- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7740
- نادىر
- 1
- يازما
- 321
ئۆسۈش
54.8%
|
تېما ياخشى يېزىلىپتۇ. مەنچىمۇ تۈركلەرنى سىياسى مىللەت دېسەك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەنمۇ ئاڭلىغان، بىلگىنىمنى ئېيتىپ باقاي.
1- تۈركىيە 1923- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغىلى 91 يىل بوپتۇ. بۇ ئارىدا تۇركىيەدە جەمئى 94 پارتىيە قۇرۇلۇپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا تۈركلەر سىياسى مىللەت.
2- «ئۈلكۈچۈلار پەقەت شۇئار توۋلاشنىلا بىلىدۇ، بۇلارغا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمىگىن...» دىگەندەك گەپلەرگە كەلسەك، مەنچە مەلۇم جەھەتتىن ئاساسى بار. بۇ ئۈلكۈچىلەر ياكى تۇلۇق ئىسمى «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى» ۋاي، ئاقىلەي، كۆكىلەي... دەيدۇ. جانلىق ۋە قىزغىن. بۇلار 2000- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى جۇڭگۇ بىلەن ئالاھىدە كىلىشىم تۈزدى ۋە جاڭزىمىننى چاقىرىپ ئاپىرىپ، تۈركىيەنىڭ 1- دەرىجىلىك ئالتۇن مىلالى بىلەن مۇكاپاتلىدى. بۇنداق ۋەقە ئۇ كۈنىدىن بۇرۇنمۇ ۋە كېيىنمۇ دۇنيانىڭ ھېچ قانداق بىر يېرىدە بولمىدى. شۇڭا ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان بۇلارغا بەكمۇ ئىشىنىدىغان ئۇيغۇرلار بۇلاردىن بىراقلا ۋازكەچتى. مەنچە ئۇ تۈرك «بۇلار پەقەت شۇئار تولايدۇ...» دېگەن گەپنى قىلغان بولسا ئاز- كۆپ بىرنەرسە بىلىدىكەن.
3- تۈركىيە خەلقى بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساسەن بىلمەيدىكەن. 1999- يىللىرىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا، بۈگۈنكى كۈندە بىزنى بىلىدىغانلار ناھايىتى چوڭ غەيرەتلەردىن كېيىن تەخمىنەن 15% گە يەتتى. شۇڭا ئىقانى ياكى سەلبى مۇئامىلە قىلىدىغانلار بىزگە ئۇچرىغان 100 تۈركتىن 15 ئىدە كۆرىلىدۇ دېسەك بولىدۇ.
4- تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇلار باشقا مىللەت ۋە باشقا دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشىمايدۇ. بۇلار ئوقۇغىلى چىققان بولۇپ، بىلىم ئالىدۇ ۋە بىلىمىنى جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلىش غايىسى، ئارزۇسى بىلەن ياشايدۇ. جۇڭگۇ كونسۇلخانىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن ھەر ئايدا ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ بېرىدۇ، ھال سوراپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ ھەر ئايدا مەن دۆلىتىمنى سۆيىمەن، جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن... دەپ تېخىمۇ ياىشى ئوقۇشقا ۋەدە بىرىپ تۇرىدۇ. بۇرۇن بۇنداق تىرىشچان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى 30 غا يەتمەيتتى. ئەمما ھازىر بولسا، تىرىشىپ ياخشى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى 700 دىن ئاشتى.
5- تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلا باشقا دۆلەتلەردىن خېلىلا كۆپ بولۇپ، خۇددى دىيارىمىزدىكىدەكلا ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەم ئۆزى شۇغۇللانغان كەسپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر قەدەر ياخشى بىلىدۇ. بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى ھەممىنى بىلىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بەزى نازۇك مەسىلىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەممىنى بىلىش روھى بويىچە خۇلاسە چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممىنى بىلىدىغان كىشىلەر قانائەت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما تۈركىيە ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كەتمىگەن كىشىلەردە ھەر خىل چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
مەنچە تۈركىيە ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلارغا كەلگەندە ئۇقارمەن قېرىنداشلىرىمىز ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ قېلىشتىن ساقلانسا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. |
|