- تىزىملاتقان
- 2011-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3581
- نادىر
- 0
- يازما
- 107
ئۆسۈش
52.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆمەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 17:00
مەن سىزنىڭ پاچاقچىلىق تەرىقىسىدە يېزىلغان يازمىلىرىڭىزنى تور دۇنياسىدا بىرە-بىرە ئۇچرىتىپ تۇراتتىم، ئەمما ئىنكاس يېزىشنى بىھۇدە چاغلاپ ئىنكاس يازمىغان ئىدىم. چۈنكى سىلەرنىڭ تالاش-تارتىشىڭلار ئىسلامغا، توغرىسى مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتسىز ئىدى. ئەھمىيەتسىز، ئايىقى چىقماس بۇ بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ھەربىر ئەقلى ئويغاق ئىنسانغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ئەمما بۇ يازمىڭىزغا ئىنكاس يېزىشنى ئىمانىي بۇرچۇم دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن سىزدەك قۇرۇق گەپنى تولا قىلمايمەن، نېمە بولسا شۇنى ئۇدۇللا دەيمەن:
1 . قوينى قاسساپ سويسۇن! دەيدۇ كونىلار. شۇڭا سىزنىڭ چىت لاتىسىدە ھەممىگە چېپىلىۋالماي ئۆزىڭىزنىڭ بىلىش دائىرىسدە ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى، شۇ بىتەلەي ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغىلا كاپشىپ ئاي توشقۇزۇپ جان ساقلاپ ئۆتۈشىڭىزنى، دىن بارىسىدىكى نازۇك، سەزگۈر مەسىلىلەرگە ‹‹مېنىڭچە... پالانىنىڭ دېيىشىچە››دېگەندەك مۇجىمەل، كۇفرانىي ھۆكۈملەرنى چىقارماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن؛
2. تەقدىر ــ ئۇ تولىمۇ چوڭ، ھەم ئىنسان چىش پاتۇرالمايدىغان تېما! بىر مۇسۇلمان تەقدىرنى ئىنكار قىلىش سەۋەبىدىن شەرتسىز كافىر بولۇپ كېتىدۇ!... بۇ تېما توغرۇلۇق ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغاندىن بىرى نەچچە مىليارت ئىنسان ئىزدەندى، ھەم ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئاخىرى بېرىپ تەقدىرگە تەن بېرىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان دىنسىزلار تەقدىرنى ئۆزگەرتىمىز، تەبىئەتكە جەڭ ئىلان قىلىمىز! دەپ شوئارلارنى توۋلاپ ئالەمنى مالەم قىلىۋىدى ئۇزۇنغا قالماي ئۆزلىرى ئۆلۈمنىڭ قاخشاتقۇچ تەمىنى تېتىپ، يۇرت ماكانلىرى تەبىئەتنىڭ قاتتىق ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراپ شەرمەندىلەرچە يەربىلەن-يەكسان بولدى! يىقىلغان چېلىشقا تويمىغاندەك ئۇلارنىڭ دەھرىي ئىدىيىسىگە ئەگەشكەن ماڭقۇرتلار تا بۈگۈنگىچە تەقدىر توغرۇلۇق ئۆزنىڭ ئەرزىمەس شەخسىي قاراشلىرىنى بايان قىلىشىپ نادانلارنى قايمۇقتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۈمىدىم: سىز بۇنداقلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالماڭ ئېمانى گاداي مۇئەللىم!...
ھەق گەپ ئاچچىق بولىدۇ، ئەمما ئۇنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك!... |
|