قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1531|ئىنكاس: 14

نۇري تېيىپ: كەپتەرلەر -(14)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 06:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
   مىتو شەھىرى. مېنىڭمۇ بۇ شەھەرگە تۇنجى كېلىشىم ئىدى. شەھەر قۇرۇلۇشلىرى بىز تۇرۇۋاتقان شەھەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. "ۋايجان" دېگۈدەك، ئالاھىدە پەرق يوقكەن. ھەممە ئادەم بىز تەرەپتىكىگە ئوخشاشلا، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، قەدەملىرىنى تېز - تېز ئېلىشىپ كېتىشىپ بارغان. پويىز بېكىتىنىڭ ئەتىراپىمۇ ئوخشاشلا، چىقسىڭىزلا، بېكەت ئېغىزىدا كىچىك بىر بوتكا، بەزىلەر تېز - تېز كېلىپ، گېزىت - ژۇرنال سېتىۋالسا، بەزىلەر كەمپۈت - سېغىز دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، سېغىزىنى ئېغىزىغا سالسا، قەغىزىنى يانچۇقلىرىغا سېلىشىپ كېتىشىپ بارغان. مەن بېرىپلا تاماكىدىن ئىككىنى سېتىۋالدىم. بىرنى ئاكىمىزغا تۇتتۇم.
ئاكىمىز:
  – بۇ يەردە تاماكا بەك قىممەتكەن جۇمۇ ئۇكا.
   ئاكىمىز ياپوندا تېخى ئىشلەپ باقمىغاچ، نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى، كىرىمگە سۇندۇرماي، ۋەتەننىڭ پۇل قىممىتى بويىچە ھېسابلىۋالغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ياپوندا بىر قاپ تاماكا 220 يىن ئىدى. يەنى ئىككى دوللار. دېمەك خەلق پۇلىغا 15- 16 سوم. لېكىن، بىر سائەتلىك ئوتتۇرىچە كىرىم، شۇ ۋاقىتلاردا 900 - 1000 يىن ئىدى.
   بىز بىر تالدىن تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چەككەچ، پويىز بېكىتىدە تۇردۇق. دەھشەت ماشىنىدىن بىرسى، ئايلىنىپ كېلىپ بېكەت ئالدىدىكى دۈگىلەك قىلىپ ياسالغان گۈللۈكنىڭ يېنىغا "غوڭ غوڭ" قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ توختىدى.
   ماشىنا ئوتتۇرا تىپتىكى بولكىۋاي بولۇپ، ئالدى ۋە يان تەرىپىدە شوپۇر ئولتۇرىدىغان يەرنىڭ دېرىزىسىدىن باشقا دېرىزە يوق. پەقەت، تازىمۇ كېلىشتۈرۈپ تارتىلغان، فۇجى تېغىنىڭ، تۆت پەسىل بىرلا ۋاقىتتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئالامەت بىر رەسىم، ماشىنىنىڭ ئۇ يەر، بۇ يېرىنىڭ پارقىرىشى بىلەن، تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ماشىنىنىڭ ئارقىسى، قوش قاناتلىق ئىشىك بولۇپ، يېرىم يالىڭاچ، بۈدۈر چاچ راۋۇرۇس چىرايلىق بىر قىزنىڭ، پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ، قىسقا يوپكىسىنىڭ تۆۋىنىدىكى، ئاپپاق پاچاقلىرى بىلەن، كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۈستۈنكى بەدىنىدىكى يېرىم يالىڭاچ كىيىمى بىلەن، نۇرغۇن خەقلەرنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەۋاتقان، "يەنە ئازراق ئېچىۋەتكەن بولسىچۇ ھەي كاساپەت …" دېگۈزۈپلا تۇرىدىغان كۆكسى، ياش يىگىتلەرنىمۇ،
"ۋاي ئەمدى قىزلارغا قارايدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتتىماۋاي" دەپ يۈرگەن قېرىلارنىمۇ، قەسىمىدىن ياندۇرۇپلا تۇراتتى. قوش قاناتلىق ئىشىكنىڭ جۈپلەشكەن يېرى، نەق قىزنىڭ كىندىك ئەتراپىغا كېلىپ تۇرغان بولۇپ، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىغا، گۈزەل قىزنىڭ ئوڭ كۆكسى توغرا كېلىپ تۇراتتى. بەلكىم شوپۇر ئۇنى، قەستەن شۇ تۇتقۇچىغا توغرا كەلتۈرگەن بولسا كېرەك.
  يىگىت ئىككى بېلىكىنى ئايروپىلاندەك كېرىپ، ئالدىمىزغا ئىلدام قەدەم بىلەن كەلمەكتە. مەن ئۇنىڭ بۇنداق تولۇق كۈلگىنىنى ئۆتكەندىكى قاۋاقخانىدا كۆرمەپتىكەنمەن.
  ئۇنىڭ يۈزىنىڭ تۆۋەن قىسمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنىڭ ئېغىزى ئىگىلىگەن بولۇپ، خۇشاللىقىدا "ھوي" دەپ ئېغىزىنى ئېچىپ كېلىۋىدى، يىراقتىنلا ئۇنىڭ كىچىك تىللىرىنىڭ پىلىلداپ تۇرغىنىنىمۇ ئېنىق كۆرەلىدۇق. ئۇ بىر ئاسما مايكا كىيىۋاپتۇ. مۇسكۇللىرى پارقىراپ بۇرۇنقىدەكلا ھۈررەك - ھۈررەك چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ يېنىمغا كېلىپلا، يوغان ئالىقىنىنى ئېچىپ، ئالقىنىمغا "چاڭڭىدە" قىلىپ بىرنى سالدى - دە، مېنى قۇچاقلىدى. كونا تونۇش، قەدىناس ئاغىنىلەردەك كۆرۈشۈشۈپ كەتتۇق.
   جۈرۈڭلار جۇرۇڭلار، ھە ماشىنىغا ... مەيەرگە ئۇزۇن توختاتقۇزمايدۇ ماشىنىنى كىسپۇرۇشلار ... دەپ بىزنى ماشىنا تەرەپكە باشلىدى.
   بىز ماشىنىنىڭ، بايا بىز كۆرگەن تەرىپىنىڭ، قارشى تەرىپىگە ئۆتتۇق. بۇ تەرەپكىمۇ چىرايلىق كۈز پەسلىنىڭ سىمۋولى سارغايغان يوپۇرماقلىق ئورماننىڭ رەسىمى سىزىلغان. ئوتتۇرا ئىشىك ئېچىقلىق بولغاچ، ئىشىك ئارقىسىدا، قانداق رەسىم بارلىقىنى ئېنىق كۆرەلمىدۇق. بەلكىم بۇ ياقتىمۇ، ئاشۇ ئورمانلىقتا ئايلىنىپ يۈرگەن ۋە ياكى شۇ ئورمانلىقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ، خىيال سۈرۈۋاتقان ئوماق قىزلارنىڭ رەسىمى باردۇ ...
   ماشىنىنىڭ ئىچى تېخىمۇ دەھشەت. شوپۇرنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ ئارقىدىن باشلانغان يۇمشاق ئورۇندۇق، ماشىنىنىڭ ئارقىنى ئايلىنىپ، بايىقى ئوتتۇرا ئىشىككىچە كەلگەن يۆلەنچۈكلىرىگە نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان، ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىغا 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كەڭلىكتىكى، ئۇزۇن ئۈستەل ئورنىتىلغان. ئۈستەل گىرۋىكىگە يېقىن يېرىگە، بوتۇلكا پاتقۇدەك ئورۇن ئويۇلغان بولۇپ، بەلكىم ئىچىملىكلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياسالغان بولۇشى كېرەك. ماشىنىڭ ئۈستىگە ئۇششاق چىراغلار رەتسىز ئورنىتىلغان بولۇپ، بەلكىم كېچىلىك مەنزىرىنى ئەسلىتىش مەقسىتىدە بولسا كېرەك. شوپۇر بىلەن ئۇنىڭ يەنىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئارىلىقىغا كىچىك تىپتىكى مۇزلاتقۇ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە تورۇستىن 10 سانتىمېتىر كەلگۈدەك پەسلىتىپ، بىر تېلېۋىزور ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ.
   ھوي بۇ ماشىنىمۇ يا قاۋاقخانىمۇ؟ بۇنچىۋالا پۇل خەجلەپ، قايسى ۋاقىتلاردا بۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئىچىشىپ، ناخشا ئېيتىشىپ كېتەر ئەمدى؟ بىزگە ئوخشاش ئىشلەپلا يۈرىدىغان ئادەم بۇنىڭ جاۋابىنى خېلىغىچە تاپالماسلىقى مۇمكىن.
  ئالامەت ئاۋازلارنى چىقىرىپ ماشىنا پويىز بېكىتىدىن ئايرىلدى. ماشىنا ئاۋازى بەزىدە ماينى كۈچەپ كاچاتلىغاندا "پاڭ - پۇڭ" قىلىپ غەيرىي بىر ئاۋازلارنىمۇ چىقىرىپ قويىدۇ تېخى. شەھەر ئىچىنى كۆپ ئايلانمايلا، ماشىنا تار يېزا يولىغا چۈشۈپ، ئاۋازلىرىنى نورماللاشتۇرۇپ تېز سۈرئەتتە يۈرۈپ كەتتى.
   ماشىنىنىڭ بىر چاتاق يېرى، ياندا دېرىزە بولمىغاچ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى ماشىنىنىڭ ئالدى دېرىزىسىدىن كۆرمەي ئامال بولمىدى. ئاسمىنى كەڭ ئېتىزلىقلار، شاللىقلار، ئاق ياغلىقلىرىنى ئېڭىكىدىن چىگىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوغان شىلەپىلەرنى كىيىۋالغان ئاياللار، ئەگىشىپ - قوپۇشۇپ بىرنېمىلەرنى قىلىشىۋېتىپتۇ. ئېتىزنىڭ تار يوللىرىغا توختىتىلغان كىچىك تىپتىكى كوزۇپلۇق ماشىنىلار، تۆت مىشكاپ بۇغداي ياكى گۈرۈچنى كۆتۈرەلەمدۇ يوق؟ ئويلىنىپمۇ قالىسىز. ھەمدە مۇشۇنچىۋالا يوغان ئېتىزدا ئاران بىر - ئىككى ئادەملا ئىشلەيدىكىنە ... باشقىلار كېلىپ بولالماپتۇدە تېخى . .. دەپمۇ ئويلاپ قالىسىز ...
  ماشىنا ئېتىزلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىر دۆڭلۈككە ئاستا ياماشتى. ئەگرى - بۈگرى يوللاردىن ئاستا مېڭىپ ئۆتۈپ، بىر دەرۋازا ئالدىدا توختىدى. يىگىت بىر كۇنۇپكىنى بېسىۋىدى، قارا رەڭلىك، رېشاتكىلىق تۆمۈر دەرۋازا، قورۇنىڭ ئىچى تەرىپىگە يېنىك ئېچىلدى.قورۇنىڭ ئىچى كۆزلىرىمىزنى ئالا- چەكمەن قىلىۋەتتى. نېمە دېگەن رەتلىك، نېمە دېگەن چىرايلىق.
   قورۇنىڭ ئىچىدىن ھەممە گۈزەللىك تېپىلاتتى. بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى ۋالىبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى بېلىق كۆلى بولدى. كۆل قەستەن ئەگرى - بۈگرى قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىگە، قانداق يۆتكەپ ئېلىپ كەلدىكى، تازىمۇ يوغان ھەر خىل شەكىلدىكى تاشلار قويۇلغان. نېلۇپەر گۈللىرى تاشنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرۇپتۇ. كۆل ئىچىدە بولسا، ئەركىن ئۈزۈشۈپ يۈرگەن ھەر خىل رەڭدىكى كوي (بىر خىل دەريا بېلىقى بولۇپ، ياپونىيىلىكلەر خېلىلا ئارزۇلايدىغان بىر خىل بېلىق تۈرى) كۆلگە باشقىچە ھۆسن قوشۇپ تۇرۇپتۇ. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ بېلىققا ئاتا قىلىنغان رەڭلەر ... توۋا دېمەكتىن باشقا ئامالىڭىز يوق. ھەتتا قىزىل، ئاق، قارا، كەرىشناۋاي .... قاتارلىق رەڭلەر بىرلا بېلىقتىنمۇ تېپىلىدۇ.
   ھە، مانا مۇشۇ مېنىڭ تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغان ئۆيۈم بولىدۇ. ئەنە ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان مېنىڭ بوۋام بولىدۇ، دەپ يىگىت سۆزلىگەچ ئۆينىڭ ئالدىدىكى بىر يالغۇز كىشىلىك ئورۇندۇقتا مۈكچىيىپ ئولتۇرغان بىر بوۋاينى كۆرسەتتى. ۋە:
  – بوۋام بۇ يىل 92 ياشقا كىردى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىغىچە قورۇنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى. بۇ يىل سەل چارچاپ قالدى. بىز نەچچە ئەۋلاد مۇشۇ قورۇغا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز.
  بوۋاي ئاۋازلارنى ئاڭلىمىدىمۇ قانداق؟ بىز تەرەپكە دىققىتىنى بۆلمەي، يەردىن بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك، بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا ئولتۇراتتى.
يىگىت بىزنى بوۋاي تەرەپتىكى قەدىمىي پاسوندا سېلىنغان ئۆي تەرەپكە باشلىماي، ئۇنىڭدىن 30 - 40 مېتىرلارچە نېرىغا يېڭى پاسوندا سېلىنغان ئۆيلەر تەرەپكە باشلىدى.
  چوڭلار ئاۋۇ ئۆيدە تۇرىدۇ. مېنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭۇم كۆپ بولغاچ، ئايرىلىپ چىقىۋالدىم. چوڭلارغا پەقەتلا ياقمىدىمغۇ ...
   مەن بوۋاي ئولتۇرغان تەرەپتىكى كونا پاسوندا سېلىنغان ئۆيگە قىزىقتىم. ئۇ ئۆي بىر قارىماققىلا ئالامەت مەزمۇت، بېجىرىم كۆرۈنەتتى. ئاڭلىشىمچە، ياپونىيىنىڭ بۇرۇنقى ياغاچ بىناكارچىلىقى تولىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مۇشۇنداق بايلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سېلىنغان ئۆيلىرى 100 - 200 يىلچە بولغان ئىكەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى مۇشۇنچىۋالا يوغان، بېجىرىم ئۆيلەرنى سېلىشتا، مېتال مىق ئىشلەتمەي، پۈتۈنلەي ياغاچ مىق بىلەن سالغانلىقى ئىدى. ئەمدى بۇ نەم ھاۋادا ياغاچلىرىمۇ سېسىمايدىغاندىمۇ دەپ ئۆزۈمچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتتىم. لېكىن جاۋابىنى مەن قانداق تاپالاي دەيسىز؟
   يېڭى پاسوندا سېلىنغان ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتۇق. ماشىنا قويۇش ئۆيلىرىنى ھېسابلىغاندا، چوڭ - كىچىك بولۇپ ئون نەچچە ئۆي، بەشى بىر رەت بولۇپ سېلىنغان، ئوتتۇرىدىكى بوشلۇققا سېمونت يېيىتىلغان ئىدى. سېمونتقا باسكىتبول مەيدانىنىڭ سىزىقلىرى سىر بەلەن سىزىلغان.يىگىت بىزگە گەپ قىلغاچ بىر كۇنۇپكىنى بېسىۋەدى، ئوننەچچە تۆمۈر ئىشىك "غار" قىلىپ ئۈستىگە قاتلىنىپ ئېچىلىشقا باشلىدى.ھوي، ھوي، نېمە ئالامەت بۇ؟ ... ئىچىدىن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك ھەر خىل، ئاجايىپ غارايىپ ماشىنىلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
   ۋال - ۋال، گال- گال ماشىنىلار. بەزىلىرىنىڭ ماتور تەرىپىدىكى قاپقاقلىرى ئوچۇق. بىر قارىماققا ھېلىلا زاۋۇتتىن چىققاندەك ... ماشىنا سىرتىغا بېرىلگەن سىرنىڭ رەڭلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى. ماشىنىنىڭ تۆۋىنىدىن باشلانغان توق رەڭ، ئاستا - ئاستا سۇسلاپ ماڭغان بولۇپ، كوچىلاردا بۇنداق بېزەلگەن ماشىنىلارنى كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن.
يىگىت:
   – ھە، مەن مۇشۇنداق... قارا ئاداش، .... ماشىنىلارغا ھەۋەس قىلىمەن. مېنىڭ تېخى ھېچقانچە ئەمەس. بىردەمدىن كېيىن، ئاغىنىلەر كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا كۆرىسىلەر تېخى نوچىسىنى ... دېگەچ بىر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۇنى ئوت ئالدۇردى.بۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماشىنام. باھاسى ئاۋۇلاردىن ئەرزانراق؛ لېكىن، كۈچ، تېزلىك دېگەندە ھەممىنى ئۇتىدۇ. ماتورى زاۋۇتتا قايتا قۇراشتۇرۇلۇپ چىققان بولۇپ، سۇپەر چارگە (ئالاھىدە ئات كۈچى، ماتورىنىڭ كۈچىنى ئاشۇردى بولغاي) قوشۇلغان.
   گۈر - گۈر ئاۋازلار قورۇنى بىر ئالدى. ماشىنا خېلى پاكار بولۇپ، يەردىن 3-4 سانتىمېتىرلا كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. چاقلىرى كەڭ بولۇپ، ماشىنىغا تولىمۇ ماس كەلگەن. ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ باققۇم كەلدى. لېكىن سەل خىجىلمۇ بولدۇم.يىگىت ماشىنىلىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇۋېتىپ، ھەر خىل جابدۇق - سايمانلار قويۇلغان تەرەپكە ئۆرۈلۈپ، مۇزلاتقۇدىن پىۋىدىن بىر نەچچىنى ئېلىپ بىزگە تۇتقاچ:
   – بۈگۈن ئاغىنىلەرنى ئۆيگە چاقىرىپ قويدۇم. يەنە بىرەر سائەتتىن كېيىن كېلىدۇ. بۈگۈن راسا ئوينايمىز. ئۇنىڭغىچە ئازراق "ئۇسسۇزلۇق" ئىچىشىپ تۇرايلى …  ئاغىنىلەر مۇشۇ رايوندىكى قىزىقىشى ماڭا ئوخشاشلار. ئېسىل بالىلار .... ئەمما كۆرسەڭ بىلىسەن ...مېنىڭ قۇلىقىم يىگىتنىڭ گېپىدە، كۆزۈم بايىقى ئوت ئېلىقلىق ماشىنىدا. خىيالىمدا ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپمۇ قويۇۋاتىمەن. بەزىدە ئۇچارتىپمۇۋېتىپ بارىمەن .ئاشۇ ماشىنا يارىغاندەك قىلىدۇ جۇمۇ ساڭا … ھە ھە ھە، ئەگەر ياقتۇرساڭ قاچان ئەكېتىپ، قاچان ئەكەپ قويساڭ مەيلى جۇمۇ. ئەكەلمىسەڭمۇ چاتاق يوق. يىگىت ماشىنىنىڭ يېنىغا ماڭغاچ سۆزلەپ:
  – بۇ 91- يىلنىڭ نىسسان سكيلىنە دەيدىغان سپورت ماشىنىسى. يېقىندا ئالامەت داڭ چىقىرىۋەتتى. لېكىن كۈچىگە نىسبەتەن، ماشىنا ئېغىرلىقىنى سەل يېنىك دېيىشىدۇ. ئەمما ئۇچىدۇ جۇمۇ بۇ .... ماڭغانچە يەرگە چاپلىشىدۇ دېگەن مانا مۇشۇ ماشىنا ... بىر دەمدىن كېيىن كۆرىسەن تېخى نوچىسىنى ...
يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئىختىيارسىز ماشىنىنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. بۇ قېتىم ئىچىگىمۇ كىرىپ ئولتۇرۇپ باقتىم.
ماشىنا خۇددى مېنىڭ بەدىنىمگە لايىھىلەپ ياسالغاندەك، ئورۇندۇقىغا لىقلا كەلدىم. ئىككى قولۇمنى خۇرۇم ئورالغان رولىغا قويۇپ، ماي پېدالىنى دەسسەپ كۆردۈم. غۇڭ - غۇڭ - غۇڭ ... ۋاھ ماۋۇ راھەتنى كۆرۈڭ. غىڭلا قىلىپ ھەيدەپ بىر ئايلىنىپ كەلگۈم كەلدى، لېكىن ...
  بىر ئىككىدىن پىۋا ئىچىشىپ تۇرۇشاتتۇق. غاڭ - غۇڭ، پاڭ - پۇڭ ... جالاق- جۇلۇق ئاۋازلار بىلەن چوڭ دەرۋازىدىن مۇزىكىلار بولۇشىچە قويۇلغان ئاجايىپ - غارايىپ ماشىنىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىرىشىپ كېلىشتى.
  بەزىلىرى ئويۇن كۆرسىتىۋاتامدۇ ياكى ماشىنىسىدىن چاتاق چىقىۋاتامدۇ، ئىش قىلىپ بىر ھازا توختىۋېتىپ، تۈپ - تۈز يولدا جاقاڭشىپمۇ قويىۋاتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ماشىنىسى تۇيۇقسىز ئۆز ئېگىزلىكىدىن ئېگىزلەپ، يەنە "پوككىدە" قىلىپ جايىغىمۇ چۈشۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئارقا تەرىپى كۆتۈرۈلۈپ غەيرىي پوزىلارنى چىقىرىپ مېڭىۋاتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ تۇرخۇنلىرىدىن ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ئاۋازلار چىقىپمۇ تۇرۇۋاتىدۇ.
  ھە مانا، مانا ئاغىنىلەرنىڭ بېشى كەلدى. ئاغىنەم كېلىدۇ، ئەڭ نوچى ماشىنىلىرىڭنى ھەيدەپ كەل گۇيلار، دەپ قويغانتىم ھا ھا ھا ...
يىگىت كىرىپ كېلىۋاتقان ماشىنىلارغا ھەۋىسى بىلەن قاراپ، ھەر بىر ماشىنىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ماڭا تونۇشتۇرۇپ ئاۋارە:
  – ئاۋۇسى پورسچە، بىلىسەنغۇ ئۇنىڭ داڭقىنى. ياپونىيىنىڭ ماشىنىلىرىدىن خېلىلا قىممەت. ئەمما لېكىن ئۇچىدۇ جۇمۇ ئاۋۇ، ئاندا تۇرغان بىلەن ...
  مېنىڭ كۆزۈمگە قوڭغۇزدەكلا كۆرۈنگەن بىر ماشىنىنى كۆرسىتىپ سۈزلەپ كەتتى يىگىت.
  – ئاۋۇسى 76 - يىلنىڭ نىسسان سپورتس ماشىنىسى. ماتورىنى يېقىندا قايتا ياساتتى …
  – ئاۋۇ بەشىنى دېرىزىدىن چىقىرىپ بولۇشىچە مۇزىكىغا تەڭكەش بولۇۋاتقىنى ھە ھە ھە ...بىزنىڭ ئۆينىڭ كېلىنچىكى بولىدۇ. قانداق، بولامدىكەن؟ قىز دېسەڭ جىق جۇمۇ، بۇ يەردە ھى ھى ھى ....
  ماشىنىلار بىر قۇر كىرىپ توختايدىغان يېرىگە رەتلىك قىلىپ توختىتىلغاندىن كېيىن، دەرۋازا تەرەپتىن، يەنە ھەر خىل ئەنسىز ئاۋازلار چىقىشقا باشلىدى. بۇ پۈتۈنلەي موتسىكلىت قوشۇنى بولۇپ، ھۈررەك - ھۈررەك مۇسكۇللىرىنى چىقىرىشىۋالغان يىگىتلەر، سۈرلۈك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. ھەر بىرىنىڭ ئارقىسىدا سۆيگىنىنىڭ موتسىكلىتىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغان، يېرىم يالىڭاچ قىزلار ... چىر - چار چىقىراشقىنىچە كىرىپ كېلىۋاتىدۇ. كۆزۈم ھە دېگەندە موتسىكلىتقا ئەمەس قىزلارنىڭ چىرايلىق بەدەنلىرىگە كېتىپمۇ قالدى.
  قىزلارمۇ شۇ چىرايلىق بەدەنلىرىگە ... بىلەكلىرىگە، ئاپپاق پاچاقلىرىغا، دۇمباق چىقىپ تۇرغان كۆكسىنىڭ ئۈستىگىرەك قاتارلىق يەرلىرىگە بىرنېمىلەرنى چېكىۋاپتۇ. كىندىكلىرىگە بىرەر - ئىككىدىن توڭگىلەكلەرنىمۇ ئېسىۋاپتۇ.
"ھەي ئىسىت چىرايلىق بەدەن" دەپمۇ قالدىم.
   بەزىلىرى قارا گۈل، بەزىلىرى ئۆمۈچۈكمۇ ئىش قىلىپ، قۇرۇت - قوڭغۇزلارمۇ تۇرامدۇ نېمە، چېكىگلىك ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىدە ...
   يىگىتلەر بولسا بېشىدىكى چاچلىرىنىڭ يېرىمىنى پاك - پاكىزە قىرىپ تاشلاپتۇ يۇ، ئوتتۇرا قىسمىنى ئېپ قېلىپ، بىزنىڭ تىلىمىزدا، شىلىم بىلەن تىك قىلىپ قاتتۇرىۋاپتۇ. ئازراق شامالدا "مىتمۇ" قىلمىغۇدەك قىلىپ ... بەزىلىرى شۇ ئازغىنە چېچىنى توق سېرىقتا بويىۋاپتۇ تېخى ...يىگىت - قىزلارنى كۆرۈپ، دەرھال ئېسىمغا كەلگىنى، 80- يىللاردا ۋەتەندە قويغان ياپونىيىنىڭ كىنوسى "فۇتىئەن مارشى" دىكى كۆرۈنۈشلەر بولدى.ياپونىيىگە ئەمدى كەلگەندەكمۇ بوپ قالدىم. ئەمما كۆزۈمگىمۇ ئانچە ئىشەنمەيمۇ قېلىۋاتىمەن. بەزى يىگىتلەرنىڭ تۇرقى شۇنچە قورقۇنچلۇق، سۈرلۈك ... ھېلىلا جېدەل قىلىدىغاندەك ... بەزى قىزلار بولسا، ئولتۇرۇشقا ئالدىراپ، كىيىملىرىنى كىيىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالغانمىدۇ، دېگۈدەك يېرىم يالىڭاچ ....يىگىت - قىزلار ئۆزئارا ھەرخىل پوزىلارنى چىقىرىشىپ، كۆرۈشۈپ بولۇپ، ۋاسكېتبول مەيدانىغا دۈگىلەك بولۇپ سورۇن ھازىرلىدى.
يىگىت:
   – ھە خوش كەلدىڭلار ... مانا ئۆتكەندە سىلەرگە دېگەن، مېنىڭ يېڭى ئاغىنەم. توكيو تەرەپتىن مەھەلىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلدى. ماشىنىغا ھەۋەس قىلىدىكەن ... قېنى بۈگۈن ئوبدان، ئوبدان ھۈنەرلىرىمىزنى چىقىرىشىپ راسا ئوينايمىز ... قانداق دەيسىلەر ئاغىنىلەر ....يىگىتنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن ھەممە "ھوي" دېيىشىپ ۋارقىراشتى. بەزىلىرى ئاتايىن كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتى. مەنمۇ كۆرۈشكىلى كەلگۈچىلەرنىڭ قوللىرىنى چىڭ - چىڭ سىقىپ، قىزغىن كۆرۈشتۈم.
   ھەممە پىۋىلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ بۈگۈنكى ئولتۇرۇش – پائالىيەتلەرنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشى ئۈچۈن "كامپاي" (خوشە) قىلىشتى.
   ئاساسەن ماشىنا، موتسىكلىت، مۇسكۇل، جېدەل، ساقچى، چىرايلىق - سەت قىزلار ھەققىدە بولۇۋاتقان گەپلەرگە مەنمۇ تېزلا قوشۇلۇپ كەتتىم.
بەزى قىزلار ئىسسىق سېمونتقا يېرىم ئوچۇق يامپىشىمنى "كۆيۈپ قالا" دەپ ئويلىمايلا چاپلاپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىپتۇ. ئۇلار شۇ ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقنىڭ كۈچى بىلەن، ئۆز بەدىنىنى خەقتىن يېپىش دېگەنلەرنى ئاللىقاچان ئۇنتۇغان ... بۇ سورۇندا قىزلارنىڭ ئوچۇق بەدەنلىرىگە "ھېلى ئېچىلىپ قالا" دېگەندەك قىلىپ دىققەت قىپ تۇرغان ئىككىلا سەھرالىق ... ئاۋۇ ياپونىيىگە يېڭى كەلگەن ئاكىمىز بىلەن مەنلا ...
  ئاكىمىزنىڭ كۆزلىرى ئىككى بوتۇلكا پىۋا بىلەنلا قىزىرىپ، ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتىپتۇ. ئاكىمىز ياپونىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن ئىككى يىلچە ياپون تىلى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ياپىلاق گەپلەرگە ئاجىزراق ئىدى. گەپ قىلسىمۇ كىتابتىكى ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان گەپلەرگىلا كېتىپ قالاتتى. شۇڭا بەزى بولىنىۋاتقان ياپونچە گەپلەرنى تولۇق چۈشىنەلمەي:
   – نېمە دەيدۇ ما قىز، دەپ مەندىن سوراپمۇ قويىدۇ يۇ ... جاۋابىمنى كۈتمەيلا قىزلار بىلەن مۇڭ بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. مەن بۈگۈنگىچە، بۇ ئاكىمىزنى بۇنچىۋالا كۈلىدىغان ئادەم دەپ ئويلىماپتىم ... ئۇ ئاكىمىزنىڭ ماشىنىلارغا تازا ھەۋىسى يوقتەك … قىزلار ئالامەت ياقتى بولغاي ئۇنىڭغا ...گوم - گوم، جاق - جاق مۇزىكىلار بولۇشىچە قويۇلۇۋاتىدۇ. بەزىلەر ئاندا - مۇندا يامپاشلىرىنى تولغاپ ئويناپمۇ قويۇشىۋاتىدۇ.
  كەلدى كەلدى ... ھەممە دەرۋازا تەرەپكە قارىدۇق. ياپونىيىنىڭ كىچىك بولكىۋاي ماشىنىسى قورۇغا كىرىپ كەلدى. ئەسلى يىگىت سىرتتىن ئولتۇرۇشنىڭ تاماقلىرىنى، مۇلازىمەتچىلىرى بىلەن قوشۇپلا بۇيرۇتۇپ قويغانىكەن. ھەر خىل گۈل چىقىرىلغان بېلىق قورۇمىلىرى ۋە خاملا بېلىقلار ... سۇشى - پۇشى دەيدىغان ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئالىي تاماقلىرى كەينى كەينىدىن بولكىۋايدىن چۈشۈرۈلدى. ئىككى مۇلازىمەتچى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ مېھمانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. بەزى تاماقلىرى قاراپ ئولتۇرغۇدەك چىرايلىق بولغىنى بىلەن، ئاۋۇ ئاكىمىزنىڭ ئېغىزىغا ئانچە تېتىمىدى بولغاي. كاۋاپ قىلىنغان بىر خىل بېلىقنى يەپ، پىۋىغا ئۆزىنى زورلاپ، قىزلارغا مۇڭ بولۇپ مېنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.
  ھە قېنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ كېلەمدۇق – يە بىردەم ئىچىمىزمۇ؟
  يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ سورۇندىكىلەرگە قارىدى. بۇرۇنقى قائىدە بويىچە، يەنىلا پىۋا ئىچمىگەنلەر رولدا، ئىچكىنىمىز ياندا ... مېھمان مەن بىلەن بىللە ماڭىدۇ ... ئەلۋەتتە بىزنىڭ كېلىن ھەيدەيدۇ ھى ھى ھى ...
  ئاكىمىز بىللە ئايلىنىشقا ئۇنىماي، پىۋا ئىچىپ يۈزلىرىنى تازا قىزارتىۋالغان قىزلاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، قورۇدا قېپ قالدى.بىز تۆت سپورتس ماشىنا "غوڭ - غوڭ" قىلىپ، جايىدا پېقىرىغان چاقلاردىن كۆكۈچ ئىسلارنى چىقىرىپ، قورۇ دەرۋازىسىنى ئارقىمىزغا تاشلىدۇق.قانداق ئاداش، ماشىنا يارىدىمۇ؟ ھا ھا ھا، بۇ بارغۇ قارا ھە ... ئۇ كىلاچنى سول پۇتىدا دەسسەپ تۇرۇپ، تار يېزا يولىدا ئەللىك كىلومېتىرلاردا، ئىككىنچى خوتتا كېتىپ بارغان ماشىنىنى "شارتلا" قىلىپ 1- خوتقا سالدى. ماشىنا خۇددى تورمۇز بەرگەندەك سىلكىندى. ماتورنىڭ قېتىم سانى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاۋازىمۇ تازا كۆتۈرۈلدى ....
قارا ھە ئەمدى قارا .... ئۇ 1- خوتتىن يۆتكىمەيلا ماينى قۇلاققىچە بەردى. ماشىنىنىڭ ئاۋازى ئىنچىكىلەپ، ماتور قېتىم سانى سائىتىگە 5-6 دىن ئارتتى. سۈرئەت سائىتى ئاتمىش  كىلومېتىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
– قانداق؟ ماۋۇ بىرىنچى خوتتا قىرىق  كىلومېتىردىن ئاتمىش  كىلومېتىرگە چىقتى دېگەن گەپ. 5 كە سالساق ئۇچىدۇ بۇ ھاھاھاا ....
  ھوي، بۇ ئاغىنىمىز باياتىن بېرى تازا ئىچىۋاتاتتى. چاتاق يوق كېتىپ بارىدىيا ... مەندىمۇ سەل ئەنسىرەش پەيدا بولدى.– ھا ھا ھا، خاتىرجەم بول ئاداش ... بىزنىڭ كېلىنچەك مەندىن ياخشى ھەيدەيدۇ ... يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ كىرىش ئىشىكىدە ئالمىشىمىز.ئۇ چىرايىمدىن ئەنسىرىشىمنى بىلىپ قالدى بولغاي، مېنى خاتىرجەم قىلدى.
  بىزنىڭ ئالدىمىزدىكىسى ھېلىقى پورسچە ئاۋازلىرى ئۆزىنىڭ ھەجىمىدىن يوغان، ماتورى ئارقىدىمىكى ئىش قىلىپ، ئالەمنى - مالەم قىلىپ كېتىپ بارىدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ كىرىش ئىشىكىدە توختاپ، بىرەردىن چېكىشتۇق. يەنىلا ماشىنىنىڭ، چىرايلىق قىزلارنىڭلا گېپى ... يىگىتنىڭ قىز دوستى، نىسساننىڭ ئارقىدىكى تار ئورۇندۇقتا ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ، تىزىنى تۈگۇپ، تىرنىقىغا قىزىل بىرنېمىلەرنى سۈركەپ، ئاندىن ئوماق لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، تىرناقلىرىنى "پۈ پۈ" قىلىپ پۈدەپ ئولتۇرۇپتۇ.
   ۋاي مۇشۇ قىز ماشىنا ھەيدىيەلەمدىغاندۇ؟ دەپ چاقماق تېزلىكىدە ئويلاپمۇ ئۈلگۈردۈم. بىر گەپ بولا ... ئاخىرىنى ئاللاغا تاپشۇردۇم، دېدىمدە يىگىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا "ھە چاتاق يوق" دەپلا جاۋاب بەردىم. بۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوقتەك.ئارقىمىزدىن كېلىۋاتقان قوشۇن ئەزالىرىمۇ يېتىپ كەلدى. بىرئاز پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. ئاۋۇ پورسچەنىڭ ئىگىسىنىڭ مىجەزى ماڭا خېلىلا يارىدى. ئۇ يىگىتمۇ قىن - قېنىغا پاتماي، ئۆز ئورنىدا جىم تۇرالمايدىغان، مىدىرلاپلا تۇرىدىغان، ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ بىكار - بىكاردىن ھاۋاغا مۇشت ئېتىپمۇ قويىدىغان، تېتىك بىر يىگىت ئىكەن. گەپ - سۆزى جايىدا، ئانچە پۇچەك گەپ قىلمايدىغان، سەرخىل بالىلار تۈرى ئىكەن. ئۇ ياقتىن بۇياقتىن پاراڭلىشىپ، خېلىلا چىقىشىپ قېلىشتۇق. ئۇنىڭ ئىسمى تاكاھاشى ئىكەن.
تاكاھاشى ماڭا:
  – مېنىڭ ماشىنامغىلا چىقە، ئاۋۇ مۇھەببىتى بىلەن مۇڭدىشىپ ماڭسۇن. بىز ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى قىلغاچ ماڭىمىز. ئۇ بەرىبىر ماڭا يېتىشەلمەيدۇ ...دەپ چاقچاق ئارىلاش مېنى ماشىنىسىغا تەكلىپ قىلدى. سالا - سۇلۇ بىلەن مەن پورسچەغا چىقتىم. بىز 1- بولۇپ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردۇق. ئارقىمىزدىن، ئاۋۇ يىگىتنىڭ مۇھەببىتى نىسسان بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرى بىر تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك فرانسىيەنىڭمۇ، ئىتالىيەنىڭمۇ ئىش قىلىپ ياۋروپانىڭ بىر ماشىنىسى ... ئۇلارمۇ ئۇچىمەن دەپلا تۇرىدۇ ...
  تۆت رەت كىرىش ئىشىكىنى ئارقىغا قىلغان ماشىنىلار، ھايت- ھۇيت دېگۈچە بىر يۈز ئەللىك  كىلومېتىر، بىر يۈز سەكسەن  كىلومېتىر كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاچسام بىر ۋاقىتتا ئىككى يۈز  كىلومېتىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.يا... رەببىم .. . ئۆمرۈمدە بىر يۈز يىگىرمە  كىلومېتىردىن ئېشىپمۇ باقمىغان ھەم ئاشقاننىمۇ كۆرمىگەنتىم. ئەمما ماشىنا مىت قىلماي، مۇستەھكەم كېتىپ بارىدۇ. تاكاھاشى بولسا شوخ بىر مۇزىكىغا تەڭكەش بولۇپ مۈرىلىرىنى ئوينىتىپ، ئاندا - ساندا ناخشىسى بىلەن ماشىنىسىنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋېتىپتۇ.
  مەنمۇ ئۆزۈمنى بوش قويۇۋېتىپ، بېشىمنى يان دېرىزە تەرەپكە بۇراپ، يولغا قاراپ قاپتىم ...
  ۋاھ، ۋاھ دەرھال ئاۋۇ غۇلجىدىكى قورۇرىمىزدىكى ئاتا- ئانام، ھەدىلىرىم، دوست - بۇرادەرلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ، خوشلۇشۇپمۇ ئۈلگۈردۈم. ھازىر مانا مۇشۇ ماشىنىدا ئىككى قانات بولسا ئۇچىدۇ جۇمۇ، چاتاق يوق … دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. بەدەن مۇسكۇللىرىم قايتىدىن جىددىچىلىكتە چىڭىشقا باشلىدى. ئالقىنىمدىن چىققان تەرلەرنى تاكاھاشىغا چاندۇرماي، پاچاقلىرىمغا سۈركىدىم.
  ۋاي نېمە جاپا ھوي ماڭا. ئاۋۇ ئاكىمىزدەك، ماشىنا بىلەن خوشام يوق دەپ، قىزلار بىلەن قورۇدا پىۋا ئىچكەش قېپ قالسام بولماسمىدى. بايىقى ئىچكەن پىۋىلار تاس- ماس قالدى چىقىدىغان يېرىدىن چىقىپ كەتكىلى ...
ئاستىراق ھەيدە تاكاھاشىنىڭ ئورنىغا:
  – تاكاھاشى، بۇ ئەتراپتا تېز سۈرئەتتە ھەيدەيدىغانلارنى تۇتىدىغان ساقچىلار يوقمۇ؟ دەپ سورىدىم.
تاكاھاشى كۈلۈپ كېتىپ:
  – ئەلۋەتتە بار. ئەمما ھەممىمىزنىڭ ماشىنىسىدا ئەللىك  كىلومېتىر ئەتراپىدا ساقچىنىڭ بار يوقلىغىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرىدىغان، ئەسۋابىمىز بار. "پىت -پىت" لا قىلىپ يانغان ھامان، چىقىش ئىشىكىدىن چىقىپ تىكىۋېتىمىز، دەيدۇ.
   ئاپلا .... بۇ "پىت - پىت" قىلمىسا مېڭىۋېرەرمۇ بۇ كاساپەتلەر، دەپ ئويلاپ جىمىپمۇ كەتتىم. راست دېگەندەك بۇ ئەسۋاب جىمجىتلا تۇرىدۇ، خۇددى بۇزۇلۇپ قالغاندەك ...
   بىر ۋاقىتتا تاكاھاشى بىلەن پارىڭىمىز قىزىپ كېتىپ، سۈرئىتىمىز چۈشۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، نىسسان يېنىمىزدىن "غۇيتلا" قىلىپ بوراندەك ئۆتۈپ كەتتى.تاكاھاشى :
– ئاۋۇ قىز، ئاندا زىلۋا، نازۇك تۇرغىنى بىلەن رولدا گۇرۇپپىمىزنىڭ ئالدى. يىگىتى ھاي بېرىپ تۇرمىسا ئۇچامدىكى ئۇ ... پاتقاقلىق يولدىغۇ بىرىنچىلا بولىدۇ. ئەمما سۈرئەتتە ماۋۇ مېنىڭ ماشىنام تېزرەك ... مەن تاپقان پۇلۇمنى مۇشۇ ئارزۇلۇق ماشىنامغىلا چاپلايمەن ھا ھا ھا .. قوغلاپ باقامدۇق، گۈزەل قىزچاقنى … ؟
   غۇڭ - گۇڭ قىلىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتكەن پورسچە، خوتلىرىنى "شالاق - شۇلۇق "يۆتكەپ، بىر دەمدىلا نىسساننى قوغلاپ يەتتى. يول ئىككى رەتكە ئايلاندى. بىرىنچى رەتتە بىز نىسسان بىلەن تىزىلدۇق. ئىككىنچى رەتتىكىلەرمۇ تاپ بېسىپ كېلىشتى. بىرىنچى رەت بىلەن ئىككىنچى رەت، ئارلىغىغا يىگىرمە سانتىمېتىرچە ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئوخشاش تېزلىكتە يۈرمەكتە. ياندا ئولتۇرغانلار قوللىرىمىزنى پۇلاڭلىتىپمۇ قويۇشىۋاتىمىز.
پىت - پىت - پىت قىلىپ قىزىل چىراغ توختىماي يېنىپ، سايراشقا باشلىدى.
تاكاھاشى:
  – ئالدىمىزدا بىرنەچچە مۈشۈك باردەك قىلىدۇ جۇمۇ ... كېلەركى چىقىش ئىشىكىدىن چىقىپ، ئارقىمىزغا يانمىساق سەل چاتاقتەك قىلىدۇ .... ئەمما ساقچىنىڭ ماشىنىسىمۇ ئۇچىدۇ جۇمۇ، بۇ يەردە ... ھا ھا ھا.
  بۇلاردا ھېچبىر ھودۇقۇش، قورقۇش، جىددىيلىشىش دېگەندىن ئەسەر يوق. خۇددى ساقچىلار ماشىنىنى توسۇپ، مېنىلا تۇتىۋالىدىغاندەك مەن دەكە- دۈكىگە چۈشۈپ كەتتىم. بايىقى قوللىرىمنى پۇلاڭلىتىپ يېنىمدىكى ماشىنىغا قاراپ كۈلۈشلىرىمۇ يوقاپ، ئالدىمدىكى يولغا قاراپلا ئولتۇردۇم.
بۈگۈن ئاران تۆتلا ماشىنا چىقتۇق. قايتىپ بېرىپ ئوبدان ئىچىپ، راسا ئويناپ، ئەتە چوڭ قوشۇن بولۇپ چىقىمىز. ئەتە قىزىيدۇ تېخى ... ئەسلى ساقچى ئانچە - مۇنچە قوغلاپ قويسا، ھۈنەرنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ، دېگەچ تاكاھاشى ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، چىقىش ئىشىگىگە ئېگىلدى.
قىزىمىغىنى بۇ تېزلىك بولسا، ئالە شەرىڭنى.... ئەتە قىزىپ كەتسە ئىش چاتاق ئوخشىمامدۇ؟ تېخى ساقچى قوغلىسا قىزامىش ... چاتاق يەرگە كېلىپ قالدىممۇ نېمە؟ قېنى باشقا كەلگەندە كۆرمەيمەنمۇ، دېگەنلەرنى ئويلىدىم. لېكىن ئۈن - تۈن چىقارماي جىملا ئولتۇردۇم. ئەتىدىكى تاماشانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كېيىنكى قىسمىدىن ئوقۇغايسىز.
داۋامى بار

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 13:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئۇقۇۋاتىمەن ، رەھمەت . تىلىڭىز يامان ئاممىباپ چىقىپتۇ ، ئاۋۇ ياپۇنلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىمۇ خۇددى بالا ئاغىينىلىرىم بىلەن پاراڭلاشقاندەك تۇيغۇ بەردى ماڭا ...................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ناداندىن زارلاي

0

تېما

2

دوست

1525

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13165
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 13:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يېزىدىكى يىگىتلەر قوساق بېقىش بىلەن ھەلەك.

0

تېما

1

دوست

1510

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22846
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 484
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 17:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنابىز

1

تېما

2

دوست

5288

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1570
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 21:45:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل ئىشلىتىشىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم ،ھەممىسى جانلىق تىل ،  شۇقەدەر يۈرەككە ياقىدۇ،ئاخرىنى قاچانمۇ كۆرەرمىز ئەمدى؟...

0

تېما

4

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 23:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىسمى ئاجايىپ چىقىپتۇ ،خۇددى مەن شۇ سۇرۇندا باردەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم قەيسەر ئاكا ، ئەجىرىڭىزگە كۇپ رەھمەت . ئەسرىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن .

1

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9944
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 962
توردىكى ۋاقتى: 593
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 00:09:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   najlida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 00:12  

مەن بەك بېرىلىپ ئوقۇغاچمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ، بىرەر ھەپتىدىن كىيىنكى خىياللىرىمدا، ئاشۇ كەچمىشلەر مېنىڭكىدەكككك، ئاندىن، تۇرۇپلا «مەن قاچان بارغان بولغىيتىم» دەپ قالىمە.

1

تېما

2

دوست

1908

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 602
توردىكى ۋاقتى: 430
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 00:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تۈگەپ كەتتى دە!!!!!!!
رەھمەت قەيسەركا،داۋامىغا تەشنامىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )