- تىزىملاتقان
- 2012-10-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2918
- نادىر
- 0
- يازما
- 51
ئۆسۈش
30.6%
|
10-قىسمىدىكى بۇ بۆلەكلەرنى ئوقۇپ كۈلۈپ كۆزلىرىمدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى،يۇمۇرنىڭ ئۆزىغۇ بۇ....بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.15-قىسىمىنى بەك ساقلىتىۋەتمىگەيسىز
باردى كەلدى قىلىپ، 600 مىلە يول يۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن كەپتەرلەرنى، كاتەككە سولاپ، ئەتىگەندىن تاكى كەچكىچە كاتەك ئىچىدە، ئۇ كەپتەرگە قاراپ، بۇ كەپتەرنى سىلاپ، تۆت كۈننى ئاران ئۆتكۈزدۈم. ئەتىسىلا قويۇپ بېرىپ، ئۇچارتقۇم كەلگەن، ئايالىمنىڭ توسۇشى بىلەن توختاپ قالغانتىم. ئەمما ئۇ يەر بۇ يەرلىرىم قىچىشىپ ئولتۇرالمايلا قالغان ئىدىم. تۆتىنچى كۈنى سەھەر، ئۆيدىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېڭىپ قورۇغا چىقتىم. ئاۋۋال تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ، تازا بىر – ئىككىنى تارتىۋېتىپ:
ھە ئەمدى كەپتەرنى راسا ئۇچۇرتۇپ، پەيزىنى سۈرىمەن دەپ، كاتەكنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم. قايسى ئىشىك، قاياققا چىقىدۇ دېگەنلەرنى تېخى بىلىپ بولالمىغان كەپتەرلەر، ھاڭۋېقىپ قاراپلا تۇرىدۇ.
ھوي ماندا بىر ئۇچمامسىلە ھوي ... ، دەپ كاتەك ئىچىگە كىرىپ قوغلاپ سۈرۈپ سىرتقا چىقاردىم.
ئالە شەھىرىڭنى ... تېخى ئۆگزىنىمۇ تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان، قورانىڭمۇ ئوي – دۆڭىنى تېخى بىلىپ بولالمىغان كەپتەرلەر ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇ ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى، تۇنجى قېتىم قاناتلىرىنى قېقىپ ئېگىز ئۇچۇشى ئىدى. ئاسماندىن خۇددى كەپتەر يېغىۋاتقاندەك، ئايرىم – ئايرىم ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەر ... ئۇلار زادىلا بىرگە ئۇچالمايۋاتىدۇ. ھەرىكەتلىرى بەكلا بىسەرەمجان ...
ھوي ھوي بۇ، قانداق كەپتەر ئەكىۋالدىم ھوي. ۋەتەندە خەقلەرنىڭ كەپتەرلىرى توپ – توپ بولۇپ ئۇچاتتى. بۇ مېنىڭ كەپتەرلىرىم نېمانداق قالايمىقان ئۇچىدۇ؟ بۇلارنىڭ ساق – سالامەت قايتىپ چۈشۈشىگىمۇ ئىشەنچىم قالمىغان ئىدى. ئۇلار چېچىلىپ بىرسى تاغدا، بىر باغدا ئۇچقانسېرى، ئۇلار كۆزۈمگە كەپتەر ئەمەس، ئاۋۇ تاراق – تاراق سانىغان دوللار ئۇچۇۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى.
ئايالىم:
– ۋاي خۇدايىمەي، ئاخىرى دېگىنىڭىزنى قىپسىزدە …، دەپ قەھۋەرىمنى دەملەپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگەندە، مەن ئايالىمغا:
– خوتۇن قارا، ئاۋۇ ياقتا $50 دوللاردىن بىرسى ئۇچۇۋاتىدۇ. قارا، قارا، قارا ماياقتا $150دوللار ئۇچىۋېتىپتۇ. نوچى بولساڭ پۇلنى ئاسماندا ئۇچار …، دەپ ئايالىمنى تېرىكتۈرۈپ ئوينىغان ئىدىم. نەتىجىدە كۆپىنچىسى قورۇنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرگە، ئىستولبىلارنىڭ ئۈستىگە قونۇۋېلىپ، 3–4 كۈندە ئاران، 5 – 10 نى كەملەپ، كاتەككە، قورۇغا كۆنگەن ئىدى. مانا بۇ تەجرىبىسىزلىكتىن بولغان ئىشلار ئىدى. |
|