قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kuxlan

مۇنبەر لۈكچەكلىرىدىن تۇغۇلغان ئويلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13490
توردىكى ۋاقتى: 6639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 02:04:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



سوقراتنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

___________________

كاتتا ئەسەر،بەك كاتتا!.تەرجىمانغا،تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۇر!

7

تېما

4

دوست

5533

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1567
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 11:57:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 02:04
سوقراتنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

___________________

بەك جىق ئىكەن پرىنتىردا چىقىرۋىلىپ ئۆيگە ئاپىرىپ كەچتە كۆرمسەم،راستلا كاتتىمكەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

833

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28091
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 12:22:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇكچەگلىك زىيادىن ئاشامدۇ باغراشتا. ئېڭ لۇكچەك ئادەم زىيا. ئۇنىڭ ئۈركەش دەپ يىنىدىن ئارىلماي يۇرىدىغان شارگىتى بەك ئادەم تىللايدۇ.

0

تېما

0

دوست

833

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28091
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 12:25:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن قاسىم سىدىق دىگەن بىر ئادەمنى بەك ھۇرمەت قىلاتتىم، كىيىن بىلسەم بۇ ئادەم مۇشۇ زىياكەن، مىسرانىم، باغداشتا تىما ئىڭكاس يازىدىكەن. كىچىك بالىلار بىلەن گەپ تالىشىپ كىم گەپ قىلسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ھەممە تىمىنى ئەخلەت بىلەن توشقىزىدىكەن. شۇندىن كىيىن بۇ ئادەم نەزرىمدىن بەكلا چۈپ كەتتى.

0

تېما

0

دوست

833

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28091
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 12:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراپ توروڭلار سەل تۇرۇپ مىنىڭ ئىڭكاسىمغا قوشاق ياغدۇرىدۇ ياكى بۇلمىسا ئۇزىنىڭ 29-تىئورمىسىنى كۇرسىتىدۇ.

2

تېما

0

دوست

2942

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25610
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 908
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 12:55:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   « ھەرقانداق ئاداۋەتنى يوقۇتۇش مۈمكۈن ئەزەلدىن ،
    مۈمكۈن بولماس ئۇ ئەگەر كەلگەن بولسا ھەسەتتىن .
   
    بەزى بىر ئىنسانلار باركەن ،ئۇلار ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچىلارنى كۆرسە چىدىماي پۇرسەتلام تاپسا سىسىتىشقا ئۇرۇنىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ھەسەتخورلۇق كىسىلىنى باشقىلارغا ئاشكارلاپ قويىدىكىكەن . بۇ نىمىدىگەن بىچچارىلىق .

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13490
توردىكى ۋاقتى: 6639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 13:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىشەنچ سىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا



ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت




ئىمىرسون:پەقەت ئاجىز، ئەخمەق ئادەملەرلا ئامەتكە ئىشىنىدۇ. بىراق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى –ئۆزىگە ئىشىنىشتۇر.
               
قۇياش غەرىپكە ئولتۇرغاندا، كۆز تەتكۈسىز قۇملۇقتا بىر يىگىت بىر مويسىپىتنى يۆلەپ، مىڭ تەسلىكتە ئالغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. مويسىپىىت جۇغراپىيە پىروفېسسورى بولۇپ، يىگىت ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى . قۇملۇقنىڭ سىرىنى ئېچىش ھەمدە «قۇملۇقنىڭ سىرى ئۈستىدەئىزدىنىش»نامىق كىتاپنى تاماملاش ئۈچۈن پروفېسسور پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن يىگىت بىلەن بىللە بۇ سىرلىق قۇملۇققا كەلگەن ئىدى .
كۈتۈلمىگەندە پروفېسسور قۇملۇقنى تەكشۈرۈپ قايتىش سەپىرىدە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالدى. پروفېسسۇر جان ئۈزۈش ئالدىدا تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن تەكشۈرۈش ماتىريالى، بىر خالتا قۇرۇق ئاشلىق ۋە بىر بوتولكا  مىنىرال سۇنى ياردەمچىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يېنىدىن بىر پارچە باغاقچىنى ئىلىپ ياردەمچىسىگە تەڭلەپ: «سەن چوقۇم ھايات قايتىپ كەتكىن »دېگىنىچە جان ئۈزدى . يىگىت باغاقچىنى ئىچىۋىدى، ئۇبىر سخېما بولۇپ چىقتى. سخېمىنىڭ سول تەرىپىنىڭ  ئۈستىگە يەتتە يۇلتۇز، ئوڭ تەرىپىنىڭ ئاستىغا بىر دەريا سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىگە مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: قۇتۇپ يۇلتۇزنىڭ قارشى تەرىپىنى بويلاپ ماڭساڭ، ناھايىتى تېزلا سۇ بار يەرنى تاپالايسەن .
   يىگىت پروفېسسورنى بىر قۇم دوۋىسىنىڭ ئۈستىگە دەپنە قىلغاندىن كېيىن، يۈك – تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، پروفېسسور بەرگەن سخېمىغا ئاساسەن قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ قارىشىسىنى بويلاپ ماڭدى.
ئىككىنچى كۈنى كەچتە، يىگىت ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ يەنە يولغا چىقتى. ئۇ مۇشۇ بىر قانچە ئايدىڭ كېچىدە سۇ بار يەرنى تېپىۋىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئاي قاراڭغۇسى بولۇپ كەتسە نىشاندى ئادىشىپ قالاتتى. نىشاندىن  ئادىشىپ قالسا، مۇشۇ قۇملۇقتا ھالاك بولاتتى. ئۇنى ئەڭ ئەندىشىگە سىلىۋاتقىنى – مىنرال سۇنىڭ پەقەت بىر يۇتۇملا قالغىنى ئىدى.
ئۈچىنچى كۈنى سۇس ئايدىڭدا ئۇ ئوتتەك قىزىق قۇمغا دەسسەپ، بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن يەنە ئالغا ئىلگىرلىدى. بىر قەدەم، ئىككى قەدەم، يۈز قەدەم، مىڭ قەدە... ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تىركىشىپ تۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇم بارخانلىرىدىن نەچچە قېتىم موللاق ئېتىپ، دومىلاپ چۈشكىنىنى بىلمەيتتى. ئۇنى ئەڭ قىينىغىنى ئۇسسۇزلۇق ئىدى. ئۇنىڭ  گاللىرى قۇرۇپ لېۋىنى گەز باغلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇ بوتۇلكىنىڭ تېگىدىكى ھېلىقى بىر يۇتۇم سۇنى ئاياپ ئىچمىدى. ئۇ ھەر قېتىم سۇسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشەي دېگەندە ، قولىدىكى سخېمىغا قارىسىلا كاللىسىغا «ئالدى تەرىپىمدە سۇ بار» دېگەن خىيال كېلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئ ۇ يېرىلىپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قوياتتى – دە، ئۆزىنى كۈچلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىمۇ ھەسسىلەپ ئاشاتتى.
تۆت كۈندىن كېيىن ئۇ ئاخىر قۇملۇقتىن بۆسۈپ چىقتى. بىراق، ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، كۆز ئالدىدا ئەسلا سۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ، پروگېسسور جان ئۈزۈش ئالدىدا  ئۆزىگە بەرگەن سخېمىغا قايتا بىر تەپسىلى قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى. ئەسلىدە پروفېسسور ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئەتەي شۇنداق قىلغانىكەن ئەمەسمۇ؟ يىگىت شۇلارنى ئويلىغىنىدا، كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلدىھەم پروفېسسورنى چوڭقۇر ھۆرمەتتە ياد ئەتتى.
بەرھەق ! ئىشەنچ كىشىنىڭ غەلبە يولىنى يورۇتۇپ، بەخت يۇلتۇزىنى چاقنىتىدۇ. كىشىگە چەكسىز شان – شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئاتا قىلىدۇ. ئىشەنچ – مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى. مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەبمۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەملىكىدە. باشقىلارغىلا تايىنۋالىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى قاقالمايدۇ. ئەكسچە، ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمەي قالمايدۇ.
تۇرمۇشتا بەزىلەر چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى قولدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان، يارامسىز، ئىقتىدارسىز ھېسابلايدۇ. باشقىلارنىڭ مەقسەتلىك زەربىسى تۈپەيلى، ئۆزىنىڭ ئىشەنچ يۇلتۇزىنى ۋاقىتسىز يوقىتىپ قويىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ھەممە ئىشتا زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە تۇتالمايدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا بىلىپ- بىلمەي تەشۋىش ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويىدۇ. ئەتراپىنى نۇرغۇن توسالغۇلار ئوراپ تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.
كىشى ئۆز – ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنگەندىلا، تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق قېيىنچىلىقلارنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇنداق روھقا ئىگە ئادەملەردە ئىشەنچ تولۇپ – تاشقان بولىدۇ.  ئۇلار قۇرۇق خام – خىياللاردىن يىراق تۇرغانلىقى، ئۆزىگە نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ئىشىنىش تۇيغۇسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، قىلغان ھەر قانداق ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ ھەم ئۆكۈنمەيدۇ. ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچىسى ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قايىل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
دوستۇم، كىشىلىك ھايات تۈرلۈك ئەگرى – توقايلىقلار بىلەن تولغان.  ئەگەر سىز ئۈمىد ۋە خىرىسقا تولغا بۇ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز ، قەلبىڭىزدە ئىشەنچ چىرىغى مەڭگۈ يېنىپ تۇرسۇن! ئىشەنچ سىزدىن يىراقلاپ كەتمىسۇن! چۈنكى، ئىشەنچ – بارلىق غەلبە ۋە سائادەتنىڭ ئاچقۇچى.

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى 2008-يىللىق 11-سان

http://bbs.izdinix.com/thread-62004-1-1.html

2

تېما

0

دوست

2942

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25610
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 908
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 13:17:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  « يا ئۆزى بولالمايدۇ ،
    بولغاننى كۆرەلمەيدۇ »  



   « ئايا دوسلار نادان بىلەن ئۈلفەت بولۇپ ،
   باغرىم كۆيۈپ ، جاندىن تويۇپ ئۆلدۈم مانا .
   توغرى ئىيتسام ئەگرى يولغا بوينىنى تولغار ،
  قانلەر يۇتۇپ غەم زەھرىغە تويدۇم مانا .  

  نادان بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈڭ نارى سەقەر ،
  نادان بارسا دەۋزەخ ئاندىن قىلغاي ھەزەر .
  نادان بىللە دەۋزەخ سارى قىلماڭ سەفەر ،
  نادان ئىچرە خازان يەڭلىغ سولدۇم مانا .

دۇئا قىلىڭ نادانلەرنىڭ يۈزىن كۆرمەي ،
ھەقتى ئاللا رەفىق بولسە بىردەم تۇرماي .
بىمار بولسا نادانلەرنى ھالىن سورماي ،
نادانلاردىن يۈزمىڭ جافا كۆردۈم مانا . »

   '' ئەخمەت يەسىۋى ''
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )