قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kadirdolan

[دولان] ئالتۇن بىلەن خەلق پۇلىنىڭ تەقدىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

529

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  603
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 23:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
soyma يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 21:19
خەلىق  پۇلى  بىلەن  ئالتۇننىڭ  مۇناسىۋىتى  يوق  بۇ  نىيۇ ...

خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا بازاردا ئالتۇنغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەن كىچىك بولۇشى مومكىن. بىراق جۇڭگۇ بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئامېرىكا دوللىرى بىلەنلا ئەمەس بەلكى خەلق پۇلى بىلەنمۇ خىلى زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك.
جۇڭگۇدا ئالتۇن باھاسىنى بەلگىلەيدىغان ئىككى ئامىل بار: بىرى خەلقئارا بازاردىكى ئالتۇن باھاسى، يەنە بىرى خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان پىرىۋۇت نىسبىتى.
جۇڭگۇ بازىرىدىكى ئالتۇن باھاسى= خەلقئارا بازاردىكى ئالتۇن باھاسى * خەلق پۇلىنىڭ پىرىۋۇت نىسبىتى /31.1035
شۇنداق ھىساپلىغاندا خەلقئارا بازاردىكى ئالتۇن باھاسى 1250ئەتراپىدا بولغاندا خەلق پۇلىنىڭ پىرىۋۇت نىسبىتى 6.20يۈەن بولسا ئالتۇن باھاسى 249.18يۈەن بولىدۇ.
ھازىر كۆپلىگەن تەھلىلچىلەر جۇڭگۇ خەلق بانكىسىمۇ شىۋىتسارىيە بانكىسىغا ئوخشاش تۇيۇقسىز خەلق پۇلىنىڭ پىرىۋۇت نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋىتىشى مومكىن دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئەگەر خەلق پۇلىنىڭ پىرىۋۇت نىسبىتى 6.50يۈەنگە كۆتۈرۈلسە، 1250لىك باھا ئۆزگەرمىگەن تەقدىردىمۇ ئالتۇن باھاسى 261.22يۈەن بولىدۇ.
خۇددىي رۇسىيەدىكىگە ئوخشاش يىل بېشىدىكى ئالتۇن باھاسى 1240دە بولغاندا رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ پىرىۋۇت نىسبىتى 33.19دە ئىدى. شۇ بويىچە بولغاندا ئالتۇننىڭ گىرامىنىڭ باھاسى 1323.18رۇبلى ئىدى. ھازىر 64.99لىك پىرىۋۇت نىسبىتى بويىچە 1280لىك ئالتۇن باھاسىنى ھىساپلىساق ھەر گىرامى 2674.53رۇبلى بولىدۇ.
شۇڭلاشقا رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى باشلانغاندىن باشلاپ ئالتۇن ئىستىمالى بارغانسىرى ئېشىپ بىرىپ ھازىرقىدەك 1280لىك باھاغا چىقتى. چۈنكى كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى بايلار يەنىلا دوللارنى ئەمەس بەلكى ئالتۇننى ساقلاشنى ئەمەلىي بايلىق ساقلىغانلىق دەپ قارايدۇ.
شۇڭلاشقا دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن خەلق پۇلى بىلەن ھىساپلىنىدىغان ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇنچە چوڭ قىممەتتە چۈشۈپ كىتىشى مېنىڭچە ناتايىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )