قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4409|ئىنكاس: 62

تۈركىيە تەسىراتلىرىم (14) سىياسىي مىللەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

17

دوست

3055

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1058
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 15:43:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خاتا تەرەپكە بىر تەستەك، تەرەپسىزگە ئىككى تەستەك

   ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس خۇمارلىرى، پەرۋەرلىكلىرى بولىدىكەن، تۈركلەر  نىمە خۇماردۇر؟ ئېسىمدە قېلىشىچە،  شائىر قاسىم سىدىقنىڭ جوڭگۇلۇقلار  ھەققىدە مۇنداق بىر ساتىرىك ئىپادىسى بولىدىغان: " 10 ‏-ئايدا ۋەتەنپەرۋەر، 3 ‏-ئايدا خوتۇنپەرۋەر" . مانا مۇشۇنداق مېھرى-مۇھەببەتىكى كالىندارچىلىق، سىياسەتتىكى شۇئارۋازلىق بۇلاردىمۇ بارمىدۇ؟ تۈركلەرنىڭ  مىللىي خارەكتىرىدىكى گەۋدىلىك  خاسلىق نېمە؟
تۈركىيە ھاياتىمدا پات-پاتلا كاللامغا كېلىۋالىدىغان بۇ سۇئاللارنىڭ تۈرتكىسىدە كۆزىتىپ باقتىم:
     بىر كۈنى قەيسەرى دېگەن شەھەردە بىر كىتاپ كۆرگەزمىسىدىمەن، كۆرگەزمىنىڭ بىر بۈرجىكىدىكى چوڭ بىر  ئۈستەلدە ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرى تۇراتتى، ھەيران بولۇپ يېنىمدىكى تۈرك دوستۇمغا قارىدىم، ئۇ بۇ ئۈستەلنىڭ ئىگىلىرىنى   ئىما قىلىپ " بۇلار ماۋچىلار" دېدى، ماۋزېدوڭچى دېگەن مەنىدە؛ مەن ماۋزېدڭچى دېگەن ئاتالغۇنىمۇ ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم:  سەددىچىندىن يىراقتىكى بىر خەلقتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمان بىر قەۋمدە ماۋچى نېمە ئىش قىلسۇن؟!  كېيىنچە بىلدىمكى، تۈركىيەدە گەرچە ئاز ساندا بولسىمۇ ماۋچى دېيىلىدىغان بىر سىياسىي تائىپە بار ئىكەن؛ ئۇلار دېھقانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئىشىنىدىكەن، ئاۋۋال يېزىلارنى، ئاندىن شەھەرلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ ئاندىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشنى چۈشەيدىكەن. نۆۋەتتە دوغۇ پىرىنچەك دېگەن كىشى تەرىپىدىن رەھبەرلىك قىلىنىدىغان، سايلاملاردا ئامىتى كېلىپ قالسا 1%لىك ئاۋازغا ئېرىشىپ قالىدىغان تـۈركىيە ئىشچى پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ماۋچىلار ئىكەن. بۇ تائىپە،  تۈركىيەدىكى دېموكىراتىك مۇھىتنىڭ مەھسۇلىمۇ ياكى 60  ‏- 70 ‏-يىللاردا تۈركىيەدىمۇ كەڭ يېيىلغان كوممۇنىزىم مۇخلىسلىرىنىڭ ھەسرەتلىرىدىن بىر يالدامىمۇ بىلمىدىم.
  بىر كۈنى تۈركىيەنىڭ نېۋشەھىر دېگەن يېرىدىمەن، ساياھەتتىن كېيىن سەپەردىشىم بىلەن ياتاقتا ئولتۇرساق، مۇلازىمەتچى " مېھمىنىڭلار بار، كىرسۇنمۇ؟" دەپ سورىدى.  مۇشۇ يەردىمۇ ئۇيغۇر بولسا كېرەك دەپ يلىدۇق ۋە ئىككىلەنمەيلا "بولىدۇ"  دېدۇق ؛  ئىشىك چېكىلدى، ئېچىشىمىزغا گۈسمەستەك ئۈچ ئەر كىشى كىرىپ بوينىمىزغا ئېسىلدى، يۈزلىرىنى يۈزلىرىمىزگە يېقىپ چاچلىرىمىزنى سىلاپ تۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلىدى. گەرچە تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلۇقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال كۈلگەن چىرايلارنى، ئېچىلغان ئىللىق قۇچاقلارنى كۆپ كۆردۇق؛ يولدا، ئىشتا، سودىدا مەرھەمەتلەرنى كۆپ ئۇچراتتۇق، ئەمما يىغلىغانلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، شۇڭا ئويلۇنۇپمۇ ئۈلگۈردۈم: ھەي، خاتا تونۇپ قالدىمۇ-يا؟ بىرەر مۇسىبەتلىك تۇققىنىنى يوقلاپ كېلىپ، ياتاق نومۇرىنى خاتا دەپ قويۇپ بىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان بولمىسۇن؟ ئەمما يىغا ئارىسىدىكى  گەپلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئازمىغانلىقىنى بىلدۇق:
--- يېنىڭلاردا بولالمىدۇق، بىز، سىلەر ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدۇق.....
  بىر  سائەتكە سوزۇلغان سۆھبىتىمىز داۋامىدا " يالغۇزمۇ قالمىدۇق، ئاللاھىمىز بار؛ ھاجىتىمىزمۇ چۈشمىدى، ياشاپ كېتىۋاتىمىز" دېگەندەك لايىقىدا جاۋاپ بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇق، ئەمما بۇ زىيادە ۋە ئۇشتۇمتۇت قىزغىنلىقنىڭ تەپتىدىن بولسا كېرەك، ئۇلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرغان چېغىدا دېگەن ئۆزلىرى تەۋە گۇرۇھ ياكى پارتىيىنىڭ نامىغا دىققەت قىلماي قاپتۇق، بۇ بوشلۇقنى مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسى تولۇقلىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇلار  تۇرانچىلار ئىكەن. مەن گەرچە تۇرانچىلارنىڭ "ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگە قەدەر جۇغراپىيەدە ھاكىمىيەت قۇرىمىز، تۈرك خەلقلىرىنى بىرلەشتۈرىمىز" دەيدىغان مەپكۈرىسىدىن خەۋەردار بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز داۋاسىغا بۇ قەدەر مۇھەببەتلىك، بۇ قەدەر سادىق ۋە بۇ قەدەر ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلمىغان ئىكەنمەن.   
  مەكتەپتە دەرستىن سىرتقا چاغلاردا ئەنە شۇنداق ئۇچى-بۇچى گۇرۇپتىكى ياشلار مېنى ئۆزلىرىگە تارتىپ تۇراتتى، بىر كۈنى بىر گۇرۇپنىڭ بالىلىرىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتسام، يەنە بىر گۇرۇپتىن بىرسى پېشىمدىن تارتتى ۋە تاپىلىدى:
   Bosh ver onlari, onlar sadece slogan atar---   ( بۇلارنىڭ كەينىگە كىرمە ، ئۇلار پەقەت شوئارلا  توۋلايدۇ)
بىر ھەپتىدىن كېيىن پېشىمدىن تارتقۇچى بىلەن ياتىقىدا مۇڭدۇشۇپ قالدۇق. ئۇ ئۆتكەنكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى  تېخىمۇ ئېزىپ چۈشەندۈردى،  ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن شۇ كۈنى بىللە ماڭغانلار " ئۈلكۈچىلەر" ئىكەن، ئۇلار چوڭ-چوڭ شوئارلارنى توۋلايدىكەنۇ، ئەمەلىي ئىشى يوق ئىكەن؛ ئۆزى تەۋە مەسلەكتىكىلەر بولسا، ھېلى چېچەنىستان، ھېلى بوسىنىيەدە، ھېلى ئەزەربەيجان، ھېلى پەلەستىندە ئەمەلىي ئىشلارنىڭ ئالدى-ئارقا سەپلىرىدە ئىكەن.
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىراز چۆچۈپ قالدىم، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈنلا كەلگەنلىكىمنى، سىياسەتكە قىززىقمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ ماڭا شۇنداق بىر تەئەججۈپتە باقتىكى، بۇ بېقىشتىن كېيىن  بايىقى قىزغىنلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى، ئارتۇق گېپىمۇ يوق ئىدى، ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇچرىشىپ قالساق ئىڭەك قېقىپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان، كېيىنچە قارىمايلا، ياق ، كۆرمەيلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى؛ مەن ئۇنىڭ  نەزىرىدە دىققەت قوزغاش جەھەتتە  سىنىپتىكى بىر پارتا ۋە ياكى قورودىكى بىر ئىستالبوچىلىكلا تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىدىم.
    تۈرك دوستۇمدىكى  بۇ سەت سوۋۇشنىڭ سەۋەبىنى كېيىن چۈشەندىم، تۈركلەر سىياسەتكە قىززىقماسلىقنى  مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە غورۇرسىزلىق  ھەتتا ۋىجدابسىزلىق دەپ قارايدىكەن. بۇ ئەھۋالنى مەندىن بۇرۇن كەلگەن ۋە ئاز-تولا بۇرۇنلىرىغا يىگەن بىر ئۇيغۇر مۇنداق چۈشەندۈردى:
---تۈركىيەدە مەن سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن دەيدىغان ساپ ئىلىمپەرۋەرلىك ياكى ساپ دىندارلىق ۋە ياكى ساپ سەنئەتچىلىكنىڭ بازىرى يوق؛ پەقەت سىياسەتكە نورمىلىق ئارىلىشىش ۋە ئىقتىدارىغا قاراپ ئىچكىرىلەپ كىرىش تەشەببۇسى بار. ئەگەر سىز مەھكۇم بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ ياكى ھاكىممۇتلەق بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى تۇرۇپ سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن دېسىڭىز، مەيلى ئالىم، مەيلى سەنئەتچى بولۇڭ، مەيلى ناتىق، مەيلى چامباش بولۇڭ سىز تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە نۆلگە تەڭ.
   ئۇ يەنە مەندىن سوۋۇغان ئۇ مەكتەپدىشىمنىڭ " دىنچىلار" بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئېيتتى. بۇ چاغدا شۇ  سابىق دوستۇمنىڭ مەندىن ئۈمىدسىزلەنگەن كۈنى  ئېغىزىدىن  ئاڭلىغان مۇنداق بىر ھەدىسنى ئېسىمگە ئالدىم:
" ياخشى ئادەملەرنىڭ ئىچىدىنمۇ  دوزاققا كىرىدىغانلار  بارمۇ؟ بار، ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە ئوتتۇرا مەيداندا تۇرىۋالغانلار". بۇ ھەدىسنىڭ روھىغا ئۇيغۇن يەنە بىر ھېكايەت:
    تۈركىيە تېخى كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمگە ئۆتمىگەن ، ئەمما تۈركلەر سىياسىي جەھەتتىن ئوڭ ۋە سول قاناتقا  كەسكىن ئايرىلغان 1960 ‏-يىللاردا،  سىياسەت مەستانىسى ياشلار،  كېچىلىرى يول توسۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە  " سەن ئوڭچىمۇ سولچىمۇ؟ " دەپ سورارمىش، ئەگەر قارشى گۇرۇپتىن بولۇپ قالسا بىر تەستەك سالارمىش. بىر قېتىم بىرەيلەن، شۇ بىر تەستەكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، " مەن ئوڭچىمۇ ئەمەس، سولچىمۇ ئەمەس، ئەكمەكچىمەن( ئەكمەك نان دېگەنلىك) " دەپتۇمىش، ئۇ ئۆزىنىڭ جان بېقىش كويىدىكى بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىنى ئۈچۈن ئىككى تەستەك يەپتۇمىش. دېمەك تۈركلەر سىياسەتتە خاتا يولدا ماڭغانلارنى بىر تەستەك، چەتتە تۇرىۋالغانلارنى ئىككى تەستەك سالىدىغان خەلق.
  مۇشۇ خىل كۆزىتىشىم نەتىجىسىدە ( ئىزدىنىش ئەمەس)  يازمامنىڭ بېشىدىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاپ تاپتىم: تۈركلەر سىياسىي مىللەت! بۇنداق جاۋاپ تېپىشىمدا شەخسىي تەسىراتلىرىمدىن باشقا بىر ئوپچە تەسىراتنىڭمۇ رولى بار:
بىر كۈنى دۇنيانىڭ ئۇ بۇ دۆلەتلىرىدىكى دوستلار ئىستانبۇلدا بىر داستىخاندا بولۇپ قالدۇق، داستىخاندا بولۇنغان پاراڭلاردىن چىقارغان خۇلاسەم شۇ: دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلىدىغان ھۆكۈمەتلەر خېلى بار ئىكەن، مەسىلەن مىللەتلەرنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە دۆلەتنىڭ  ئەبەدىي ئەمىنلىك نۇقتىسىدىن  جوڭگۇ ھۆكۈمىتى، جوڭگۇنىڭ تېنچلىقىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، جوڭگۇغا ساداقىتى نۇقتىسىدىن پاكىستان ھۆكۈمىتى، ئۆز خەلقىدىن قورقۇپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى، جوڭگۇنىڭ ئىشلىرىدىن پۇتاق تېپىش نۇقتىسىدىن ياۋروپا دۆلەتلىرى ھۆكۈمىتى؛ ئەمما خەلق سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىككىلا خەلق بار ئىكەن :  بىرى خەنزۇ خەلقى، يەنە بىر تۈركىيە خەلقى؛ ئەلۋەتتە خەنزۇ خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى دۆلەتداش بولغانلىمىز ئۈچۈن، تۈركلەرنىڭ بولسا پەقەت ئۆزلىرى سىياسىي مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن!
  
(ئەسكەرتىش : سىياسىي مىللەت دېگەن بۇ ئاتالغۇنى تىزىمغا ئۇرۇپلا تاپتىم، قايسى بىر كىتاپ ياكى نەزەرىيەنىڭ تەسىرىدە ئەمەس، پەقەت تېمىنى يورۇتىۋېلىش مەقسىتىدە؛ بۇ،  سىياسىي ئاڭ-تۇيغۇسى كۈچلۈك مىللەت دەپلا چۈشۈنۈلگەي)

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 18:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەھمەت ، قەلىمىڭىزگە ئەھمىيەتلىك يازمىلار يۆگىشىپ كەتكەي ئىلاھىم .............
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

3

دوست

2304

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 18:37:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يازمىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم . يازمىڭىزنىڭ بېشىدىكى قاراشلىرىڭىزغا قارىتا پىكرىم يوق . ئەمما ئاخىرىدىكى تۈركلەرنىڭ سىياسى مىللەت بولغانلىقى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ سەۋەبى دېگەن قارىشىڭىز تازا توغرا بولماي قاپتۇ دەپ قارىدىم . مەن كۆرگەن كۆپىنچە تۈركلەر ئۇيغۇرلارغا قانداشلىق ، تۇققانچىلىقتىن باشقا تەرەپتىن قىزىققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان . چۈنكى چاپىنى تىزىدىن ئاشمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارنىڭ سىياسى پارتىيەلىرىگە ھېچ پايدىسى تەگمەيدۇ .

1

تېما

2

دوست

3551

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 18:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇ دىپلوماتلىرى كۆپىنچى ھاللاردا ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ ،ئۇلار تۇركىيەگە بىرىپ قالسا ئىككى تەستەك يەپ كەتكىدەك (چاقچاق )

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 20:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tenha_roh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 18:37
يازمىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم . يازمىڭىزنىڭ بېشىدىكى قاراش ...

توغرا،سىياسىيغا مايىل مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇيغۇرغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،دېيىش بەكمۇ بىرتەرەپلىمىلىك!

1

تېما

2

دوست

3126

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 924
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 20:42:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 18:02  

تىمىڭىزغا رەھمەت ،بىزنى چۈشەنچىگە ئىگە قىلدىڭىز .
سىز تۈركىيەدە ئوقۇيدىكەنسىز ، مەن چەتئەلگە ئوقۇغىلى چىققانلارنى ، چوقۇم ئەقىللىق دەپ ئويلايتتىم . بىراق يېقىننىڭياقى ئۇنداق ئويىماس بولدۇم ، ھەتتا تېخى بۈگۈن سىزنىڭ ماۋۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ قارىشىمنىڭ ھەق توغرا ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەندىم .
سىز بىزگە كۈيۈنىدىغان ئىككى مىللەت بار ئىكەن ، خەنزۇلار ۋەتەنداشلىقتىن ، تۈرۈكلەر سىياسىۋىلىكتىن دەپسىز . سىزنىڭ مۇشۇ گىپىڭىزدىن مەن سىزنى ۋە سىزدەكلەرنى كۆزۈمگە ئىلىپمۇ قويمايمەن . چۈنكى ئۆز تۇققىنىغا ۋاپا قىلمىغان ئادەم ئۆزگىگە ھەرگىز پايدا يەتكۈزمەيدۇ .
سىز ھەتتاكى ئۆز تۇققىنىڭىز بىلەن ئۆزگىنىمۇ ئايرىيالماپسىز .
1 . بىر ئادەم ئۇ قانچىلىك نەتىجە ياراتسۇن ، ئۇنىڭدىن پەخرلىنىدىغان بىر توپ (قەۋم) بولمىسا بولمايدۇ . ئەگەر سىز مەن ۋە مىنىڭ ئائىلەم مەندىن پەخرلىندۇ دىسىڭىز ، بۇمۇ خاتا ئەمەس . بىراق سىز ئەۋلادى ئۈزۈلىدىغانلاردىن بولىسىز . بۇ يەنىلا سىزنىڭ تۈگەشكىنىڭىزگە باراۋەر.
2 . سىزدەك قاراشقا ئىگە ئادەملەر ، بۇ دۇنيادا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ . ھەم بىرەر مەسئۇلىيەتنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ .
ئۆز قەۋمى ئۈچۈن ئىش قىلالمىغان ئادەم ، ئۇ ئەۋلىيا بولسىمۇ نۆل . چۈنكى بىزنىڭ قەۋمىمىز ، ئۆزىگە ئىش قىلىپ بىرىدىغان ئوغلانلىرىغا بەك مۇھتاج . بىراق سىز بۇ تەپەككۈرىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزدىن ئاشمايسىز .
ئاخىرقى جۈملىڭىز ، سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزنىڭ مەھسۇلى ، شۇڭا سىزگە ئېچىندىم .

1

تېما

7

دوست

6323

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1654
توردىكى ۋاقتى: 724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 21:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 20:42
تىمىڭىزغا رەھمەت ،بىزنى چۈشەنچىگە ئىگە قىلدىڭىز .
سىز  ...

تېما ئېگىسىنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز. تېمنى قايتا ئوقۇڭ.قايتا ئوقۇشتىن بۇرۇن ئالدىنقى قىسىملىرىنى بىر نۆۋەت ئوقۇڭ دەپ تەۋسىيە قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

1702

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 21:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە  ئۆزىمىز  كوڭۈل بۆلىمىز .چۈنكى  بىزگە  مەۋجۇتلۇق كىرەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )