- تىزىملاتقان
- 2015-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 462
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
81%
|
ئۇيغۇرلار تار دىنى قاراشتىن قۇتۇلمىغىچە ھىچنەرسىدىن ھالقىيالمايدۇ. ئاددىسى ئۇيغۇردىن باشقا تۈركى مىللەتلەر لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈپ بولدى، بىز لاتىنچىنى بىرلىككە كەلتۈرەيلى دىسىمۇ دىنغا باغلاپ تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا چاپىدۇ، ئۇنداق بولسا ئەشۇ موللا مىجەز كىشىلەر تور بېكەت نامى، ماركا نامى، قىسقا ئۇچۇر، ۋىچەت... ۋە باشقا لاتىنچىغا ئىھتىياجلىق ئۇرۇنلاردا قانداق قىلىدۇ؟ يولنى تۈتەك قاپلاپ كەتتى دىگەننى لاتىنچىدا قانداق يازىدۇ، يولنى... قاپلاپ كەتتى دەپ يازامدۇ؟ قولۇمنى چىق سىقىپ مىنى ھاياجانغا سالدى دىگەننىچۇ؟ ھايا دىگەننى لاتىنچە نىمە دەپ يازىدۇ؟
قىسقىسى ئۇلار ئۆزلىرى قىلالمىغاننى باشقىلارنى قىلىشىنى خالىمايدۇ، ھەتتا ئۇلار تەڭرىنىڭ نىمە ئۈچۈن غەرپلىكلەرگە ۋە بىرقسىم شەرىق مىللەتلىرىگە نىمشىقا ئوڭ كۆزى بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ ھەتتا چۈشۈنۈشنىمۇ خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىدە بۇنىڭدىن نارازى، يەنى تەڭرىدىن نارازى، كۆڭلىگە كەلتۈرۈشتىن قورقىدۇ لىكىن ئۇ قاراشنى يۇقۇتالمايدۇ...
دىننى تىرىلدۈرۈپ كونا ئەسلىيەتچىلىك ئىددىيەلىرىنى تەرغىپ قىلىش ئۇلارنىڭ كونا دەسمايىتسى ، بىراق ئۇلار دىنى ئەسلىگە قايتىشنىڭ ئافغانسىتان، پاكسىتان، سۈرىيە، ئىراق... قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە قانچىلىق قان تۈكۈلۈشكە سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام تارىخىدىكى ساھابىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى ئىتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ.
مانا بۇ دىنى ئەسەبىلىكنىڭ ، ئەسلىيەتچىلىكنىڭ بىچارە ئۇيغۇردىكى ئىپادىلىرى.
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىرگەپ ئىسىمگە كىلىپ قالدى، ئاچارچىلىق يىللىرىدا يۇرتىمىزدا بىر ئاشپەر باركەن، بەك گەپچىكەن، بىر قېتىم باشقىلار پولا ئىتەيلى دىسە، نىمە دەپتۇ دىمەمسىز؟ ئىككى قاچىدىن يىيەلىسەك ئىتەيلى بولمىسا پولا ئەتمەيلى دىگۈدەك، مەنمۇ بۇ يەردە بولدى، پولا يىمەي ھازىرقى تاماققا رازى بولايلى دىمەكچىدەك قىلىمەن، چۈنكى بەزىلەرنىڭ قولىغا قالساق پولا ئەمەس يارمىمۇ يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ھامان ئۇيغۇر، ئۇنىڭ مۇستەقىل مەدەنىيىتى بار، ئەرەپ ئەمەس، شۇڭا دىننى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىۋېلىش مىللەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ. خۇددى داڭلىق سىتىراتىگىيەشۇناس خاننىڭتۇن دىگەندەك، ئىسلام دىنى مىللى تۇيغۇنى ئەڭ مىنمۇم يانى ئەڭ زەئىپ بىر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقتىن 22 ئەرەپ دۆلىتى بىر مىللى دۆلەتكە ئۇيۇشالمىغان....... |
|