- تىزىملاتقان
- 2012-8-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2976
- نادىر
- 0
- يازما
- 268
ئۆسۈش
32.53%
|
.........................
....................
ھازىر ، تۆمۈر جۇڭگونى بويسۇندۇرۇش كويىدا ئىدى . ئۇ يەردىكى خەنزولارنىڭ مىڭ سۇلالىسى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلاتلىرىنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن تازا گۈللەنگەنىدى . مىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خانى خۇڭۋۇ ئۆزىنى چىڭگىزخان جەمەتىدىكى بۈيۈكخاننىڭ ۋارىچىسى ھېساپلاپ ، چاغاتاي خانلىقىدىن ئوردىغا ئولپان تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى . بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇ 1385 - يىلى فۇئەن بىلەن ليۇۋېي ئەلچى قىلىپ ئاراتۈك ( قومۇل رايونى ) ، قارا قوچو ( تۇرپان رايونى ) ، ئىلبالىق قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتتى . ئۇلار بۇ يەرلەردە قىلچە قىيىنچىلىق تارتماي چاغاتاي خان جەمەتىدىكى خانلارنىڭ ياكى دوغلات خانلىقىدىكى ئەمىرلەرنىڭ ئولپانىنى تاپشۇرۋالدى . لېكىن ، سەمەرقەندتە تۆمۈرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى قاماپ قويدى . ئۇزاققىچە سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن قويۇۋەتتى . بىراق ، تۆمۈر ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ سوغا ھەدىيە قىلغان ئىدى ، بۇنى ئولپان تاپشۇرۇش دىيىشكىمۇ بولىدۇ ( 1387 - ، 1392 - ، 1394 - يىللىرى ) . 1394 - يىلى خۇڭۋۇ خان فۇئەننى سەمەرقەندكە يەنە ئەۋەتىپ تەشەككۈرنامە يەتكۈزدى . خۇڭۋۇنىڭ ئوغلى ۋە 3 - ۋارىس خان يۇڭلې ( 1403 - يىلدىن 1424 - يىلغىچە خان بولغان ) تەخىتكە ئولتۇرغاندا ، تۆمۈر جۇڭگونى بويسۇندۇرۇپ ئىسلاملاشتۇرىمەن ، دەپ داۋراڭ سېلىپ ، ئوتتۇرىدا نۇرغۇن قوشۇن توپلىدى .
شۈبھىسىزكى ، بۇ قېتىم جۇڭگو مەدىنيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ بالايىئاپەتكە ئۇچرايتتى ، چۈنكى بۇ قېتىمقى بويسۇندۇرۇش بۇددا دىنىنى ۋە كوڭزىچىلىق تەلىماتىنى قوغدىماي ، بەلكى ھەقىقى تەڭرىقۇت بولۇشنىلا ئويلىغان قۇبلاينىڭ تاجاۋۇزى بولماستىن ، بەلكى تەلۋە مۇسۇلمانلارنىڭ باستۇرۇپ كېلىشى ئىدى .تۆمۈر ئىسلاملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ، جۇڭگو مەدەنيىتىنى يوقۇتۇش ۋە جۇڭگو جەمىئيىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانىدى . دەرۋەقە ، مىڭ سۇلالىسى خانلىرى ئىچىدە ئەڭ جەڭگىۋارلىققا ئىگە يوڭلېمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان دۇشمەن ئىدى . لېكىن ، كەلگۈسى ئاپەت ئېغىر ئىدى . بەخىتكە قارشى تۆمۈر بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىدا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ، 1405 - يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى .
« ئىمپىراتور ـــ تۆمۈرلەڭ » دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى .
|
|