قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: burkutningkozi

‹‹مەن كەچكەن كېچىكلەر›› دېگەن كىتاپقا سىرتتىن كىرىش سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

5

دوست

1781

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 15:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  كىتاپنى  تېخچە  ئۇقمغانلارمۇ  بارمكەن .    ھېلمۇ    بۇ  يىل كىتاپ  ئۇقۇش  يىلى  بۇلۇپ  بۇ كىتاپنىڭ  نامى  تىلغا  ئېلنپتۇ .

1

تېما

0

دوست

4554

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2174
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 957
تۆھپە : 763
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 17:31:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
burkutningkozi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 13:48
مەن بىر قېتىم ئابدۇلئەزىز ئىسمايىل ئاكا بىلەن بىر نەزى ...

بەلكىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

266

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   88.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1555
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 45
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 17:40:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇكىتاپنى چۇقۇم كۈرۈپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان ئسىل كىتاپ، قايتا-قايتا نەشىرقىلىنىۋاتىدۇ، ئۇقۇمىغانلار غا تەۋسىيەقىلىمەن.
تېمائاپتۇرى بۇھەقتە خېلى ياخشى ئىزلىنىپ تەپسىلى يېزىپ چىقىپتۇ، ئەمگەك سېڭدۈرۈپتۇ، ئاپتۇرنىڭ ئەمگىكىگىمۇ چىن تەشەككۇرلەر بولسۇن.
ئاقسۇدا45-يىل نامىلىق كىتاپنى تاپقىلى بولمايدىىكەن.

0

تېما

2

دوست

5414

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1638
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 17:57:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ياخشى كىتاپ ،ئانا يۇرتنى ئوقۇپ مۇجۈمەل قالغان بەزى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز .ياشلار چوقۇم ئوقۇشى كېرەك...........

1

تېما

0

دوست

402

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32404
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 18:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar1971 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 18:31  

بۇ ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب چوقۇم ئوقۇش كېرەك،  يەنە پىشقەدەم شائىر، ئازادلىق جەڭچىسى مۇھەممەد رېھىم ئاكىنىڭ يېڭى چىققان«كونا ئەسكەرنىڭ ئەسلىمىسى»دېگەن كىتابىنىمۇ ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
    بۇ ئۇلۇغ شائىرنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا بىر ماقالا يازغان بۇنىمۇ ئىنكاس تەرىقىسىدە قوشۇپ قوياي، پىكىر بېرەرسىلەر:


«بەخت ناخشىلىرى»دىن «جان تەسەددۇق» قىچە

-پىشقەدەم شائىر مۇھەممەد رېھىمنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

                ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى

پېشقەدەم شائىر مۇھەممەد رەھىم ئاكىنىڭ 1962 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «بەخت ناخشىلىرى» سەرلەۋھىلىك تۇنجى شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغاندىن بۇيانقى يېرىم ئەسىردە، ئىلگىرى – كېيىن شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «گۈلباھار»، «سېغىنىش»، «ئايدىڭ كېچە»، «مۇھەببەت سەۋداسى»، «جان تەسەددۇق» قاتارلىق يەتتە پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ، ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شائىر بۇ يىل 89 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تولۇپ تاشقان ئىجادىيەت قىزغىنلىقى بىلەن پات – پات شېئىر يېزىپ تۇرماقتا.
مۇھەممەد رېھىم ئاكىنىڭ ئاز كەم 70 يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇساپىسىدە تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «بەخت ناخشىلىرى» بىلەن 2008 – يىل 7 – ئايدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيېف قاتارلىق ئون شائىرنىڭ تاللانما شېئىرلار توپلىمى قاتارىدا نەشىر قىلىنغان «جان تەسەددۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەن تۆۋەندە بۇ ئىككى توپلام ۋە بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
مۇھەممەد رەھىم ئاكىنىڭ شېئىرلار توپلىمىغا 1947 – يىلى «كۆرەش» ژۇرنىلىنىڭ 4 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «مىلتىقىم» ناملىق مەشھۇر شېئىرى بىلەن 1953 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ماۋزېدۇڭغا خەت» ناملىق كوللېكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «نىجات يۇلتۇزۇمغا» ناملىق شېئىرىدىن باشقا، يەنە 1961 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر يازغان شېئىرلىرى ئىچىدىن «پىدايى جەڭگىۋار جەڭچى»، «قەشقەر»، «‹ستان›چىغا»، «كۆرۈسەن تېخى!»، «ئۆرلە، شانلىق ۋەتىنىم» قاتارلىق 22 پارچە شېئىرى ۋە «ئانا» ناملىق داستانى كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلارنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئازادلىق، ئەركىنلىك؛ گومىنداڭنىڭ چىرىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش سادالىرى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا مۇھەببەت ھەم جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش شۇنداقلا يەر تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، تەتۈر ھەرىكەتلەرنى بېسىقتۇرۇش؛ ئىقتىسادقا رېئايە قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش؛ ئامېرىكا ئىمپېرنالىزمىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشەنگە ياردەم بېرىش؛ كومپارتىيە ۋە ماۋجۇشىغا بولغان چىن مۇھەببەت، خەلق بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىق، مىللەتلەر دوستلۇقى، ئەركىن ئىجادىي ئەمگەك ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆز نۆۋىتىدە بۇ توپلام شائىرنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە تەۋە تاللانغان ئەسەرلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجادىيەت ئەقىدىسى، ئالغا سۈرگەن ئاكتىۋال ئىدىيىلىرى، قەلەم قۇۋۋىتى ھەمدە ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى چۈشىنىپ يېتىشىمىزدە بىرىنچى قول ماتېرىيال بولالايدۇ. شائىرنىڭ 1962 – يىلى «بەخت ناخشىلىرى» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا «شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى» رېداكسىيەسى نەشىرگە تەييارلىغان «ماۋزېدۇڭغا خەت»، 1953 – يىلى ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «كۆرەش ناخشىلىرى»، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئۆكتەبىر گۈللىرى» قاتارلىق كۆپلىگەن كوللېكتىپ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن دەۋر ساداسىغا ماسلىشىش ئاساسىدا خېلى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىپ چىققان بىر – بىرىدىن ئېسىل سىياسىي لىرىكىلىرى ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىلا داڭلىق شائىرلىرىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىكى ئادەمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى، ئېزىز خەلقى، ۋەتىنى بولىدۇ. ئەل – ۋەتەننى كۈيلەش ھەر قانداق ئەدىبنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. مۇھەممەد رېھىم ئاكىمۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۇستاز – ئەدىبلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىجادىيەت مېۋىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئىزچىل ۋەتەنپەرۋەرلىك مىلودىيەسىنى ياڭرىتىپ كەلدى. شائىر 1947 – يىل 3 – ئاي مەزگىلى جىڭدا يازغان «مىلتىقىم» ناملىق شېئىرىدا بىر ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ:

كۆز نۇرۇم، ئىشقىم، مادارىم، شانۇ – شاۋكەت مىلتىقىم،
يولدۇشۇم، ئالتۇن بېشىم، بەختىمگە بەرىكەت مىلتىقىم.

سەن مېنىڭدەك مىڭلىغان مەرد جەڭچىنىڭ چىن ئامرىقى،
تاش يۈرەك سەكپارىسى سەن، ئىشقى لەززەت مىلتىقىم.

قانچە يىل ئارمان قىلىپ، يەتتىم ساڭا ئاخىر بۈگۈن،
ئەرزىمەس قىلسام سېنى بېشىمچە ھۆرمەت مىلتىقىم.

تەرىپىڭ پۈتمەس سېنىڭ، شۇڭلاشقا مەن خۇشتار ساڭا،
ئاجرىماسمەن سەندىن ئەسلا، تاجى – دۆلەت مىلتىقىم.

− «بەخت ناخشىلىرى» 3-، 4- بەتلەر

دەپ قورقماس، شىر يۈرەك مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ نۇرلۇق ھەم مەردانە قىياپىتىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ.
يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مىليونلىغان ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر قاتارىدا مۇھەممەد رەھىم ئاكىمۇ ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمىدۇ. ئۇنىڭ ياش سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ دۆلەت ئاتىسى رەئىس ماۋزېدۇڭغا بولغان يۈرەك سۆيگۈسى، ئىپتىخار تۇيغۇسى خۇاڭخې – چاڭجىياڭدەك تاشقىنلاپ، ئىلھام چەشمىلىرى گۈزەل شېئىرىي مىسرالاردا مۇنداق نامايان بولىدۇ:

ماۋجۇشى دەپ كۆز ئېچىپ بىز تۇغۇلدۇق باشقا،
قەد كۆتەردۇق زامانەڭدە ئەركىن ياشاشقا.

سېنىڭ بىلەن ئاكا – ئۇكا بولدۇق بىر پۈتۈن،
ئىناقلىشىپ، بىر ئوچاقتىن چىقاردۇق تۈتۈن.

ئىش بېشىدا سېنىڭ بىلەن پارتىيەمىز بار،
شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز بار.

...

ماۋجۇشى، سەن بەختىمىزنىڭ نىجات يۇلتۇزى،
سېنى سۆيەر، ساڭا ئاشنا پۈتۈن يەر يۈزى.

1953 – يىل 9 – ئاي، قەشقەر
− «بەخت ناخشلىرى» 1-، 2- بەتلەر

روشەنكى، بۇ يالقۇنلۇق شېئىردا ئۇلۇغ داھى ۋە پارتىيەنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ئۇلۇغۋار، نۇرانە ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پارتىيەگە بولغان سەمىمىي، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىنتايىن جانلىق ھەم ئوبرازلىق شېئىرىي تىل ياردىمىدە ئىپادىلەپ بەرگەن. شائىر بۇ شېئىردا يەنە ئۆزىنىڭ داھى ۋە پارتىيەگە بولغان ئەقىدىسى، سەمىمىي ھېسسىياتىنى قەلەم قۇۋۋىتىگە، بەدىئىي ماھارىتىگە تايىنىپ، ئىجادىيەت ئىدىيەسىنىڭ جان تومۇرىنى شەكىللەندۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان.
مۇھەممەد رەھىم ئاكا ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىيالىرىدىن دېھقانلىرىغىچە بولغان بارلىق كىشىلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شىڭ سىسەي ۋە گومىنداڭ دەۋرىدىكى جاپالىق ئۆتمۈشىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەچكە، «بەخت ناخشىلىرى» دا ئىزچىل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بەختىيار كۈنلىرىنى زوق – شوق بىلەن كۈيلەيدۇ. توپلامدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم شېئىرلىرىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۇلۇغۋار غەلىبىلىرىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتىسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، چاۋشيەن خەلقنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى ھەققانىي كۈرەشلىرىنىڭ شانلىق غەلىبىلىرىنى ھەمدە ۋەتىنىمىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە، يىلدىن – يىلدىن ئۆزگىرىۋاتقان يېڭى قىياپىتىنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن مەدھىيەلەش ئاساسىي ئورۇند تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەنە شۇ يىللاردىكى شېئىرلىرىنىڭ دەۋر ئاكتىپلىرىنى، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان دېھقانلارنى قاتتىق جەلپ قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرىتىپ، چوڭقۇر ئويغا، قاتتىق ھاياجانغا سالالىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرى، شائىر دەۋر ۋە تارىخىنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاكتىۋال تېمىلارنى تاللاپ، ئىجادىيەت داۋامىدا سىياسىي بىلەن لىرىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ شۇ ئىش، شۇ ۋەقەگە بولغان مۇھەببەت – نەپرىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ، دەۋرنىڭ ساداسىغا ھەمجور بولغان.
ئۇيغۇر خەلقى بۇ تالانتلىق شائىرنىڭ زاماندىشى تىيىپچان ئېلىيېفقا ئوخشاش ھالقىلىق چاغلاردا مەيدانغا چىقىپ، چىن ئەقىدىسى، تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقىنى مىسلىسىز شائىرانە جاسارەت دەپ بىلىدۇ. تىيىپجان ئېلىيېف «يۈرەك سۆزى» ناملىق شېئىرىدا:

مەن ئۇيغۇر ئوغلىمەن،
ئۇيغۇرنى ئۆزەمدەك ياخشى كۆرىمەن.
بىراق ئۇيغۇر بولغىنىمدىنمۇ،
قىزىل تۇغ سېپىدە تۇرغىنىم قىممەت.

دەپ يازغان بولسا، «ۋەتەنپەرۋەر شائىر» مۇھەممەد رەھىم ئاكا «ستان» چىغا ناملىق مەشھۇر سىياسىي لېرىكىسىنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈ تەۋرەنمەس سىياسىي مەيدانىنى، بولۇپمۇ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىر پىكىر، بىر ئۈندە، بىر مەيداندا تۇرۇشتەك مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقادىنى، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك مەيدانىنى مۇنداق ئىپادىلەپ بېرىدۇ:

قالدى نەپرەت ئاستىدا «مىللەت» دېگەن ئاۋازلىرىڭ،
بىز ئۈچۈن يات پەردىگە چالغان سېھىرلىك سازلىرىڭ.
كارغا كەلمەي قالدى مەككار تۈلكىلەرچە نازلىرىڭ،
ھېچ ئۇزاققا يەتمىدى مىللىي ئۇپا – پەدازلىرىڭ،
كۆككە سوزۇلغان ساماندەك راست چۇۋۇلدى مازلىرىڭ.

مەدھىيلەپ «ئۇيغۇر» دېدىڭ خانتەڭرىدىنمۇ ئاشقىچە،
سەن دېگەن «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ باشقىچە.
«ئەنئەنەڭ»نى داڭلىدىڭ ئاغزىڭ قۇرۇپ چاپلاشقىچە،
چۈشتى تاۋۇز قولتۇغۇڭدىن ئىشلىرىڭ قاملاشقىچە،
قىشقا ئايلاندى يېتىپ كەلمەيلا كۈتكەن يازلىرىڭ.

سۆزلىرىڭنىڭ قات – قېتىدىن تۇرىسىمۇ تۆھمەت پۇراپ،
كاپشىدىڭ مىللىي غەرەزنى ماركىسىزمغا ئوراپ،
«بىزمۇ ‹سىتان›غا مۇناسىپ ئەل» دېدىڭ، چىقتىڭ چۇراپ،
كۆتۈرۈپ ئەبجەخ تۇغۇڭنى چامدىدىڭ ئوڭغا قاراپ،
ماڭدى كەينىڭدىن سوكۇلداپ ئۆپكىسىز سەرۋازلىرىڭ.

كونا قاخشال ئۇستىخاننى غاجىلاپ راھەتلىنىپ،
تۇمىقىڭنى كۆككە ئاتتىڭ «مىللىتىم» دەپ ماختىنىپ،
بىز ئۈچۈن مىللەت ئەمەس، بىل، ھەممىدىن ئەلا سىنىپ،
ئەندى سەندىن غايىۋانە ھال سورار مەيۈسلىنىپ،
قوغلىنىپ كەتكەن ۋەتەنسىز لەنىتى ئۇستازلىرىڭ.

بەس، تۈگەتكىن ئەمدى خۇپسەنلىك بىلەن جىلۋەڭنىمۇ،
ئوتقا سالغىن بۆكىمىزگە تەڭلىگەن جىگدەڭنىمۇ.
كىملىكىڭ ئاشكارا بولدى، تاشلا چۈمپەردەڭنىمۇ،
پاكلىنىپ سەپكە قېتىل، بىزدەك چېلىپ نەغمەڭنىمۇ،
بولمىسا ھالىڭ خاراب، ھېچ پايدىسىز پەرۋازلىرىڭ.

1958 – يىل 1 – ئاي ئۈرۈمچى
− «بەخت ناخشىلىرى» 15 -، 16 – بەتلەردىن

دەپ يېزىپ، ئەينى يىللارنىڭ دەۋر مىلودىيەسىگە  تېخىمۇ قىزغىن ئاۋاز قوشىدۇ. مۇھەممەد رەھىم ئاكا بىر ئۆمۈر تىرىشىپ، تىنىمسىز ئىجاد قىلىپ، ۋەتەننى، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى، چىن ئىنسانىي پەزىلەتنى كۈيلىگەن، ئۆلمەس ئىجادىي شېئىرلىرى بىلەن ھەقىقەتەن دەۋرنىڭ ئاۋانگارتىغا ئايلىنالىغان شائىر. ئۇ ئىجادىيەتتە بىر ئۆمۈر ھەققانىيەت ۋە گۈزەللىكنى مەدھىيەلەشنى ئاساس قىلغان شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدىكى كۆپلىگەن شېئىرلىرىدا خەلقنىڭ پارتىيە، ۋەتەنگە ۋە سوتسىيالىزمغا، شۇنىڭدەك بارلىق يېڭى شەيئى، يېڭى نەتىجىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىنى مەدھىيەلىگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئاجايىپ گۈزەل ھەم تەسىرلىك. ئۇ بىر ئۆمۈر «ۋەتىنىم بارلىقىم»، شەخسنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بولسا تولىمۇ كىچىك ئىش، ئەرزىمەس ئىش، دەپ قارىدى. بۇ خىل ئەقىدە بىزنى ئىختىيارسىز قايىل قىلىدۇ.
1966 – يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە بولغان ئاپەتلىك ئون يىلدا مۇھەممەد رەھىم ئاكىمۇ نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىز قاتارىدا ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداق بولسىمۇ شېئىر ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمىدى. ئۇنىڭ «جان تەسەددۇق» ناملىق تاللانما شېئىرلار توپلىمىدىن ئورۇن ئالغان 1974 – يىلى 3 – يانۋار ئۈرۈمچىدە يازغان «ھايات ۋە ئۆلۈم» ناملىق شېئىرى بۇ پىكىرىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. شائىر بۇ شېئىرىدا:

ھايات قەدىرلىك، شېرىن ۋە گۈزەل،
قەدرىن بىلمىسەڭ مەنىدىن يىراق.
ئۆلۈم ئەزەلدىن نامەرد، رەھىمسىز،
دەھشەت سالىدۇ يېلىنساڭ بىراق.

ئۆلۈمدىن يامان نامەرد تىرىك بار،
تىرىكتىن ئەلا ئۆلۈممۇ مەۋجۇت.
ھايات – ماماتنىڭ قەدىر – قىممىتى،
مەنە تەكتىگە ئورنىغان مەزمۇت.

نامەرد ئۆلۈمنىڭ زەخمەتلىرىدىن،
نامەرد تىرىكنىڭ زىيىنى يامان.
زىيان – زەخمەتلەر توسسىمۇ يولنى،
مەنزىلگە چوقۇم بارىدۇ ھامان.

«جان تەسەددۇق» 12-، 13 – بەتلەر.

دەپ يېزىپ، ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ دېئالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى شەرھىيلەشتىن پايدىلىنىپ، ئەينى چاغدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئىپادىلەپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا «مەنزىلگە چوقۇم بارىدۇ جاھان» دەپ يېزىپ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق روھىنى ئىپادىلىدى.
ئۇلۇغ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 11 – قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شائىر باھار شادلىقىغا چۆمۈلگەن جۇڭگو خەلقى قاتارىدا ئىدىيەدە ھەقىقىي ئازادلىققا ئېرىشتى. بۇ ھال ئۇنىڭ شېئىرىي ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، قايتىدىن تاشلىنىپ قالغان قەلىمىنى قولىغا ئېلىپ، ھەقىقىي ياخشى شېئىرلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئىجاد قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. رېئالىزمچى شائىرنىڭ بۇ يىللاردىكى شېئىرلىرىدا رېئاللىق بىلەن تارىخ تەبىئىي رەۋىشتە گىرەلىشىپ كەتكەن، نىسبەتەن مۇرەككەپ ھېسسىياتى، ئۆز ھاياتىدىن چىقارغان پەلسەپىۋى يەكۈنلىرى، جۈملىدىن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىگە بولغان شاد – خۇراملىقى، تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا بولغان چەكسىز قىزغىنلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار نۇقتىلىق ئىپادىلەندى. شائىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلانغان «توي چاچقۇسى» ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىدىن ئورۇن ئالغان «شۇنچە گۈزەل بىزنىڭ بۇ ۋەتەن» چوڭ ماۋزۇسى ئاستىدىكى «ئايدىڭ كېچە»، «گۈزەل شىئەن»، «بىزنىڭ ھويلا» قاتارلىق شېئىرلىرى، «گۈلباھار»، «ئايدىڭ كېچە» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىدىكى كۆپ قىسىم شېئىرلىرى بۇ پىكىرىمىزنى تەستىقلايدۇ. شائىر «گۈزەل شىئەن» ناملىق شېئىرىدا:

ئارچىزارلىق تاغلىرىڭدىن قارىسام،
چىللىشار خانتەڭرى ھەم تەيشەن سېنى.
سۆزلىدى چەنلىڭ بىلەن ماۋلىڭ ماڭا:
قانچە خاقانلار قەسىر ئەتكەن سېنى.

سەيلىگاھىم بولدى خۇاڭچىڭچى يەنە،
بىر شىپالىق جاي دېدىم جەزمەن سېنى.
باشلىنىپ سەندىن قەدىم يىپەك يولى،
قىلدى ئۇ يۇرتۇم بىلەن بىر تەن سېنى.

ئەمدى كۆرگەنلەر دېيىشتى لال بولۇپ:
يېپيېڭى جۇڭخۇادىكى گۈلشەن، سېنى.
خۇش ئىدىم قىلغانلا بولسام بۇ سەپەر،
رەھمىتىم، مېھرىم بىلەن خۇرسەن سېنى.

دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىلى راۋان، جانلىق، ئىخچام، چۈشىنىشلىك، تەسەۋۋۇرغا باي بولۇپ، ئوقۇغانلىكى، ئاڭلىغانلىكى كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ. شائىر شېئىرلىرىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكى ياكى مەلۇم مىسرالىرىلا مۇشۇنداق بولۇپ قالماستىن، بەلكى نۇرغۇن شېئىرلىرىمۇ مۇشۇنداق جانلىق، ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن يېزىلغان.
مۇھەممەد رەھىم ئاكا ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ھەم بارماق ۋەزنى بىلەن ھەم ئارۇز ۋەزنى بىلەن ئىجاد قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. بولۇپمۇ غەزەل، مۇخەممەس، مۇرەببە قاتارلىق ئارۇز ۋەزنىنىك قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان شەكىللىرىدە يازغان شېئىرلىرى بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. شائىرنىڭ «جان تەسەددۇق» ناملىق تاللانما شېئىرلار توپلىمى بىزگە ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى مەزمۇن، ئۇسلۇب تەرەققىياتى ۋە شائىرنىڭ ئىدىيە بۇرۇلۇشلىرىدىن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ. بۇ توپلامغا شائىرنىڭ بۇرۇنقى توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان «تەڭرىتاغ»، «تىللىسا»، «مۇھەببەت – چىرايلىق گۈل»، «ئىسقا قارشى چۇقانلار»، «ئۇرغۇي ئەمەس، ئۇيغۇر»، «يېشىمنى سورىماڭ» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان نادىر شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ شېئىرلار مەلۇم مەنىدىن ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيەت گۈلزارلىقىدىكى مەڭگۈ توزىماس بىر دەستە خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ شېئىرلار شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئېسىل ئۆرنەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈنمۇ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقتۇر.
شائىر مۇھەممەد رەھىم ئاكا ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنىمۇ توغرا ئاتىيالمىغان بىر قىسىم ياشلارغا ئاتاپ يازغان «ئۇرغۇي ئەمەس، ئۇيغۇر» ناملىق شېئىرىدا ئۆزىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى مۇنداق گۈزەل، جىلۋىدر مىسرالار بىلەن ئىپادىلەيدۇ:

مەيلى دەيتتىم، گەپمۇ قىلمايتتىم
قارچۇغىنى قۇرغۇي دېسىڭىز.
كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كېلىپ،
ئۇيغۇر تۇرۇپ، ئۇرغۇي دېسىڭىز.

ئىسمىڭىزنى خاتا ئاتىسام،
ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ راسا.
خاتا ئاتاپ مىللەت نامىنى،
ئوخشاشقۇ دەپ ئويناتماڭ ھاسا.

«ئۇيغۇر» دېگەن ئۇلۇغ نام بىلەن
ماختىنىشقا سىزمۇ تەلەپكار.
«ئۇرغۇي» ئەمەس، «ئۇيغۇر» دېيىشكە
بۇ شېئىرىم بولسۇن مەدەتكار.

1986 – يىل 12 – نويابىر، ئۈرۈمچى

يىغىپ ئېيتقاندا، مۇھەممەد رەھىم ئاكا ئاز كەم يەتمىش  يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتى مۇساپىسىدە كەمتەرلىك ھەم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىجاد قىلىپ، مىڭ پارچە ئەتراپىدا شېئىر يېزىپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا جەڭگىۋار دېموكراتىك شېئىرىيەت پىكىر ئېقىمىغا يانداشقان بولسا، 50-يىللىرىدىن باشلاپ خېلىل ھەمرايۇپ، غەنىزات غەيۇرانى، تىيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىق ئاۋانگىرات ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ئىنقىلاۋى قىزىل شېئىرىيەتنىڭ جارچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئەقىدىسى، سۆتسىيالىستىك تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىسى، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان سادىقلىقى ئىزچىل شېئىرىي ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. مەلۇم مەنىدىن ئۇنىڭ شېئىرلىرى پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار بولۇپ، ئوقۇغاندا ئادەم چۈشىنىپ بەھىر ئالالايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئۇ ئەدەبىياتنى خەلققە يېقىنلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ مۇڭچىسى بولۇش يولىدا ئىزدىنىپ چڭ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇنىڭ بارلىق شېئىرلىرى تولۇق توپلام سۈپىتىدە نەشىر قىلىنغاندا، مۇھەممەد رېھىمشۇناسلىققا ئاساس سېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلمەس شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە ھەر قايسى دەۋرلەرنى چۈشىنىش ۋە ئەدىبنىڭ ھەر خىل دەۋرلەردىكى مەۋقەسىنى بېكىتىشتە بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ، تەتقىقات قىممىتىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالىدۇ.


بۇ ھۆرمەتلىك شائىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.


0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 18:46:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 18:48  
burkutningkozi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 13:48
مەن بىر قېتىم ئابدۇلئەزىز ئىسمايىل ئاكا بىلەن بىر نەزى ...

بەللى!گەپ بولدىدە بۇ.
سىزنىڭچە سوپاخون سوۋۇروف شۇ غىلتاڭ مەزمۇنلارنىڭ قىسقىراپ كەتكىنىدىن ئەپسۇسلىنىپ كىتىپتىدە؟!
سىز دېگەن ئۇ ئابدۇلئەزىز ئىسمائىل  شۇ كىتاپنىڭ نەشرىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەم بولسا،ئۆزىنى ئاقلاپ شۇنداق دېگەندۇ،بەلكىم!

1

تېما

0

دوست

402

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32404
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 18:47:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد رەھىم  ئاكىنىڭ كىتابىنىڭ نامى «ئەسىرگە تەڭ ھايات»كەن ! كونا ئەسكەرنىڭ كەچۈرمىشى بىر بۆلۈمىكەن.

1

تېما

0

دوست

504

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6877
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 121
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 19:16:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمان03 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 17:40
بۇكىتاپنى چۇقۇم كۈرۈپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان ئسىل كىتاپ، ...

مەن دەل مۇشۇ ‹‹ئاقسۇدا 45-يىل›› دېگەن كىتاپنى ئوقۇۋاتىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )