- تىزىملاتقان
- 2012-4-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2039
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
1.3%
|
قەددىڭ ئىدى تەڭرىتاغ
~
)مەرھۇم ئاسىيا بوكىس چېمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلىكىمگە مەرسىيە (
بۇ زېمىننىڭ باغرىدا ئۆسكەن تالاي مەرد ئوغلان،
شۇڭا ئۇشبۇ ماكانغا تەڭرىتاغ دەپ نام قويغان.
ئەزىزلىگەچ خۇدايىم تا ئەزەلدىن ئۇلارنى،
ياراق تۇتۇپ جەڭلەردە تاغلىرىغا تۇغ ئويغان!
~
ئەسىرلەردىن مابەينى ئۇزاپ كەلدى كۆپ كارۋان،
كولدۇرمىسى ئويغىتار شېرىن چۈشتىن، بىر ئارمان.
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن تىلسىملىق سىر تولا،
كۆچۈپ يۈرەر شۇندىمۇ يۇلغۇنلۇقتا قۇم بارخان.
~
چېلىشتا مەردلىكنى جاكارلىغان ئەزىمەتلەر،
تىغ سالسىمۇ ئارقىدىن خۇمسى ،ناكەس، نامەردلەر.
ئوغۇز قېنى ئۇرغۇغاچ يەر چىشلىتەر دۈشمەننى،
يەڭلەر تۈرۈپ تەق تۇرغاچ دوست-يارەن ھەم ئۈلپەتلەر.
~
سېنىڭ قېنىڭ شۇ ئىدى گۈلخان كەبى قاينىغان،
جاسارىتىڭ تەپتىدىن ئۇيغۇر روھى ئاينىغان.
مەيدان ئارا ھۇررادا قىلچە ئارتقا يانمىغان،
كىم دېسە، ئابدۇراھمان ئاسىيادا چاقنىغان.
~
تەقدىر شۇنداق ئىكەنغۇ ياخشىلارغا كۈن يوق دەپ،
يامانلاردىن بۇ ئۆلۈم ئەجەب يىراق قاپتۇ خەپ!
ۋادەرىخ! يۈرەك داغلاپ كېتىپ قالدىڭ بىمەھەل،
سەن كەبى بىر ئوغلاننىڭ چىقىشىدا ئەمدى گەپ...
~
ياۋغا ئاتقان مۇشتنى، بولسا ئەجەلگە ئاتقىلى،
ئاتار ئىدۇق بەسمۇ-بەس سېنى ئېلىپ قالغىلى!
كەتكەنلەرنىڭ كەينىدىن بولماسكەن يا كەتكىلى،
ياكى ياخشىچۈن ياماننىڭ بىر جانىنى ساتقىلى؟
~
سادىر، غېنى باتۇرۇڭ چاقىردىمۇ يا سېنى؟
ئىزلىرىڭنى باسارغا ئوغلان چىقار، سەن قېنى؟
ئاھ،ئىسىت!دەپ لەۋ چىشلەپ،قاناپ كەتتى چىشلارمۇ،
بىزگە ئېغىر كەلدىغۇ ياش كەتكەننىڭ يامىنى!
~
شىر ئىدىڭ مەيدان ئارا ئەغيارنى تىز پۈكتۈرگەن،
غۇرۇر،ئەخلاق،ئىماندا ۋۇجۇدۇڭنى پۈتكۈزگەن.
مىخ بولۇپ پاتقان ئىدىڭ ھەر رەقىبنىڭ كۆزىگە،
نۇسرىتىڭ ئۇيغۇرنى شەرەپ تەختىگە ئۆتكۈزگەن…
~
سېنىڭدەكتىن قورققانلار،سېپىلىنى* سوققانلار،
ئەلگە كېرەك ئىدى رەقىب گېلىنى بوغقانلار.
شۇم ئەجەلنىڭ قوينىدىن قۇتۇلماسكەن ھېچكىممۇ،
قان يىغلىدۇق،دوست-ئاداش،يىراق-يېقىن تۇغقانلار…
~
ئاسىيادا بىر يۇلتۇز ساقىپ كەتتى ئەجەبمۇ،
داڭ قالغان نامىڭغا ۋەتەن تۈگۈل ئەرەبمۇ؟
تەقدىر دەيمىز ئاھ ئۇرۇپ، توپا تاشلاپ كەتمەندە،
ئەل ئايرىدۇ ھەممىنى گۆھەر، زەررە، سەدەپمۇ…
~
رەھمانىدىن راھمانغا بالدۇر كەلگەچ شۇم ئەجەل.
جىمىپ كەتتى تەڭرىتاغ، بۇغدا، تارىم شۇ قەدەر.
جەننىتىڭنى تىلىدۇق مىليون ئۇيغۇر دۇئادا،
خانتەڭرىنىڭ كۆكسىگە يېزىپ قويدۇڭ مۇڭ غەزەل!
~
سېپىل*-مەرھۇمنىڭ تۇنجى ئەسىرى كۆزدە تۇتۇلغان.
|
|