ئەڭ كۆرەلمەس ، ئۆز مىللىتىنى ئامالنىڭ بارىچە يەرگە ئۇرۇپ ، باشقىلارنىڭ ئايىغىغا باش ئۇرىدىغان ئەڭ شەرەپسىز ئادەم ئىكەنلىكىڭىز ماڭا بەش قولدەك ،ياق ياق ئون قولدەك ئايان . ئىشىنىمەنكى مۇشۇلارنى دەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى پوقنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان ، قىيىنچىلىققا يولۇقسا سەۋەبىنى باشقىلاردىن ئىزدەيدىغان ، تىرىشمايدىغان ، بىزنىڭ زادى بېرىمىز بار مىللەت دەپ گۇناھنىڭ ھەممىسىنى مىللەتكە ئارتىپ قويۇشنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ بىلىدىغان يارىماسلاردۇر .
ئۇيغۇر سىزگە زادى نىمە قىلىپ بەرسە بولاتتى ؟ ئۆزىڭىز تىرىشماي ، قوللاشقا لايىق ئادەم بولالماي ئاقىۋەت ئۇيغۇردىن ئاغرىنامسىز ؟ راس ، زوردۇن سابىر ياشىغان مەزگىل ئۇنداق باياشاتچىلىق دەۋىر ئەمەس ، بەلكىم ئۇ دەۋىردە ھەسەتخور ئادەملەر بىر قەدەر كۆپ بولىشى مۇمكىن ، بىراق ھازىرچۇ ؟ ھازىر دېگەن ھەممە ئادەمنىڭ قورسىقى توق ، كىيىمى پۈتۈن دەۋىر ، ئەجەبا بۇ مۇقامنى يەنە توۋلاۋىرەمدۇق ؟ سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىنمۇ ئىزدەپ باقايلى . ئۇيغۇر دېگەن مىللەت تۇيغۇسى ، ئېتقادى كۈچلۈك بۇ تەرەپلەردە ناھايىتى سەزگۈر مىللەت . ئالدى بىلەن مۇشۇ تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ، بىز ھۆرمىتىڭىزنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ قىلىمىز . بۇ شەرتلەرنىڭ قايسىسىغا قارشى قوپىدىكەنسىز ، سىزنى قوللاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بىلىملىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ، ھەرگىزمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئۇنىڭ تۇغما تالانتىنى بايقاپ قېلىپ ، كىچىكىدىن تارتىپ قوللاپ بېشىدا كۆتۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگىنى يوق . بىراق ھەقىقى قوللاشقا لايىق ئادەمگە ئايلانغاندىن كېيىنچۇ ؟ ئۇنى قوللاشقا باشلىدۇق ، تەڭرىتاغ ئالىمى دېگەن نامنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمىسەكمۇ ، ئالىم ماقامىغا كۆتۈرۈپ ھۆرمەتلەۋاتىمىز . بىلىملىك ، كەمتەر روھىنى ماختاۋاتىمىز ، ھەتتا ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ كىلىۋاتىمىز . ئەركىن سىدىقمۇ گەرچە ئامېرىكىدا بولسىمۇ ، بىزگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلالمىسىمۇ ئالىمىمىز دەپ پەخىرلىنىپ كىلىۋاتىمىز . ئەجەبا بۇلارنى كۆزۈڭلار كۆرمەمدۇ ؟ بۇلارمۇ يەتمەمدۇ ؟
ئۇيغۇرنى يەنە پەس كۆرىدىغانلار كىملىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ ، مەن كىم دېگەننى بىر مىنۇت بولسىمۇ ئويلاپ بېقىڭ .
خۇلاسە كالام ، ئۇيغۇرنى كۆرەلمەس ، غاجىلىغۇچى ، ھەسەتخور ، ئادەمنى قوللىمايدىغان مىللەت دەپ تىللاشتىن بۇرۇن ، مەن زادى قوللاشقا ئەرزىمدىمەن يوق ؟ مەندە زادى قوللاشقا ئېرىشكۈدەك سالاھىيەت بارمۇ يوق ؟ دېگەنلەرنى ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ . ئۇيغۇرنىڭ بۇرۇنقىدەك ھاقارەتلىسە قولنى قوۋۇشتۇرۇپ 《ھەئە ئاكا ، سىللىنىڭ راست》دەيدىغان زامانىسى ئۆتۈپ كەتتى . ئاددىي بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىنى ھەزىم قىلىپ بېقىڭ .
باتۇر ئابلەت
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى
شەندۇڭ
|
|