- تىزىملاتقان
- 2013-2-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 803
- نادىر
- 0
- يازما
- 71
ئۆسۈش
60.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jj2303 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 21:41
كىچىكىمدە ئوقۇتقۇچى بولسام دەپ بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، ھەتتاكى كوڭلۈمگە ياراپ قالغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئاكا، ئاچام بولۇپ قالسىچۇ دەپ ئويلاپ كىتەتتىم، ئارزۇيۇمغا ماس ھالدا 1991-يىلى بىزنىڭ يېزىدىن ئىمتاھان بەرگەن 35 بالىنىڭ ئىچىدە 1-بولۇپ (ھەم بىردىنبىر) خۇتەن سىفەن مەكتىۋىگە قوبول قىلىندىم(شۇ ۋاقىتلاردا يۇقىرى نومۇر ئالغانلارنى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىگە قوبۇل قىلىۋالاتتى) ، بىراق مەندىن تۈۋەن نومۇر ئالغان باشقا بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئىشچىلار تېخنىكومى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكومى، مالىيە-سودا تېخنىكومى دىگەندەك مەكتەپلەرگە، ئۇنىڭدىنمۇ قالغانلىرى تۇلۇق ئوتتۇرىدىن ئىمتاھان بىرىپ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئالدى يېزا، ئىدارە باشلىقى، كەينى پونكىت باشلىقى دىگەندەك ئەمەللەر بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما مەن يەنىلا شۇ خەلق مۇئەللىملىكىنى قىلىۋاتىمەن، ئارىلىقتا پۈتۈن يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باش مۇدىرلىقىنى 2 يىلچە قىپ بېقىپ، ئەمەلدارلار سورىنىدىكى بەزى ئىشلارغا قاراپ، ئۇلارغا بوي بەرگۈم كەلمەي(خاتا بولسىمۇ ئۈزىمىزدىن دەرىجىسى چوڭ باشلىقلار نىمە دىسە شۇنى قىلمىساق بولمايدىغان ئىشكەن، ھەم ئالقىنىم قاتتىق ئىدى، يۇمشاق ئەمەستى) ئۈزۈمنىڭ توغرا دەپ قارىغىنىنى قىلاي دەپ ئىستىپانامە يېزىپ بىرىپ 3 ئايدەك مەكتەپكە بارماپتىم ئىشىم ھەل بولۇپ بىر كىشىلىك خىزمىتىمنى قىلىۋاتىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: تۈتتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغانلار قالايمىقان بىلجىرلىماڭلا، بىراۋلارغا خالىغانچە ھاقارەت قىلماڭلار؛ تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكەنلەرنىڭ ساۋابى ئۈزىگە بولغىنىدەك ھاراق ئىچكەن، يامان ئىش قىلغانلارنىڭمۇ گۇناھى ئۆزىگىدۇر، ئۇلار ھامان قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ پۇشايمان قىلىدۇ. |
|