نېفىت باھا ئۆزگۈرۈشىنىڭ تەسىرى جاۋ بۇشېڭ دولان تەرجىمىسى
خام نېفىتنىڭ نېۋيۇركتىكى قەرەللىك پۈتۈشىش باھاسى %5 تۆۋەنلەپ،ھەرباك نېفىت 50.04 دوللارغا تۆۋەنلەپ، 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگەچۈشتى؛ 2014-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، خەلقئارا نېفىت باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلەپ 10-ئايدا 90 دوللارغا چۈشۈپقالدى، 11-ئايدا OPEC يېغىنى نېفىت مەھسۇلاتىنى كېمەيتىش تەكلىۋىنى رەت قىلغاچقا، نېفىت باھاسى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلىدى. بەزى ئاپپاراتلارنىڭ قارىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى نېفىت ئىمپورتىغا تايىنىدىغان ئاسىيدادىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن ۋە جۇڭگوغا پايدىلىق ئىكەن؛ئەمەلىيەتتە « نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشۈشى » ئېلىپكەلگەن ئەكىس تەسىردىن ھېچكىشى قېچىپ قۇتالالمايدىكەن. يەرشارى ئىقتىسادىي كەسپ زەنجىرىنىڭ تەسىرىدە، روسىيە تۇنجى زەربىگە ئۇچرىدى، ئىقتىسادىي كاسادچىلىق باشلىنىشى بىلەن، شىركەتلەر خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە سېتىۋېلىشنى ئازايىتقاچقا،رۇبلى چوڭقۇر كرزىسقا دۇچار بولدى. جۇڭگونىڭ زورمىقداردىكى نېفىت بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك تەمىنلەشتىكى توختامى ۋە قەرزگە نېفىت ئالماشتورۇش كېلىشىمى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە روسىيە ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى؛جۇڭگو-روسىيە 2013-يىلى ئۇزاق مەزگىل نېفىت بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن روسىيىنىڭ Rosneft شىركىتى 25يىلغىچە جۇڭگونى 365 مىليون توننا خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىغان بولۇپ،ئومۇمىي سوممىسى 270 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ، كېلىشىمگە ئاساسەن Rosneftشىركىتى جۇڭگودىن 60-70 مىليارد دوللار زاكالەت پۇلىغا ئېرىشىدۇ. 2014-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو بىلەن ۋېنسۇئېلا بىرتۈرلىك كېلىشىم ئىمزالاپ، جۇڭگو 4 مىليارد دوللار قەرز بېرىدىغان،ۋېسۇئېلا قەرنى نېفىت ئارقىلىق قايتۇرىدىغان، ھەركۈنى 100 مىڭ باك خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈشىدۇ؛ بۇخىل كېلىشىمنى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەربىلەنمۇ ئىمزالايدۇ، نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزلۈكسىز چۈشۈشى، جۇڭگونېفىت شىركىتىگە ئېغىر باش ئاغرىقى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىقتىسادشۇناس روسوڭ مۇنداق كۆرسەتتى، ناۋادا توختامدا باھا مۇقىم بېكىتىلگەن بولسا ( باھا 100 دوللاردىن يوقۇرى ) جۇڭگو نېفىت شىركىتى يوقۇرى باھالىق نېفىت ئىمپورت قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلدۇ ۋە نۆۋەتتىكى تەييار نېفىت باھا مېخانىزىمىنى قوللانسا، جۇڭگو نېفىت شىركىتى زىيان تارتىدۇ، جۇڭگو نېفىت شىركىتى پەقەت روسىيەدىنلا زىيان تارتىپ قالماي يەنەئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن ئۇزاق مەزگىللىك توختامدىمۇ زىيان تارتىدۇ،نۆۋەتتە مەركەز مالىيەسى ئىلگېركىدەك زورمىقداردا تولۇقلىما بېرەلمىگەچكە، جۇڭگونېفىت شىركىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر نېفىت باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىسە،جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ تارتىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بۇلىدۇ. ناۋادا ئىسلاھات كومتېتى باھانى تەڭشەش مىخانىزىمى قوللانسا، جۇڭگو نېفىت شىركىتى ئىمپورت قىلغان يوقۇرى باھالىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ،ئۇنداقتا دولەت ئىچىدىكى كارخانىلار بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كارخانىسى زەربىگەئۇچراپ، خەلقئارادىكى رىقابەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، قىممەت باھالىق نېفىت نىپىششىقلاپ ئىشلىسە، جۇڭگو نېفىت شىركىتى زىيان تارتىدۇ؛ ئاخىرىدا جۇڭگو نېفىت شىركىتى توختامغا خىلاپلىق قىلىش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ-دە زاكالەت پۇلى يوققا چىقىدۇ. ناۋادا لەيلىمە باھانى قوللانسا،روسىيىنىڭ نېفىت ئىشلەش تەننەرقى يوقۇرى بولغاچقا، نېفىت باھاسى ئۇزاق مەزگىل تۆۋەنلىسە، روسىيە نېفىت شىركىتى زىيان تارتىدۇ، رۇسلارنىڭ خاراكتىرى ئۇزاق مەزگىل زىيان تارتسا مال بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، ھەتتا شىركەت ۋەيران بولۇپ، قەرزقايتۇرۇشتىن باش تارتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تۆلىگەن زاكالەت پۇلى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ.قانداق نەتىجە چىقىشىدىن قەتئى نەزەر، جۇڭگونىڭ روسىيىگە سالغان تاشقى پېرېۋۇت مەبلىغىدىن قىسمەن ياكى ئومۇمىيۇزلىك زىيان تارتىشتەك تەقدىرگە دۇچ كېلىدۇ. روسوڭ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى،ئۇزاق مەزگىللىك نېفىت بىلەن تەمىنلەش توختامنى بىرتەرەپ قىلىش ئاسان بولسىمۇ،بىراق قىين بولغىنى قەرزگە نېفىت ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىكەن؛ بۇنداق كېلىشىم تۈزۈلۈپ مەلۇم ۋاقىتتا بارلىق پۇلنى قارشى تەرەپكە تاپشۇرىدىغان بولغاچقا، نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشى، ناۋادا ۋېسۇئېلادا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلسا، جۇڭگو نېفىت ۋە پۇلدىن تەڭلا قورۇق قالىدېكەن. تارىخىي سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن، جۇڭگونېفىت شىركىتى مۇتلەق كۆپقىسىم مەبلەغنى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى يوقۇرى رايۇنغامەبلەغ سالغان ئىدى، چۈنكى تەننەرقى تۆۋەن رايۇننى غەرپ ئىگەللەپ بولغان ئىدى، ناۋادادۆلەت ۋەيران بولسا، نېفىت شىركىتى ۋەيران بولىدۇ ياكى نېفىت قودۇقى تاقىلىپقالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا جۇڭگو نېفىت شىركىتى ئۆزۋاقتىدا نېفىتكە ئېرىشەلمەيدۇ؛جۇڭگو كۆپقىسىم نېفىتكە ئۇزاق مەزگىللىك توختام تۈزۈش ياكى قەرزگە نېفىت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەچكە، ناۋادا ئۇزاق مەزگىللىك توختامدىن كۆتۈلمىگەن چاتاق چىقسا، تەييار مال بازىرىدىكى سېتىۋېلىشنى ئاشۇرۇدۇ-دە، تاشقى پېرېۋۇتنىڭ سىرىتقا ئېقىشىنى تىزلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇ زايۇمىنى سېتىپ ئېقىشچانلىققا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. جۇڭگودا سىرىتتىن نېفىت سېتىۋېلىشنى جۇڭگونېفىت شىركىتى قاتارلىق 3 چوڭ شىركەت ئېلىپ بارىدۇ، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەربىلەن تۈزۈلگەن ئۇزۇن مەزگىللىك توختامدىكى زاكالەت پۇلىنى جۇڭگو نېفىت شىركىتى تۆلۈگەچكە، شەكىللەنگەن قەرزنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ، بىرىدىنبىر ئامال تاشقى پېرېۋۇتقا خەلقئارا بازاردىن نېفىت سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت، بۇنداقتا جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ پېرېۋۇت قەرزيۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، مەبلەغنىڭ سىرىتقا ئېقىشى تىزلىشىدۇ، ناۋادا مەركىزىي بانكا پېرېۋۇت نىسبتىنى كونتۇرۇل قىلالمىسا تېخىمۇچوڭ كرزىس يۈزبېرىدۇ. جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ كېرىمى خەلق پۇلىنى ئاساس قىلىدۇ، سىرىتقا مەبلەغ سېلىشتادوللارنى ئاساس قىلىدۇ، مەيلى پاي ھوقۇقى بولسۇن ياكى قەرزگە نېفىت ئالماشتۇرۇش بولسۇن، خەلق پۇلىنى پېرېۋۇتقا ئالماشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 1-قېتىملىق پېرېۋۇت ئالماشتۇرۇش شەكىللىنىدۇ؛ سالغان مەبلىغى توڭلىتىلغاندىن كېيىن، پەقەت خەلقئارا بازاردىن نېفىت سېتىۋېلىپ دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 2-قېتىملىق پېرېۋۇت ئالماشتۇرۇش شەكىللىندۇ، ئاخىرقى نەتىجىسى جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋۇت زاپىسى تىزلىكتە خۇراپ، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ مالىيە يۈكىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۋېتىدۇ. نېفىت بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىكى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، نېفىتنىڭ ئالاھىيدە تاپاۋەت باج ئېلىش چېكىنى 65دوللار/باك قىلىشنى قارار قىلدى؛بۇتەدبىرنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ئۈنۈمى بولسىمۇ، ئاچقان يەرگە دال بۇلالمايدۇ. شۇڭا روسىيەدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس ئاخىرى جۇڭگونىمۇ سۆرەپ كېرىدۇ، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ قەرزى تىز ئېشىپ، مەيلى قەرزگەنېفىت ئالماشتۇرۇش بولسۇن ياكى ئۇزاق مەزگىللىك توختام ئىشقا ئاشسۇن ياكى ئاشمىسۇن، جۇڭگو نېفىت شىركىتى ئەڭ ئاخىرىدا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، بۇنىڭبىلەن جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقى يەنەبىر قېتىم قىيىن ئەھۋالغا دۇچار بولىدۇ. جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ مەركەز مالىيەسىنىڭ زورسالماقنى ئىگەللەيدىغان پايدىسىنى ئويلىغاندا، ئۆي-مۆلۈك كەسپىنى ئەمدى نۇرمال ئېلىپ بارغىلى بولماسلىقى ئېنىق؛ ئۆي-مۆلۈك كەسپى يەرلىك مالىيەگە زەربە بەرسە،نېفىت شىركىتىنىڭ زىيىنى مەركەز مالىيەسىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ، مەركەزمالىيەسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم كېرىمى نېفىت شىركىتىدىن كەلگەچكە، نېفىت شىركىتى زىيان تارتسا، مەركەز مالىيەسىگە ئېغىر زەربە بولىدۇ. يەرلىك مالىيەنىڭ ئاساسلىق كېرىم مەنبەسى بولغان ئۆي-مۆلۈك كەسپىنىڭ زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئاساسەن مۇقۇملىشىپ قالدى،ناۋادا مەركەز مالىيەسى زەربىگە ئۇچرىسا، ۋەزىيەت تېخىمۇ قاتماللىشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو ئېھتىياجلىق نېفىتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇزاق مەزگىللىك توختام ۋە قەرزگە نېفىت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىدۇ،ئۇزاق مەزگىللىك توختامدىن چاتاق چىقسا، خەلقئارا بازاردىن نېفىت سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاشقى پېرېۋۇتنىڭ ئېقىشى تىزلىشىدۇ، ئاخىرىدا ئامېرىكاۋە ياۋرۇ زايۇمىنى سېتىپ ئېقىشچانلىققا تاقابىل تۇرۇشتەك قاتمال ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. نۆۋەتتە ياۋرۇ قەرزى ۋە يىن قەرزى توڭلىتىلدى،ئېنېرگىيەگە زورمىقداردا مەبلەغ سېلىش سوغا چىلاشتى، مەركىزىي بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋۇتى تۈگۈگەندە، بانكا ئۆسۈمىنى ئاشۇرۇپ، پېرېۋۇت كرزىسى پەيدا قىلغان پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرىشقا مەجبۇرلايدۇ. خام نېفىت بارلىق كەسىپنىڭ ئالدىنقى جەڭگاھى،نېفىت بوران-چاپقۇنىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، جۇڭگونىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىشى،پېرېۋۇت نىسبىتى ۋە مالىيە كېرىمىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا زايۇمى جۇڭگونى قۇتقۇزىدىغان ئەڭگۇشتەرگە ئايلىنىپ قالغاچقا، ئوباما جۇڭگۇدىكى ئامېرىكا زايۇمىنى تۆكمە قىلىپ ساتقۇزىدۇ؛ بىراق بۇقېتىملىق نېفىت بوران-چاپقۇنى ئامېرىكىغىمۇ تەسىركۆرسىتىپ، تېكساس شىتاتىدىكى نېفىت شىركەتلىرىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
http://www.bwchinese.com/article/1066197.html
|