- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51604
- نادىر
- 0
- يازما
- 5415
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 00:08
niyaz1 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 23:13
مېنىڭ بايقىشىمچە تېما ئىگىسىنىڭ ئەدەبىيەت توغرىسىدىك ...
مېنىڭ بايقىشىمچە تېما ئىگىسىنىڭ ئەدەبىيەت توغرىسىدىكى ساۋادى چالا ئوخشايدۇ،ئەشۇ تور لۈكچەكلىرىگە سايىۋەن بولىمەن دەپلا خىيالىمىزغا كەلگەننى دىسەك بولماس.قاسىم سىدىققا نىسپەتەن ئېيىتقاندا ئەشۇنداق بىر«مارىش»نى يېزىش نۆۋىتى كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئەشۇ«لۈكچەك»لەردىن ئاڭلىغان دەشنەملىرى،ئورۇنسىز ئەيىپلەشلىرى،تۆھمەت چاپلاشلىرى ئاز بولمىدى.ئەقلى ھوشى دۇرۇس تور زىياراەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنى بىلىدۇ.
راس دىدىڭ سەندەل .... قاسىم ئەپەندىنىڭ باشقىلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق يولسۇزلۇقلىرىغا سۈكۈت قىلىشى قاسىم ئەپەندىنىڭ ئالى -جاناپ پەزىلىتى ، كەڭ قوساقلىغىنى ، بىلىمىنىڭ موللىغىنى بىلدىرىدۇ ، تېما ئېگىسى قاسىم ئەپەندىنىڭ بىرەر تېما يازسىلا راسلا بىر نەچچە تور بۇزغۇنچىلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كەلگەنلىگنى بىلەمدۇ يوق ؟ بىلمىدىم ... ، لېكىن بىز بىلىمىز ! ھەتتا بۇ « جەڭگىمۇ » بىۋاستە قاتنىشىپ چالما - كېسەك يەپ قايتىپ چىققان يەرلىرىمىزمۇ بولغان ..... بىزمۇ ئاددى تور كۆرەرمىنى بولۇش سۈپۈتۈمىز بىلەن شۇ بەتقىلىق سۆزلەرنى كۆرۈپ ئاران چىدىغان ، ھەتتا ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئاغزىمىزنى بۇزۇپ تىللاپ كەتكەن يەرلىرىمىزمۇ بولغان ........ ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە قاسىم ئەپەندىنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت -تەتقىقاتلىرىغا ئەلبەتتە بەلگىلىك بىر زەربە بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم
ماۋۇ ئىنكاسلارنى يازغانلار بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ئالدى-كەينىنى ياخشى بىلىپ تۇرۇپ قەستەنگە كۆز يۇمۇۋالدىڭلارمۇ بۇ ئىشلاردىن تېخى تۈنۈگۈنلا خەۋەر تېپىپ ئاشۇ مارشنى كۆرۈپ ئاندىن يازدىڭلارمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ پاكىتنى بۇرمىلىماڭلار، يازغۇچى دېگەن گەپ ئوينىتىشقا ئۇستا بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ھەرقانداق ئادەمدە ئازراق ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.
توسالغۇلۇق قىلدى دەيسىلەر. ئۇلار ئەلدوست شىركىتىگە بېرىپ تەجرىبە قۇرۇلمىسىنى بۇزۇۋەتتىمۇ ياكى ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ تەجرىبە قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلدىمۇ، قاسىم سىدىق يېزىۋاتقان يەرگە كىرىپ قولىغا ئېسىلىۋالدىمۇ.
بولمىغان ئىشقا داۋراڭنى بوشراق قىلايلى، تەشۋىقات بىلەن خەقنى كولدۇرلاتمايلى، ئاۋۋال ئۆلچەملىك ماقالىدىن بىرنى يازايلى، تەبىئىي پەن تەتقىقاتىدىكى ئىشلار ئەدەبىياتتىكى لوگىكىدەك ئاددىي ئىش ئەمەس دەپ سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ بەرسە، ئاشۇ تۆھمەت قىلغان بولامدا.
مۇشۇنداق مەسلىھەتلەرنى بەرگەنلەر كىملەر دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور تۇرسۇنجان ئابلىكىم، دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت، يەنە باشقا پەقەت تور ئىسمى بىلەنلا كىرىدىغانلار بار، سانى جىق ئەمەس. ئۇلار داۋراڭ، تەشۋىقات بىلەن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نەتىجە يارىتىپ نۇرغۇنلىغان ياشلارغا ئىلھام بولغانلار. ئۇنداقلارنى بەك مەدھىيەلەپ كەتمىسەكمۇ مارش يېزىپ سېسىتىش بەكلا ناچارلىق.
ئاتالمىش ئەدەبىياتچىلار خوشى تۇتسا ئەدەبىيات ئارقىلىق خەلقنى تەربىيەلىمەكچى بولىدۇ، ئاچچىقى كېلىپ قالسا سېسىق قوشاق توقۇپ مىللەتتىكى ئەيىبلەرنى قامچىلىماقچى بولىدۇ. سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا ئەدەبىيات دېگەن ئاشۇنداق بىر قورال، كالتەك. 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە ئون يىلدا كاللاڭلارغا سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ ئىدىيەنى ھازىرغىچە كۆتۈرۈپ يۈرىسىلەر.
___________________
خېلى كاللا قاتۇرۇپسىزھە،niyaz1 ئەپەندىم؟!.
|
|